ماۋزۇسى: رەپقەت غازى: ئەدەبىيات بىزگە شۇنچە مۇھىممۇ
hellolife
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى: 18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
رەپقەت غازى: ئەدەبىيات بىزگە شۇنچە مۇھىممۇ

(ئەسكەرتىش: رەپقەت غازى بۇ ماقالىنى مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ئاساسىدا تەييارلىغان ھەم ئۇنىڭ «ئىجادىيەت» مۇنبىرىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى موشۇ سەھىپىدە بولغاچقا، تېپىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن «سۆھبەت» سەھىپىسىگە قويۇلدى»   

   ئەدەبىيات بىزگە شۇنچە مۇھىممۇ؟

          رەپقەت غازى
   كەسكىن ئېيتقاندا مەن ئەدەبىياتچى ئەمەس. مەن ئوقۇمىغان كىتاپلار جىق. ئەمما مەن ياخشى كىتابخان. ئەدەبىياتنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈمەن. مېنىڭ ھىس-تۇيغۇم، ئوي-پىكىرىم، كەچۈرمىشىم ئەدەبىيات بىلەن زىچ باغلانغان. شۇ سەۋەپتىن ئەدەبىيات ھەققىدە سۆز قىلىشىمنى يوللۇق ھىساپلايمەن.
•  ئەدەبىيات دېگەن نېمە
   ئۇيغۇرچىدىكى ئەدەبىيات ئاتالغۇسى ئەرەبچىدىكى «بىراۋنى مېھمانغا چاقىرىش» ۋە « ئەخلاق» دېگەن مەنىنى بنىلدۈرىدىغان ئەدەب (أَدَب) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئەدەبنىڭ ئەسلى لوغەت مەنىسى: ئەدەپلىك، نەپىس؛ ئەخلاق، ھۆرمەت دېگەنلەردىن ئىبارەت. «ئەدەب ئەسلى «قائىدە-يۇسۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇ «كاتتا قەلب، ياخشى تەربىيلىنىش، ئەدەب-ئەخلاق» دېگەننى بىلدۈردىغان بولغان ۋە ئىسلامنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بەدۋىيلەر ئېتىكىسى ۋە قائىدە-يۇسۇنلىرىنىڭ جەۋھىرىگە ۋەكىللىك قىلغان. 9-ئەسىردىكى ئابباسىيلارنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە بۇ ئۇقۇم كېڭىيىپ غەيرى ئەرەب ئەنئەنىلىرىنى، بولۇپمۇ پارىسلارنىڭ داستانى ۋە ھىكمەتلىرى، يەنە ھىندىلارنڭ مەسەللىرىنى ۋە گرىكلارنىڭ پەلەسەپىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئەدەبىيات ئاتالغۇسىنىڭ ئاساسىي.»① ئەدەب ئۇقۇمى كىلاسسىك ئەرەب تىلىدا ئەدەبىي ۋە ئىجتىمائىي-ئېتىكىلىقتىن ئىبارەت ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك ئىىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدا ئەدەب ئىسىل يۈرۈش-تۇرۇش، پەم-پاراسەت، لاتاپەت، دوستلارغا كەڭ قورساق بولۇش، جاسارەت، بىلىم ۋە ئەدەبىي ماھارەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە ئېتىكىلىق گۆزەل ئەخلاقلارنى كۆرسەتكەن. ئەدەبىي جەھەتى بولسا ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئىلىمنى كۆرسەتكەن. ئومۇمەن ئەدەبىيات بىرلا ۋاقىتتا تەلىم-تەربىيە، يۈكسەك ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ۋە توغرا ئادەت، ئىلىم-بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەدەبىياتنىڭ مەنەن دائىرسى بۇلاردىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن.
   ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلەرنى ئىرىنمەي يادقا ئېلىپ, سىنىپتا دېكلىماتسىيە قىلىپ بېرىدىغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىرىنچى سائەتتە بىزگە: «ئەدەبىيات ـــ ئۇ بىر ناخشا» دېگەن. بۈيۈك برىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسىدە ئەدەبىياتقا مۇنداق تەبىر بېرىلدۇ: «ئەدەبىيات كونكىرت ئېنىقلىمىغا مۇخالىپ ھالدا ئۇنىۋېرسال ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئەڭ ئېسىل ئوي-پىكىرلەرنىڭ يېزىق ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىشى. ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ژانىرلىرى بولسا ئۆز ئىدىيىسى ۋە قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا قادىر بولغان مەلۇم ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى كۆپ سانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللىي ئالاھىدىلىك ياكى رەڭگا-رەڭ مىجەز-خاراكتىر ياكى سىياسى مۇھىتنىڭ نەتىجىسىدۇر.» بۈگۈنكى ياۋروپالىقلانىڭ ئەدەبىيات ـــ Literature دېگەن سۆزى لاتىنچىدىن كەلگەن. بۇ سۆزنىڭ تومۇرى لاتنچە littera (خەت) بولۇپ، litteratura «خەتلەر بىلەن تونۇشۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقي ئەدەبىياتنى بىلدۈرىدىغان ئىنگلىزچە belletristic literature ياكى نېمىسچە belletristsche Literatur دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئالدىنقى سۈپەت سۆزى لاتىنچىدىكى belle (گۆزەل) دېگەن سۆز بىلەن سۆز تۇمۇرى trist (روھ) دېگەن سۆزدىن بىرىكىپ كەلگەن. لېكىن بۇ سۆز ياۋروپالىقلانىڭ نەزىرىدە ھەسرەتلىك روھ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن چىقىش قىلغاندا ئەدەبىيات ئالدى بىلەن ئىنتايىن شەخسىي، يەككە، ئىچكىي ئېلىپ بېرىلدىغان يۈكسەك ئستېتىكىلىق ـــ ئازاپلىق ھادىسە. يازغۇچى ئۆزىدىكى گۆزەللىك تۇيغۇسىنى، سەرگۈزەشتىلىرىنى مۇئەييەن شەكىل ۋە بەلگىلىك تىلدا ئوبرازلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئارقىلىق خۇددىي بىر ياز كېسەك قۇيۇپ ئۆي سېلىپ مېھمان چاقىرغانغا ياكى بىر يىل ئىشلەپ خامان ئالغانغا ئوخشاش جاپا ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئەنە شۇنداق ئىستېتىك تۇيغۇ غىدىقلاپ ئارام بەرمەيدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە تېگىشكۈسىز نەتىجە. ئەدەبىيات تىل، ئېتنىك تەركىپ، تارىخىي دەۋر، ژانىر ۋە تېما... قاتارلىق ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئاساسەن ئوخشىمغان تۈرلەرگە ئايرىلىشى مۈمكىن.
•  ئەدەبىيات بىزگە شۇنچە مۇھىممۇ؟
ئەدەبىيات مۇھىم دېگەندە، ئۇنىڭ نېمىدىن، نېمىگە قارىتا مۇھىملىقىنى، كىمگە مۇھىملىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەدەبىيات بىر تىل ياكى بىر خەلقنى، يەنى مەدىنيەت ۋە ئەنئەنىنى ئىپادە قىلىدۇ. مۇئەييەن مەنىدە ئەدەبىيات تارىخىي ۋە مەدەنىي دەپ ئاتالغان (سۈنئىي) نەرسىلەردىن مۇھىم. ئۇ بىر جەمىيەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشى، بولۇپمۇ روھىي تۇرمۇشىنىڭ تەسۋىرى سۈپىتىدە يەنىلا مۇھىم. بىز تارىخقا قارىغاندا ئەدەبىيات ئارقىلىق بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ مەلۇم دەۋرىدىكى ئومۇمىي روھىي دۇنياسىنى، خوشاللىقلىرىنى، كىرزىسىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ياخشىراق ھىس قىلالايمىز. مۇنداقچە تارىخ بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدىكى تاشقىي، ئوبىكتىپ نەرسىلەرنى بايان قىلسا، ئەدەبىيات ئىچكى، سوبىكتىپ نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ. لېكىن ئەدەبىيات كېسەك قۇيۇپ ئۆي سېلىشتىن، دوختۇرلۇق قىلىپ ئادەم داۋالاشتىن، ئاشخانا ئېچىپ پۇل تېپىشتىن مۇھىممۇ؟ ئەدەبىيات ئۆز ئىچىدە، ئۆز ئالدىغا مۇھىم. ئەدەبىيات ئەدەبىيات بىلەن ھەقىقىي شۇغۇللىندىغانلار، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىدىغانلار ئۈچۈن مۇھىم. ئەدەبىيات ئەدەبىياتسىز ياشىيالمايدىغان ئادەملەرگە مۇھىم.
