يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم، بىر ئىنىسىنىڭ تويى يېقىنلىشىپ قالغاچقا، دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. بىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدۇق. قورۇدىن ئەمدىلا چىقىشىمىزغا بىر توپ يىگىتنىڭ توپلىشىۋېلىپ قارتا ئويناۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. دوستۇممۇ ئۇلارغا قاراپ، كىچىك ئىنىسىنىڭ قارتا ئويناۋاتقانلارنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ھەمدە ئۇنى چاقىرىپ بىر چەتكە تارتقاندىن كېيىن:
− سەن ئاشۇ خەق بىلەن قىمار ئويناۋېتىپسەن - دە، − دېدى ئاچچىقلاپ.
− ياق، بۇنى قىمار دېگىلى بولمايدۇ، بىر كوي، ئىككى كويدىن ئوينىغانغا ئۇتۇپ باي بولۇپ كەتكىلى بولمايدۇ ياكى ئۇتتۇرۇپ قەلەندەر بولۇپ كەتمەيدۇ، پەقەت ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئوينايمىز، − دېدى ئىنىسى پەرۋاسىزلىق بىلەن.
− بۇ يەردە ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەيۋاتامسەن؟ بىز ۋاقىتنى يەتكۈزەلمەيۋاتساق، سەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزەلمەيۋاتامسەن، ئۆيگە كىرىپ ئاپامغا ياردەملەشسەڭ بولمامدۇ؟ − دېدى دوستۇم بىر مۇنچە چېچىلىپ.
ئىنىسى گەپمۇ قىلماي توپنىڭ ئارىسىغا بېرىۋالدى. دوستۇم ئىككىمىز ھازىرقى بەزى ياشلارنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشى ھەققىدە بىر مۇنچە گەپ قىلىشىپ يولىمىزغا كېتىپ قالدۇق، ئەمما ھېلىقى يىگىتنىڭ «ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قارتا ئويناۋاتىمىز» دېگەنلىرى مېنى ئويغا سالدى.
مېنىڭچە، دەۋر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، تۇرمۇشنىڭ رېتىمى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان، ھەممە ئادەم بىلىم ئىگىلەش، ئىگىلىك تىكلەپ، رىقابەت دەۋرىدە قانداق قىلىپ پۇت تېرەپ تۇرۇش ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ گېپى ھەرقانداق ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭدەك ياشلارنىڭ ياشلىق باھارىغا ئېچىندۇرىدۇ.
دوستۇمدىن ئاڭلىسام، ئۇ ئىنىسى تېخى بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنىكەن. بەش يىل ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان بىر يىگىتنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي قارتا، قىمار ئويناپ ئولتۇرۇشى تېخىمۇ كاللامدىن ئۆتمىدى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئۇنداق ياشلار خېلى كۆپ ئىكەن.
مېنىڭچە، ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەي قىينىلىشمۇ بىر خىل بىچارىلىكنىڭ، ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى ئەقىللىق ئادەملەر ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈش كويىدا پالاقلاپ يۈرمەي، ۋاقىتتىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كويىدا باش قاتىرىدۇ، ۋاقىتنى يېتىشتۈرەلمەي، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئارىيەت ئالغىلى بولسا ئارىيەت ئېلىپ تۇرغىدەك بولىدۇ. ھازىرقى دەۋر قىلغۇدەك ئىش تاپالمايدىغان، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي قالىدىغان دەۋر ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئەھمىيەتلىك بىر پارچە كىتاب ئوقۇشمۇ ئۇششاق قىمار ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىن ياخشى، ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشمۇ ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. شۇڭا ئاشۇنداق ياشلارغا مۇنداق دېگۈم كەلدى: ۋاقىتنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋەتمەيلى، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، بىرلا قېتىم كېلىدىغان ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ، كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ، تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشايلى.
مەنبەسى:شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى