مۇقەددىمە
مۇختەر شىرىن چۈش كۆرۇپ ئۇخلاۋاتاتتى، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يان تېلىفونى سايراپ كەتتى. ئۇ، بۇ ۋەھىمە بىلەن سايرىغان تېلىفوننىڭ، ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپلا تېلفوننى ئالدى. كۆرسىتىلگەن نومۇر خوتەننىڭ بولۇپ چولپان ئۇرغان ئىدى. مۇختەر خىلى كۈنلەردىن بۇيان چولپاننىڭ خەۋىرنى ئالالماي يۈرگەن، ئويلىمىغان يەردىن مانا ئۆزى ئۇرغانلىقىدىن، مۇختەر بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى.
مۇختەر:- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، چولپانمۇ. قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇرۋاتقانسىز، ئويدىكىلەرچۇ، ئۇرۇق تۇققانلارمۇ ياخشى تۇرغاندۇ؟..........
چولپان:- سىزنىڭ مەخسىتىڭىز زادى نېمە؟ تۇيۇقسىزلا تېلفوندىن چىقۋاتقان، بۇ ئاۋازدىن مۇختەر چۈچۈپلا كەتتى. شۇ ئەسنادا مۇختەر، بۇ تېلفون ماڭا خاتا كىلىپ قالمىغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ، نومۇرغا قارۋىدى، دەل شۇ مەن ئۇزۇندىن بىرى كۈتېۋاتقان ۋە ئىزدەپ خەۋىرنى ئالالمايۋاتقان، چولپاننىڭ نومۇرى .....
مۇختەر:- چولپان، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ،ماڭا نىمىشقا بۇنچىۋىلا قوپال مۇئامىلە قىلسىز؟..................
چولپان:- سەن نىمىشقا مىنىڭ، ئوقۇتقۇچۇلۇق سالاھىيىتىمنى ئىسپاتلاپ بىرىدىغان ۋە باشقا گۈۋانامىلىرىمنى ئىلىۋالسەن. سىنىڭ مەخسىتىڭ زادى نېمە، مەن سىنىڭ ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلمەن.
مۇختەر:- چولپان، گىپىمنى ئاڭلاڭ ،مەن سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي.
چولپان، بولدى قىل مەن سىنىڭ ئەمدى ھەر قانداق گىپىڭنى ئاڭلىمايمەن، بىز سوتتا كۆرشەيلى دەپلا تېلفوننى قويۋەتتى.
ئارىدا بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن مۇختەر چولپانغا تېلفون ئۇرۇپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى، ھەمدە ئۇزۇنغا بارماي خوتەنگە بىرىپ، قولدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۈۋاھ نامىلىرنى بىرىۋىتىشنى، ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى، ئويلىغاندىن كيىن قولغا تېلفوننى ئالدى.
_چولپانمۇ قانداق ئەھۋالىڭىز، قايسى كۈنى سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، ھەم سىز ماڭا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمىدىڭىز. شۇڭا بۈگۈن سىزنى ئىزدىشىمدىكى مەخسىتىم، سىزگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش بىلەن بىرگە، سىزنىڭ بۇ گۇۋاھ نامىلىرىڭىزنى ئىۋەتىپ بىرەي دەپ ئىزدىشىمتى.
چولپان_ بولدى قىلىڭ ،ماڭا ئەمدى ئۇنداق نەرسىلەرنىڭ كىرىكى يوق، سىزچۇ، ئەمدى ئۇنەرسىلەرنى ئانىڭىزغا ئاپىرىپ بىرىڭ.
مۇختەرنىڭ بۇنداق ھاقارەتكە تۇنجى قىتىم ئۇچىرىشى، ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى تەرپىدىن، تىل ئاھانەت ئاڭلىشى ئىدى.
مۇختەر شۇ ئاچچىغىدا _ ئاغزىڭنى يۇم، ۋۇ رەسۋا، قانجىق، سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇدەك بولدۇڭ، ئىسىت سەندەك بىر قارايۇزنى ياخشى كۆرۇپ قالغىنىمغا، سەن ئۆزۈڭگە ۋە ئاتا- ئاناڭغا يۈز كىلەلەمسەن، تومۇرۇڭدا دولقۇنلاپ ئىقىۋاتقان،ئۇيغۇر قىنغا، مىللىتىڭگە يۈز كىلەلەمسەن؟ قايسى كۈنى تېخى ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلمەن دەيسىنا، نىم بولغاڭغا ئەرىز قىلماقچى سەن، سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ياكى سىنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ قىنى دىمەمسەن؟ ئۇنداق بولسا ياخشى ئەرىز قىلساڭ قىلىۋەر، ئەرىز قىلىشىڭغا پۇل كىتىدۇ، مەن ساڭا ئەرىز قىلىشىڭ ئۈچۈن پۇل بىرەي، بولسا چوڭراق يەرگە بىرىپ ئەرىز قىل، ئەمسە مەن سوتنىڭ چاقىرقىنى كۈتمەن، ئىسىڭدە بولسۇن بۇ نەرسىلەرنىمۇ ئەشۇ سوتتا بىرىمەن.....................
