ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئىككى مىللەت ئەدەبىياتىدىكى تۆھپىكار - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئىككى مىللەت ئەدەبىياتىدىكى تۆھپىكار
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:83  

—ئەدەبىي تەنقىدچى قاۋسىلقان قامىجان بىلەن سۆھبەت 

 پولات ئاماننۇرى

   پولات ئاماننۇرى: ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا بەزىلەر سىزنى ‹‹ئۇيغۇر قاۋسىلقان›› دېسە، بەزىلەر بۇنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ ‹‹ئۇيغۇر – قازاق قاۋسىلقان›› دەيدىكەن، يەنە بەزىلەر ‹‹قاۋسىلقان بىر پۈتۈن ئىككى ئادەم›› دەيدىكەن. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بولۇشى مۇمكىن، ئاڭلاپ باقسام؟

    قاۋسىلقان قامىجان: ئاتاقلىق ئالىم،  ئەدىب، پېداگوك ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1988 – يىلى  قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا بارغانىدى. بىر قېتىملىق سورۇندا باشقىلار مېنى ئۇنىڭغا: ‹‹قاۋسىلقان ئەينى ۋاقىتلاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئىنستىتۇتىمىزدىكى بىردىنبىر قازاق ئوقۇتقۇچى. ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ›› دەپ تونۇشتۇردى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: ‹‹مەن بۇ كىشىنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان، ماقالىلىرىنىمۇ ئوقۇپ تۇرىمەن. قازاقىستاندا ئېكسكۇرسىيىدە بولغىنىمدا بىرنەچچە قەلەم ئىگىسى مەندىن <سىلەرنىڭ مەتبۇئاتىڭلار ئارقىلىق بىزگىمۇ تونۇلۇشقا باشلىغان، يازغان ماقالىلىرىگە قارىساق ئۇيغۇردەك، ئىسمىغا قارىساق قازاقتەك بىر ئەدەبىي تەنقىدچى بار> دېگەندە، مەن چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ، بىزنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا <قاۋسىلقان> ئىسىملىك چوڭ، كىچىك ئىككى قەلەم ئىگىسى بار. ئۈرۈمچىدە ياشىغان چوڭ قاۋسىلقان ۋاپات بولغان. سىلەر سورىغان كىچىك <ئۇيغۇر قاۋسىلقان> قەشقەر شەھىرىدە تۇرىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم›› دېگەندە سورۇندىكىلەر كۈلۈشۈپ كەتكەنىدى. ‹‹ئۇيغۇر قاۋسىلقان›› دېگەن نام شۇ سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان.

   1992 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، قازاق ستۇدېنتلارغا قازاق ئەدەبىياتى تارىخى، يېزىقچىلىق نەزەرىيىسى، ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئاساسلىرىدىن دەرس ئۆتۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر، قازاق ئەدەبىياتىنى تەڭ تەتقىق قىلىپ، يازغان ماقالىلىرىمنىمۇ ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدا ئېلان قىلدۇردۇم. بۇنىڭ بىلەن ‹‹ئۇيغۇر، قازاق قاۋسىلقان›› دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ قالدىم.

   ‹‹قاۋسىلقان بىر پۈتۈن ئىككى ئادەم›› دېگەن نامنى مەرھۇم ئۇستازىم شېرىپىدىن ئۆمەر ماڭا مىراس قالدۇرغان. ئۇ دائىم: ‹‹قاۋسىلقان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئەدەبىياتىنى تەڭ تەتقىق قىلىپ، ئىككى ئادەمنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كەلگەن. شۇڭا ئۇ  كەم – كۈتىسىز ئىككى ئادەم›› دەيتتى.

   پولات ئاماننۇرى: سىز قوش تىللىق ئەدەبىي تەنقىدچى ھەم تەتقىقاتچى. مېنىڭچە، باشقا تىللاردىن پايدىلىنىش، ئۇنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بولسا كېرەك. سىز ئانا تىلىڭىزدىن باشقا ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان قەلەم ئىگىسى. ئىككى مىللەت ئەدەبىياتى مەسىلىلىرىدىكى ئىزدىنىش، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، ئىلمىي تەتقىقاتىڭىزنى قاچاندىن باشلىدىڭىز؟ ئىككى مىللەت ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىر – بىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلار بولدىمۇ؟ بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز قانداق؟

    قاۋسىلقان قامىجان: ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە 1970 – يىللارنىڭ ئاخىرى سابىق ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا نەشر قىلىنغان تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئالتۇن خەتكە ئالقىش›› ناملىق ماقالەم بىلەن كىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى 40يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان  ئۆزگىچە قويۇق مىللىي پۇراققا، روشەن بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، جەلپكارلىقى كۈچلۈك، يېڭىلىقى بار، تەرەققىيات سۈرئىتى، سۈپىتى جەھەتلەردە كۆپ مىللەتلىك ئېلىمىز ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. ئىزدىنىشلىرىمنىڭ سەمەرىسى بولغان ‹‹مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان پېرسوناژلار ئوبرازى››، ‹‹غەلىبىلىك قەدەم، ئىجادىي ئىزدىنىش››، ‹‹مەن تېيىپجان ئېلىيوف ئەسەرلىرىنى قانداق تەتقىق قىلدىم››، ‹‹ئەدىب ۋە بالىلار ئەدەبىياتى توغرىسىدا››، ‹‹ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا››، ‹‹مانا بۇ  بوغدا››، ‹‹مىكرو ھېكايە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى››، ‹‹ئاتاقلىق جامائەت ئەربابىدىن ئاتاقلىق شائىرلىققىچە››، ‹‹جان ۋە قاندىن پۈتۈلگەن شېئىرلار››، ‹‹تېيىپجان ئېلىيوف ۋە مىجىت ناسىرنىڭ <كۆڭۈل سوۋغىسى>››، ‹‹كەڭلىك، مۇكەممەللىك ۋە چوڭقۇرلۇق››، ‹‹يېڭىلىق، ئىجادىيلىق ھەقىقىي ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ››، ‹‹تالانت، ئىقتىدار جاپالىق ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ››، ‹‹ئەخەت تۇردى ھېكايىلىرىنىڭ تىلى توغرىسىدا›› قاتارلىق 220 پارچە ماقالەم ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى بىرقەدەر سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنىپ يېزىلغان ‹‹ئىزدىنىش››، ‹‹ئۈمىد››، ‹‹قەلەم ۋە قەدەم››، ‹‹ئەدەبىي ئەسەر ۋە بەدىئىي زوق››، ‹‹تېيىپجان ئېلىيوف تەتقىقاتى››،  ‹‹ئىز ۋە ئۈلگە››، ‹‹ئەدەبىيات تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئويلار››، ‹‹بۇغدا ئابدۇللا تەتقىقاتى›› قاتارلىق كىتابلىرىم نەشر قىلىنىپ، جامائەتكە سۇنۇلدى. بۇلاردىن باشقا، تېيىپجان ئېلىيوف داستانلىرىنى ئاساس قىلىپ تەييارلىغان ‹‹تېيىپجان ئېلىيوف ئەسەرلىرى››(1 – توم) ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇردۇم.

