ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئاتاقلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئاتاقلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:90  

    ئاتاقلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا 1937 - يىلى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچى، تۇرپانلاردا ئوقۇغان؛ ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا سەنئەتكە ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان بولۇپ، توي - تۆكۈنلەر بولغاندا ناغرا - سونايچىلارغا ئەگىشىپ، يىراق - يىراقلارغا بارىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بارابان، گارمون، ناغرا قاتارلىق سازلارنى چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. كېيىن ئۈرۈمچى 2 - دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنى 1951 - يىلى مەكتەپ ئۇنى غەربىي شىمال سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ  مۇزىكا فاكولتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ.

       ئىسكەندەر سەيپۇللا ئۆزىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى 1952 - يىلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا باشلايدۇ. ئۇ، 1954 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنىدۇ .

       ئىسكەندەر سەيپۇللا خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ياشلىق جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، تالانتىنى نامايان قىلىپ، ناھايتى تېزلا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ سەنئەت ساھەسىدە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ھازىرغىچە 600 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا - مۇزىكا ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ئىجاد قىلغان ‹‹ تارىم ناخشىسى››، ‹‹ سېنى ئەسلەيمەن›› ، ‹‹ كۆڭۈل ئارزۇسى›› ، ‹‹ يار - يار›› قاتارلىق ناخشا - مۇزىكىلار كۆپ يىللاردىن بېرى سەنئەتخۇمار خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالغان.

       ئىسكەندەر سەيپۇللا دراما، ئوپېرا، خور قاتارلىق كۆپلىگەن سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ۋە ‹‹ بەخت ناخشىسى›› ناملىق كىنونىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلىشقا قاتنىشىدۇ . ‹‹تارىم ناخشىسى›› ، ‹‹بەختىيار ئەۋلاد›› ، ‹‹باغچا بالىلىرى ناخشىسى›› ، ‹‹بالىلار ناخشا – ئۇسسۇللىرى›› ، ‹‹سۆيگۈ ناخشىسى›› قاتارلىق بەش پارچە كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ جامائەتچىلىككە سۇنىدۇ. ئۇنىڭ 50 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار ناخشىلىرى مىنىستىرلىك تەرىپىدىن تەستىقلانغان رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە باغچا بالىلىرى مۇزىكا ئوقۇتۇشى كىتابلىرىغا كىرگۈزىلىدۇ. ‹‹ تارىم ناخشىسى››، ‹‹ سېنى ئەسلەيمەن››، ‹‹ ئورمان ناخشىسى››، ‹‹ مىھرىبان ئانا›› ، ‹‹مېھرىم ھەمرايىڭ بولسۇن››، ‹‹ بوغدا كۆلى›› ، ‹‹دەريا بويىدا ›› ، ‹‹ يۇرتقا قايتىش›› قاتارلىق ئەسەرلىرى مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتوتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

        تالانتلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللانىڭ سەككىز پارچە ئەسىرى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.  ‹‹بەختىيار ئەۋلاد›› ناملىق ناخىشلار توپلىمى  1982 - يىلى مۇسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كىتابلىرى كۆرگەزمىسىگە قويىلىدۇ ۋە شۇ يىلى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇشلۇق كىتابى بولۇپ باھالىنىدۇ .

      ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلوبىغا ئىگە ئىقتىدارلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا سەنئەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئىككى قېتىم مەملىكەت بويىچە، ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ‹‹ ئىلغار خىزمەتچى›› بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ .

       دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور ئىسكەندە سەيپۇللا جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە باغچا بالىلىرى مۇزىكا ئوقۇتۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بالىلار سەنئەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غۇنچە مۇكاپاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603