ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
خالمۇرات غۇپۇر - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
خالمۇرات غۇپۇر
 يوللىغۇچى:佚名  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:11  

      خالمۇرات غۇپۇر— 1960–يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇتىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان . 1982–يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن . مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا — تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى. 

     خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شوڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋەيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985–يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەندى. 1988–يىلى ئۇ دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىنغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىرات تىببىي ئىنىستىتوتىغا كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا باردى. ئۇ 1983–يىلى جۇڭگو –سوۋىت ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بارغان تۇنجى جۇڭگولۇق شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى.

    ھەرقانداق ئارزۇ – ئارمان ، ئىستەك يۈكسەك جاسارەت ، ئىگىلمەس – سۇنماس ئىرادىدىن ئايرىلسا قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . خالمۇرات يۈكسەك جاسارەت قورقماس ئىرادە بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈگەندى ، ئۇ ۋەتەنگە قايىتقان دوكتور ھېسابلىنىدۇ ، ئۇ پروفېسسور ، دوكتۇر يېتەكچىسى ، مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى ، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۈمەنلىگەن (بىرىنچى ، ئىككىنچى قاتلام) . ئىختىساس ئىگىسى ، ‹‹مەملىكەتلىك 1–ماي ئەمگەك نەمۇنىچىسى مىدالى››غا نائىل بولغۇچى ، مەملىكەت بويىچە ۋەتەنگە قايىتقان چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ، مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خادىم . سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇتەخەسىسى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسس ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس دېگەن شەرەپىك ناملارغا ئېرىشكەن زىققا كېسىلى مۇتەخەسسىسى . ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىردىنبىر دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ياشلار پەن – تېخنىكا فوندىدىكى مۇتەخەسسى . شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ دوختۇرى ، 1985–يىلدىن 1988–يىلغىچە روسىيىدە سىېنىت–پېتېربۇرگ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا روسىيە دۆلەتلىك تىببىي پەنلەر دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .

   1993–يىلدىن باشلاپ  سىېنىت–پېتېربۇرگ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇر يېتەكچىسى ، شاڭخەي جۇڭيى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كاندىدات دوكتۇر يېتەكچىسى، شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسىسورى ، خەلىقئارا ئەنئەنىۋى مىدېتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولغان. جۇڭيىنىڭ ‹‹ خەپرۇك بولمىسا دىمى سىغمايدۇ›› ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ‹‹ نەزلىلىك زىققىنى داۋالاش نەزەرىيىسى›› ۋە مىدېتسىنادىكى ‹‹نەپەس يولىدىكى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر نەزەرىيىسى›› گە ئاساسلىنىپ ‹‹زىققىدىكى بىئولوگىيىلىك كەملىك نەزەرىيىسى›› نى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا زىققا 1–نۇمۇرلۇق دورىسىنى ياساپ چىقىپ،كلىنكىدا داۋالاپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقاندا ‹‹ جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدىكى سىر››، ‹‹جۇڭيى دورىلىرى ۋە كانايچىدىكى زىققا كېسىلى›› قاتارلىق بەش پارچە ئەسەر يازغان، بۇلار مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىببىي ئالىي مەكتەپلىرىدە سىناق دەرىسلىكى قىلىنىپ قوللىنىلغان. دۆلەت ئىچىدە جۇڭيى،ئۇيغۇر تىبابىتى ، مىدېتسىنانى بىرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇپ ، شىنجاڭدىكى ئۈچ تەرەپنى بىرلەشتۈرگەن تەتقىقات ئورنى ۋە داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان. بۇرۇن بىر نەچچە دۆلەتلىك  تەتقىقات تېمىسى بىلەن شوغۇللانغان، روسىيە ، گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹ئاسپىرىن زىققا››تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىگەن.

 

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603