    ئادەم ئۆزىنى چۈشەنگەندىلا باشقىلارنى چۈشىنەلەيدۇ. ھەر قانداق ئادەم مەلۇم مىللەتكە تەۋە بولىدۇ. مەن ئۆز مىللىتىمنى، ئانا تىلىمنى قىزغىن سۆيىمەن، قەدىرلەيمەن. شۇڭا باشقا مىللەتنىڭ ئىچىگە خۇددى ئۆز ئەزالىرىدەك سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇلارغا خىزمەت قىلالىدىم. تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ قەشقەردە 28 يىل يۈرسەممۇ، ئانا تىلىمدىن ئايرىلىپ قالمىغاچقا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قازاق ستۇدېنتلارغا قازاق تىلىدا دەرس ئۆتەلىدىم. قازاق ئەدەبىياتىنى قازاق تىلىدا تەتقىق قىلدىم، قازاق ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە ستۇدېنت ۋاقتىمدا، يەنى 1962 – يىلى قازاقچە ‹‹ئىلى گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹ئاق يول تىلەيمەن›› ناملىق ماقالەم بىلەن كىرىشىپ، كەينى – كەينىدىن بىرنەچچە پارچە ماقالە  ئېلان قىلدۇردۇم. مالىمانچىلىق يىللاردا ‹‹قالپاق›› كىيدۈرۈلۈپ، مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندىم. ئارىدىن 35 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ‹‹شۇغىلا›› ژۇرنىلىنىڭ 1998 – يىللىق 2 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹سۆيۈملۈك ئۇستاز، خاسىيەتلىك ئىنسان›› ناملىق ماقالەم ئارقىلىق جامائىتىم بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتۈم. شۇنىڭدىن ھازىرغىچە ‹‹ئاتا تارىخنىڭ بەدىئىي ئىنسكلوپىدىيىسى››، ‹‹شاكەن ئوڭالباينىڭ شائىرلىقى››، ‹‹كاسىمباي قۇسايىن ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە››، ‹‹شېئىر ۋە شائىر››، ‹‹تاڭجارىق ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ھەققىدىكى قاراشلىرىم››، ‹‹ئۆمەر غازى ئايتاننىڭ شېئىرىي تەپەككۇرى ۋە ئىپادىلەش ماھارىتى››، ‹‹جۇڭگو قازاقلىرىنىڭ تۇنجى رومانى››، ‹‹دەۋر، يازغۇچى، رومان››، ‹‹چىڭغىز ئايتماتوف ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە››، ‹‹شائىر قۇرمانئالى شېئىرلىرىغا باھا›› قاتارلىق 95 پارچە ماقالەمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم. قازاق تىلىدا ‹‹جۇڭگو ھازىرقى زامان قازاق ئەدەبىياتى››، ‹‹جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر قازاق ئەدەبىياتى››، ‹‹سۇلتان جانبولاتوف تەتقىقاتى››، ‹‹ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئاساسلىرى››، ‹‹ئېلىمىز قازاق ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئويلار››، ‹‹مۇلاھىزە ۋە تارازا››، ‹‹يېزىقچىلىقنىڭ نەزەرىيىۋى بىلىملىرى››، ‹‹جۇڭگو قازاق ئەدەبىياتىدىن كونسۇلتاتسىيە››، ‹‹سۇلتان جانبولاتوف ۋە <ئېلىجاۋ كۇنبىي> رومانى››، ‹‹شاكارىم جۇڭگودا››، ‹‹شەرەپەت›› قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ خەلقىمگە تەقدىم قىلدىم. يىغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇر، قازاق ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن بۈگۈنگىچە جەمئىي 315 پارچە ئىلمىي ماقالە، 21 پارچە كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرۇپتىمەن.

    پولات ئاماننۇرى: سىز بۈگۈن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق جامائەتچىلىكى ئارىسىدىلا ئەمەس، مەملىكەت ئىچى ۋە  سىرتىغا تونۇلغان ئەدەبىي تەنقىدچى، تەتقىقاتچىسىز. باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىڭىزمۇ بارمۇ؟

   قاۋسىلقان قامىجان: مەن سىز دېگەندەك ئۇنچە داڭلىق، تۆھپىكار شەخس ئەمەسمەن. ئارىلىقتا توختاپ قالماي، كەينىمگە چېكىنىپمۇ كەتمەي، ئۈن – تىنسىز يوقاپمۇ كەتمەي قاتاردا كېتىۋاتقان ئاددىي بىر قەلەم ئىگىسىمەن. ئەسەرلىرىمدىن ‹‹دەۋر ۋە شائىر››، ‹‹تاڭجارىق ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئېلىمىز قازاق ئەدەبىياتىدىكى ئورنى››، ‹‹تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرلىرىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلار››، ‹‹تالانت جاپالىق ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ››، ‹‹مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي ئەدەبىيات››، ‹‹<چىپار ئاتلىق قازاق> ناملىق پوۋېست ھەققىدە›› قاتارلىق ماقالىلىرىم خەنزۇ تىلىغا؛ ‹‹<شىۋىرغانلىق بېكەت> ۋە <ئېلىجاۋ كۇنبىي>›› ناملىق ماقالەم قىرغىز تىلىغا؛ ‹‹تارىخىي چىنلىقنىڭ بەدىئىي يېشىمى›› ناملىق ماقالەم ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ‹‹پېشقەدەم ئەدىبلەرنى قەدىرلەيلى›› ناملىق ماقالەم ‹‹شالقار››(قازاقىستان) گېزىتىنىڭ 2005 – يىل 3 – سانىدا، ‹‹تېيىپجان ئېلىيوف ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق ماقالەم قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا سىلاۋىيان يېزىقىدا نەشر قىلىنغان ‹‹دىدار›› ناملىق ژۇرنالنىڭ 2002 – يىل 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان. ‹‹شائىر شاكىرىم خۇدابەردى شېئىرلىرىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشى›› ناملىق 20 مىڭ خەتلىك ماقالەم قازاقىستاندا نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان ‹‹ياۋروپا – ئاسىيا مەركىزى››نىڭ 2008 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ھەم  شاكىرىم خۇدابەردى ئەسەرلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ‹‹يېتۈك شائىرنىڭ ئېسىل شېئىرلىرى›› ناملىق ماقالەممۇ 2008 – يىلى قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ‹‹شاكىرىم ھېكمەتلىرى›› ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدەك ‹‹ئېسىل ئاكىنى ئەسلەيمەن›› ناملىق ئەسلىمەم 2008 – يىلى قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ‹‹مەنىلىك ئۆتكەن ھايات›› ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. قۇراشتۇرۇپ تەييارلىغان ‹‹شاكىرىم جۇڭگودا›› ناملىق كىتابىم 2008 – يىلى قازاقىستاننىڭ شەمەي شەھىرىدە نەشر قىلىنغان.

