1. ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج ، ئۇ بىرەر ئىش قىلغاندا ياخشى قىپسىز دەپ قويسىڭىز ، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تېرىشىشى ، ئەگەر ياخشى قىلماپسىز دېسىڭىز ، ياخشى قىلىشقا كۆڭۈلشىمەسلىكى مۇمكىن . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ .
2. ئۆي بىلەن سىرتنىڭ پەرقى بولىدۇ . شۇڭا ئۆيدە قىلىشقان بەزى چاقچاقلارنى سىرتلاردا دەپ يۈرمەڭ .
3. ئەرلەر ئادەتتە كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ . شۇڭا ئۇنداق ئىشلارنى سىزمۇ قايتا تەكىتلەپ ئولتۇرماڭ ، بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ يارىسىغا ئۆزىڭىز تۇز سېپىۋالىسىز .
4. دەسلەپكى مۇھەببەت ئەرلەرگە نىسبەتەن پاك ھەم گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگەن قىزى بەلكى بەزى جەھەتلەردە سىزدىن تۆۋەن تۇرۇشى مۇمكىن . ئەمما سىز بۇنىڭدىن پايدىلنىپ ئۆزىڭىزنى كۆتۈرۈپ ، قارشى تەرەپنى چۈشۈرىمەن دەيدىكەنسىز ، چوقۇم يامان نەتىجىگە قېلىشىڭىز مۇمكىن .
5. بىر قىسىم ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋالماڭ .
6. ئەگەر سىز ئېرىڭىزنىڭ سىزگە دېمىگەن بىرەر كەمچىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئەتىدىن - كەچكىچە يۈزىگە سېلىپ مازاق قىلسىڭىز ، بارا - بارا ئۇ سىزدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ۋە سىزگە ھېچقانداق سىرىنى دېمەيدىغان بولۇۋالىدۇ .
7. ئەرلەر ئادەتتە يۈز - ئابرۇيغا بەك دىقەت قىلىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئالدىدا گەپ - سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە داد ئېيتىشتىن ساقلىنىڭ .
8. بالىڭىز ياكى قېينانىڭىز ئالدىدا ئېرىڭىز بىلەن تاكاللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ . ئۇنداق بولمىغاندا ئۈچ تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ .
9. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، سىز مەڭگۈ بالىڭىزنىڭ ئانىسى بولغىنىڭىزغا ئوخشاش ئېرىڭىزمۇ مەڭگۈ ئانىسىنىڭ بالىسى . بۇخىل قانداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىنى ھىچقانداق نەرسە ئىگىلىيەلمەيدۇ . ئەرلەر ئادەتتە ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن تاكاللىششىنى ياخشى كۆرمەيدۇ . شۇڭا قېينانىڭىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېرىشىڭ .
10. سىز ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىدە ئىنتايىن موھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ كىتەلمەيسىز . شۇڭا ئۇنىڭغا قىرىنداشلىق ھەم دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ .
11. بەزى ئاياللار ئەرلەردىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ . ئەرلەر ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئورۇنسىز گۇمانلىشىدىن بىزار . شۇڭا بۇ ئىشقا بەك دىققەت قىلىڭ .
ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ناھايىتى ئاجىز كىلىدۇ . شۇڭا ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە موھتاج .