ھىكايە
ھەر قانداق بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى، ئۆز پەرزەنتىنى ياخشىراق بىر ئالي مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى ئويلايدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى بولسا ئەشۇ ئالي مەكتەپتە ئوقۇش.
ئالي مەكتەپ دېگەن، ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىملىق ئوقۇش پۇرسىتى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ، بىر كەسىپنى ياخشى ئىگەللەپ، ئەشۇ كەسىپتىن كەلگۈستىكىلەرگە ئىز قالدۇرۇش، ۋە شۇ كەسىپتىن ئۆزىنىڭ چىقىش يولنى تىپىشتىن، ئىبارەتتۇر.
چولپانغا ئۇزۇندىن بىرى كىچە-كۈندۇز تەلمۇرۇپ كۈتۈۋاتقان، ئالي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزى ئاخىرى كەلگەنتى. بۇ خۇشاللىقىدىن چولپان، خۇددى كىچىك بالىلاردەك قىن-قىنغا پاتماي، ئۆيمۇ-ئۆي چىپىپ سەكرەپ ئوينىغىلى تۇردى. بىراق چولپاننىڭ ئاتا-ئانىلىرى، بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش تۈگۈل، نىمىلەرنىدۇ تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان غەم- قايغۇلارغا چۈمۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى بولسا، چولپاننىڭ ساق -سالامەت ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كىلشى، ئۆزنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسنىڭ يۈزىنى يەرگە قارتىدىغان ئىشنى قىلىپ قويشىدىن ئەنسىرمەكتە ئىدى.
مانا چولپان، بۈگۈن ئاتا-ئانسىدىن، ئۇرۇق-تۇققانلىردىن، قۇلۇم-قوشنا، دوسيار-بۇرادەرلىرىدىن، سۆيۈملۈك ئانا يۇرتى خوتەندىن، ئايرىلىدىغان ئاخىرقى بىر كۈن ئىدى.
قىزىم چولپان، بىزنى ھەرگىزمۇ نا ئۈمۈتتە قويمىغىن، ھەرگۈزمۇ ئۆزەڭگە ۋە بىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويمىغىن...............
ئانا شۇنداق دېگىچە ماشىنىمۇ گۈكىرەپ قوزغالدى، چولپاننىڭ ئاتا-ئانسى بولسا، قان ياش تۆككىنىچە ماشىننىڭ قارسى يۈتكىچە، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىپ قالدى.
ماشىنىمۇ،ئاخىرى كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ باردى. چولپان ۋە باشقا كونا-يىڭى ساۋاقداشلارمۇ، ماشىنىدىن بىردىن-بىردىن چۈشۈشكە باشلىدى.
چولپان بۇ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۇپ، ناھايىتىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئەتىراپتىكى قاتار-قاتار سىلىنغان ياتاق ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىنى كۆرۈپ، بولۇپمۇ رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كېيۋالغان ساۋاقداشلارنى كۆرۇپ ناھايىتىمۇ ھايا جانلىنىپ كەتتى. ئىلگىرى ئالي مەكتەپنىڭ تەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، لىكىن مۇشۇ كەمگىچە كۆرۇپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، تولمۇ ھەيران قىلۋاتقان ئىدى.
چولپان، بۇ مەكتەپنىڭ موھىتىغا ۋە ھەر تەرەپتىن كەلگەن قىز-ئوغۇل، ساۋاقداشلارغا تىزلا كۆنۇپ قالغان ئىدى. ھەش-پەش دېگۈچە، ئوقۇش باشىغىنىغا 1 ئايمۇ بولۇپ قالدى.
مۇختەر، بولسا مۇشۇ يۇرتلۇق بولۇپ، ئۇنى خىلى كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى خېزمەتچىلەر تونۇيتتى، جەمىيەتتە بولسۇن، ياكى مەكتەپتە بولسۇن مۇختەرنى تونۇيدىغانلار كۆپ ئىدى. مۇختەر بولسا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، خىلى كۆزگە كۆرۈنگەن بىز ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىدى.
