ماۋزۇسى: رەپقەت غازى:  فغىتسېن كۇلۇبىدىكىلەرگە نامۇ-نىشانىمدىن ئەسەر
kelechek
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



ئىلغار باشقۇرغۇچى  
رەت نۇمۇرى: 94
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 1209
يازما: 28
كۆرۈش ھوقوقى: 150
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
رەپقەت غازى:  فغىتسېن كۇلۇبىدىكىلەرگە نامۇ-نىشانىمدىن ئەسەر





فغىتسېن كۇلۇبىدىكىلەرگە نامۇ-نىشانىمدىن ئەسەر①

رەپقەت غازى

2002-يىلى سېنتەبىردە ئىنگلىز تىلىنى پىششىقلاش ئۈچۈن ﻫاللېدىن لوندونغا كېتىپ، بىر يىلدىن كېيىن، 2003-يىلى ئىيۇلدا ﻫاللېغا قايتىپ كەلدىم ۋە مارتىن-لۇتېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گېرمانىستىك (نېمىس تىلشۇناسلىقى) كەسپىمنى بېرلىندىكى ﻫۇمبولت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سېنترال ئاسىيا / كاۋكاز تەتقىقاتى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا ئالماشتۇردۇم.
شۇ سەۋەپلىك ئاۋغۇستتا بېرلىنغا كۆچۈپ چىقتىم ۋە بېرلىن پرۇسىيە (Borussia) ناخشىچىلار كۇلۇبىدا تۇردۇم. بۇ كۇلۇبتىكلىلەرمۇ ماڭا خۇددى فغىتسېن كۇلۇبىدىكىلەرگە ئوخشاشلا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. مىلاد بايرىمىلىق تەبرىك يىغىلىشىدىن باشلاپ مەن ﻫەم كۇلۇبىنىڭ لېنتىسىنىمۇ تاقىدىم②. بۇ كۇلۇبتا مەن تۇنجى قېتىم شۇنى تەﻫقىقلىدىمكى، قىلىچۋازلىق پەقەتلا جىسمانىي ئىقتىدار تەلەپ قىلماستىن ،بەلكى يەنە روﻫىي ساغلاملىقنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. ئەپسۇسكى مەن قىلىچۋازلىقنى مەشىق قىلمىدىم. مەن كۇلۇبلار ئارا بىر قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسىگە③ قاتناشتىم. مەن ئۇ يەردە نېمىسلار ئۈچۈن ئەنئەنە ۋە قېرىنداشلىقنىڭ قانچىلىك مۇﻫىملىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئىككىسىگە نەقەدەر جىددىي قارايدىغانلىقىنى ﻫىس قىلدىم. ناۋادا بىراۋ گېرمانىيە جەمىيىتىنىڭ سىرتىدىن بۇ مەنزىرىنى كۆرسە، ئۇ نېمىسلارنى شۇنچە ۋەﻫشىي ۋە مىلىتارىست ئىكەن دەپ ئويلىشى مۈمكىن (خۇددىي مەن كېيىنكى يىللاردا باشقا نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردىن ۋە ۋە ئۇيغۇرلاردىن ﻫىس قىلغىنىمىدەك.) ۋە بەلكى غەلىتە ۋە بىمەنە دىيىشىمۇ مۈمكىن. باشقىلار ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندىمۇ نىمىشقا تىخىچە قىلىچۋازلىق مەشىقىنىڭ ئېلىپ بېرىلدىغانلىقى، نىمە ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن. مەن شۇنى مۇﻫىم دەپ تونۇيمەنكى، نېمىسلار ئۆزلىرىنى سىرتقى دۇنياغا كۆپرەك تونۇشتۇرىشى كېرەك.
بىر مەۋسۈمدىن كېيىن بايقىدىمكى، ﻫۇمبولت ئۇنىۋېرسىتىتېدىكى سېنترال ئاسىيا/ كاۋكاز تەتقىقاتى ئۇقۇشى مەن ئوقۇماقچى بولغان نەرسىلەر ئەمەسكەن. مەن يەنە ئەنگلىيىگە قايتىش قارارىغا كەلدىم. 2004-يىلى مايدا لوندونغا كۆچتۈم ۋە دەرﻫاللا شىمالىي ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوندون قارمىقىدا MBA④ ئوقۇشى ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇردۇم. بۇ ئوقۇش ئىككى يىل داۋاملاشتى ۋە بۇ ئوقۇش ئۈچۈن نەق 10 مىڭ پوند⑤ تۆلىدىم. MBA ئوقۇشىنى تاماملاپ بولۇپ 2006-يىلى سېنتەبىردە يەنە شۇ مەكتەپتە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىدىم.