•  نىمىشقا يازىمىز؟
  نىمىشقا يازىدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى ئوخشاش ئىديىدىكىلەرنى تېپىش؛ ئۆزىمىزىنىڭ نوقتىنەزىرى ئۈچۈن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئوي-خىياللىرىمىز، قىياسلىرىمىز ۋە مەسىللىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى بايقاش ئۈچۈن «ئاساس تېپىش.» يەنە بىرى ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە ئىلھام بېرىش، يېڭى رىئاللىقنى كۆرۈش، باشقا يازغۇچىلارنىڭ تىل ئىشلىتىلىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىمزىنى ئالغا سۈرۈش، يەنى «تەربىيلەش» ئۈچۈندۇر. ئىشەنچ-ئېتقاد ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۆزىنى تونۇشقا ئېرىشىشتىكى ياخشى ئۇسۇلمۇ ئوخشاشلا ئۇلار توغرىلىق يېزىش. ئادەم ئۆزىنى ئاڭلىق تونۇغاندىن كېيىنلا باشقا كىشىلەر، گۇرۇھلار ۋە مەدەنىيەتلەردىن ئىبارەت تاشقى دۇنيانى يېزىق ئارقىلىق كۈزىتەلەيدۇ.②
  نىمىشقا يازىدىغانلىقىمىزنىڭ تۆت ئاساسى مۇددئاسى بار. ئۇلار يازغۇچىلار ئارا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۈت بولدۇ ۋە شۇنداقلا بىر يازغۇچىغا نىسبەتەنمۇ ۋاقىتنىڭ، ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا نىسبىتى ناھايىتى ئوخشىمايدۇ.
1. ئۆز-ئۆزىنى كۆرسىتىش/ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش. بۇ ئەقىللىق كۆرۈنۈشكە، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەسلىككە، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئەسلىنىش قاتارلىقلارغا بولغان ئارزۇ
2. ئىستېتىك قىزغىنلىق. ئۇ تاشقى دۇنيادىكى ياكى باشقىلاردىكى ۋە تىلدىكى گۆزەللىكنى ھىس قىلىش ۋە ئۇلارنى توغرا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ بىر ئاۋاز باشقا ئاۋازغا سوقۇلغاندا، ياخشى پروزىنىڭ پۇختىلىقىدىن ياكى ياخشى بىر ھىكاينىڭ رېتىمىدىن ئېرىشىلدىغان خوشاللىق؛ بىراۋنىڭ ئەھمىيەتلىك ھەم زۆرۈر دەپ ھىس قىلغان تەجرىبىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارزۇسىدىن ئىبارەت
3. تارىخىي ھاياججان. بۇ شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ھالىتىنى كۆرۈشكە، ھەقىقىي پاكىتنى تېپىشقا ۋە ئۇلارنى كېينكىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ساقلاشقا بولغان ئارزۇدىن ئىبارەت.
4. سىياسى مۇددىئا: يەنى «سىياسى» دېگەن بۇ سۆزنى بىز بۇ يەردە مۈمكىن قەدەر كەڭ مەندە قولىنىمىز. بۇ مۇددىئا بولسا دۇنيانى مۇئەييەن بىر يۆلۈنۈشكە ئىتتىرىش، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئۇلار قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان جەميەتكە يۈزلەندۈرۈش ئارزۇسىدىن ئىبارەت. ھىچقانداق كىتاپ سىياسىدىن مۇتلەق مۇستەسنا ئەمەس. سەنئەتنىڭ سىياسى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق دەپ قاراشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل سىياسى قاراش.③ ئىديىنى تاشقى رىئال نەرسىگە ــ ھىكايە-رومانغا ـــ ئايلاندۇرۇش يازغۇچى ئۈچۈن سەنئەت ئىجادىيىتى جەريانىدىكى تۇنجى قەدەمدۇر. مۇرەككەپ بولغان كاتتا ئىديىلەر باشقىلارنىڭ ئىديىسى بىلەن ئۇچرىشىشى كېرەك. يېزىلغان ھىكايە-رومان ئۆز ئىچىدە كاتتا نەرسە بولسىمۇ، بىراق ئۇ يازغۇچىنىڭ ئوي-خىياللىرىنى كىتابخانلىرىنىڭكى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ۋاستە بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ. ④
يېزىقچىلىق خۇددى چەك-چېگرىدىن بۆسۈپ كىرىپ، يېڭى بىر زىمىننى چارلىغانغا ئوخشايدۇ. ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلارنى، ساپ خۇسۇسىي ۋە ئىندىۋىدۇئال تەجرىبىلىرىمىزنى ئاممىۋىلىققا ئىگە قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز مەنىسىزلىكتىن ئۆزىمىزگە جىددىي قارايدىغان مۇھىتقا كىرىمىز. ⑤
  ھەممىسىنىڭ ئۆز سەۋەبى بار، بىرسى ئۈچۈن سەنئەت قېچىش، يەنە بىرسى ئۈچۈن بولسا غالىبىيەت. بىرسى زاھىتلىققا، ساراڭلىققا، ئۆلۈمگە قېچىشى مۈمكىن. بىرسى قورال ئارقىلىق غەلىبىگە ئېرىشىشى مۈمكىن. ئۇلار نېمە ئۈچۈن يېزىلىشى كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن بىراۋ ئۆزىنىڭ قېچىشى ۋە غالىبىيىتىنى يېزىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؟ چۈنكى، ئاپتورنىڭ تۈرلۈك مۇددىئاسىنىڭ كەينىدە ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ دەماللىق تاللاش مەۋجۈت.⑥                  
   سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ بىر ئاساسلىق تۈرتكۈچىسى بولسا ئېنىقكى بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ماھىيەتلىك ئىكەنلىكىمىزننى ھىس قىلىش ئېھتىياجىدۇر.⑦
   ئوقۇش ئەمىليەتتە چۈشىنىش بىلەن ئىجاد قىلىشنىڭ يۇغۇرۇلمىسى. ئوقۇش ئوبىكتپ بىلەن سوبىكتىپنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ... ئەمىليەتتە ئوقۇشنى مېخانىكىلىق جەريان، ئۇ خۇددىي نۇر فوتوگرافنىڭ ئېكرانىغا تەسىر كۆرسەتكەندەك تەسىر قىلىدۇ دەپ ئىشىنىش زۆرۈرىيەتسىز. ئۇ (يەنى كىتابخان) كۆڭۈل قويمىسا، چارچىغان بولسا، كالۋا بولسا ياكى ئىدراكسىز بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەسەردىكى كۆپۈنچە باغلىنىشلاردىن قۇرۇق قالىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئوبكىتنى تۇتالمايدۇ.⑧
كافكا مىستېتىزىمنىڭ ھەقىقەت ۋە رىئالىزىملىق دەرىجىسى (ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە) بېرىلمىگەن. كىتابخان ئاشۇ ئەسەردىن ئۈزلۈكسىز ھالقىش جەريانىدا ئۇنى ئىجاد قىلىشى كېرەك. ئېنىقكى ئاپتور ئۇلارنى(كىتابخاننى) يېتەكلەيدۇ، لېكىن ئۇ پەقەتلا يېتەكلەيدۇ. ئاپتور تىكلىگەن ئابىدىلەر بولسا مەۋھۇملۇق ئارقىلىق ئايرىۋېتىلگەن. كىتابخان ئۇلارنى بىرلەشتۈرىشى، ئۇلاردىن ھالقىپ كېتىشى كېرەك. قىسقىچە ئېيتقاندا، ئوقۇش بولسا يېتەكلەنگەن ئىجادىيەتتۇر.⑨