بىر كۈنى سەھەردە مۇختەر، دوستى پەرھات بىلەن مەكتەپ ئىچىدە ئۇچۇرشىپ قالدى، ۋە پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدى، شۇ ئەسنادا قارشى تەرەپتىن كەلگەن چولپان، بۇلار تەرەپتىن ئۆتۇپ كىتېۋىتىپ، مۇختەر ۋە پەرھاتلارغا سالام قىلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. كەينىدىن قاراپ قالغان مۇختەرنىڭ، نىمىلەرنىدۇر خىيال قېلۋاتقانلىقىنى كۆرگەن پەرھات، نىم بولدۇڭ ھەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ، دىيشىغىلا مۇختەرنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى. شۇ ئەسنادا پەرھات، بولدى-بولدى خىجىل بولما ئاداش، ئۇ قىز بولسا بىزنىڭ سىنىپتا، ئىسمى چولپان، خوتەنلىك بولدۇ.......
شۇ ئۈچىرشىشتىن كېيىن مۇختەر، پات-پات پەرھاتنى ئىزدەپ چىقدىغان بولدى، ئەمىليەتتە مۇختەرنىڭ پەرھاتنى ئىزدىشى، چولپان ئۈچۈنتى، بۇنى پەرھاتمۇ ئاللا قاچان سىزىپ بولغان.
كۈن-ئاينىڭ ئۆتۈشى بىلەن، مۇختەرمۇ چولپاننىڭ سىنپىدىكى ساۋاقداشلار بىلەن چىقىشىپ كەتتى، ھەم بۇ ساۋاقداشلارمۇ مۇختەرنىڭ، كىم ئېكەنلىكىنى باشقا يۇقىرى قارادىكى ياكى يۇقىرى قارادا ئوقۇۋاتقان، ئۆز ى بىلەن بىر يۇرتىلىق ساۋاقداشلاردىن ئاڭلاپ بولغانتى.
شۇنداق قىلىپ مۇختەر، چولپان بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئۇلار بىر قانچە قىتىم تاماق يىگەندىن كېيىن پات-پات ئىزدىشىپ تۇردىغان بولدى، قىسقىسى مۇختەر، چولپاننى ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدى
ئارىلىقتا بىرىنجى ماۋسۇممۇ ئاخىرلىشىپ، ئىككىنجى ماۋسۇملۇق ئوقۇشمۇ باشلىدى. ئوقۇش باشلاپ خىلى كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، مۇختەر مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدۇ، چولپان ئايگۈل ئىككىسى، ئالدىقى كۈنى كەچتە مەكتەپكە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ تەسىرى ياخشى بولمىغانلىقىنى ئۈچۈن، مەكەپتە سۆز-چۆچەك بولۇپ كەتكىننى ئاڭلىدى.
دىمىسىمۇ راستە، ئىككى قىزبالا كىچىچە، مەكتەپكە قايتمىغان ياكى ئۆيگە قايتمىغان دىيىلسە، ھەرقانداق بىر ئاڭلۇغۇچى نىمىلەرنى ئويلىمايدۇ، ھەم خاتا چۈشەنمەيدۇ دېگىلى بولامدۇ؟
بۇ ئىككى قىزنىڭ مەكتەپكە قايتىپ كەلمەستىكى سەۋەبى بولسا، چولپاننىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان يۇرتدىشى، سەمەت ۋە ياسىنلار بىلەن. تاماق يىگىلى سىرىتقا چىقىپ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىلاجىسىزلىقتىن، مەكتەپكە قايتماي مىھمانخاندا قونۇپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان...................
شۇ ئىشتىن كېيىن مەكتەپتە، چولپان ۋە ئايگۈلنىڭ ئۈستىدىن، مىش-مىش گەپلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگىلى تۇردى.
چولپان خوتەندىن، ئايگۈل قۇمۇلدىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىر سىنىپتا ئوقۇيتى،ھەم بىر ياتاقتا ياتاتتى، بۇلار ئىككىسى بىر-بىرگە ناھايىتىمۇ ئوخشۇشۇپ كىتەتتى، شۇڭا كىيىم-كىچەك كەيسىمۇ بىرخىللا كىيەتتى. مەكتەپتە بۇ ئىككى قىزنى قوغلۇشدىغان ئوغۇللارمۇ كۆپەيگىلى تۇردى.........