لوندوندا ئادەم نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزىشى مۈمكىن: گۆزەل، happy (خوشال) ياش ئىنگلىزلار؛ يېرىم كېچە سائەت ئىككىدە مەك دونالدس ۋە كېچىلىك كۇلۇبلارنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەت؛ مېترونىڭ دائىملىق چاتىقى، كاتتا گالارىلار، نۇرغۇن چەتئەللىكلەر⑥، كۆپۈكسىز پىۋە، مارس ۋە سنىكېرس (شاكىلاتلار) ۋە “Closer”، “ heat”، “Grazia” (چولپانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ژورناللار) غا بولغان خۇمار؛ تۇرالغۇ ئۆي بېجى، شەنبىدىكى نەق پۇل ئىش ﻫەققى، ئىككى ﻫەپتىلىك ئۆي ئىجارىسىنى زاكالەت قىلىپلا توختامسىز ئىجارىگە ئولتۇرۇش (گېرمانىيدە زاكالەت كامدا 3 ئايلىق)، چوڭ موزېيخانىلار. بىراق مەن چۈشەنمەيمەنكى، نېمە ئۈچۈن ئادەملەر مىسىردىن بىر قەبرىنى، گرىتسىيەدىن بىر بۇتخانىنىڭ تۈۋرىكىنى ياكى ئوسمانىيلاردىن بىر شەمشەرنى يىغىپ ئەكىلىپ، ئۇلارنى ئەنگلىيىدە كۆرگەزمىگە قويۇپ، ئاندىن « بىزنىڭ دۇنيادا ئەڭ كاتتا موزېيخانىمىز بار» دەيدۇ؟ ياتلارنىڭ تەۋەررۈكلىرىنى يىغۋېلىپ، ئۇنىڭدىن مەغرۇرلىنىشنىڭ ئەﻫمىيىتى نېمە؟ ﻫىچقىسى يوق. چۈشلۈككە ئىنگلىزلار Fisch & chips (بېلىق بىلەن قورۇغان ياڭيۇ قەلەمچىسى) ياكى curry (ﻫىندىلارنىڭ ناﻫايتى پۇراقلىق گۈرۈچ تامىقى) يەيدۇ. ئەنگلىيىدە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغقۇدەك بولكا يوق. ئىنگلىز ناشتىسى چوڭ ۋە ناﻫايىتى مايلىق. ئۇلار سۈت قوشۇلغان بەتتام ئىنگلىز چېيىنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك مودا ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ. ئىنگلىز قانىلدىن ئۆتۈپ نورماندىيىگە ئىرىمچىك ۋە ۋىنۇ سېتۋالغىلى بارماقچى بولسا «بىز ياۋروپاغا ماڭدۇق» دەيدۇ. ئۇلار Posh، Jordan،Kate Moss⑦ تەك باش-باشتاق ئاياللارنى ۋە Russel Brand،Pete Doherty دەك metrosexual⑧ ئەسكى بالىلارنى بېشىغا ئېلىپ كۆتىرىشىدۇ. ئۇلار قانداقتۇ ئامېركىچە بولماقچى. بىراق يەنىلا ۋىكتورىيە دەۋرىنىڭ شانۇ-شەۋكتىنى چۈشەپ ياشىشىدۇ. دوختۇرغا كۆرۈنۈش ﻫەقسىز، بىراق 10 مىنۇتلۇق كېسەل كۆرسىتىش ۋاقىت چەكلىمىسى بىلەن. نۇرغۇن سەيلە نوقتىلىرى “publicly open” (ئاممىغا ئېچۋېتىلگەن.) بىراق سىز يۇقارقى دەرۋازاىدىكى كارل ماركسنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئۈچ پوند، فوتو ئاپاراتىڭىزغا ئىككى پوند تۆلىشىڭىز كېرەك. ئۇلار پاب (pub- پىۋىخانا، قاۋاق) نى سائەت 11 دە تاقايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ «تۈزۈم»لىرى بولغاچ.
بۇ يىللاردا، ئىمكانىيىتىم يار بەرسىلا غەربىي ياۋروپادا نۇرغۇن ئايلاندىم. (مېنىڭ ياۋروپاغا كېلىشتىن مەقسىدىم كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كۆپرەك بۇ جەمىيەتنى كۈزىتىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئادەملىرىنى چۈشىنش ئىدى.) ناپلېس شەﻫىرىنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا بىر قېرى كاززاپ بىزنى (ئاكام بىلەن مېنى) ئالدىماقچى بولدى. ۋېنېتسىيەدە ئىنسانىيەت ئارخىتېتكۇرلۇقتا ياراتقان يۇكسەك رومانتىكىنى كۆردۈم ۋە يۈرىكىمدە مۇﻫەببەتنى سەزدىم. Toscanaدا Renaissance⑨ دەۋرىنىڭ سەنئىتى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزچە سىرلىق مەنزىرىدىن ﻫوزۇرلاندىم. سېكاندىناۋىيىدە ئادەملەر تېخى تەگمىگەن تەبىئەتنى ئارىلاپ ماڭدىم. شوتلاندىيىدە سكوت قەﻫرىمانى ۋىلليام ۋولسنىڭ خاتىرە مۇنارىنى زىيارەت قىلدىم ۋە ياۋروپانىڭ گۆزەل تراگىديسىدىن بىرى بولغان Maria Stuart⑩ نى ئەسكە ئالدىم. دۇبلىندا جامىس جويس ﻫەيكىلىگە سالام قىلدىم. مەن دۇبلىندا پابلاردا چۈشتىن كېيىىندىن باشلاپلا خەلق سازەندىلىرىنىڭ مۇزىكا چېلىشلىرىغا مەﻫلىيا بولدۇم. Celtic spirit (كېلتىك روﻫى) ﻫەسرەتلىك ئاڭلانسىمۇ، لېكىن ئايرىشلار ناﻫايىتى خۇشۋاق كۆرۈندىكەن. بارسېلونا شەﻫىرىنىڭ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىدە گېرمانىيىلىك فىلىپ دېگەن بالا نېمىسلارنىڭ ۋەتىنىدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىشى كېرەكلىگى ۋە ياۋروپا (ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دىمەكچى) نىڭ توغرا يۆنۈلۈشكە كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ستراسبۇرگتا مالۈ ئىسىملىك فرانسۇز ئايال ئېلزاسلىقلارنىڭ ئېچىنىشلىق تارىخى سەۋەبلىك شۇنچە كونسېرۋاتىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئۈچنچى قېتىم پارىژغا كەلگىنىمدە ﻫاككاۋۇر پارىژلىقلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈمنى ناﻫايىتى يىگانە سەزدىم ۋە ﻫامان بىر كۈنى فرانسۇزچىنى (لېكىن پەقەت فرانسۇز تىلىنىلا(⑩① تولۇق ئىگەللەشكە نىيەت قىلدىم.
ﻫەر قېتىم، ناۋادا مەن لوندوندىن گېرمانىيىنىڭ قانداق بىر يېرىگە كەلمەي، ئۆزۈمنى خۇددىي ئۆز ئۆيۈمدىكىدەك ئازادە ۋە خاتىرجەم ﻫىس قىلىمەن. نېمىسلارغا بولغان بۇنداق ﻫېرىسمەن تۇيغۇم مېنىڭ نېمىسلارنىڭ قاتتىق سۆڭەكلىكى ۋە نېمىس مۇتەپەكككۇرلىرىنىڭ پەلسەپە ئىدىيىلىرىگە بولغان ﻫېيقىشىمدىن سىرت، فغىتسېن ۋە پرۇسىيە ناخشىچىلار كۇلۇبىدىكىلەرنىڭ دوستانە ۋە ﻫەمدەملىكى سەۋەبىدىندۇر. بۇ كۇلۇبلار مېنىڭ گېرمانىيە جەمىيىتنى كۈزىتىشىمدىكى كۆزنەك بولدى. فغىتسېن ۋە پرۇسىيە كۇلۇبلىرىدىكى كەيپىيات ماڭا گېرمانىيدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى..
2007-يىلى ئاپرىلدا دادامنىڭ ساقسىزلىقى تۈپەيلى ئۆيگە قايتتىم. بەخىتكە قارشى دادام 10-ئاۋغۇستتا تۈگەپ كەتتى. بۇ يىلدا بىز ناﻫايىتى ئېغىر ۋاقىتنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق. مەن دائىم ئىچىمدە شۇنداق بىر قۇرۇقلۇقنى ﻫىس قىلىمەن ۋە ئۇزۇن يىلللىق يات ئەللەردە يۈرۈش سەۋەبلىك دادامغا قاراپ بولالمىقانلىقىمدىن كۆپ ئەپسۇسلىنىمەن. دادامغا 40 كۈن قارىلىق تۇتقاندىن كېيىن، 2007-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئىشلىرىمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يەنە لوندونغا ئۇچتۇم. ئاپام بارلىق شەرق ئائىلىلىرىگە ئوخشاشلا مېنىڭ ئۆزىگە يېقىن تۇرۇشۇمنى، تېنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشۈمنى ۋە ئۆيلىنىشىمنى ئارزۇلايتتى. مەن بۇنىڭغا قوشۇلدۇم. شۇ سەۋەبلىك مەن داۋاملىق ئوقۇشۇمنى ئۈزۈپ ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. نويابىردىن باشلاپ بۇرۇنقى خىزمەت ئورنۇمغا قايتتىپ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم.
مەن فغىتسېن كۇلۇبىنى، پەستىكى پىۋا باغچىسىنى ۋە كۇلۇبتىكى كاتتا يىغىلىشلارنى، ﻫەر چارشەنبە كەچتىكى كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشلارنى، پىۋا ئىستىكانلىرىنىڭ جاراڭشىشلىرنى ۋە كۈلكىلەرنى، بارباروزا، ئارمىن ۋە مانۇئېلا②⑩نىڭ ئالما تورتىنى ئويلايمەن. يەنە شۇنداقلا 2001-يىلى مايدا ۋايمار شەﻫىرىدىكى گېرمانىيە ناخشىچىلار كۇلۇبلىرىى كۈنى، (تۇنجى قېتىم پاراتتىن ئۆتۈپ رەئىس سەﻫنىسىگە چىقىپ) خېلى پەخىرلەنگەن 2001-يىلى دېكابىردىكى فغايبۇرگ شەﻫىرىدىكى ناخشىچىلار كۇلۇبلىرىنىڭ يىغىلىشىنى، 2002-يىلى فېۋرالدا كاسسېل شەﻫىرىدىكى 400 كىشلىك چوڭ يىغىلىشنى ۋە كاسسېل شەﻫىرىنىڭ شەﻫەر باشلىقىنىڭ Roland Koch ⑩③نىڭ نامىنى خاتا دەپ قويغاندىكى خىجىلچىلىقىنى، كارلسغۇﻫە، يېنا، بېرلىن، ميۇنخېنلاردىكى ئۇچرىشىشلارنى، غۇدېلسبۇرگ قەلئەسىگە قىلغان ئۈچ قېتىملىق سەيلىنى ۋە ئۇ يەردىكى پىۋا ئىچىشىش ئويۇنىنى (دىمەككى بېنېدىكنىڭ شەپكىسىگە پىۋە قۇيۇپ ئىچۈرگىنىمزىنى) دائىم ئەسلەيمەن. بىز غۇدېلسبۇرگ قەلئەسىدە پەستىكى گۆزەل زالې دەرياسىنىڭ جەينىكىگە نەزەر تاشلاپ تۇرۇپ، «ئۇ يەردە زالې جەينىكى ـــ بۇ يەردە غۇدېلسبۇرگ» دېگەن ناخشىنى ئېيتقانىدۇق. بۇنى ﻫىچكىم ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەن فغىتسېن ۋە پرۇسىيە كۇلۇبلىرىدا ئوبدان كۆنۈپ، گۆزەل ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭ بۇ يەردە ناﻫايىتى تەلىيىم بولدى.
