ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
تەڭرىتاغ بۇلبۇلى— پاشا ئىشان - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
تەڭرىتاغ بۇلبۇلى— پاشا ئىشان
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:148  

        پاشا ئىشان 12 ياش چېغىدىلا بۇلبۇلغا ئوخشاش ئاۋازى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرالىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ياڭراق ، يېقىملىق ئاۋازى ، سەنئەتتىكى تەبىئى تالانتى ، خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتىكى ئۆزگىچە ماھارىتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ‹‹ تەڭرىتاغ بۇلبۇلى ›› دەپ نام ئالغان . ئۇ سەنئەت مۇساپىسىدا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان .

        پاشا ئىشان 1940 – يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان . ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە ئاجايىپ نەغمىچىلەر ، ئۇستا ناخشىچىلار بار بولۇپ ، ئۇنىڭ قەلبىگە سەنئەتنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلىرىنى ئەنە شۇ ناخشىغا ھېرىسمەن خەلق چاچقان .

        1952 – يىلى ، پاشا ئىشان غۇلجىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەمدىلا تۈگىتىشىگە ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى مۇشۇنداق ئاۋازى ياڭراق بىر قىزچاقنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ، كىچىك پاشانى شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئەكەلگەن ، شۇنىڭدىن كېيىن پاشا ئىشان ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىۋەتكەن . 

       1953 – يىلى پاشا ئىشان چاۋشىيەن ئالدىنقى سېپىدىكى پىدائىيلاردىن ھال سوراش ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سالىمىنى پىدائىيلارغا يەتكۈزگەن . 1955 – يىلى پاشا ئىشان ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا فېستۋالىغا قاتنىشىپ ، ‹‹ئازات زامان›› ، ‹‹سېنى ئەسلەيمەن›› قاتارلىق ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ، بۇنىڭ بىلەن پاشا ئىشان ۋەتىنىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن . 1961 – يىلى ئۇ جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھېندونزىيە ، بېرما ، نېپال ، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ، ياڭراق ئاۋازى بىلەن دۇنيا سەھنىلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلغان .    

       سەنئەت ئىشلىرىغا تىنماي تۆھپە قوشۇۋاتقان پاشا ئىشانغا 1985 – يىلى دۆلەت تەرىپىدىن ‹‹ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس ›› دىگەن ئۇنۋان بېرىلگەن. ئۇ مەملىكەتلىك مۇزىكانتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ 7 – ، 8 – نۆۋەتلىك مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . نۆۋەتتە، پاشا ئىشان گەرچە پىنسىيىگە چىققان بولسىمۇ، دائىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بېرىپ ناخشا مەشىق قىلىدۇ ھەمدە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ .        

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن 2004 – يىلى ئۇنىڭغا‹‹ تەڭرىتاغ تۆھپىكارى›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن . 

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603