ئەمەلىي تۇرمۇشتا كۆپ ساندىكى ئاياللار ئىشسىز بولۇپ قالغان ، ساقايماس كېسەلگە دۇچار بولغان ياكى تۈرمىگە كىرىپ قالغان ئېرىنى بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ . لېكىن تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشۈپ ، كۆڭلى ئەمىن تاپقاندا بولسا نۇرغۇن ئاياللار ئېرىگە ئۆزىنىڭ ئۇنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۆز قەلبىدە نەقەدەر بۈيۈك ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ .
ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل سوغۇق مۇئامىلىنى بەزىلەر «روھىي ئوزۇق يېتىشمەسلىك»دەپ ئاتىغان . بۇنى ئەرلەر ئۈچۈن جايىدا ئېيتىلغان ئوخشىتىش دېيىشكە بولىدۇ . چۈنكى ئەرلەر قورساق توقلاش ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ ، بەزىدە ئۇلار شېرىن گەپلەر بىلەن ئىيتىلغان مۇھەببەتلىك سۆزلەرگىمۇ مۇھتاج .
داڭلىق نىكاھ مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى دېسلوف دېسىكىنىڭ مۇنۇ سۆزى ئۇنىڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ :«ئاياللار دائىم ئېرىدىن ، ماڭا ئانچە كۆز قىرىنى سالمايدۇ ، مېنى زادىلا ماختىمايدۇ ، كېيىم - كېچىكىم بىلەنمۇ كارى يوق ، مېنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى ھېچ بىلمىدىم، دەپ ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئاياللارمۇ ئېرىگە ئوخشاشلا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئېرىنىڭ باشقا ئاياللارنى يۈرگەنلىكىنى بىلگىنىدە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ ھەم بۇ ئاياللارنىڭ ئۇنى كېلىشكەن ، قەيسەر ، كۈچتۈڭگۈر دەپ ماختاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، مۇھەببەتتىكى ئېچىرقاش ھېسسىياتى يالغۇز ئاياللارغىلا خاس بولماستىن ، ئەرلەردىمۇ مەۋجۈت » .
چېچەن ئايال بولسىڭىز شۇ سەمىڭىزدە بولسۇنكى ، ھازىرقى %90 ئەرلەر مۇھەببىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن توي قىلىدۇ . شۇڭا ، مۇھەببەتكە ھارارەت بېرىپ تۇرغاندىلا ، ئاندىن ئەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغىلى بولىدۇ .