گەرچە مەن زادىلا ياخشى ئېيتالمىساممۇ، لېكىن «ﻫاللې دەرياسى بويىدىكى ئايدىڭ ساﻫىلدا»، «يىگىتلەر ئۆيۈڭلاردىن چىقىڭلار»، «ۋەتەن»، «قېنى ئەمسە كۆتىرەيلى»، «كونا مابۇرگ»، «ئاسكالوندىكى قارا ۋالفىش» تەك ناخشىلارنى ياخشى كۆرۈمەن. ناۋادا كۇلۇبنىڭ بۇ ناخشىلار توپلىمىىنىڭ بىر ياخشى ئۇنئالغۇ نۇسخىىسى بولغىنىدا ئىدى، مەن ئۇلارنى بۇ يەردە ــ ئۆز ئۆيۈمدە ئاخشاملىرى ئاشخاندا قايناۋاتقان قەﻫۋەنىڭ پۇرىغىدىن ﻫوزۇرلانغاچ ئولتۇرۇپ راۋرۇس ئېيتىشنى ئۆگەنگەن بولاتتىم.
   ئۆزۈمنىڭ ياۋروپادىكى يەتتە يىلدىن ئارتۇق تۇرمۇشۇمدىن بىر كىتاپ يازدىم. «ياۋروپادىكى ياۋا يىللار» دېگەن بۇ كىتاۋىم ﻫازىر نەشىرياتتا. تەلىيىمگە بۇ يىل يىل ئاخىرغىچە نەشىردىن چىقار.
    بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن مەن گېرمانىيەدە داۋاملىق دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئىمكانىيىتى تاپالىشىمنى ئۇمىد قىلىمەن. ناۋادا بۇ ئىشقا ئاشسا، سىلەرنى فغىتسېن كۇلۇبىغا بېرىپ يوقلايمەن ۋە يىغىلىشلارغا ئىشتراك بولىمەن. بەلكىم بۇ يىل توي قىلىشىم مۈمكىن. شۇنداق بولسا مەن نۇرغۇن كۇلۇبدشلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ توي مەرىكەمگە قاتنىشىىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنى چىن يۈرەكتىن تەكلىپ قىلىمەن! (ۋاقتى مۇقىم بولغان ﻫامان سىلەرگە خەۋەر قىلىمەن.)
ﻫەممىڭلارنىڭ يېڭى بىر يىلىڭلارغا چىن قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن ــ بەخىت، ئۇتۇق ۋە خوشاللىق يار بولسۇن!
  قېرىنداشلارچە سالام
رەپقەت،
2008-يىلى 5-فېۋرال، ئۈرۈمچى
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاﻫاتلار:
① فغىتسېن (Fritzen) ــ ﻫاللې شەﻫىرىدىكى غەيرى رەسمى ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرىنىڭ بىرى بولغان  Saengerschaft Fridericiana zu Halle دېگەن ناخشىچىلار كۇلۇبىدىكىلەرنىڭ ئاتىلىشى. (گېرمانىيىدە بۇ خىل ناخشىچىلار كۇلۇبلىرىدىن 16، ئاۋىسترىيىدە 4، شىۋىتسارىيىدە 1 سى بار. بۇ كۇلۇبلارنىڭ كۆپۈنچىسى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمدا ياشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىى ئۇرغۇتۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان. گەرچە فرانسىيە-پرۇسىيە ئۇرىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۇلۇبلارنىڭ بۇ تارىخىيى ۋەزىپىسى ئۇرۇندىلىپ بولۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر ئەنئەنىگە ئايلانغان ۋە ﻫازىر ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش يۈزىسىدىنلا مەۋجۈت. مەن بۇ كۇلۇبتىن ياتاق ئىجارە ئېلىپ كۆچۈپ كىرگەن بىرىنچى كۈنى بۇ كۇلۇبتىكى كرىستوف لەڭە دېگەن ئوقۇغۇچىدىن بۇ كۇلۇبنىڭ نېمە سىياسى مەقسىدى بارلىقىنى سورىغان. ئۇ كۈلۈپ قويۇپ، قىسقىچىلا :«Wein, Weib und Gesang » (ۋىنۇ، ئايال ۋە ناخشا) دېگەن. لېكىن نېمىس تىلى رايونىدا كۇلۇب، مەسلەك، ئۇيۇشمىغا قاتنىشىپ شۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىنتايىن ئومۇملاشقان. شوڭا بۇ كۇلۇبلار يەنىلا ﻫاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ مەخسۇس فورمىسى، سىمۇۋۇللۇق مەنىگە ئىگە لېنتىسى ۋە پاگونلىرى بولىدۇ.)