    پولات ئاماننۇرى: تېيىپجان ئېلىيوف بىلەن قازاق يازغۇچى سۇلتان جانبولاتوفتىن ئىبارەت بۇ ئىككى تالانت ئىگىسى، تۆھپىكار زاتنى مەخسۇس، كەڭ دائىرىلىك تەتقىق قىلدىڭىز. بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز قانداق؟

   قاۋسىلقان قامىجان: تېيىپجان ئېلىيوف بىلەن ھايات ۋاقتىدا ئۈچ قېتىملا كۆرۈشكەنىدىم. بىراق ھەمسۆھبەت بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرالمىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، جەمئىيەتتىكى، ئىجادكارلار، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇنى چوڭقۇر چۈشەندىم، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلدىم.

    1978 – يىلى 5 – ئايدا تېيىپجان ئېلىيوف قەشقەرگە كەلدى. بىر قېتىملىق قەلەمكەشلەر يىغىلىشىدا سورۇن ساھىبخانى مېنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغاندا، شائىر سۆز قىستۇرۇپ: ‹‹ئۆتكەن يىلى بىر شېئىرىم <شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ <شەرق شامىلى> بېتىگە بېرىلىۋېدى، ئۇزاق ئۆتمەي قاۋسىلقان قامىجان ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ بۇ شېئىرىم ھەققىدە يازغان ئوبزورى ئېلان قىلىندى. شۇ چاغدا مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان قازاق يازغۇچىسى قاۋسىلقان قوزىبايغا: <ئاداش، داداڭنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ مېنىڭ شېئىرىمغا ئۇيغۇر تىلىدا ئوبزور يېزىپ ماختىغىلى تۇردۇڭمۇ> دەپ چاقچاق قىلغانىدىم، ئەسلى ئۇنى يازغان قاۋسىلقان سەن ئىكەنسەن – دە›› دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ‹‹يىقىلساڭ تۆگىدىن يىقىل›› دېگەندەك، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ زامانىمىزدىكى بۇ چوققىسىنىڭ شېئىرلىرىنى زېھنىي كۈچۈمنى، ماھارىتىمنى ئىشقا سېلىپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە 295 ئورىگىناللىق تەتقىقات ماقالەمنى يېزىپ تاماملىدىم. 1986 – يىلى 7 – ئايدا ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹رومان ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن جەريانىدا تېيىپجان ئېلىيوف مەن بىلەن كۆرۈشۈپ: ‹‹ شېئىرلىرىم ھەققىدە ئايرىم بىر كىتاب بولغۇدەك ماقالە يېزىپسەن، بۇنى مەھمۇد زەيدىدىن ئاڭلىدىم. كۆپ رەھمەت ئۇكام، قەلىمىڭگە بەرىكەت تىلەيمەن!›› دېدى. بۇ، مەرھۇم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشىم بولۇپ قالدى.