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى قىزنىڭ كەينىدىن، سۆرۇشۇپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ توللىقىدىن. مۇختەر، بىر ئامال قىلىپ بۇلارنى بۇ سۆز-چۆچەكتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىدى. بىراق قانداق قىلغاندا بۇلارنى قۇتقازغىلى بولدۇ؟ مۇختەرنىڭ بۇنداق قىلماقچى سەۋەبى بولسا چولپاننى ياخشى كۆرۇپ قالغانتى.
كۈنلەر-ئايلانىڭ ئۆتشى بىلەن، بۇلارنىڭ دوسلۇقىمۇ چۈڭقۇرلاشقىلى تۇردى. مۇختەر، چولپان، ۋە ئايگۈللەر داۋاملىق بىرگە يۈرىيدىغان، بىرگە تاماق يەيدىغان بولدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى قىزنىڭ ئالدى-ئارقىستىن چىقىۋاتقان گەپلەر، كۈندىن-كۈنگە بىسىققىلى تۇردى. چۈنكى مۇختەر، ئۇلار بىلەن بىرگە ئەمەسمۇ، مۇختەرنى پۈتۈن مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار ئاساسەن بىلەتتى، ھەم ئۈنى ھۆرمەت قىلاتتى.
ئارىدا بىرىنجى يىللىق ئوقۇشمۇ ئاخرىلىشىپ، ئىككىنجى يىللىق ئوقۇش باشلىدى.
مۇختەر بىلەن چولپاننىڭ، مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسىرى ياخشى بولدى، بۇ ئىككىسنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچى ئارلىشۋىتىپتۇ دەپ ئويلايتى، ئەمەليەتتە ئۇنداق ئەمەس.
مۇختەر، چولپاننى ياخشى كۆرۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا ئەھۋالنى نىمىشقىدۇر دىيەلمەي يۈرەتتى.
بىر كۈنى چولپان، _. مۇختەر، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز بارمۇ؟
-يوق دەپ جاۋاپ بەردى. مۇختەر،_ ھەجەپ بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟.
چولپان_ سوراپ باقتىم شۇ_ ئۇلاشتۇرۇپلا_ ، سىز ياخشى كۆرىدىغان قىز بارمۇ؟ دىيشىگىلا، مۇختەرنىڭ يۈزى قىزىرىپ ئېغىزى گەپكە كەلمەي قالدى. بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇختەر جاۋاپ بەردى.
_ بىر قىز بار، بىراق ئۇ قىز مىنى ياخشى كۆرەمدۇ بۇنى بىلمەيمەن
_ بۇ نېمە دېگىنىڭىز، سىز دېگەن كەمدىن كەم ئۈچىرايدىغان يىگىت تۇرسىڭىز، سىزنى ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىنمۇ، مەن تېخى سىز ياخشى كۆرۇپ قالغان قىز قانداق تەلەيلىك قىزدۇر دەپ يۇرسەم، . ئۇ قىز نىمىش قىلاتتى، سىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىڭىزمۇ،
_ ئۇ قىز مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، بىز ھەر داۋام بىرگە يۈرىيمىز دىدى.
چولپان:- سىز ئۇ قىزنى چۈشىنەمسىز؟
مۇختەر:- ئانچە چۈشەنمەيمەن، شۇڭا ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچالمايۋاتمەن، ئەگەر ئۇ قىز تەلۋىمنى رەت قىلۋىتىپ قالسا ھازىرقى دوسلۇقىمىزمۇ يوق بولۇپ كىتەرمىكىن دەپ ئويلايمەن دىدى.
چولپان:- ئۇنداق بولسا مەن ئۇ قىز بىلەن كۆرشۇپ، ئۇنىڭ ئېنكاسىنى ئىلىپ باقاي بولامدۇ، ئۇنىڭ كىملىكىنى، قايسى كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئىسمىنى ماڭا دەپ بىرڭە؟
مۇختەر:- بولدى، بولدى ھاجىتى يوق. ۋاختى كەلسە ئۆزەم ھەممە ئىشنى توغۇرلايمەن، شۇ چاغدا مەن سىزگە خەۋەر قىلاي بولامدۇ؟
مانا بۇ بىر ماۋسۇممۇ توشتى، ئىككىنجى ماۋسۇملۇق دەرسمۇ باشلاپ بولدى.
مۇختەر،چولپان. بۇ ئىككىسى دەرىستىن چۈشسىلا بىرگە يۈرەتتى. بىر شەنبە كۈنى، مۇختەر، چولپان بۇ ئىككىسى سىرتلارنى ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقتى.