مەنمۇ بۇ كۇلۇبنىڭ ئەزاسى. يېقىندا كۇلۇبتىكىلەر مېنىڭ كۇلۇبتىن ئايرىلىپ كەتكىنىمگە ئۇزۇن بولغانلىقىنى، نۇرغۇنلارنىڭ مېنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىش-ئەمەلىمدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، شوڭا كۇلۇب ژورنىلىنىڭ بۇ يازلىق مەۋسۈمدىكى سانىغا بىر ئاز نەرسە يېزىپ بېرىشىمىنى سورىدى. شۇ سەۋەپلىك مەن بۇ نامۇ-نىشاندىن ئەسەرنى يېزىپ ئەۋەتتىم. ئۇلار ئۇنى باستى ۋە ماڭا بىر نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەردى. كۇلۇب باشلىقى كلائۇس مارتىن ئەرتلە كۇلۇبتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى توغرىلىق مۇنداق يازىدۇ: «كۇلۇبتىكى نۇرغۇنلار بۇنىڭغا ناﻫايىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىنكاسىدا بولدى، ئۇلار سېنىڭ فغىتسېن كۇلۇبى ﻫەققىدە ناﻫايىتى مۇﻫەببەتلىك يازغىنىڭدىن ۋە كۇلۇبىمىز بىلەن بولغان ﻫىسسىي مۇناسىۋىتىنىڭنى شۇنچە گۆزەل تەسۋىرلىگىنىڭدىن بەك سۈيۈندى.» ئۇ ماقۇل كۆرسەم بۇ خەۋەرنىڭ بىر قىسمىنى گېرمانىيە ناخشىچىلار جەمىيىتىنىڭ ئورگان ژورنىلىدا باسىدىغانلىقىنى دېدى. ماقۇل دېدىم.
فغىدىتسىيانا (Fridericiana) ناخشىچىلار كۇلۇبنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەجبۇريەتلىرى بار:
ئۇيۇشما پىرىنسىپى: ﻫايات بويى ﻫەممە ئىشتا ئۆز-ئارا بىر-بىرسىگە سادىق ۋە ياردەمدە بولۇش.
مۇزىكا پىرىنسىپى: بۇ كۇلۇبىنىڭ مۇددىئادىسى مۇزىكا بىلەن تەربىيلىنىشىنى ، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ناخشىسىنى، خورنى ياخشى ئورۇنلاشنى ئاساس قىلىدۇ.
رەڭ پىرىنسىپى: بۇ ناخشىچىلار كۇلۇبىنىڭ رەڭ بەلگىسى (يەنى فورما، لېنتا، پاگونلىرىدىكى رەڭ) «كۆك-ئاق-كۆك». كۆك ــ ئۆز-ئارا ۋە شۇنداقلا كۇلۇبقا بولغان ساداقەتمەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. ئاق ــ پاك ئىززەت ــ ﻫۆرمەت ۋە سەمىمىي دوستلۇقنى كۆرستىدۇ. كۆك ـــ مۇزىكىغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.
كەڭ قورساقلىق (تەخىرچانلىق) ۋە ئەركىنلىك پىرىنسىپى: بۇ ناخشىچىلار كۇلۇبى گېرمانىيە فىدراتىپ جۇمﻬۇريىتىنڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى قىممنەت قارىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ ئىچكى ۋە تاشقىي جەﻫەتتىن كەڭ قورساق (تەخىرچان.) بۇ كۇلۇب پارتىيە-سىياسەتلەردىن ۋە دىنىي خاﻫىشلاردىن مۇستەسنا ئۇيۇشما.
ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش، نەتىجە ۋە مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى: بۇ كۇلۇب ئۆزىنىڭ ئەزالىرىدىن پەقەت پەقەت ئوقۇشتىلا نەتىجە يارىتىپ قالماي، بەلكى ئىجتمىمائىي ۋە كەسپىي جەﻫەتتىكى سەرخىلاردىن بولۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ كۇلۇب مۇقىم ئۇيۇشما دائىرسىدە ﻫەر بىرەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە كەسپىي مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇغان ﻫالدا خاراكتىرىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
ئىقتىسادىي مۇستەققىلىق پىرىنسىپى: بۇ كۇلۇب ئۆز ئىقتىسادىنى ئەزالىرىنىڭ (يەنى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئەزالىرنىڭ ) ئەزالىق بەدەل پۇلى ۋە ئىئانىگە تاينىپ قامدايدۇ.
② لېنتا تاقاش ــ بۇ يەردە ئەزا بولدۇم دىمەكچى. بۇ كۇلۇبلارغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ بەلگىسى بولغان ئۈچ خىل سىمۇۋۇللۇق رەڭلىك، ئوڭ مۈرىدىن سول قولتۇققا چۈشىدىغان لېنتا ئېسىلىدۇ ﻫەم كۇلۇبنىڭ يىغىلىشلىرىدا ئۇنى تاقاش شەرت قىلىندۇ. مەسىلەن
③قىلىچۋازلىق كۆرىكى (Partie) Üـ ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرى ئارا قىلىچۋازلىق ئېلىشىشى بولۇپ، بارلىق ئۇقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرى ئۇتتۇرا ئەسىردىكى چەۋەندەزلار روﻫىي ۋە ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارىي ئاساستا قىلىچۋازلىق مەشىقى قىلىدۇ. ئارىلاپ كۇلۇبلار ئارا ئۆز-ئارا مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇنىڭغا باشقا نۇرغۇن كۇلۇبتىكىلەرنىمۇ چاقىردۇ. بەزىدە 3-4 يۇز ئادەم يىغىلىدۇ. غەربىي بېرلىندىكى مەن كۆرگەن بۇ خىل مۇسابىقىگە گېرمانىيىنىڭ ﻫەر قايسى شەﻫەرلىرىدىن بولۇپ بىر نەچچە يۈز ياش-قېرىلار كەلگەن. سورۇن بايرام كەيپىياتىغا چۆككەن. نېمىسلار بۇ پائالىيەتنى ناﻫايىتى جىددىي يۇسۇندا، زور ئىپتىخىار بىلەن ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ قىلىچۋازلىق مەشىقى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان، ئىنتايىن كونكىرت بەش باسقۇچلۇق بىر خىللا ﻫەرىكەت مەشقى بولۇپ، ئېلىشىشتا (بەدەن ئۇرىلىپ، باشلا ئوچۇق قويىلىدۇ) پەقەت قارشى تەرەپنىڭ بېشىغىلا قىلىچ ئۇرۇش مەقسەت قىلىندۇ. قىلىچنىڭ ئۇزۇنلىقى ئارلىقتىن روبىرۇ تۇرۇپ بىر قولىنى ئارقىغا تۇتۇپ، مىدىرلىماستىن قارشى تەرەپنىڭ بېشىغا بەش قىلىچ ئۇرىدۇ. بۇنداق ئېلىشىش تاكى ئۇلار ﻫالىدىن كەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. يەنە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمىمۇ تەييار تۇرىدۇ. مەن كۆرگەن ئاشۇ مۇسابىقدە بىرسىنىڭ قىلىچ تەككەن جايدىن ئاققان قان بەدىنىدىن يەرگە ئېقىپ چۇشۇپ، بىر تۇخىنىڭ قېنىدەك قان يەردە ئۇيۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئېلىشىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇردى. بۇنداق ئېلىشىشتىن بەزىدە ﻫەتتا ئۆلۈم خەۋپىمۇ كېلىپ چىقىدىكەن.