   ئويلىسام، تېيىپجاننى مۇھىم تەتقىقات تېمىسى قىلىپ، ئۇنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىمغا چارەك ئەسىر بوپتۇ.  بۇ ئىشمۇ ماڭا  ئاسانغا چۈشمىدى. بۇ جەرياندا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا، توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىدىم. بۇلار ئاساسلىقلىرى: بىرىنچى، شائىرنىڭ قولۇمغا چۈشكەن ئەسەرلىرىدىن باشقا قوشۇنچە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كەملىكى، ھەتتا يوقلۇقى؛ ئىككىنچى، تەييارلانغان  كىتابنى نەشر قىلدۇرۇشتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق؛ ئۈچىنچى، بەزىلەرنىڭ ئوڭدىن، سولدىن چىقىپ توسقۇنلۇق قىلىشى بولدى. لېكىن تېيىپجان ئېلىيوفنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشتەك ئىلمىي پائالىيىتىمگە نىسبەتەن قۇلايلىق شارائىتلارمۇ يارىتىلدى. يەنى زىيالىيلار، ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار توپلاشقان، مەرھۇم 40 يىللىق ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، شائىرنىڭ ھاياتلىقىدا يېقىن ئۆتۈشكەن جان – جىگەر دوستلىرىنى، شاگىرتلىرىنى تاپتىم، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا، ياردىمىگە مۇيەسسەر بولدۇم. نەتىجىدە تېيىپجان ئېلىيوفنى تەتقىق قىلىشىم  يۈرۈشۈپ، مەتبۇئاتلاردا 47 پارچە ماقالە ئېلان قىلدۇردۇم، بۇ ھەقتە ئىككى كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇردۇم.

    سۇلتان جانبولاتوف جۇڭگو تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان بىر يېرىم مىليون قازاقنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇنىۋېرسال تالانت ئىگىسى، تۆھپىكار. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ‹‹ئاتاقلىق ئالىملىقتىن ئاتاقلىق يازغۇچىلىققىچە›› ناملىق ماقالەمدە تەپسىلىي توختالغانىدىم. ئۇنى قايتا تەكرارلىمايمەن. سۇلتان جانبولاتوف قازاق ئەدەبىياتىدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىر قوزغىغان، ئۈچ قېتىملىق بۆسۈش ھاسىل قىلغان شەخس. ئۇ 50 ياشتىن ئاشقاندا  بىرقانچە ئۈلگىلىك فانتازىيىلىك ھېكايە، ‹‹ئەرۋاھلار ئارىسىدا››، ‹‹ئەۋلادلار ئارىسىدا›› ناملىق ئىككى فانتازىيىلىك پوۋېستنى يېزىپ، ئېلىمىز قازاق ئەدەبىياتىدا فانتاستىكىلىق ئەدەبىيات بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرغان. بۇ پوۋېستلار ئۆلكە دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندىن سىرت، قازاقىستاندىمۇ نەشر قىلىنىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

   سۇلتان جانبولاتوف 60 ياشتىن ئاشقاندا 2200 يىلدىن ئىلگىرىكى تارىخىي رېئاللىقتىن تېما تاللاپ ‹‹ئېلىجاۋ كۇنبىي››، ‹‹سەنشورا كۇنبىي››، ‹‹ئوڭغەي كۇنبىي›› قاتارلىق ئۈچ روماندىن تەركىب تاپقان ‹‹ئۇيسۇن ھېكايىتى›› ناملىق ترولوگىيىسىنى يورۇققا چىقىرىپ، جۇڭگو قازاق ئەدەبىياتىدا ترولوگىيە بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ،  ئىككىنچى قېتىم بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۇ ترولوگىيە قازاقىستاندا نەشر قىلىنغاندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ نيۇ – يورك شەھىرىدىكى خەلقئارا كىتابخانىسىغا قويۇلدى، ترولوگىيىنىڭ بىرىنچى قىسمى  ‹‹ئېلىجاۋ كۇنبىي›› خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
سۇلتان جانبولاتوف 70 ياشتىن ئاشقاندا ‹‹بىز›› ناملىق ترولوگىيىسىنى يېزىپ، جۇڭگو قازاق ئەدەبىياتىدا ئالدىنقىلاردىن ئۆزگىچە بولغان ئۈچىنچى قېتىملىق بۆسۈش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. يازغۇچىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەمگەكلىرى ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا. ئون نەچچە يىللىق ۋاقتىمنى، قەلەم كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، يازغۇچىنىڭ بارلىق ئەمگەكلىرىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ يازغان 43 پارچە ماقالەمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ‹‹سۇلتان جانبولاتوف تەتقىقاتى›› ناملىق 300 مىڭ خەتلىك كىتابىم پات ئارىدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.

   پولات ئاماننۇرى: ئەمگەك مېۋىلىرىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، تەسىرى، مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

   قاۋسىلقان قامىجان: ئىلمىي ئىزدىنىش، مېھنەتلىرىم توغرىسىدا مىجىت ناسىرنىڭ ‹‹دوستىمىز قاۋسىلقان قامىجانغا رەھمەت››، ئادىل سەمەيخاننىڭ ‹‹تۆھپىكار ئەدەبىي تەنقىدچى››، ئابدۇسالام توختىنىڭ ‹‹<ئىز ۋە ئۈلگە> ياخشى يېزىلغان كىتاب››، ئابدۇكېرىم قاسىمنىڭ ‹‹بارىكاللا ۋە ھەشقاللا››، ئازامات ئىسھاقنىڭ ‹‹ئىككى مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچى››، مېھرىبان مۇھەممەدئىمىننىڭ ‹‹قازاق ئالىمىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تېيىپجان ئېلىيوف››، ئەمەتجان ھوشۇرنىڭ ‹‹ئىقتىدارلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ۋە تەتقىقاتچى  قاۋسىلقان قامىجان››، مىرزىگۈل خۇدابەردىنىڭ ‹‹ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچى قاۋسىلقان قامىجان 2000 – يىلىدا››، غۇلام ئەبەيدۇللانىڭ ‹‹تەلەپچانغا نۇر ياغار›› قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ 1993 – يىللىق 3 – سانىدا ‹‹ئەدەبىي ئوبزورچى  قاۋسىلقان قامىجان›› ناملىق تونۇشتۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، داستان گەنجالىينىڭ قازاقىستاننىڭ رېسپوبلىكا گېزىتى ‹‹مۇستەقىل قازاقىستان››نىڭ 2007 – يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغۇچى قازاق››، قۇرمانباي تولىباينىڭ قازاقىستاندا چىقىدىغان ‹‹شالقار›› گېزىتىدە 1990 – يىل 1 – ئايدا ئېلان قىلىنغان ‹‹تەتقىقاتچى›› ناملىق ماقالىلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم شەرھلەنگەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا چىقىدىغان گېزىت – ژۇناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، تەكشۈرۈپ باھالاشتىن چىقارغان ]2000[33 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مېنىڭ سۇلتان جانبولاتوف ئەسەرلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىمگە يۇقىرى باھا بېرىلدى؛ ‹‹سۇلتان جانبولاتوف ۋە <ئېلىجان كۇنبىي> رومانى›› ناملىق كىتابىم 2002 – يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇ – يورك شەھىرىدىكى خەلقئارا كىتابخانىغا قويۇلدى، ‹‹قازاق ئەدەبىياتى ھەققىدە›› ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمىم مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە ‹‹تۇلپار›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ‹‹مىكرو ھېكايە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى›› ناملىق ئىلمىي ماقالەم ئاپتونوم رايونلۇق ئىككىنچى قېتىملىق پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە نادىر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ‹‹تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرلىرىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلار›› ناملىق ئەسىرىم 7 – نۆۋەتلىك ‹‹خانتەڭرى›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ‹‹ئەدەبىيات تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئويلار›› ناملىق كىتابىم ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۆزۈم 1988 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئىجادىيەتچى بولۇپ باھالاندىم، ئۇنىڭدىن باشقا بىر مۇنچە ماقالىلىرىم ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا مۇيەسسەر بولدى. بۇلار مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر  قازاق ئەدەبىياتى مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جۇڭگو قازاق ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق تېمىلاردىكى ئىزدىنىشلىرىمغا ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى!

   پولات ئاماننۇرى: يېڭىدىن يېڭى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن! خەير.

   قاۋسىلقان قامىجان: ئېيتقىنىڭىز كەلگەي، رەھمەت!

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603