ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
قىزىم يوق، تېلېفۇننى خاتا ئۇرۇپسىز - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
قىزىم يوق، تېلېفۇننى خاتا ئۇرۇپسىز
 يوللىغۇچى:未知  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:1000  

بىنانىڭ پەلەمپىيىدىن تاقىلداپ چۈشۈپ سىرىتقا ماڭدىڭ،مەن بىر قاراپلا،سىنىڭ جانان چىنىدەك سۈزۈك چىرايىڭنى خاپىلىق تۇمانلىرى قاپلىغانلىقىنى كۆردۈم ۋە «نىمە بولغاندۇ» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم.ھە.......ئەمدى بىلدىم.ئون نەچچە قەدەم ئارلىق قالدۇرۇپ، ئاناڭمۇ ئارقاڭدىن ئالدىراپ چۈشتى.ئۇنىڭ ھىلىلىدەك قورۇلغان چىھرى تاتىرىپ كىتىپتۇ،ئۇ ساڭا يىتىشتى.ئەلەم يىغىپ تۇرغان چىھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ مۇلايىملىق بىلەن بىرنىمىلەرنى دېدى. لىكىن ،سەن چىرايىڭنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاناڭغا قاردىڭ ۋە
__تېزرەك ماڭە،ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرمەي،-دېدىڭ

ئاھ يۈرىكىم،مەن ئازاپلاندىم،مەن پۇچىلاندىم.مەن بۇھالدا ،قىرى ئاناڭ قانچىلىك ئازاپلانغاندۇ -ھە! لىكىن ئۇ سېنى كەچۈردى بولغاي ،بۇ نۆۋەت ئاناڭنىڭ ھەسىرەتلىك تىتىرەڭگۈ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم

__ قىزىم،ئەتىگەن تاماق يىمىگەن ئىدىڭ
................. 
لىكىن سەن ئۇنى قاتتىق سىلكىپ سۆزدىن توختاتتىڭ

ھە .......ئەسلىدە ئاناڭ ساڭا تاماق ئلىپ كەپتىكەن-دە! لېكىن سەن مۇشۇنداق ئاناڭنىڭ بولغىندىن پەخىرلەنمەي نۇمۇس قىلدىڭ

تىڭشا قىزچاق
!................ 
ئاناڭنىڭ ئاشۇ قورۇلغان چىھرىدىن نۇمۇس قىلامسەن؟! بىلسەڭ، ئاناڭ گۈزەل چىھرىنى ساڭا بەرگەن ئەمەسمىدى؟ بۇ سەن ئۈچۈن ئىغىر مۈشكۈللەرنى تارتىپ گۈزەل سىماسى سۇلمىغانمىدى؟
.......... 
ئەي قىزچاق! ئاناڭنىڭ بىشىدىكى لىچەكتەك ئاق چاچلىردىن نۇمۇس قىلامسەن؟

بىلسەڭ،ئاناڭ ئۆزىنىڭ قۇندۇزدەك چاچلىرنىڭ رەڭگىنى،ھازىر سىنى گۈزەللەشتۈرۈپ تۇرغان سۇمبۇل چاچلىرىڭغا بەرگەن ئەمەسمىدى؟كىچە-كۈندۈز سەن ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ ،قۇندۇز چاچلىرنىڭ رەڭگىنى يوقاتقان ئەمەسمىدى؟ئەي قىزچاق! ئاناڭنىڭ ئاشۇ ئاجىز،گەۋدىستىن نۇمۇس قىلامسەن؟