④ MBA(Master of Business Administration نىڭ قىسقارتىلمىسى) ÜÜ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق.
⑤ پوند (Pound) ئەنگلىيىنىڭ پۇل بىرلىكىنىڭ ئاتىلىشى. بۇ ئۇيغۇرچىدە فوند-ستېرلىڭ دەپ ئېلىنىپ كەلگەن. لېكىن مەن ئەسلىدىكى ئېنگلىزچىسى ۋە ئەنگلىيىدىكى ئەمەلىي ئىستىمالىغا ئاساسەن «پوند» دەپ ئېلىشنى لايىق كۆردۈم.
⑥ لوندون دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مىللەتلىك، ئىنتايىن ئارلاشما مەدەنىيەتلىك شەﻫەر بولۇپ، بۇ شەﻫەردە ئادەملەر 350 خىل تىلدا سۆزلىشىدۇ.
⑦Posh -بېكﻬامنىڭ ئايالى ۋىكتورىيەنىڭ ئاتىلشى، مەنىسى سەتەڭ،گۆزەل، جانان. ئۇ ئەنگلىيدىلى ئەڭ ئۇرۇق ئايال. ئۇ مەلىكە دىئاننادىن كېيىنكى نۆۋەتتە ئەنگلىيىدىكى گېزىت-ژورناللار ئەڭ كۆپ خەۋەر قىلىندىغان ئايال.
Jordan ــ ئەسلى ئىسمى Katie Price، ئەنگلىيىدىكى كۆكسى ئەڭ چوڭ داڭلىق مودېل.
Moss Kate ــ زەﻫەر چېكىش سەتچىلىكى بىلەن تېخىمۇ نامى چىققان ﻫازىرقى ئەڭ داڭلىق مودېل.
⑧Russel Brand- ئۇزۇن چېچىنى يىللاپ تارىماي قويۇۋېتكەن، بەدەنگە چىپ ئىشتان-كۆينەك كىيىپ، يازدا بوينىغا ئۇزۇن شارپا ئارتىۋالىدىغان، كىچىكىدە دائىم دۇكاندىن نەرسە ئوغۇرلايدىغان، بىر مەﻫەل شەﻫۋەتخورلۇقتىن قاتتىق چۈشكۈنلەشكەن تېلۋىزيە پروگرامما رىياسەتچىسى.
Pete Doherty- زەﻫەر خۇمار ناخشىچى، Kate Moss نىڭ ئوغۇل دوستى. ئۇ ﻫەتتا زەﻫەر ئېلىپ يۈرگەنلىكىدىن ساقچىلار تەرپىدىن بىر كۈندە ئىككى قېتىم تۇتۇلغان. ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا كىرگەن. ئىككى قېتىم زەﻫەر تاشلاش سانىتورىيىسىدىن يالتىيىپ يېنىپ چىققان.
(man) Metrosexualــ ئەنگىلىيىلىك ژورنالىست مارك سىمپسون 1994-يىلى «مۇستەققىلىق» گېزىتىدە تۇنجى ئىشلەتكەن سۆز بولۇپ، ئۇ كۈچلۈك ئىستېتىك تۇيغۇغا ئىگە، نۇرغۇن ۋاقتى ۋە پۇلىنى ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا سەرپ قىلىدىغان، ئاياللارنىڭ قىزقىشىنى قوبۇل قىلغان سىپايە ئەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ زامانىۋى ئەرلەر ر ئەڭ يېڭى مودىنى قوغلىشىپ ماڭىدۇ، مودا ۋە تېرە ئاسراشقا ئاياللارغا ئوخشاشلا ئەﻫمىيەت بېرىدۇ، كۆكرەكلىرىنى قىرىدۇ، قېشىنى ياسايدۇ، چېچىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىياپىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا شەيدا بولۇپ، ئاياللارنى ئەڭ يېقن دوست تۇتىشىدۇ. بۇ خاﻫىش ئامېركا ۋە ئەنگلىيە مودا ۋە ئۇسلۇب ساﻫىسىدە بىر مەﻫەل ئەۋج ئالغان. داڭلىق metrosexuals دىن بىر ئاز ئايالچە كۆرۈندىغان دېۋىد بېكﻬام، جۇدې لوۋ، ئورلېئاندۇ بلۇم (كىنو چولپانلىرى) لار بار. يېقىندا Ubersexuals دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولدى. ئۇ ئەنئەنىۋى ئەرلەر مودىسغا، ئەرلەرنىڭ قىممەت قارىشىغا قايتقان، ئىسىل ۋىنۇ، سىگاردىن ﻫوزۇرلىنىدىغان، ﻫاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئەرلىك خاسلىقى كۈچلۈك، ﻫاياتنىڭ ﻫەرقايسى تەرەپلىرىدە مۇرەسسەسىز خاراكتىرنى نامايەن قىلىدىغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا سىياسى جەﻫەتتىن قىزغىن كۆڭۈل بولىدۇ، ئاياللارغا ﻫۆرمەت قىلىدۇ، ئەرلەرنى ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى ﻫىساپلايدۇ. بۇ تىپقا داڭلىقلاردىن جورجى كلۇنىي (كىنو چولپنى)، دونالد ترامپ (ئامېركىلىق مىلياردېر، تېلۋىزيە پروگرامما رىياسەتچىسى) ۋە بىل كلىنتونلار كىرىدۇ.
⑨Toscana (توسكانا) ــ ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا-غەربىدىكى رايون، مەدەنىيەت ئويغۇنىشى مۇشۇ يەردىن باشلانغان، ياۋروپا يېقىنقى زامان مەدەنىيەت- سەنئىتىنىڭ بۆشۈكى.
Renaissance (غۆنېسساڭس) ــ فرانسۇزچە سۆز، مەنىسى قايتا توغۇلۇش. ئۇ ياۋروپادىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە شۇ دەۋرنى كۆرسىتىدۇ.
⑩Maria Stuart (مارىيا ستۇئارت 1542-1587) ــ شوتلاندىيە ئايال پادىشاﻫى. ئەنگلىيىلىكەر بىلەن بولغان جەڭدە يارىلىنىپ شەكراتتا ياتقان شوتلاندىيە پادىشاﻫى جېمىسV قىز تۇغۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ «ستۇئارت خاندانلىقى بر ئايال بىلەن قۇرۇلغان ئىدى، ئۇ ئەمدى يەنە بىر ئايال بىلەن تۈگىشىدىغان بولدى» دېگەن. مارىيا-ستۇئارت ئالتە كۈنلۈك بولغاندا دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ شوتلاندىيە پادىشاﻫلىق تەختىگە ئولتۇرغان. مارىيا 6 ئايلىق بولغاندا جېمىسV نىڭ تاغىسى ئەنگلىيە پادىشاﻫى ﻫېنرىⅧ كەلگۈسىدە بۇ ئايال پادىشاﻫنى ۋە شوتلاندىينى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنى ئوغلى ئېدۋاردقا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چاي ئىچۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 1548-يىلى فرانسۇز خان جەمەتىدىن بولغان ئاپىسى 6 ياشلىق مارىيانى فرانسىيىگە يولغا سالىدۇ ۋە ئۇنى فرانسىيە شاﻫزادىسىگە ئېلىپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈيدۇ. مارىيا ستۇئارت 1558-يىلى فرانسىيە شاﻫزادىسى فرانكسⅡ گە ياتلىق قىلىندۇ. شۇ يىلى فرانسىيە پادىشاﻫى ئۆلۈپ كېتىپ، فرانسىيەگە خانىش بولىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن فرانكسⅡ ئۆلۈپ كېتىپ فرانسىيىنىڭ پادىشاﻫلىقىغىمۇ ئۇنىڭغا قالىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەلىي ﻫوقۇق بەرمىگەچكە 1561-يىلى شوتلاندىيىگە قايتىپ بېرىپ، شۇتلاندىينى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرىشىنى قوزغايدۇ. (ئۇ يەنە بىر نەۋرە ئاچىسى ــ ئەنگلىيە ئايال پادىشاﻫى ئېلزابىت1 بىلەن ئەنگلىيە پادىشاﻫلىقىنىمۇ تالاشقان. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا ئەنگلىيە پادىشاﻫى ﻫېنرىⅧ ئۆلۈپ كېتىشتن بۇرۇن قىزى ئېلىزابىت1 نىڭ قانۇنىي تەخت ۋارىسلىق ﻫوقۇقىنى ئېتراپ قىلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىزابىت1 دادىسىنىڭ دىنىي سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ رىم كاتولىك پاپىسىدىن مۇستەققىل بولۇپ ئەنگلىيە چېركاۋىنى قوللىغاچقا، ئەنگلىيدىكى كاتولىك كونسېرۋاتىپ ئاقسۆڭەكلەر، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە پادىشاﻫلىقى مارىيا-ستۇئارتنى ئەنگلىينىڭ پادىشاﻫلىقىىنى تارتىۋېلىشقا ئاسترىتتىن كۈشكۈرتكەن.) 1568-يىلىشوتلاندىيىدە كېنەزلىرى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مارىيا-ستۇئارت ئېلىزابىت1 پاناﻫلىق تىلەپ ئەنگلىيە تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. لېكىن ئويلىمىغاندا ئېلىزابىت1 ئۇنى تۇتۇپ ، بىرا قەلئەگە نەزەر بەند قىلىدۇ. نەزەربەندتە 26 ياشلىق مارىيا ئۆز كىيىمىگە مەشﻬۇر سۆزى"En ma Fin gît mon Commencement" (مېنىڭ ئاخىرلاشقىنىم بشلىنىشمدۇر) نى كىيىمىگە كەشتىلەيدۇ. مارىيا-ستۇارت 19 يىل نەزەربەند ئاستىدا ياشايدۇ. ئېلىزابىت1 نىڭ بۇيرىقى بىلەن 1587-يىلى ئىككى خانلىقنىڭ ﻫامىيسى، پروتېستنان دىنىنىڭ تەقۋادار قوغدىغۇچىسى، سىياسى ساﻫەدىكى قورقۇمسىز-مۇرسسەسىز قەﻫرىمان، ياۋروپا يېقىنىقى زامان تارخىدىكى مەشۇر تراگىدىك ئوبراز، ئۆز زامانىسىنىڭ بۇ تەڭداشسىز گۆزىلىنىڭ كاللىسى 44 يېشىدا ئاي پالتا بىلەن چېپىپ تاشلىندۇ. ئۇ ئۆلۈم ئالدىدا ئېنگلىز ئاقسۆڭەكلىرىگە شۇنداق دەيدۇ: ”Remenber Gentlemen, the Theatre of history is wider than the realm of England” (ئېسىڭدە تۇتۇڭلاركى جانابلار، تارىخنىڭ تىياتىرخانىسى ئەنگلىيە پادىشاﻫلىقدىن كەڭ.) لېكىن ئېلىزابىت1 ئەتىسىگىلا ئۆز بۇيرىقىغا پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ ئۈلگۈرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مارىيا-ستۇارتىنى ئۆلتۈرۈشكە قول تىققان بارلىق ئاقسۆكەكلەرنى قاتتىق جازالايدۇ ۋە بىر نەچچەىسىنىڭ بېشىنى ئالىدۇ. شىللېرنىڭ مەشﻬۇر دىراممىسى «مارىيا-ستۇئارت» مۇشۇ تارىخىي ۋەقەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ناﻫايىتى مەسخىرلىكى، مارىيا ستۇئارت ئۆلۈپ 14يىلدىن كېيىن، يەنى 1601-يىلى ئېلىزابىت1 مۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بالىسى بولمىغاچقا، ئەنگلىيە پاداشاﻫلىقى نەسەپ سۈرۈشتە قىلىنىپ شوتلاندىيە پادىشاﻫى ـــ مارىيا ستۇئارتنىڭ ئوغلى جېمىسⅥ گە قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈز يىللاپ شوتلاندىينى بېسىۋېلىش نىيتىدە سكوتلار بىلەن توختىماي ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن ئەنگلىيە پادىشاﻫلىقى بىلەن ئۇلارغا باشتىن-ئاخىر تىز پۈكمەي كەلگەن شوتلاندىيە ناﻫايىتى تەبىي يۇسۇندا بىرلىشىپ كېتىدۇ. 1612-يىلى جېمىسⅥ ئاپىسى مارىيا-ستۇئارتنىڭ قەبرىسىنى لوندونغا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇنى ئەنگلىيە خانلىق جەمەتىگە تەۋە بولغان ۋېست-مىنىستېر مۇناستىرىغا، ئېلزابىت 1نىڭ يېنىغا قويىدۇ. مەن 2002-يىلى قىشتا بۇ مۇاستىرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا ﻫايات ۋاقتىدا زادىلا يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بۇ ئىككى ئاچا-سىڭىل، ئىككى پادىشاﻫ، ئىككى دىننىي مەزﻫەپنىڭ قوللۇغۇچىسى بىر مېتېر ئارلىقتىن بىر-بىرىگە قارىشىپ ياتاتتى. مەن ۋېليام ۋوللىسنىڭ مۇنارىغا چىققاندا، ئەگەر سكوتلارنىڭ بۇ جەسۇر ئوغلانى مارىيا-ستۇارتنىڭ تىراگىديىسىنى ۋە كېين قانداق قىلىپ شوتلاندىينىڭ ئەنگلىيىگە قارام بولۇپ قالغانلىقنى بىلسە نېمە دەر ئىدى دەپ ئويلىدىم.
⑩①نېمىس تىلىدا فرانسۇزچە دېگەننى بىلدۇرىدىغان Franzoesisch دېگەن سۆزنىڭ ئېغىز تىلىدا جىنسىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر بىر مەنىسى بار.
②⑩ بارباروزا (Barbarosa) ــ كۇلبنىڭ ئىتى، مەنىسى سېرىق ساقاللىق. بۇنىڭغا ئوپچە قارىلىدۇ.)
ئارمىن (Armin) ــ فغىتسېن كۇلۇبدىكى بېرند بېرگمان دىگەن بالا بىلەن ئۇنىڭ قىز دوستى مانۇئېلا نىڭ بالىسى. مەن ئۇلار بىكەن يېقىن ئۆتكەن ۋە بۇ بالا 2002-يىلى مەن ئەنگلىيىگە مېڭىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن توغۇلغان.
مانۇئېلا (Manuela) ــ بېرگماننىڭ قىز دوستى، سۈيۈملۈك نېمىس قىزى. ئۇ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئالما تورتى پىشۇرۇپ بەرگەن.
Roland Koch⑩③ (رولاند كوخ)-ﻫازىرقى گېرمانىيە ﻫاكىمەت بېشىدىكى پارتىيە ـــ خىرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقىدىكى 2-نومۇرلۇق شەخس، ئۆز ۋاقتىدىكى ﻫېسسېن شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى.


ئۈستىگە قايتىش
semender
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 2261
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 8
يازما: 6
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-7-26
ھالىتى: توردا يوق
تولىمۇ ياخشى تېما ئىكەن. v;e8W9M
http://bbs.yaxla.com/index.php بۇ ياشلار بىلىم مۇبىرى ئادرېسى. دوستلارنىڭ كۆرۈپ باقسا زىيان تارتمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىدۇ.

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-6 06:43
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى