ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئەرلەر مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان ئاياللاردىن بولۇشنى خالامسىز - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
ئەرلەر مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان ئاياللاردىن بولۇشنى خالامسىز
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:897  

شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەرلەر نېمىشقا بۇ خىل ئاياللاردىن ئايرىلالمايدۇ؟ ئەگەر سىز ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشۈشىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىڭىز كېرەك. ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك شەرتنى ھازىرلاڭ.
1. ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىمەڭ، قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ.
ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلى ھەر خىل بولىدۇ، قىزىقىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولىدۇ. سىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىمەن، دېمەڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلسىڭىز، ئۇ ھالدا باشقا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.  سىز بەزىدە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ، مۇسابىقە كۆرسىڭىز، بىرگە ئويۇن ئوينىسىڭىز، تەسىرات ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇنداق تۇرمۇش ھەر ئىككى تەرەپكە ئازادىلىك بەخش ئېتەلەيدۇ.
2. ئۇنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرىنى چۈشىنىڭ، ئۇنىڭدىن زارلانماڭ، ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ خوجايىنى چاغلاپ قالماڭ.
ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كەسپى ۋە بېسىمى بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە غايىسى ۋە نىشانى بولىدۇ. شۇڭلاشقا سىز «مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىردىنبىر بولۇشۇم كېرەك» دەپ تۇرۇۋالماڭ. مۇھىمى ئۇنى چۈشىنىڭ، ئۇنىڭ دەردىگە يېتىڭ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇڭ، شۇندىلا ئۇنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايسىز.
3. ئۇنىڭ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمگە ئايلىنىشىغا ياردەم قىلىڭ. ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئورنىنى تاپقىلى بولىدۇ.
قۇرۇق سەپسەتە سۆزلەش مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. پەقەت ھەقىقىي سەمىمىيلىك بولغان سۆھبەت قارشى تەرەپكە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ نۇقسانلىرى كۆزىڭىزگە كۆرۈنۈپ قالغان ۋاقىتلاردا ھەرگىز ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلماڭ. كىشىلىك تۇرمۇش داۋامىدا ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا كۆرسەتمە بېرىڭ. ئۇنىڭغا يوشۇرۇن ھەمدە توغرا يوللار بىلەن بۇ خىل نۇقسانلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
4. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى بار، شۇڭا قارشى تەرەپتىن بۇلارنى سوراۋەرمەڭ.
ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ سىزدىن بۇرۇن يۈرگەن ئاياللىرى بولىدۇ. ئەمما سىز بۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ. ئۇ سىزنى تاللىغان ئىكەن، دېمەك سىز ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورۇنغا ئېرىشتىڭىز، دېگەن گەپ. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئۆتكەن خاماننى سوراۋەرسىڭىز، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىز، ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان ئازاب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆتكەن ئىشلىرىنى ئازراق تىلغا ئېلىڭ، ئەڭ مۇھىمى ھازىرنى قەدىرلەڭ.
5. ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرسە، ھەر كۈنى شاتۇتىدەك سايراپ يۈرمەيدۇ. سىزگە جەزمەن «قەدىرلىكىم، سىزنى سۆيىمەن» دېيىشنىڭ ئورنى يوق.
ئاياللار تەسەللى موھتاج بولىدۇ، ئەرلەرمۇ شۇنداق. ئەمما ئاياللار داۋاملىق قارشى تەرەپتىن مۇنداق ئورۇنسىز تەسەللى تەلەپ قىلىۋېرىڭ، « سىزنى سۆيىمەن دەڭ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋەرسە، ئۇ ھالدا نورمال ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ-دە، نورمال تەسەللى بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندىمۇ، تەسەللى بېرىلمەي قالىدۇ. سىز پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاددىي ۋە ئىنچىكە ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
6. نام-ئاتاق ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆزىڭىزگە كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرماڭ. سىز ئۇنىڭ سۆيۈشىگە موھتاج بولسىڭىز، ئۇمۇ موھتاج بولىدۇ.
بەزىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئادەتتىكى بىر مارجان دېگەندەك نەرسىلەر ئۈچۈن جەڭگى-جېدەل بولۇپ قالىدۇ. ئاياللار ئۈچۈن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداق ئاشۇ نەرسىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمايمەن، دېسىڭىز ئۇنىڭغا تاللاش يولى بېرىڭ. سىز دېمىسىڭىزمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئۇ سىزگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەرسىڭىز، ئاسانلا بىزار قىلىپ قويىسىز.
7. ئۇنىڭغا تايىنىشىڭىز مۇقەررەر بولسىمۇ، ئەمما مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىڭ. ئۇنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ئىسراپ قىلغۇزماڭ.
سىز ئەمدى بويىغا يەتكەن قىز بولۇڭ ياكى چوڭ ئايال بولۇڭ، يەنىلا سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز ۋە كەسپىڭىز بولۇشى كېرەك. مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىزلا ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ھەمدە قارشى تەرەپ ئوخشاش سالاھىيەتتە تۇرۇپ پىكىرلىشەلەيسىز. ئىككى تەرەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالىغاندىلا، ئاندىن ھېسسىيات جەھەتتە ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.
8. ئۇنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن دوست بولۇشىغا قارشى تۇرماڭ. ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ چەمبىرىكى مۇھاسىرىسىگە ئېلىۋالماڭ.
بىر نورمال ئادەمنىڭ ئەلۋەتتە يات جىنسلىق دوستلىرى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن تۇرمۇش نورماللىشىدۇ. ئەگەر سىز خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، سىز ئۇنىڭ يات جىنسلىق دوستلىرى بىلەن دوستلاشسىڭىز بولىدۇ. ئىشقىلىپ سىز ئۇنى مۇناسىۋەت ساھەسىدە چەكلەپ قويسىڭىز بولمايدۇ.
9. تۇرمۇشتىكى ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى موللاشتۇرۇڭ، سىز ئۇنىڭ دوستى، ئايالى، ھەمكارلاشقۇچىسى، مەسلىھەتچىسى بولۇش بىلەنمۇ چەكلەنمەڭ.
ئەلۋەتتە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى موللاشتۇرسىڭىز، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالايسىز. ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ دۇنياسىدا مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرالايسىز.
10. ئاسانلا ئاچچىقلانماڭ. سوغۇق قان بولۇڭ.
ئاياللارنىڭ ئاچچىقلىنىشى تەبىئىيدۇر. ئەمما بۇنى ئەرلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلغان ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. قارشى تەرەپ سىزنىڭ كۈلپەتلىرىڭىزنى قۇبۇل قىلالايدۇ، ئەمما سىزنىڭ ھاقارىتىڭىز ۋە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئاچچىقلىنىشىڭىزنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇ سىزگە موھتاج بولغىنى بىلەن سىزنىڭ بۇ خىل يامان ئادەتلىرىڭىزگە موھتاج ئەمەس.
تۈگۈنچە: گەپنىڭ قۇيرۇقىنى بوغقاندا، ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماڭ. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. پىشقان ئاياللاردىن بولۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىزلا ھايات مۇساپىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولىدۇ.

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603