ئۇلار ئايلىنىپ يۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى بىر يىزاغا كېلىپ قالدى. ھىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىردەم ئارام ئىلىۋالماقچى بولدى. يىزىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلەنگەچ، قۇشلارنىڭ سايرىشىنى تىڭشاپ ئۇلتۇراتتى. تۇيۇقسىزلا چولپان، بۇ تېنىچلىقنى بۇزۇپ مۇختەردىن مۇنداق دەپ سوردى.
_مۇختەر، قانداق بولدى ھىلىقى قىزبىلەن يەنە كۆرشۇۋاتامسىز دىدى.
مۇختەر_ كۆرشۇۋاتمەن، بىراق ئۇنىڭغا يەنىلا ئېغىز ئاچالمايۋاتمەن دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان چولپاننىڭ سەل ئاچچىغى كەلگەندەك بولۇپ،
_( مۇختەر سىز بۇنداق دەپ يۈرىۋەرسىڭىز ئۇ قىز كىلىپ، مۇختەر مەن سىزنى ياخشى كۆرمەن دىمەيدۇ. شۇڭا سىز ئوغۇل بالا بولغانكىن جۇرئەتلىگىرەك بولۇڭ، بولمىسا سىزنى قانداقمۇ ئوغۇل دېگىلى بولسۇن؟ ئەگەر شۇنداق تىلىڭىزنى چايناپ، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۋەتسىڭىز، ئۇ چاغدا باشقا ئوغۇللار ئالدىڭىزغا ئۆتۈۋالمامدۇ؟ كىم بىلدۇ بىرەسى بىلەن يۈرۈپ بولدىمۇ تېخى. دىيشىگىلا نەدىن كەلدى مۇختەرگە، بۇ غەيرەت-شىجاھەت. كاپپىدە قىلىپلا چولپاننىڭ قولنى تۇتتى ۋە مۇنداق دىدى. چولپان مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ئىسىڭىزدە بارمۇ بىز تۈنجى قىتىم ئۇچىراشقان ھىلىقى ۋاقىتچۇ؟ مەن شۇ كۈندىن تارتىپ سىزگە كۆيۇپ كەلگەنمەن، بىراق بۇ توغرۇسدا سىزگە ھەرگۈزمۇ ئېغىز ئاچالمىدىم. سىز بىلەن ھەر بىر كۆرۇشكەندە دەي دىدىم، بىراق يەنلا دىيەلمىدىم، دەپلا ئۆزنى تۇتالماي سۆزلەپلا كەتتى. _ئىشەنمىسىڭىز، سىز تۇرۋاتقان ياتاق بىناسىنىڭ يىندىكى، ھىلىقى بىر تۇپ يوغان قاپاق تىرەككە قاراپ بىقىڭ، ئۇ تىرەكنىڭ يوغانراق كەلگەن بىر شىخىدا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى يىزىپ قويغانمەن. ھەمدە ئەشۇ تىرەكنىڭ ئۈستىدە، سىزنىڭ بالكۇنغا چىقىپ قىلشىڭىزنى كۈتۈپ، بىر كىچە مەن شۇ تىرەكنىڭ ئۈتىدە تۈنەپ چىقتىم. مانا پۇتۇمدىكى بۇ يارا ئىزى ئەشۇ تىرەكتىن چۈشكۈچە قولۇم چىكتىپ قىلىپ، بىر شىخى تىتىۋەتكەن، سىز سورغاندا مەن يالغان گەپ قىلىپ قويغانتىم.
بۇنى ئاڭلىغان چولپان، ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قىلىپ، بۇ بۇ دېگىنىچە دۇدۇقلاپلا قالدى
_. بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس مۇختەر، مەن سىزنى ئۆز ئاكامدەكلا ھۆرمەت قىلمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئىككى يۇرۇتتىن تۇرساق، دەپ ئارانلا جاۋاپ بەردى.
مۇختەر:- چولپان، سىزنىڭ بۇ دېگەنلىرڭىز ھەرگۈزمۇ سەۋەپ بولالمايدۇ، بىز ئىككى يۈرۈتتىن بولساق نىم بوپتۇ، مۇشۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۈستازلىرمىزمۇ بىر يۇرتتىمۇ؟
سىز بۇنداق دەپ ئۆزىڭىزنى مەندىن قاچۇرسىڭىز بولمايدۇ چولپان، دېگىنىچە تىترەپ كەتتى.
