ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:27  

 ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

(1923–1995)

       كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخى ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم،  تالانتلىق شائىر يازغۇچى، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى– ئاخىر ‹‹قەشقەر كېچىسى›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980– يىل)، ‹‹ئىز›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئۆمۈر مەنزىللىرى››، (شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئويغانغان زېمىن››، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989– يىل) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ‹‹قەشقەر كېچىسى›› ناملىق داستانى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باھالاش پائالىيىدە 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹شېئىر ۋە شائىر››، ‹‹تۇرپان تەسىراتلىرى››، ‹‹قەشقەر كېچىسى››، ‹‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك›› قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،  ‹‹شېئىرىيەت››، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات– سەنئىتى›› (ھازىرقى ‹‹غەربى دىيار ئەدەبىياتى››) قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.

     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923– يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تىلەش بېگىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى ئۆزىنىڭ سودىگەر دوستى ئوسمان ھاجىمغا بېرىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆيدە ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1934– يىلى ئوسمان ھاجىم بىلەن بىللە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1936– يىلى ئۈرۈمچى بىرىنجى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939– يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942– يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1944– گومىنداڭ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945– يىلى چىققان. 1995–يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىدىمۇ خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى– ئاخىر ‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى مەسىلىسى››، ‹‹قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا››، ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شانلىق نامايەندە— قۇتادغۇ بىلىك››، ‹‹بۈيۈك مۇتەپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسى توغرىسىدا››، ‹‹ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا›› قاتارلىق يىگىرمە نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى يۈكسىلىش جەريانىنى تارىخى جەھەتتىن توغرا باھالاپ،  ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان.

     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇتۇقى شۇكى، ئۇ بىر نەچچە يىللىق قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ۋە ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىپ، بۇ ئىككى نادىر ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا زور ھەسسە قوشقان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ.

     يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر — جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىمالى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تۈركولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن.

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603