بۇلار مەن ئادەم نېمە ئۈچۈن ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىندۇ ھەم شۇغۇللىنىشنى ئىستەيدۇ دېگەنگە جاۋاپ بەرمەكچى بولغان ھەم ھىس قىلغان ئوي-پىكىرلەر. بىز يېزىقچىلىق ئارقىلىق ھىكايىلەرنى ئورتاقلىشالايمىز، تارىخنى خاتىرلەيمىز، كەلگۈسىنى قىياس قىلىمىز، مۇھەببەتنى، نەپرەتنى، يۇمۇرنى ياكى قايغۇ-ھەسرەت...نى ئىپادىلەيمىز. يېزىقچىلىق بىزنى بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ. بىز بىر ئىدىيىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان قانداق ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىگە نەزەر سالىمىز ياكى ئاشۇ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قارشى مۇنازىرە قىلالايمىز. مەن شۇنداق ئويلايمەن، ئەدەبىيات بىلەن لىللا شۇغۇللىندىغان ھەرقانداق ئادەم يۇقۇرقىلارنى ئېتراپ قىلىدۇ. بۇ يەردە ئۆزەمنىڭ شەخسىي پىكرىمنى دېمەي، بەلكى دۇنياۋى يازغۇچىلارنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ توغرىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى سەۋەپ، بۇ مەن بىر ئادەم يەڭگىلتەكلىك بىلەن جاۋاپ بېرەلەيدىغان ئاددىي مەسىلە ئەمەس.
•  ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىقى ۋە دۇنياۋىلىقى
  ئەدەبىياتنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز، دۇنياۋى سەۋىيىگە كۆتۈرىمىز دەيدىكەنمىز ئۆزىمزىنىڭ تۇرمۇشىنى توغرا پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن كۈزىتىشىمىز كېرەك. بەزىلەر ئەدەبىياتنى ئاممىباپ ئەدەبىيات ۋە ساپ ئەدەبىيات دەپ ئايرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ساپ ئەدەبىيات دۇنياۋىلىققا يۈزلەنگەن ئەدەبىيات، ئاممىباپ ئەدەبىيات مىللىي ئەدەبىيات بولىدۇ دېگەن خاھىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەمىليەتتە مىللىي ئەدەبىيات دۇنياۋى ئەدەبىيات دەپ ئايرىش بىمەنە ئىش. بۇنداق ئايرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت بىز ياخشى دۇنياۋى سەۋىيىدىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالمىغاچقا ئۆزىمىزنى مۇشۇ مىللىي ئەدەبىيات دېگەن رامكىغا سولىۋالدۇق. ئەمىليەتتە ھەرقانداق بىر مىللىي تەۋەلىككە ئىگە يازغۇچىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئالدى بىلەن مىللىي ئەدەبىيات بولىدۇ ھەم بولمايمۇ مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى يازغۇچىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، ھىس-تۇيغۇسى ئۆزى تەۋە مىللىي كىملىكتىن كېلىدۇ. مەسىلەن دۇنياۋى يازغۇچىلاردىن: لېۋ تولوستوي پۈتۈن روسلارنىڭ روھىي ھالىتى، ياشاش مۇھىتىنى تەسۋىرلىگەن، ھەرگىز فرانسۇزلارنىڭ ياكى ئامېركىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىمىگەن. تاگورنىڭ «گېتەنجالى»سى ئىنگلىزلارنىڭ رومانتىكىسى ئەمەس. ئۇنىڭدىكى لىرىك ئوي-خىياللار، تەنھالىق ۋە تەبىئەتكە يېقىنچىلىق بۇددىزىم ۋە قەدىمقى ھىندى دىنىنىڭ روھى بىلەن ئىسرىقلانغان. كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى غېرىبلىق ئەمىليەتتە سەرسان يەھۇدىيلارنىڭ غېرىبلىقى. ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەۋەككۈلچىلىك، كۈچلۈك ياشاش ئىستىكى، مەردانە بىپەرۋالىقلار تىپىك ئامېركىلىقلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى. گارسىيا ماركوزنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى لاتىن ئامېركىسىدىكى كىچىككىنە (خىيالى) ماكېندۇ كەنتىدىكى نەچچە يۈز يىللىق ئۆزگىرىشلەر، ئەپسانە رىۋايەتلەر بىلەن تولغان دۇنيانىڭ ھىچقانداق يېرىدە بولمىغان ماكېندوچە مىللىي خاسلىقتىن كەلگەن. لېكىن كىم بۇلارنى دۇنياۋى يازغۇچى ئەمەس دەپ قارشى تۇرالايدۇ. دۇنياۋى ئەدەبىيات سەۋيىلىك، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئېتراپ قىلغان، ئۇلارنىڭ يۈرەك-تارىنى چېكەلىگەن مىللىي ئەدەبىياتتۈر. شوڭا دۇنياۋى ئەدەبىيات ۋە مىللىي ئەدەبىيات دەپ ئايرىش توغرا بولمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئايرىش زۆرۈر دىيىلگەندە ياخشى ئەسەر دۇنياۋى ئەسەر، ناچار ئەسەر مىللىي ئەسەر دېگەندىن ئىبارەت خاتا خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە قانداق قىلىپ يۇقۇرى سەۋىيىلىك ياخشى ئەسەر يېزىشتا. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرلارمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىكى مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار. گەرچە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى قۇرۇلما، تىل، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھازىرغا نىسبەتەن شۇنچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرىنى يۇقۇرى بەددىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلىگەچكە، بۈگۈنمۇ بىز ئۇلارنىڭ ئەسەرلىردىن سۈيۈنۈمىز.
•  ئەسەرنىڭ ئىجاد قىلىنش جەريانى
   بىر ياخشى ئەدەبىي ئەسەر ھەرگىز ئەدەب-ئەخلاق قوللانمىسى ئەمەس. ئۇ بىر ئىستېتىكىلىق جەريان. ئۇنىڭ سەۋەبى ئاپتورنىڭ ئىچكىي غىدىقلىنىش يەنى ھىسسىي تەسىرلىنىش كۈچىدۇر. مۇنداقچە ئۇنىڭ يارىتىلىشى بىر چۆگۈن سۇنىڭ قىزىپ، قايناپ پارلنىشىغا ئوخشايدۇ، لېكىن بۇ جەريان ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىنتايىن كونكىرت قۇرۇلمىغا، يەنى ناھايىتى لوگىكىلىق ئاساسقا ئىگە بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئاشۇ ھىس-تۇيغۇلار ھەممىمىز ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل ئارقىلىق ئەينەن ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىلدۇ. بۇ خىل ھىسياتنى، ھاياججان-تەسىرلىنىشنى باشقا سەنئەتكارلار كۆرۈش سەزگۈسى ــ رەسىم، ھەيكەلتەراشلىق، ئاڭلاش سەزگۈسى ــ مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلىسە، ئەدەبىياتتا يازغۇچى بۇ خىل ھىس-تۇيغۇلارنى ئۆزى ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراپ رىئال تۇرمۇشتىن تاللاپ ئالغان مۇئەييەن ئوبىكت ئارقىلىق يەنىمۇ سېنتىزلەپ (ئاپتورنىڭ ھىسسىي دۇنياسىنىڭ سىىفىرىنى يېشىپ)، ئۇنى خاسلىقتىن ئوبىكتىپلىققا كۆچۈرۈپ ھەممە ئادەم چۈشىندىغان تىلدا ئىپادىلەيدۇ. (لېكىن كىتابخان ئۇنى ئىستىمال قىلغان ھامان ئۇ قايتىدىن سوبىكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ.) يازغۇچى باشقا بارلىق سەنئەتكارلارغا ئوخشاش ئۆز كىتابخانلىرىغا ئىستېتىك زوق دەپ ئاتىلىدىغان مۇئەييەن تۇيغۇ بېرىشنى مەقسەد قىلىدۇ. ئۇ تۇيغۇ ـــ ناۋادا ئۇ پەيدا بولسا ـــ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپىقيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
•  ئەسەر بىلەن كىتابخاننىڭ مۇناسىۋىتى