چۈشەنسەڭ،بۇمۇ سەن ئۈچۈن ئاجىزلىغان تەن. سەن ئاناڭنىڭ كۆكسىنى تەۋرىتىپ يورۇق ئالەمگە كۆزئاچقىنىڭدا،ئاناڭ قانچىلىك خۇشال بولغان ئىدى- ھە؟!ئۇ سىنى ياخشى بىقىش ئۈچۈن،كۈچى بىلەن يۇغۇرلغان ئاق سۈتىنى ساڭا بەرگەن ئەمەسمىدى؟ ساڭا ياخشى يىگۈزۈش ،ياخشى كىيگۈزۈش،دوستلىرىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، تىمەن تېنىنى ئۇپۇرتۇپ جاپالىق ئىشلىگەن ئەمەسمىدى؟
!......... 
ئاناڭنىڭ سەن نۇمۇس قىلغان ھەممە تەرەپلىرى،سەن ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىرىنىڭ ئىزناسى ئەمەسمۇ؟
!.......... 
ئەي قىزچاق

ئاناڭ يەنىلا سەن ئۈچۈن سەكپارە بولماقتا ،سەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەكتە.ئويلاپ باق!. ئەل ئالدىدا جاۋاپ بەر .ئاناڭنىڭ سەن نۇمۇس قىلغۇدەك زادى قانداق گۇناھى بار؟
!!!!!!!!!!!!!!!...................


  بىركۈنى بىريەرگەئالدىراش كېتىپ باراتتىم، يانغۇنۇم جىددىي سايراپ كەتتى.ئۇنى دەرھال قۇلىقمغا ياقتىم،قارشى تەرەپتىن بىرقىزچاقنىڭ 


دادا،تېز قايتىپ كېلىڭ،مەن سزنى بەكمۇ سېغىندىم،-دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.مەن
مېنىڭ قىزىم يوق،تېلفۇننى خاتائۇرۇپسىز!---دەپلا تېلىفۇننى قويۋەتتىم.كېيىنكى بىرقانچە كۈندەيەنە شۇنۇمۇردىن توختىماي تېلغۇن كەلدى.بەزىدە تېلېغۇننى ئىلىپلا ئېتىش كۇنۇپكسنىبېسۋەتسەم،بەزىدە ئۇتېلېفۇننى قەتئىيلا قوبول قىلمىدىم.بىركۈنى <يەنە شۇ نۇمۇردىن تېلېفۇن كېلشنڭ ئاخىرىقى كۈنى>يەنە تېلېفۇن كەلدى.بۇ كۈنكىپەرق شۇكى، مېنىڭ تېلېفۇننى زادىلا ئالغۇم كەلمسمۇ قارشى تەرەپ توختماستىن تېلېغۇن بېرۋەردى،ئاخىرى سەۋرىم تېشىپ تېلېغۇننى قوبۇل قىلدىم .يەنىلا شۇ قىزچاقنىڭ جانسزغىنە ئاۋازى

--- دادا،سىزنى تولمۇ سېغىندىم،ئانام تېلېغۇننى خاتا ئۇرمىدىڭىز دەيدۇ،بۇدەل سىزنىڭ تېلېغۇن نۇمىرىڭىزئىكەن،ئانام سىزنى خىزمىتى ئالدىراش دەيدۇ،ئەگەركېلەلمسڭىز،تېلېغۇندا بولسمۇ مېنى سۆيۈپ قويۇڭ بولامدۇ؟---قىزچاقنىڭ ساددا تەلىپىنى رەت قىلغۇم كەلمىدى،مەن تېلېغۇنۇمنىڭ مىكرافۇنىغا بىرقانچىنى سۆيۈپ قويۇۋېدىم،قىزچاق ئۈزۈپ-ئۈزۈپ__دادا،مەن بەك خۇشال بولدۇم،سىز.....بەك....دېدى-دەسۆزىئۈزۈلۈپ قالدى.كەينىدىنلا بىرئايال بوشقىنا

كەچۈرۈڭ ئەپەندى،نەچچە كۈندىن بۇيان سزنى كۆپمالال قىلدىم،بىچارە قىزىمنىڭ تەقدىرى تولىمۇ كاج كەلدى.ئۇتۇغۇلشىدىنلا سۆڭەك راكغا گىرپتار بولغان،ئۇنىڭ دادسمۇ يىقىندىلا قاتناش ھادسىسدە قازا قىلغانىدى.قىزىمنىڭ دادسىنى كۆرگۈسى كېلىپ قىلغان نالسىگە چىدىيالماي،يادىمغا كەلگەن بىر نۇمۇرنى توقۇپلا ئۇنڭغا دەپ بەرگەنىدم،بايا سز ئۇنى تەلىپى بويچە سۆيۈپ قويۇۋېدىڭىز،ئۇكۈلۈمسىرىگنىچە كۆزيۇمدى.......دېدى.بۇگەپنىئاڭلاپ كۆزچاناقلىرىمغا تولغان ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكەباشلىدى
..... 
بۇ كىشلىك دۇنيادا بىزھايات قىسمەتلىرىنى،سوغۇق قانلىقنى ئاستا_ئاستا ئۆگىنىمز...قاراڭ!بۇدۇنيا ناھايىتى چوڭ بولغىنى بىلەن كىچككىنە بىريۈرەكنىڭ ئىلتىجاسىنى سىغدۇرالماسلىقى مۇمكىن ؛ ئەمما ئائىلە ئىنتايىن كىچىك بولغىنى بىلەن ئۇقىزچاقنىڭ پۈتۈن دۇنياسىنى سىغدۇرالايدۇ
.   

 


 







بىر ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى 

سۆيۈملۈك دۇنيا

ئوغلۇم بۈگۈندىن تارتىپ مەكتەپ قوينىغا قادەم قويدى. خېلى بىر مەزگىلگىچە بىر نەرسىلەر ئۇنىڭغا ناتونۇش ھەم يېڭىلىق بىلىنىشى مۇمكىن. سەنمۇ بىلىسەن، ئۇ تا بۈگۈنگىچە ئۆيىمىزدە پادىشاھ، ئارقا ھويلىمىزدا خوجايىن بولۇپ كەلدى. مەن دائىم ئۇنىڭ يېنىدا يارىسىنى تېڭىپ، روھىي جەھەتتە تەسەللىي بېرىپ كەلدىم

مانا ئەمدى ھەممە ئىش ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۈگۈن ئەتىگەن ئۇ پەللەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلۇغ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلاندى. بۇ سەپەر جەريانىدا ئۇرۇش، تراگېدىيە ۋە باشقا كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى تۇرغان گەپ. ئۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا ئىشەنگەچكە، كۈتىدىغىنىم، ئۇنىڭ يۇمران قولىدىن يېتەكلەپ، ئۇ بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەت. مۇمكىن بولسا ئۇنىڭغا مۇلايىم بولۇشنى ئۆگەت، ئۇنىڭغا دۇنيادا بىر مۇتتەھەم بولغاچقا بىر قەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، ساتقىن سىياسەتۋاز بولغاچقا قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە داھىي بولىدىغانلىقىنى، دۈشمەن بولغاچقا دوست بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىتابنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشنى ئۆگەت. تەبىئەتنىڭ مەڭگۈلۈك سېھرى توغرۇلۇق ئويلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەلگىلىك ۋاقىت بەر. ئۇنىڭغا مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدامچىلىقتىن كۆپ شەرەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈر. ئۇنىڭغا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇشنى، باشقىلار سۆزىنى رەت قىلغان تەقدىردىمۇ پىكردە تەۋرەنمەسلىكنى ئۆگەت. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جىسمانيي ۋە ئەقلىي كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى، بىراق قەلبنى ۋە روھنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇنىڭغا زوراۋانلارنىڭ جار سېلىشلىرىغا قۇلاق سالماسلىقنى. ئۆزىنىڭ پىكىرى توغرا بولغاندا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئېلىشىشنى ئۆگەت. بىراق، ئۇنى ئەركىلەتمە، چۈنكى ئوت قانچە كۈچلۈك بولسا، ھەقىقىي پولات تاۋلىنىدۇ

بۇ ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ. دۇنيا، سەن بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل كۈچۈڭنى ئىشقا سال، ئۇ ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك بىر يىگىت

مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603