ئۇلار ئىككىسى QQدا تۇنۇشقان ئىدى.ئوغۇلنىڭ توردىكى ئسمى«باھاردا ئېچىلغان گۇللەر»قىزنىڭ ئسمى«مۇز ئۇستىدىكى نازىنىن »ئىدى.
ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى توردا ئۇچۇر يوللاش بىلەنلا چەكلىنەتتى.بىر نەچچە قېتىم كومپىۇتۇر ئېكرانىدا كورۇشكەنمۇ بولدى.بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇتۇپ كەتتى.ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ئۇلاردا تۇروپلابىر بىرنى ياخشى كۇرۇشۇش ئستىگى قوزغالدى.
يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا يىگىت قىزغا مۇنداق دەپ سوز قالدۇردى.
-«سىزنى قانداقلارچە ئۇچرىتىپ قالغانلغىىمنى بىلمەيمەن،لېكىن ۋەسلىڭىزگەيىتىش ئارزۇسى مىنى قاتتىق ئازاپلىماقتا،پاك مۇھەببىتىم مەڭگۇ سىزگە تالىق.مۇھەببىتىم شەرىتسىز ھەم غەرەسسىز »دەپ سوز قالدۇردى، كەينىگە پۇرەكلەپ ئېچىلغان ئەتتىرگۇل ،يەنە سىزنى ياخشى كورىمەن دىگەن 3دانە سوزنى يېزىپ قىزغا ئەۋەتتى.
خەتنى كورگەن «مۇز ئۇستىدىكى نازىنىن »نىڭ قەلبىگە ئىللىق سىزىم تارىدى.ئۇ يىگىتنى سىناش غەرىزىدە يىگىتكە سۇئال بەلگىسى قويۇلغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتتى.
«باھاردا ئېچىلغان گۇللەر»تەقەززالىق بىلەن ئوتقاشتەك لاۋۇلداپ تۇرغان بىر تال يۇرەكنىڭ ئۇستىگەشۇنداق خەتلەرنى قالدۇردى«ئەقىدەم ئولسەممۇ ئوزگەرمەيدۇ،سىزنى مەڭگۇ ساقلايمەن».
يىگىتنىڭ بۇرۇنلا شۇنداق قىلغۇسى بار ئىدى .شۇ تاپتىمۇ ئوزىنى شۇنداق تەستە تۇتۇۋېلىپ تۇراتتى.
مۇز ئۇستىدىكى نازىنىن«مەن بىجرىم قىز ئەمەس.ئازراق كەمچىلىگىم بار،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟»دەپ سۆز قالدۇردى.
يىگىت شۇ ھامان «دۇنيادا ھەممە نەرسە مۇتلەن بولمايدۇ،ئادەممۇ ھەم شۇنداق.بۇ ھەقىقەتنى مەن ھەم بىلىمەن .»دىدى ھەم خەتنىڭ كەينىگە سىزنى مەڭگۇ ياخشى كورىمەن دىگەن كارتۇن رەسىمىنى چىقىرىشقىمو ئۇلگۇردى.
مۇز ئۇستىدىكى نازىنىن«ئۇنداق بولسا باشتا بىر كورىشەيلى ،مەن سىزنىڭ پۇشايمان قىلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن»دىدى.،
-باھاردا ئېچىلغان گۇللەر-بۇلىدۇ،بىز قانداق كورىشىمىز؟
-مۇز ئۇستىدىكى نازىنىن -مىنڭ ئسمىم دۇڭلى،ئادىرسىم :جۇڭشەن يولى 122-نۇمۇر.
يىگىت ئوزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھىس قىلدى.
2-كۇنى كاستىيوم -بۇرۇلكىنى قاتۇررپ كىيگەن يىگىت ناھايىتى تىزلا قىزچاق قالدۇرغان ئادرىسنى تاپتى.
لېكىن ئەمدىلا ئالغان قەدەملىرى بىر ئىزدا توختاپ قالدى.
«-xxxشەھەرلىك گاس-گاچىلارمەكتىپى».