   ئەدەبىي ئەسەر تا يارىتىلىپ بولۇنغانغا قەدەر ئۇنىڭ تاشقىي دۇنيا بىلەن يەنى كىتابخان بىلەن ئالاقىسى يوق. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ يارىتىلىشى بىرلەمچى، يەنى يازغۇچىنىڭ ھىسسىي كەچۈرمىش جەريانى. ئەدەبىي ئەسەر يارىتىلىپ كىتابخان بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىنلا ئوبىكتىپلىققا، يەنى «ئەدەبىي» دېگەن سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ. بىز ئۇنى ئۇقۇغاندىن كېيىنلا مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. بۇ يەردىكى مەسلە: بىرسى يازغۇچى ئۆز-تەسىراتلىرىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا، قانداق ئىپادىلىدى دېگەنگە چېتىلىدۇ. يەنى ئاپتور سوبىكتىپلىق (ئەسەر ئاپتورىنىڭ سوبىكتىپ تۇيغۇ-تەسىرات، ئىديىسىنىڭ مەھسۇلى دېگىنىمىزدە)، يەككىلىك (يەنى كونكىرت ئوبراز-ۋەقەلىكلەر) ئارقىلىق مۇئەييەن جەميەتنىڭ رىئاللىقىنى، مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى قانچىلىك ئوبىكتىپ، رىئاللىققا قانچىلىك يېقىن ئىپادىلەپ بېرەلىدى دېگەندىن ئىبارەت. (ئۆلمەس ئەسەرلەر ـــ مەسىلەن ھېمىڭۋاينىڭ «دېڭىز ۋە بوۋاي»، ئالبەخ كامۈنىڭ «يىگانە ئادەم»، كافكانىڭ «قەلئە» دەك ئەسەرلىرى ـــ تېخىمۇ ئۆتكۈر ھالدا مىللىي خاسلىق ئىچىدە تۇرۇپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان مەۋجۇدىيەت ھالىتىنى، قايغۇ-ھەسرەت، يالغۇزلۇقى، ئۈمۈدىنى ئىپادىلەيدۇ.) بۇ ئەسەرنىڭ بەددىيلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەددىيلىكىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكى ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىل. يەنە بىرسى كىتابخان ئاپتورنىڭ ھىسسىي دۇنياسىنى، روھىي مۇھىتىنى قوبۇل-قىلالىدىمۇ-يوق دېگەنگە چېتىشىدۇ. بۇ روھىي تەجرىبىسى ئاز/ تېيىز؛ ئىستېتىتىكىلىق زوقلىنىش كۈچى تۆۋەن بولغان كىتابخانلارغا نىسبەتەن ئەسەرنى چۈشەنمەسلىك، قوبۇل قىلماسلىقنى ۋە شۇنداقلا روھىي تەجرىبىسى مول/ چوڭقۇر، ئىستېتىك زوقلىنىش كۈچى يوقۇرى بولغان كىتابخانلارغا نىسبەتەن ئەسەردىن زوقلانماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. چۈشەنگەن، قوبۇل قىلغان كىتابخانلار ئۈچۈنمۇ بىر ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ. يەنى ئەسەرنىڭ مەزمۇنى سوبىكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھىسىدە بىر تۈركۈم ئاۋانگارتلار بار. ئۇلار ئەدەبىيات نەزىرىيىسىدىن خەۋەردار ياكى ئەدەبىياتتا ئوقۇغان، ئەدەبىياتقا قىزىققان، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن ئادەملەر. ئۇلار ئەدەبىي ئىجادىيەتكە جىددىي، ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان، ئەدەبىياتقا مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەر. (ھازىر مەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىدىم. چۈنكى يەنە 10-20 يىلدىن كېيىن ئۇلاردىن نەچچىسى يەنە داۋاملىق قەلەم تۇتۇپ يازغۇچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. يەنە ئۇ ۋاقىتتا بۇلاردىن قانچىسىنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە قايتىدىن ئەدەبىياتنىڭ كۈچىنى ھىس قىلدۇرالايدۇ ھازىر بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.) گۈللىنىش، تەرەققىيات دېگەنلەر ئاۋانگارتلىقتىن، يڭىلىققا ئىنتىلىشتىن بارلىققا كېلىدۇ. يېڭىلىققا ئىنتىلىش ئەلۋەتتە قاتماللىقتىن قۇتۇلۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭى نەرسىلەرنى سىناق قىلىشتىن باشلىندۇ. مەن بۇ مەنىدە كىتابخاننىڭمۇ ئەسەرگە لايىق بولىشىنى تەكىتلەيمەن. يەنى ئۇلار نوقۇل ئەسەرنىڭ ئۆزلىرىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئىشتىھاسىغا لايىقلىشىشنى تەكىتلەشلا ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇئەييەن چۈشىنىش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشىنى كۆزلەيمەن.
   يېقىندا توردىكى بىر غۇلغۇلا، بەس-مۇنازىرىگە دىققىتىم چۈشتى. بۇ بىرسىنىڭ يۇقۇرى سەۋيىدىكى بىرقانچە شېئىرى توغرىلىق ئىدى. بەزىلەر ئۇنى سۈر كۆرسەتتى، ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرنى يېزىپ ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتتى، بىز چۈشەنمىگەن نەرسىنىڭ بىزگە كېرىكى يوق، گەپنى تىزىپ قويسا شېئىر بولىدىكەن، نەسىرىي ئەسەرنىڭ قۇرلىرىنى بۇزۇپ قوراشتۇرسا شېئىر بولىدىكەن دېگەندىكىدەك ئىنكار قىلىش، خاپا بولۇش ۋە ھەتتاكى مەسخىرە قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى. بۇ ماڭا گېرمانىيىنىڭ درېسدېن شەھىرىدىكى بۈۋى مەريەم 16-چى (Virgin ⅩⅥ) دېگەن رەسىمنى ئەسلىتىدۇ. بۈۋى مەريەم 16-چى مېكېلانجېلونىڭ مەشھۇر ئەسىرى. ئۇنى بىر مويسىپىت نېمىس پارىژدىكى ۋىناسنىڭ رەسىمى بىلەن تەڭ تۇرىدۇ دېگەن ئىدى. لېكىن مەن ھەرقانچە سىنچىلاپ قاراپمۇ ئۇنىڭ باشقا رەسىملەردىن قانداق ئۈستىن تۇرىدىغانلىقنى بىلەلمىگەن ئىدىم. بىرسى مەندە بۈۋى مەريەم توغرىسىدا دىنىي تۇيغۇ يوق. يەنە بىرسى رەسساملىق توغرىسىدا، رەسىمنىڭ قانداق ئىجات قىلىنىشى ھەققىدە چۈشەنچە يوق. لېكىن مەن بۇ تۈپەيلى مېكېلانجېلونىڭ ئۇلۇغ سەنئەتكار ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلمايمەن، ياكى ئۇنىڭ نىمىشقا مەن چۈشەنمەيدىغان بىمەنە رەسىم سىزغانلىقىنىمۇ ئەيىپلىمەيمەن. ئاندىن ئۆزەم ھىس قىلىدىغان، ھوزۇرلىندىغان تەسىراتچىلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈمەن. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۇ شېئىرلارنى ياقتۇرمىغانلار ئۆزلىرىگە ھوزۇر قىلىدىغان شېئىرلارنى ئوقۇسا بولىدۇ. ئەگەر بىراۋ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشەنمىسە، قوبۇل قىلمىسا ئۇلارنى تىللىماي، ئۆزى ياخشى كۆرگەن يازغۇچىلانىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ. چۈشەنمەسلىك گۇناھ ئەمەس، لېكىن شەرەپلىكمۇ ئىش ئەمەس. «ئۆتكۈر كىتاپخان يازغۇچى سۈپىتىدە ئەسەرنىڭ سايىسى بولماستىن، بەلكى ئەكسىچە ئەسەرنى ئۆزىنىڭ سايىسى قىلىدۇ.»⑩
  نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش ئاپتورنىڭ ئىشى. ئۇنىڭ قانداق قوبۇل قىلىش كىتابخاننىڭ ئىشى. كىتابخان قوبۇل قىلمىسا، ئاپتورنى خاتا يېزىپسەن دەيدىغانغا ئاساس يوق. قوبۇل قىلالمىسا ئوقۇماسلىق كېرەك. ئەگەر ئەدەبىياتنىڭ باشقا ئامىللىرىغا چېتىلىدىغان كۆرۈنەرلىك تەرپى بولسا ئوبزورچىلار ئوبزور يېزىپ مۇئەييەنلەشتۈرسە ياكى تەنقىد قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئوبزورچىلىق ئەدەبىياتىمىزدىكى تېخىمۇ ئاجىز بىر ساھە. ئوبزورچىلىقنىڭ راۋاج تاپماسلىقى ئەدەبىياتنىڭ ساغلام گۈللىنىشىگە چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
•  ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى
  ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئادەملەر ئەدەبىياتنى پۈتۈن مىللەتنىڭ كىرزىسىنى ھەل قىلىدىغان ۋاستە دەپ قارايدۇ. بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئاممىۋى تەربىيلەش رولى ۋە ۋەزىپىسى بار دەپ قارىغانلىقتىن. ئەدەبىياتنىڭ مۇئەييەن بۇنداق رولى بار. مۇناسىۋەت ئىلمىدە ئالاقىنىڭ تۆت ئالاھىدىلىكىدىن بىرى مۇنداق كۆرسىتىلىدۇ: « ئۇچۇر بەرگۈچى ئۆزى بەرگەن ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئۆزگىرىىشىنى، ئۇنىڭ مەلۇم خىل ئادەم بولىشىنى ئىستەيدۇ.» كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ئەدەبىياتمۇ ئاپتور بىلەن كىتابخان ئوتتۇرسىدىكى تاق يۆلىنىشلىك ئالاقە بولغاچقا، ئاپتور ئەلۋەتتە بۇ ئارقىلىق كىتابخاننىڭ مۇئەييەن مەنىدە ئۆز ئىستىكىگە يېقىنلىشىشىنى ئىستەيدۇ. «ئەدەبىياتنىڭ تەسلىكى قانداق يېزىشتا ئەمەس، بەلكى نېمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى يېزىشتا؛ كىتاپخانغا تەسىر كۆرسىتىشتە ئەمەس؛ بەلكى ئۇنىڭغا دەل سىز ئارزۇلىغاندەك تەسىر كۆرسىتىشتە.»⑩① ئەلۋەتتە بۇ تەسىر كۆرسىتىش ۋاستىلىك ــــ ھىسسىيات جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق كىتابخاننى ئىستېتىكىلق تەسىرلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. مېنىڭچە ئاپتورنىڭ كىتابخاننى بىۋاستە يەنى ئىجتىمائي ھەرىكەت مىزانلىرى، ئەخلاقى تۇيغۇسىنى ئۆزگەرتىش مۇددىئاسى بولىشى مۈمكىن. بىزدە ئەگەر بۇ تۇيغۇ قانچە كۈچلۈك ئىپادىلەنسە ۋە بىۋاستە بولسا ئەسەر ئىستېتىكىلىق جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ، ئاممىباپلىغى كۈچىيىپ، بەددىيلىكى يوقايدۇ دەپ قارايدىغان خاتا قاراش بار. ئەگەر ئۇنداق بولسا مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدىكى كۈچلۈك ۋە بىۋاستە تىل ئۇنىڭ بەددىيلىكىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنمۇ؟ ئەمىليەتتە ھەددىن-زىيادە پەردازلاش ئەكسىچە ئەسەرنىڭ ئىستېتىكىلق ئۈنۈمى ۋە بەدىيلىكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
   ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيلەش رولى ۋە ۋەزىپىسى بار دەپ قاراشنىڭ، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نورمىدىن ئارتۇق يۈك يۈكلەشنىڭ سەۋەبى:
   مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ يەردىكى يەنى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ساھەسىدىكى ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك زور بىر مەسىلە ۋە شۇنداقلا ئەنئەنىۋى مەسىلە ـــ مىللىي ياكى ئىجتىمائىي كىرزىس، جەمىيەتتىكى باشقا تۈرلۈك خاھىش، ئېغىش، ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، ئىنكاس قايتۇرۇش ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭلا يەنە كېلىپ ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكتىن. ئەمىليەتتە جەمىيەتكە قارىتا كۈزەتكۈچى بولىدىغانلار ئالدى بىلەن ئەدەبىياتچى ياكى ئەدەبىيات ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپاراتلىرىنىڭ، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ۋە كەسپىي دائىردىكىلەرنىڭ، جۈملىدىن پىسخولوگ، سوتسيولوگ، ئانتېرپولوگ،ئىقتىسادشۇناس، تارىخچى... قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىسى. لېكىن بىزدە بۇلار بىلەن شۇغۇللىندىغان ئىقتىساسلىق ئادەملەر بولمىغاچقا بۇ ۋەزىپىمۇ ئەدەبىيات ۋە يازغۇچىلارغا يۈكلەنگەن. شوڭا يازغۇچىلار ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك.
ئەلۋەتتە ئەدەبىيات جەمىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، لېكىن ئۇ ئىككىلەمچى ھالدا يەنى ئۆزلىگىدىن (دىمەكچى يازغۇچىنىڭ خاھشى بىلەن) ۋە ۋاقىت جەھەتتىنمۇ كېيىن ئاۋاز قوشىدۇ. يەنە كلېىپ ئەدەبىيات يۇقۇردىكى پەنلەرگە تۈپتىن ئوخشىمىغان ھالدا سەنئەت نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ شۇ جەمىيەت، شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، مەنىۋى ھاياتىنى، رىئاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن كوللىكتىپ ھالدىكى ئىجتىمائىي، سىياسى ئۈنۈم ئەمەس، بەلكى يەككە ھالدىكى ساپ ئىستېتىك ئۈنۈم قوغلىشىدۇ. بىزدە يۇقۇرقىدەك پىسخولوگ، تارىخشۇناس، جەمىيەتشۇناسلار يوق ياكى يېتەرسىز بولغاچقا بۇ ساھەلەردىكى مەسىللەر ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىپ قالغان. شوڭا ئاۋامنڭ ئەدەبىياتچىلارغا قويغان تەلىۋى نوقۇل ئەدەبىيات دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن. شۇ سەۋەپلىك ئەدەبىياتچىلار بىلەن خەلق ئارىسىدا تەڭپۇڭسىز ھالەت مەۋجۇت. بىر بولسا خەلق ئادەتتىكى دىتسىز بىر ئەدەبىياتچىنى (ئۇنىڭ ئىجتمائىي مەسىللەرگە بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيىسىگە ئاساسەنلا) كۆتىرىپ ئۇلۇغ بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بىر بولسا تالانتلىق بىر ئەدەبىياتچىنى (ئۇنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان باشقا پەنلەرنىڭ مەسلىسىگە قول تىقمىغانلىقىدىن) زادىلا ئېتبارغا ئالمايدۇ، ئېتراپ قىلمايدۇ، ھەم ئەدەبىياتچىنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
•  تىپىك مۇھىت، تىپىك پىرسۇناژ
گوركىنىڭ «ئانا» ياكى «دانكو»سىدەك، ئۇستۇرۋىسكىينىڭ «پولات قانداق تاۋلاندى» رومانى ۋە ئۇنىڭدىكى پاۋىل كورچاگىندەك تىپىك پىرسۇناژ، تىپىك مۇھىتلار ھازىرقى تاۋارلاشقان، ئۇچۇرلاشقان تۇرمۇش ئېقىمىمىزغا ئويغۇن ئەمەس. گەرچە بارلىق جەمىيەت ئەزالىرى ئورتاق بىر سىياسى سېستما ئاستىدا ياشىسىمۇ، لېكىن بىر شەخسىنىڭ ئىندىۋىدۇئال تۇرمۇشىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللار ھەرقايسى جەمىيەت قاتلىمى ۋە ئادەملەر ئارا ئىنتايىن پەرقلىنىدۇ. يەنە بىرى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۇلۇغ مەڭگۈلۈك ئىدىيىلەر، غايىلەرلا ئىگەللەپ تۇرماستىن، ئەكسىچە ئۇششاق-چۈششەك، پارچە-پۇرات نەرسىلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەسىلەن مەن 10 يىل چەتكە چىقىشنى ئارزۇلاپ، ئاخىر گېرمانىيىگە ماڭىدىغان كۈنىسى سەھەردە بىردىن چەتكە چىققۇم كەلمىگەن. چۈنكى كەچتە ئەلچىخانىدىكى بىرسىنى مېھمان قىلىمىز دەپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئەتىگەندە ئىچىم سۈرۈپ كەتكەنىدى. مەندە نە ھاياججانلىنىش، نە كەلگۈسى توغرىسىدا، گېرمانىيە توغرىسدا رومانتىك خىياللار بولسۇن. (يولدا ماشىنلار جىق ئىدى.) ئەس-يادىم كېچىكىپ قالساقكەن، ماشىنا توختاپ قالسىكەن، شۇنداق بولسا ماشىنلارنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، يولنىڭ قىرىدىكى شاخ-شۇمبىلارنىڭ دالدىسىدا بىر ئولتۇرۋالسامكەن دېگەندە ئىدى. ئايرۇپىلانغا چىقىپمۇ تا فرانكفۇرت ئايرىدرۇمىغا قونغىچە خىيالىم ھاجەتخانىدىن نېرى بولمىدى. بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشتا نۇرغۇن. مەن دەسلەپ لوندوندا تۇرغان بىر يىل مابەينىدە پۈتۈن ئۈمىدىم قانداق قىلىپ بېرلىن ھومبولت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا/كاۋكاز تەتقىقاتى ئاسپىرانتلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىشتا ئىدى. مۇشۇ تۈپەيلى لوندوندىن بېرلىنغا ئۈچ قېتىم ئۇچۇپ، پروفېسسورلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئاخىرقى ھىساپتا ئىككى قېتىملىق تاللاشتىن ئۆتۈپ قىسقا تىزىملىككە كىرگەن. ئاخىر قوبۇل قىلىندىغان بولۇپ، مارتىن-لۇتېر ئۇنىۋېرسىتىتېتىدىكى ئوقۇغان دەرسلەرنىڭ ئىسپاتىنى كاتىپ ئولىۋەگە ئاپىرىپ بەرگەن كۈنى ئۇنىڭ فاكۇلتېت ۋە كۈتۈپخانا توغرىسىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ، بىردىن بۇ ئوقۇشمۇ شۇنچە مەنىسىز بىلىنگەن. يەنە بىر يىلى يېڭى يىلنى ئۆتكۈزۈپ كېلىش ئۈچۈن بېرلىندىن ئامىستېردامغا كەلگەن. ئەسلى ئۈچ كۈن تۇرۇشنى پىلانلىغان. لېكىن پويىزدىن چۈشۈپلا بىردىن چىدىغۇسىز زېرىكىشلىك ھىس قىلىپ، ۋوگزالدىن چىقماي تۇرۇپلا كېلەركى نۆۋەتلىك گېرمانىيىگە قايتىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىغا يېرىم سائەت ئۆچرەت تۇرۇپ، ئىككى يېرىم سائەتتىن كېيىنلا قايتىپ كەتكەن... بۇلار ئاساسىي ئېقىمغا يات بولغان ئۇششاق، ئەرزىمەس ئىشلار. بۇلار تىپىك مۇھىت، ياكى تىپىك پىرسۇناژ گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان غول لىنىيىگە يات بولغان نەرسىلەر. لېكىن بۇلار مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇمدا ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدىغان نەرسىلەر، سەرگۈزەشتىلەر. مۇشۇنداق سەرگۈزەشتىلەردىن ئادەمنىڭ ھاياتى تەشكىل تاپىدۇ. شوڭا بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى رىئال كۈزىتىشتە ئۇنداق بىر ئۇلۇغۋار ئىشلار بولۇپ كەتمەيدۇ ياكى دائىم بولىۋەرمەيدۇ.  
   يازغۇچى تۇرمۇشتىكى مۇئەييەن تىپتىكى ئادەم ياكى ۋەقە-ھادىسلەر ئاساسىدا ئۆز تەسىراتى، روھىي تەجرىبىسى ئارقىلىق ئەسەر يارىتىدۇ. گەرچە ئۇ ناھايىتى يەككە شەخسنى، ھادىسنى تەسۋىرلىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭدىن شۇ دەۋرنىڭ روھىنى، شۇ جەمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن جامىس جويس ئاكىسىغا يازغان خېتىدە شۇنداق دېگەنىكەن: «مەن دۇبلىننى شۇنداق تەسۋىرلىسەم، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا گۇمران بولۇپ كەتسىمۇ، مېنىڭ قۇرلىرىمدىن دۇبلىننى قايتا قۇرۇپ چىققىلى بولغۇدەك تەسۋىرلىسەم دەيمەن.» (جامىس جويس دۇبلىندىن 22 يېشىدا ئايرىلىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇبلىن چەتئەللىكنىڭ، جۈملىدىن مېنىڭ نەزىرىمدە ناھايىتى كىچىككىنە، زېرىكەرلىك بىر شەھەر.) ئەمىليەتتە جويسنىڭ ئەسەرلىرىدە ھىچقانچە ئاجايىپ-غارايىپ، داغدۇغىلىق ئىشلار يوق. ئۇنىڭ «ئۇلىسىس» دېگەن ئەسىرىلا ئەمەس، دەسلەپكى «دۇبلىنلىقلار» دېگەن ھېكايىلەر توپلىمىمۇ شۇنداق زېرىكەرلىك، ئۇنىڭدا ئىنتايىن ئادەتتىكى نەرسىلەر تەسۋىرلەنگەن. لېكىن ئۇ 20-ئەسىردىكى بۈيۈك يازغۇچى دەپ ئېتراپ قىلىندۇ. چۈنكى ئۇ شۇ ئۆزى ياشىغان ئايرىش (ئىرلاندىيىلىكلەر) جەمىيىتىنىڭ روھىنى تۇتالىغان، ناھايىتى يىغىنچاق ھالدا كۆرەلىگەن ئادەم. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. يەنە گوركىينىڭ «تۇزدا»، «ئارخىپ بوۋا ۋە ليونكا»، «يىگىرمە ئالتە ۋە بىر قىز» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە، لۈشۈننىڭ «يۇرتۇم» ھىكايىسىدىمۇ ئوخشاشلا دەبدەبىلىك ئىشلار يوق. تىلىمۇ ناھايىتى ئاددىي، لېكىن بۇ ئەسەرلەر ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تېگىدۇ. مىلان كوندېرا ۋە ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇنچە بۈيۈك ئىشلار، پەۋقۇلئاددە تىپ ياكى تىپىك مۇھىت يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى يەنە يۈز يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۇلۇغ ۋە دۇنياۋى كاتتا ئەسەر بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.
•  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كىرزىس ــ سەمىيەتسىزلىك، ئابستراكىتچىلىق
   ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەشكە ئەگىشىپ مەسىللەرئاز ئەمەس. بۇ يەردىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك مەسىلە:
•  بىز يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئۆز كەسپىگە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاجىز، ئەدەبىياتقا ساداقەتمەنلىك ۋە سەمىمىيەتلىك يوق. بۇ ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىگە زور توسالغۇ. سەمىمىيلىك بارلىق سەنئەتنىڭ جېنى! ئۆز ئىشىغا مۇھەببەت ۋە ئەستايدىللىق بولمىغاچقا بىزدە مۇتلەق كۆپ ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسى جانسىز، تەسۋىر خام، ۋەقەلىك ساختا ۋە ياكى ھىچقانداق رەندىلەنمىگەن. يالغان ئەسەر ـــ توقۇلما ھىسيات، توقۇلما ۋەقەلىك، سۈنئىي دىئالوگ ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشى، ھەق-ناھەق قارىشى، ئىدىيىسى ۋە دەرت-ئەلىمى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەقىقي ئەسەرلەر يوقنىڭ ئورنىدا. ئادەم ھەتتا بەزى پۈتۈن بىر روماندىن بىر خەلق ناخشىسىدىن ئېرىشكەنچىلىك ھوزۇر ئالالمايدۇ. بۇنداق ئىكەن، ئۇلاردىن بۈيۈك ئەسەرلەرنى كۈتۈش مۈمكىنمۇ؟ ئومۇمەن يازغۇچىلاردا سەنئەتنى سۇيۇش روھى، قىزغىنلىق كەمچىل. كۆپۇنچىسى مەسئۇلىيەتسىز، مەۋقەسىز، كىرزىس ـــ تەنقىد قوبۇل قىلمايدۇ ياكى قىلالمايدۇ. يەنە ئۇلاردا بىر تەرەپلىمىلىك خاھىشى ئېغىر. بىر قىسىملىرى چەتنىڭكىنى قەتئىي ئوقۇمايدۇ ۋە بىر قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىنى زادى ئوقۇمايدۇ.