چولپان:- ئەتىسى بالكۇنغا چىقىپ، ھىلىى تىرەكنىڭ شىخىغا قارسا راسلا ئۆز ئىسمىنىڭ ئويۇغلۇق تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ تىرەكنىڭ ئىگىزلىكى 6 قەۋەتلىك بىنادىنمۇ ئېگىز ئىدى. چولپاننىڭ ياتقىمۇ ئەشۇ 6- قەۋەتتە ئىدى. بۇنى كۆرۇپ ئۇنىڭ ھەرگۈزمۇ ئىشەنگۈسى كەلمىدى.
مۇختەر بىلەن چولپان، بىر قانچە كۈن كۆرۈشمىگەندىن كېيىن، مۇختەر چولپاننى ئىزدەپ يۈردى. ھەمدە نەچچە قىتىم ئالدىنى توسقان بولسىمۇ، چولپان پەرۋاسىزلارچە ئالدىغا قاراپ كىتىۋەردى. بۇنىڭدىن ئازاپلانغان مۇختەر ھەي مۇشۇ ئاغزىمنىزە نىمىشقىمۇ باشقۇرالمىغاندىمەن، مانا ئاخىرى مەن ئەنسىرگەن ئىشمۇ بولدى، دەپ ئۆز-ئۆزنى ئەيىپلەپ يۈردى.
شۇنداق قىلىپ ئارىدا خېلى كۈلەر ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئىككىسى يەنە ئىزدىشىدىغان بولدى، ھەمدە مۇھەببەتلىشۋاتقانلىقىنى ئەتىراپتىكى ساۋاقداشلارمۇ ۋە يىقىن دوسلىرمۇ بىلىپ كەتتى.
مۇختەر بىر كۈنى مەكتەپ ئالدىدا تۇرراتتى، قارشى تەرەپتىن كېلىلۋاتقان ئايگۈلنى كۆرۇپ قالدى، ۋە ئايگۈلنى چاقىردى. ئايگۈلمۇ مۇختەرنى كۆرۇپلا تەبەسسۇم كۈلكە ئىچىدە، مۇختەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلار قىزغىن سالاملىشۋەتكەندىن كېيىن، ئايگۈل بىر خۇرسۇنىۋىتىپ مۇنداق دەپ سوردى.
_ مۇختەر، ئاڭلىسام سىز چولپان بىلەن ئارلىشۋىتىپسىز شۇنداقمۇ؟
مۇختەر:- ھەئە قانداق ياخشى بوپتىمۇ، ھەجەپ نەچچە كۈننىڭزى بىزنى تەبىرىكلەپمۇ قوياي دىمەيسىزغۇ؟
ئايگۈل تۆۋەن ئاۋازدا، _(ھەي ئوشۇق كەتتى. ئالتۇن دېگەن بەرىبىر ئالتۇندە، ئۇنى قامداقمۇ كۆمۇر بىلەن تەڭ قىلغىلى بولسۇن) دىدى.
ئايگۈلنىڭ پىچىرلاشلىرنى ئاڭلىغان مۇختەر،_ نېمە ئايگۈل سىز بىزنىڭ مۇھەببەتلەشكىنىمىزدىن ئانچە خۈشال بولمايدىغان ئوخشىمامسىز؟ دەپ سوردى.
ئايگۈل_ ياق-ياق مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن، بىراق...........
_ ھە نېمە بىراق دەيسىز قىنى گەپ بولسا دەۋىرىڭ، نېمە دىمەكچىتىڭىز؟
_ بولدى -بولدى ھىچنەرسە دىمەكچى ئەمەسمەن، دەپلا ئالدىراش ئىشىم بارتى كېيىن كۆرشىلى خوش دەپلا كىتىپ قالدى. بۇنىڭدىن ھەيران قالغان مۇختەر، ئايگۈلگە قارغانچە تۇرۇپلا قالدى.
شۇنداق قىلىپ بۇلارنىڭ ئارلىشۋاتقىنغىمۇ، نەچچە ئايلار بولۇپ قالدى. بىر كۈنى مۇختەرنىڭ دوسلىرى چولپاننىڭ باشقا بىر ئوغۇل بالا بىلەن، شۇنچە قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتكىننى، ئىيتتى. مۇختەرمۇ بۇ ئىشقا ئانچە پىسەنتمۇ قىلىپ كەتمەيدۇ، بىراق بۇنداق ئىشلارنىڭ تەكىرار-تەكىرار يۈز بىرىۋەرگەنلىكدىن، مۇختەرمۇ سەل گۈمان قىلدىغان بولۇپ قالغانتى.