يىگىتنىڭ قەدىمى ئوز ئورنىدا قېتىپ قالدى،چىرايى بولسا تامدەك تاتاردى.ئۇ كوڭلىدىن شۇلارنى ئوتكۇزدى.«ئۇنىڭ كۇنلىرىمىنى ئىنتايىن تەستە ئوتكوزىمەن،ھەم ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئۇخشىمايمەن ،ديىشى بىكار ئەمەسكەن،يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭدىن تىلفۇن نۇمىرنى سورىغان چېغىمدا ئۇئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا تىلفۇن نۇمىرنى برەلمەيدىغانلىنى،بەزى سوزلەرنى تىلفۇندا سۆزلەشنىڭ ئەپسىز بۇلىدىغانلىنى ئېيىتقان،شۇبھىسىزكى ئۇبىر گاچا قىزئىكەن.»
يىگىت ئۇمىدسىزلىك ھەم ھەسرەت ئىچىدە كەينىگە ياندى.ئۇ شۇ كۇنى يۇشۇرۇن ھالدا QQغا كىردى.قىز ئۇنىڭغا تۇۋەندىكى سوزلارنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى.
-«سىز قەيەردە؟نىمىشقا ۋەدىڭىزدە تۇرمايسىز؟مەن سىزنى ساقلاۋاتىمەن.»
پىكىر-خىياللىرى قالايمىقانلاشقان يىگىت ئاستا QQدىن چىقتى.ئۇنىڭ نەزىرىدەئۇقىز راستىنلائاقكوڭۇل،ئەقىللىق،گۇزەل،كەڭ قۇرساق قىز ئىدى.
-ئەجىبا ئۇ راستىنلا..........................ياكى ئۇنى سىناۋاتامدىغاندۇ؟ئۇ ئۇزاق ئويلانغاندىن كىيىن شۇنداق ياخشى بىر قىزنى قولدىن بېرىپ قويسا ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىغانلىغىنى ئويلاپ قايتىدىن قىزغا «شۇ كۇنى مۇھىم ئشىم چىقىپ قېلىپ بارالمىدىم،بولمىسا سىز مىنى ئىزدەپ بېرىڭ،ئادىرسىم تىيەنخۇا يولى88-نۇمىر»دەپ سوز قالدۇردى.
يەكشەنبە كۇنى قىز چەكسىز خوشاللىق ئىچىدە يىگىت بەرگەن ئادىرىس بۇيىچە ئۇنى ئىزدەپ ماڭدى.كەلدىيۇ،كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى.ئۇنىڭ كوز ئالدىدىكى بۇ جاي بىر تۇرمە ئىدى.
«ئۇنىڭ كىلەلمەسلىگىدە باشقا سەۋەپ يوق،بەلكى ئۇبىر جىنايەتچى ئىكەن،ئۇتۇرمىدىن قانداقمۇ مەن بىلەن كورۇشكىلى چىقالىسۇن»
قىز قەدەملىرىنى تەستە يوتكەپ كەينىگە ياندى.
يىگىت ئنتىزارلىق ھەن خوشاللىق ئىچىدە بىر كوننى ئوتكۇزدى.لېكىن قىز كەلمىدى ئۇ ئۆز ھوكۇمىنىڭ توغىرلىغىنى مۇقىملاشتۇردى.
كەچتە يىگىتQQكىردى.قىز ئۇنىڭغا مۇنۇ سوزلانى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى:«شامال چىقتى،ئايمۇ ئاسماندا ئۆزئورنىدا،قۇشلارمۇ ئوز ئۇۋىسىغا قايتتى.ئوتمۇش شۇنداق گۇزەل،لېكىن پەقەت ئەسلىمە،خالاس.»
شۇنىڭدىن كىيىن يىگىت قىزنى پەقەت ئۇچراتمىدى.
نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككسىلا بىر ۋاقىتتا شەھەر بۇيىچە مۇنەۋۋەر ئەمگەكچىلەر بۇلۇپ باھالىنىپ قايتىدىن ئۇچراشتى.شۇچاغدىلا ئاندىن بىر -بىرىنىڭ ھەقىقى سالاھىتىنى بىلىشتى.يىگىت تۇرمىنىڭ مۇنەۋۋەر تۇرمە ساقچىسى،قىز گاس-گاچىلار مەكتىۋىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.
ئۇلار بىر -بىرىگە ئۇنتىنسىز تىكىلىشتى.
شۇبھىسىزكى ئۇلار ئەينى ۋاقتىتكى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن بولغان بۇ تىراگىدىيەگەئاھ ئۇرۇشتى،قەلبىنى چەكسىز ھەسرەت-نادامەت،پۇشايمان قاپلىۋالدى.
ئوغۇز