   يازغۇچى خۇددى تارىخچىغا ئوخشاشلا ئىلمىي بولىشى، مۇئەييەن نەزىريىۋى ئاساسقا  ئىگە بولىشى، كۆزىگە چېلىققان، غەيرى كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قارا-قويۇق يازماستىن ، ئاكتىپ تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى لازىم. (ئەمىليەتتە بۇ ئاساسىي ئېقىم تۇرمۇشىغا ئويغۇن دېتاللارنى تاللاش ۋە ئۇنى ئىستېتىكىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان تىل ۋە قۇرۇلما بىلەن بىر تەرپ قىلش قابىليىتىنى كۆرسىتىدۇ.) يازغۇچىنىڭ ئاتايىن سەھراغا چۈشۈپ ياكى قاۋاققا كىرىپ، «تۇرمۇش ئۆگۈنۈش»نىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق. بىر ياخشى ئەسەرنى يارىتىش ئۈچۈن، بىر لاياقەتلىك يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم «كىشىلەر ئىشىكىدە» يۈرۈش، تەۋەككۈلچى جاھانكەشتى بولۇش ياكى شور پىشانە بەخىتسىزلەردىن بولۇش ۋە ياكى چەكسىز ئازاپ تارتقان بولۇش ھاجەت ئەمەس. ئىستىبداتلىق يازغۇچى ئىسسىق چاينى دەملەپ، ئۆز ئۆيىدە تەمكىن ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كىرزىس تۇيغۇسىنى، تىراگىدىيىسى ۋە كۈلپەتلىرىنى ، بەخىتلىك تۇرمۇش ھەققىدىكى گۆزەل ئارزۇلىرىنى تونۇپ يېتەلىشى كېرەك. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇ ئازاپنى ھىس قىلالىشى كېرەك. (ئازاپ، كۈلپەت ئادەمنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ھەر ۋاقىت ساقلانغىلى بولمايدىغان مۇھىم ئىستېتىكىلق كاتىگورىيە. بەخىتلىك تۇرمۇش ئىچىدە ئازاپ ئېڭىدىن ئايرىلىپ قالغان يازغۇچى لاياقەتلىك يازغۇچى بولالمايدۇ. ئەمىليەتتە ئادەمنى بىرنەرسە يېزىشقا قىستايدىغىنى ئازاپنى سېزىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا ئورۇنۇشتىن كېلىدۇ.) ئەگەر ئۇ بۇنى ھىس قىلمىسا يەنى ئىستىبداتلىق بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ سەھراغا بېرىپ، قاۋاققا كىرىپ ئۇ يەردە كۆرگەن-بىلگەنلىرىدىن ئىبارەت پارچە-پۇرات شەكلى، ھادىسىۋى يەككىلىكتىن قانداقمۇ ماھىيەتنى، ئومۇمىيلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ چىقالايدۇ؟ مېنىڭچە يازغۇچى ـــ ئەگەر بىز بىراۋنى ئۆزى ھىس قىلغاندەك شۇنداق ئاتىساق ـــ تۇرمۇشقا چۆكىمەن، ئۇنى قازىمەن دەيدىكەن قانداقتۇ بولۇڭ-پۇشقاقتا يۇرمەي پەلسەپىۋى كىتاپلارنى ئوقۇشى، كۆپرەك تەپەككۇ قىلىشى كېرەك. بىر يازغۇچى جەميەتتە بولۇۋاتقان ئىشلارنى، ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقىنى جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سەھرا-قىشلاقلىرىدىكى نادانلىقى، ساددىيلارچە قاششاقلقىى، ئاق كۆڭۈللۈكى؛ ئوخشىمىغان ئۆرپ-ئادەتلەر؛ چۈشكۈنلۈك، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، ياشلارنىڭ لايغەزەللىگى ۋە ياكى مۇھەببەتتىكى پىداكارلىقلىرى قاتارلىقلارنى شۇنچە ئىنچىكە بىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنى خۇددى باشقا پەنلەرگە ئوخشاشلا نەزىريىۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلالمىسا، بۇ دېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۇنى ئىستېتىكا بىلەن يۇغۇرۇپ بەددىيلىككە ئىگە قىلالمىسا ھەممىسى بىكار. شوڭا يازغۇچى ئەسەرگە، ئۆزىگە ۋە ئوخشاشلا كىتاپخانغا مەسئۇليەتسىزلىك قىلماسلىقى، بۇنىڭ ئۇچۇن يېزىقچىلىققا قىزقىشلا ئەمەس، سەمىمى بولىشى، يۈكسەك ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىشى، ئەدەبىياتقا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئۇنىڭدىن ياخشى ئەسەر چىقىدۇ.
•  ئىجادىيەت ئوبىكتى جەھەتتىن ئاساىي ئېقىمغا، ئوبىكتىپلىققا، ئومۇمىلىققا قارشى ھالدا پارچە-پۇرات ۋە قىرغاق تېمىلارنى، ھادىسىۋى ۋە ئۆتكۈنچى نەرسىلەرنى ئەكسئەتتۈرۈش خاھشى ئېغىر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىشلىك تۇرمۇشتىكى ۋە ئۇيغۇر ئىجتمائىي تۇرمۇشىدىكى ئاساسىي ۋە مۇھىم تەرەپلەرنى، بىر دەۋرىدىن يەنە بىر دەۋرگە ئۇلىشالايدىغان ياكى دەۋرىلەردىن دەۋىرلەرگە داۋاملىشىپ ماڭىدىغان تېمىلارنى ئەكسئەتتۈرۈش ياكى ئەكسئەتتۈرگەن تېمىلارنى شۇنداق ئۇلىشالايدىغان قىلىش ئىنتايىن ئاجىز. بىر بەڭگە، بىر جىنسىي توسقۇنلۇققا ئۇچرىغۇچىنىڭ غەلىتە پىسخىكىسى ۋە ياكى ئوغرىلىق ۋە باسقۇنچىلىقتەك ئىشلارىنى تەسۋىرلەشلەر كۆپ. بۇنداق پارچە-پۇرات نەرسىلەر نەزىريە جەھەتتىن مەلۇم ئەسەردىكى بىر پىرسۇناژ بولسا بولىدۇكى ۋە ياكى شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئۇمۇمىي، ماھىيەتلىك تەرەپلەر ئەكسئەتتۈرۈلسە بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئاشۇ ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەر شەكىل ۋە مەزمۈن جەھەتتىن نوقۇل ئۆزىنى مەركەز قىلغان بولسا بولمايدۇ. مەسلەن، گەرچە رىئال تۇرمۇشتا ئىقتىساد شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ خۇددى پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ ھىچبىر ئىقتىسادىي غېمى يوقەك ئويغۇر ئەدەبىياتىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تەسۋىرلەنمەيدۇ.
•  ئەدەبىياتىمىزدا ئابستراكىتچىلىق، يەكۈنلەش ئېغىر. نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ بېشىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرسىنىڭ قانداق چۈشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن قانداق «تەربىيە» ئېلىش لازىملىقىنى پەملىگىلى بولىدۇ. ئەدەبىيات رىئاللىقنى ئەكسئەتتۈرىدۇ دەيمىز. لېكىن رىئاللىقتا ئاكسىيوما، فورمۇلا يوق. تۇرمۇشنىڭ ئاخىرى ئوچۇق. يەنە بىر كونكىرت مەسىلە سۈپەتلەش: ھىچبىر ئىلمىي ئاساسسىزلا ياش، تالانتلىق، بۈيۈك، يىتۈك دېگەنلەردىن باشلىندىغان مەدھىيە سۆزلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۈچەيتىشلەر ئەكسىچە چاكىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاجىزلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئاخبارات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىندىغانلار دىققەت قىلىشى كېرەككى سۈپەت ئىسىمنىڭ دۈشمىنى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① دوكتۇر ھەسەن پاكسۆي تەھرىرلىگىدىكى، 1992-يىلى، ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيا ئابىدىسى» دېگەن كىتاپتىكى روبېرت دانكوفنىڭ « قارخانىيلار ئەدەبىياتى ۋە تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىشى» دېگەن ماقالىسىغا قارالسۇن.
②مايكىل بېنتون، ئالىن كلىنتون، دېيۋىن ھېكمان... لارنىڭ «نىېمىنى يازىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن يازىمىز» دېگەن ماقالىسىدىن.
③جورج ئورۋېل (1903-1950، ئەنگىليىلىك يازغۇچى، ژورنالىست) نىڭ «مەن نېمىشقا يازىمەن» دېگەن ماقالىسى، 1946-يىلى، لوندون نەشىرى.
④دېيۋىد دۋوركىن (1943-، ئەنگلىيىلىك يازغۇچى)نىڭ «نىمىشقا يازىمىز» دېگەن ماقالىسىدىن.
⑤ دوكتۇر فرېگگا ھائۇگ (ھامبۇرگ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سوتسولوگىيە پروفېسسورى) نىڭ 1987-يىلدىكى «ئىجتمائىي پەنلەر يېزىقچىلىكىدىكى تۇتۇۋېلىش قابىليىتى» دېگەن ئەسىرىگە قارالسۇن.
⑥⑦⑧⑨ ژان–پول-ساختىخ، «ئەدەبىيات دېگەن نېمە»،1988-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى 35، 28-، 31-، 33-بەتلەرگە قاالسۇن.
⑩ نەنسى ۋالكېر، «باشباشتاق يازغۇچى: ئاياللار ۋە بايان قىلىش ئەنئەنىسى»، 1995-يىلى، ئوستىن، تېكساس ئۇنىۋېرسىتىېتى نەشىرياتى.
⑩① روبېرت لۇئىس ستېۋېنسون(1850-1894) شوتلانديىلىك يازغۇچى.