مۇختەر بىر كۈنى چولپانغا سەمىمىلىك ۋە مۇلايىملىق بىلەن،_ چولپان مەن سىزنىڭ يۇرتداش ۋە دوسلۇرڭىزنىڭ ھەممىسنى بىلىپ كەتمەيمەن، شۇنداقتىمۇ سىز بەزى ئىشلارغا، ۋە گەپ- سۆزگە، مىڭىش تۇرۇشلارغا، ئوتتا-قوپلارغا ئەھمىيەت بىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن. ئىلگىركى يىڭى كەلگەن چاغلىرڭىز ئىسىڭىزدە باردۇ، سىز ۋە ئايگۈلنىڭ كەينىڭلاردا قانداق سۆز-چۆچەكلەرنىڭ چىققانلىقىنى، ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟ كىشىلەرنىڭ تاپقان گىپى بەك يامان، ئەگەر سۆز-چۆچەك تارقىلىپ كىتىپ قالسا، ئاتا-ئانڭىز، ۋە يۇت-مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسىز دەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ چولپاننىڭ ئالي مەكتەپتە كىلىپ ئوقۇۋاتقىنىغا 3 يىل بولۇپ قالدى، لېكىن چولپاندا ئۆزگۈرۈشمۇ شۇنچە تېز بولۇپ كەتكەنتى. ئەتىراپتىكىلەرنىڭ نەزىردىنمۇ چۈشۈشكە باشلىدى، دەرىسكىمۇ كىرمەيدىغان، كىرسىمۇ مۈگدەپ ئولتۇردىغان، گاھىدا نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالغانتى.
مۇختەرمۇ، ئۆزنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنتى. چولپان بولسا ئۆزدىن ئاز بولغاندىمۇ 7- 8 ياش چوڭ بىر ئەر بىلەن تولا كۆرشۈدىغان بولۇپ قالغانتى.
چولپان:- بۇرۇنقىدەك دەرىسكە كۆڭۈل قويمايدىغان بولغاچقا دەرىستىن چىكىندى، ئوقۇتقۇچى تەرپىدىنمۇ بىر نەچچە قىتىم تەڭقىت-تەربىيە ئاڭلىدى.
مۇختەر ۋە باشقا دوسلىرى نەچچە قىتىم چولپاڭغا، نەسەھەت قىلغان بولسىمۇ، چولپان بۇلارنىڭ سۆزلىرگە پىسەنتمۇ قىلمىدى.
مۇختەرنىڭ، ئوقشىمۇ پۇتتى ۋە ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشتى. چولپاننىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىشىگە يەنە بىر يىل قالغانتى.
مۇختەر:- خىزمەتكە چۈشۈپ بىر مەۋسۇمدىن كېيىن، تۆۋەنگە 3 يىللق ياردەم بىرىكە كىتىدۇ. چولپان بولسا ئىلگىركىدەكلا ئۆز خايىشى بويۇنچە كۈننى ئۆتكۈزىۋىرىدۇ.
مانا چولپاننىڭمۇ، ئوقۇش پۇتتۇردىغان ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۇمى كەلدى، ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىمتاھان بىردىغان پەيتىمۇ كىلىپ قالدى. لېكىن چولپان ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەتىراپتىكى ساۋاقداشلىردىن ياردەم سورايدۇ، ساۋاقداشلىرى شۇنچە قىتىر قىنىپ ئۈگتىۋاتقان بولسىمۇ، چولپاننىڭ يەنلا ئۆتەلىشىدىن ئۈمۈت يوق ئىدى.
مۇختەر:- چولپاننىڭ ئىشلىردىن خەۋەر تاپدۇ ۋە تېزلىكتىن مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ، چولپاننى ئىزدەيدۇ. چولپان، مەن سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرڭىزنى ئۇقۇپ تۇرۋاتمەن، ئاڭلىسام سىز ئۈرۈمچىدىكى بىرسىگە پۇل بىرىپسىز، ۋە مەلۇم بىر كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇلۇق قىلۋاتقان بىرسى بىلەن.................. مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدىم.
سىز ھەرگۈمۇ بۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلماڭ، ئالدى بىلەن سىز ئىمتاھانغا قاتنىشىڭ مەيلى سىز ئۆتۈڭ ياكى ئۆتەلمەڭ، قانغان ئىشلىرڭىزنى مەن ھەل قىلىپ بىرمەن، ماڭا ئىشىنىڭ مەن ھەرگۈزمۇ سىزنى ئاتا-ئانڭىزنى ئالدىدا يەرگە قارتىپ قويمايمەن..................
شۇندق قىلىپ چولپان ئىمتاھان بىردۇ، لېكىن بىر قانچە پەندىن ئۆتەلمەيدۇ. ئىلگىرى شۇنچە ئىشەنگەن ھىلىقى مەلۈم كەسپىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ۋە ئىشلىرنى ھەل قىلىپ بىرىش ئۈچۈن پۇل بەرگەن ھىلىقى ئۈرۈمچىدىكى ۋاستىچىمۇ ئەس قاتمايدۇ.
مۇختەر:- بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تىپىپلا مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ، مەسسۇل كادىر رەخپەرلەر بىلەن كۆرشۇپ، چولپاننىڭ ئوقۇش پۈتتۇرۇش گۇۋاھ نامىللىرنى ئىلېۋالدۇ.
ھەمدە بۇ نەرسىلەرنى چولپانغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇ، بىراق چولپان ئاللا قاچان تەتىل ۋاختى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كەتكەچكە ئۇنىڭ بىلەن كۆرشەلمەيدۇ.
چولپان:- تەتىل توشقاندىن كېيىن، مەكتەپكە يەنە كىلدۇ ۋە مەسسۇل ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرشىدۇ، ئۇ ئوقۇتقۇچى بولسا ئۆزنىڭ ھەممە نەرسىللىرنى مەكتەپتىن ئاجىرتىپ ئىلىپ كەتكىننى ئىيتىدۇ. چولپاننىڭ ئىلگىركى ئالي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىردىكى،قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى پۈتۈن يۇت-مەھەللىگە پۇر كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يۇرتى خوتەندە تۇرۇشقا ئىمكان بولمايدۇ.
چولپان:- مۇختەر بىلەن ئارلاشقانلىقىنى، مەكتەپتىكى دوسلىرى ۋە ساۋاقداشلىرنىڭ بىلدىغانلىقىدىن پايدىلنىپ، ۋە ئۆزنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۈۋاھ نامىللىرنى ئىلىۋالغانلىقىنى، بانا قىلىپ. مۇختەرگە بىسىم ئىشلىتىپ ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلمەن دەيدۇ.
مۇختەر:- ھەرگۈزمۇ بۇنىڭغا بوي بەرمەيدىغانلىقىنى، ۋە ئىلگىرىكى ئەشۇ كىشىلەر بىلەن، مىھمانخاندا يىتىپ يۈرگەن، جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ئىستىلى ناچا قىزلار بىلەن، ئارلىشىپ يۈرگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ئىشلارغا دوسلۇرنىڭ گۈۋاھلىق بىرەلەيدىغانلىقىنى ئىتىدۇ.
چولپان:- مۇختەرنىڭ دېگەن سۆزلىرنى ئاڭلاپ، ھەيران قالدۇ. ۋە مۇختەر مىنىڭ بۇ ئىشلىرىمنى بىلمەيدۇ ھامان مەن بۇنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرمەن، چۈنكى مۇختەر ماڭا ئىشىنىدۇ ھەم مىنى ياخشى كۆردۇ دەپ ئويلىغان چولپان. ئۆزنىڭ كەينىدە ھەر ۋاقىتى مۇختەرنىڭ دوسلىرى يۇرىيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانتى.
چولپان:- ئاخىرى بولسا ھىلىقى كەسپى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچسىغا بىسىم ئىشلىتىدۇ. چۈنكى چولپان شۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن...............
ئۇ ئوقۇتقۇچىمۇ ئاخىرى، خوتۇندىن ئاجىرشىپ، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزنى يىتىم قىلىپ، چولپان بىلەن توي قىلدۇ.
مۇختەر:- چولپاننىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۈۋاھ نامىللىرنى ئىككى يىرىم يىل ساقلايدۇ، بۇ ئىككى يىرىم يىل جەريانىدا سوتنىڭ ھىچ بىر چاقىرقى كەلمەيدۇ.
مۇختەر،چولپاننىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆينى تىپىپ گۈۋاھ نامىللىرنى تاپشۇرۇپ بىردۇ.
چولپان:- توي قىلىپ ئۇزۇنغا قالماي، ھىلىقى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاجىرشىپ كىتىدۇ.
مۇختەر:- چولپاننىڭ، ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى ئۇقىدۇ، ۋە ئۇنىڭ ئىز دىركىنى قىلغان بولسىمۇ ھىچ يەردىن، چولپاننىڭ خەۋىرنى ئالامايدۇ.
ئەسكەرتىش:- دوسلار بۇ ھىكايەمدە، ئىملا خاتالىق ۋە باشقا مەسسىللەر كۆرۈلگەن بولسا توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن؟
مەنبە:- مەرگەن