ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
جۇجى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
جۇجى
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:72  
داڭلىق مۇزىكانت ، ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكا نەزەرىيىچىسى، مۇزىكا تارىخچىسى، مۇزىكا مائارىپچىسى، مەدەنىيەت سەنئەت نەزەرىيىچىسى جۇجى

       2008 – يىلى 5–ماي سەھەردە ، داڭلىق مۇزىكانت ، ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكا نەزەرىيىچىسى، مۇزىكا تارىخچىسى، مۇزىكا مائارىپچىسى، مەدەنىيەت سەنئەت نەزەرىيىچىسى يولداش جۇجى 66 يېشىدا بېيجىڭدا بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى . 

      جۇجى 1942– يىلى 12– ئاينىڭ 7– كۈنى جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يىشىڭ شەھىرىدىكى فاڭچاۋخۇ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1958– يىلى شاڭخەيدىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغان. ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ دىراما ئۆمىكى ، شىنجاڭ ناخشا– ئۇسسۇل دىراما ئۆمىكى ، شىنجاڭ ناخشا– ئۇسسۇل ئۆمىكىدە نەي–كاناي ، راۋاپ قاتارلىق چالغۇلارنى چالغان. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت ھەر مىللەت سەنئەت خادىملىرى بىلەن بىرگە ياشاپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىغىنى پىششىق ئىگىلىگەن.
     جۇجى 1985– يىلى شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ، مۇئاۋىن باشلىق ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن ، بۇ جەرياندا ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ چوڭ ۋە مۇھىم سەنئەت تەتقىقات تۈرى بولغان ‹‹ مىللىي ئەل ئىچى سەنئەت مۇجەسسىمى›› دېگەن يەتتە توپلامىنىڭ نەشر قىلىنىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، ‹‹ ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام›› نى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىش جەريانىدىكى نوتىلار قىسمىنى سېلىشتۇرۇپ تەھرىرلەش، ‹‹  جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى›› ئىلتىماسنامىسىغا قەلەم تەۋرىتىش ، ئىلتىماسنامە تەستىقلانغاندىن كېيىنكى مۇقام سەنئىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ كونكىرېت پىلان لايىھىسىنى تۈزۈش ، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر، سەنئەت پەنلىرى بويىچە تەتقىقات تېمىلىرىدىن بولغان ‹‹ دولان مۇقامىنىڭ ئېكولوگىيىلىك ۋە فورماتسىيىلىك ھالىتى ھەققىدە تەتقىقات›› گۇرۇپپسىغا  يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق زور ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا ، سانسىزلىغان ئۇيقۇسىز تۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. ‹‹ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىكى ئون تېما›› قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇزىكا تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ ئىجاد قىلغان ناۋا مۇقامى سىمفونىيىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقامى چاتما پائالىيەتلىرىدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن . جۇجىنىڭ ئۇيغۇر مۇقامىنى رەتلەش ۋە ئىجادىيەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇزىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغىغان. ئۇ دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىس دېگەن شەرەپلىك نامىغا ئېرىشكەن. 
     ئۇ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەت مۇزىكا تەتقىقاتىغا تۆھپە قىلىپ قوشقان ۋە بۇ ساھەدە زور تۆھپىلەرنى ياراتقان . مەملىكەتلىك ئاتاقلىق مۇزىكانت ،پىروفېسسور فەن زۇيىن مۇنداق دېدى:‹‹ پەقەت جۇجىدەك مۇشۇنداق شىنجاڭدا 40يىل يىلتىز تارتقان ئادەملا ، ئۆزىنى ئازسانلىق مىللەت مەدەنىيتىگە پۈتۈنلەي سىڭدۈرەلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىدە مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى بولغان مۇزىكا نەزىرىيىچىسىلا ، مۇشۇنداق چوڭ ۋە كەڭ بولغان تەتقىقات تېمىسىغا چوڭقۇر چۆكەلەيدۇ ›› . 40 نەچچە يىل مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان جۇجى دولان مۇقامىنى ئېكولوگىيە ئىلمى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەن . يولداش جۇجىنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتىمىزگە ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى شىنجاڭ خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئالاھىدە ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىدۇ . خەلق ئۇنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ . 

          شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىق قىلش مەركىزىدىن ئەسئەت  بارات

 

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603