•  ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟
•  ئەدەبىيات بىزگە شۇنچە مۇھىممۇ؟
•  نېمىشقا يازىمىز؟
•  ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىقى ۋە دۇنياۋىلىقى
•  ئەسەرنىڭ ئىجاد قىلنىش جەريانى
•  ئەسەر بىلەن كىتابخاننىڭ مۇناسىۋىتى
•  ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى
•  تىپىك مۇھىت، تىپىك پىرسۇناژ
•  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كىرزىس ــ سەمىيەتسىزلىك، ئابستراكىتچىلىق












ئۈستىگە قايتىش
irtish
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 946
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 24
يازما: 19
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.ئەدەبىيات توغرىسدا يېزىلغان بۇنچىلىك سەۋەيىدىكى ماقالە بىزدە ھازىرغىچە يوق ئىدى.مەن ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرۈشىنى شۇنداقلا كېرەكلىك نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.رەپقەت غازىغا ۋە بۇ تېمىنى يوللىغان خاللولايېفقا كۆپ رەھمەت.

ئۈستىگە قايتىش
uyghur
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7


رەت نۇمۇرى: 81
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 1070
يازما: 94
كۆرۈش ھوقوقى: 100
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
ئالىي مەكتەپتە «تىل- ئەدەبىيات » كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا مانا مۇشۇنداق شەكلدىكى لىكىسيە ۋە دەرىسلەر ،ئۆتۈلۈپ تۇرغان بولسا ،نېمىدىگەن ياخىشى بولاتتى، ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق، ئايغى يوق خالتا كۆچىغىلا ئوخشاپ قالغاندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا، ئۆزۈم ئەدەبىياتتا ئوقۇپ باققان بولغاچقا ھازىرقى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن باللارنىڭ قانچىلىك دەسمى بىلەن جەمىيەتكە چىقىدىغانلقى ماڭا ئايان، ماگىستىرلىقنى تاماملىغان باللارنىڭمۇ ئۇنۋان ئۈچۈن ماقالە يېزىپ يول ئارقىلىق ژورنالغا چىقىرىپ يۈرگىنىنى ، سەۋىيلىك يىزىلغان تۈزۈكرەك ئەسىرىدىن بىرەرسىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ، بۇ كەسىپنىڭ نېمە بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمىدىم!

ئۈستىگە قايتىش
ilterish
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8


ئۆمۈرلۈك شەرەپ   ئىلغار باشقۇرغۇچى   تەشۋىقات ئەلچىسى  
رەت نۇمۇرى: 84
نادىرلىرى: 10
جۇغلانما : 1387
يازما: 132
كۆرۈش ھوقوقى: 150
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ئورنى: شىنجاڭ-قەشقەر
ھالىتى: توردا يوق
بۇ تېما مەزمۇنى بىلەن ماڭا تېتىدى، شۇڭا بۇنى مەن جەۋھەرلىۋەتتىم [s:56]





كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ!
ئۈستىگە قايتىش
alipoguz
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 949
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 78
يازما: 62
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
مىللىلىك دەل ئىنسانىلىق دەپ قارايمەن <<يېزىشتىكى مەقسەت نىمە ؟ >> بۇ ھەققىدە دۇنيا مىقاياسىدا نۇرغۇنلىغان قارشلار بار مەسىلەن ، قانداق ياشىشىمىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ياكى كورسۈتۈپ بېرىش <<غەرىپلىك مەلۇم يازغۇچى ) ...
ئوخشاش پىكىردىكلەرنى تېپىش دەپ قارساق .بۇمۇ بولمىغىنى. غەرپلىك بىر يازغۇچى <<دۇنيادا ئورتاق تىل يوق ،دۇناي بىمەنە >>دىگەن .دىمىسىمۇ ئارمىزدا ھېچقانداق تىل يوق .شۇڭا شوبېنىخوۋېر ئۆلۈۋىلىشنى تەشەبۈس قىلغان ،بۇنداق بولغاندا بىمەنلىكىتىن قۇتۇلغىلى بۇلاتتى . <<ئەدەبىياتنىڭ رولى ئادەم تەربىلەش>> دىگەن سۆزمۇ ئاقمايدۇ .چۈنكى ئەدەبيىات دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۆمكۈن . بۇرۇن ئۇرۇش مەۋجۇت ئىدى ھېلى ھەممۇ ئۇرش مەۋجۇت . بۇ يەردە بەزىلەر قۇرئاننى تىلغا ئېلىشى مۆمكۈن ھەقىقەتتەن قۇرئان دۇنياانى ئۆزگەرتتى .ئەمما ئۇ ئەدەبىيات ئەمەس بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك .
ئەدەبىيات قاچان پەيدا بولغان ؟ تاش قورالار دەۋرىدىمۇ ؟ بۇ نامەلۇم .ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىيات پېشۋالىرى بىر قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرى ياكى تەلۋە ،قورقماس باتۇرلىرى ئىدى .كېيىن ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى شۇ قەبىلىدە پارڭ تېمىسغا ياكى بايانى ھىكايىغا ئايلانغان .





سەندىن كەلدىم سەندە
ئۈستىگە قايتىش
alipoguz
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 949
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 78
يازما: 62
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
ئەدەبىيات بىزگە مۇھىم .چۈنكى بىر مىللەت ئاتوم قۇرالىغا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدا گۈزەللكىنى ،ھەقىقەتنى ، ئىنسانلىقىنى (ئەدەبىيات روھىي ) بولمىسا ئۇنىڭ نىمە قىممىتى بولسۇن ،<< قۇل ئۆزىنىڭ قۇللىقىنى بىلمىسە ،ئۇنىڭ قۇل بولىشىغا يول قويۇش كېرەك >>(پاسكال )





سەندىن كەلدىم سەندە
ئۈستىگە قايتىش
baxbaxtak
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 329
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 129
يازما: 115
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-21
ھالىتى: توردا يوق
ئەدەبىيات بىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە مۇھىم ! بىراق ، مۇھىملىقىنى قانداق گەۋدىلەندۈرۈشنى بىلىشىمىز ۋە بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشىمىز تېخىمۇ مۇھىم ............ [s:57]





بەخت سېنى جاپا - مۇشەققەتتە كۆپرەك سىنايدۇ .
ئۈستىگە قايتىش
kiqa999
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 2587
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 8
يازما: 7
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-10-15
ھالىتى: توردا يوق
رەپقەت ئاكا موشۇنداق ماقالىلەرنى يەنىمۇ كۆپلەپ يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن

ئۈستىگە قايتىش
hypocrat
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 2591
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 6
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-10-16
ھالىتى: توردا يوق
بۇ ئاپتور ماڭا ئوخشاشلا ساختا ۋە سەمىمىيەتسىزكەن.

ئۈستىگە قايتىش
alipoguz
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 949
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 78
يازما: 62
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
پىكىردە سالماق بولايلى ... چۈنكى ئەدەبىيات بىر دېڭىز





سەندىن كەلدىم سەندە
ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 22:57
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى