ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ياشايدۇ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ياشايدۇ
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:47  

تارىختا ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بەكمۇ ئازادە شارائىتتا ياشىغان . ئىلىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ، ئۇلارنىڭ تەبىئى بايلىقى ، كان ، ئورمان بايلىقى ، يايلاق ، سۇ ، مال -چارۋا ، بىنەم ئالاھىدىلىكلىرى بۇ ۋادىنىڭ ئادەملىرىنى تولۇق يېتىلدۇرگەن . تەبىئى بايلىقلار ئۇلارنىڭ مىجەزىنى ئەتراپلىق تاۋلىغان .شۇڭا ئۇلار ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقىچە مەيدىسىنى كېرىپ ياشاپ ئۆەىنىپ قالغان . مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك ، ئەۋزەللىك بىلەن بىنەملەرنى بىر يىل تېرىپ قويسا نەچچە يىل يەيدىغان ، مال -چارۋىلىرىنى دالاغا قويۇۋىتىپ ھەپتە ئىزدىمەيدىغان ئەمەليىتى بۇگۇنكى كۈندە ئۇلارغا << پوچى >> دېگەن ئاتالغۇنى ھەدىيە قىلغان . توق ياشاپ يېتىلگەن بۇ خەلق چوڭ-چوڭ سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان . تەبىئەتنىڭ بۇ ئەركە بالىلىرى قىزىقچىلىق قىلىشنى ، چاقچاق قىلىشىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ . تۆت ئادەم بىر يەرگە كەلسە ئامال بار بىر قىزىقچىلىق قىلىدۇ ، يا بىر سىنى تېرىكتۇرىدۇ ، يا بىر سىنى ھەزىل قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن قىزىقچىلىقققا ، چاقچاققا يول ئېچىلىدۇ . قىزىق چاققاقلار ئارقا -ئارقىدىن تىزىلىدۇ .



ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا چاقچاق بۇ خۇشخۇي خەلىقنىڭ تۇرنۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ، بەزىدە ئاش -نانغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئاۋام چاقچاقچىلارنى ھورمەتلەيدۇ ، ئۇلارنى سويىدۇ . مەسىلەن مۇنداق بىر چاخچاق بار ، بىرسى سەكراتقا چۇشۇپ قاپتۇ ، ئاغىنلىرى ئۇنىڭ رازىلىغىنى ئالىمىز دەپ يوقلاپ كىرىپتۇ ، بىرسى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ، ئاداش سەن ئۆلگەندە باش يۇغۇچۇڭغا ئۆزۈم كىرىپ ئالتۇن چىشلىرىڭنى سۇغۇرۋالىمەن -دە ! دەپتۇ ، ھىلىقى جان تالىشىپ يىتىۋاتقان ئاغىنىسى ئاياغ يۇغۇچۇمغا كىرىپ كالتە ئىشتىنىمنى ئالمامسەن دەپتۇ . دىمەك ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق پەيىتتىمۇ چاققاق قىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ . تۇرمۇشتا ، مۇئامىلىدە بەزى ئىشلارنى ئوچۇق -ئاشكارە دېگىلى بولمايدۇ ، دېەىلى بولغاندىمۇ ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايتتى ئەگەر ئاشۇنداق ئىشلارنى چاققاققا ئايلاندۇرۇپ دېسەك ، ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇندا ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەتسىڭىز مەخسىتىڭىزگە ئاسانلا يىتىۋالايسىز .مانا چاقچاقنىڭ سىرى مۇشۇ يەردە .ئۇ ھەممە ئادەملەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئەڭگۇشتەر ، سەپرانىڭ مىجەزىنى نورماللاشتۇرىدىغان دورا ، شۇڭا بۇ دورا ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆزلىتىپ تۇرىدۇ ، قىسقىسى چاقچاق ئادەم بىلەن ئادەمنى يېقىنلاشتۇرىدۇ .



ئىلىقلارنى چۇشەنمەك تەس ئەمەس ئۇلار سىزگە چاقچاق بىلەن يىقىنلىشىدۇ . ئۇلار ھېلىقىدەك سىز كىم بولىسىز ، ئۇ ئادەمنى قانداق تونۇيسىز ، نېمىڭىز بولىدۇ ، نەدىن كەلدىڭىز دېگەندەك سوئاللار بىلەن قارشى تەرەپنى ئاۋارە قىلغان بىلەن ئاىىرىدا چۈش بولۇپ قالدى ، ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچىۋىلىڭ دىيىشنى ئۇنۇتمايدۇ . سىز گە قايماقلىق ئەتكەن چاي كەلتۇرىدۇ . ئۇلار ئاق كۆڭۈل ، زىرەك مېھماندۇس . مېھماننى ئۇلۇغ بىلىدۇ . ئۆيدە بىر پارچە نېنى قالمىسمۇ چاندۇرماي ئامالىنى قىلىپ ، مېھماننى ئۇزىتىدۇ .

ھەي غۇلجىلىقلار ، جاھانغا ھارۋىكەش ناخشىلىرى بىلەنمۇ تونۇلغان غۇلجىلىقلار . سورۇنلاردا مۇڭ تارقىتىدىغان غۇلجىلىقلار . سەھرا يوللىرىدا ، تاغ يوللىرىدا ، كارۋان يوللىرىدا ، خاڭ يوللىرىدا ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ ياشايدىغان غۇلجىلىقلار . دەريا بويلىرىدا مۇھەببەتكە تويماي ئاينىمۇ قىزىقتۇرۇپ ئولتۇرۇغۇزۋالىدىغان غۇلجىلىقلار . يازدا تاغ ئورمانلىرى ئىچىدىكى گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى بىلەن ئوزۇقلقنىدىغان غۇلجىلىقلار . ئاپپاق بېلىقلارنى دەپ ئاپتاپتا ياتقان غۇلجىلىقلار . ياشلىق باھارىنى چاققاق بىلەن ئۆتكۈزگەن غۇلجىلىقلار . تۆت سەر ئىچىۋىلىپ جەننەتنىڭ كۆزەتچىسىدەك ئۇيقۇسىنى ئاچالمايدىغان غۇلجىلىقلار . ئىشىندىغان ، ئىشەندۇرىدىغان ، كۈلىدىغان ، كۈلدۈرەلەيدىغان غۇلجىلىقلار . بىر چىنە مەنتەڭنىڭ ئۇستىگە قۇندۇرغان بىر تەخسە قورۇما ئۇچۇن بىر كۈن ناخشا توۋلاپ ھاراق ئىچىدىغان غۇلجىلىقلار . ئۇرۇمچىدە ئەتكەنچاي تاپالماي بىر تەخسە لەغمەن ئۇچۇن بىر چىنە مىنتەڭ ئىچىدىغان غۇلجىلىقلار . ئاشخانا خۇجايىنلىرىنىڭ ئىلىخولۇقلار كەلدى ، قازانغا سۇ جالايلى دېگەن ۋاقىراشلىرىنى ئاڭلىغاندا خىجىل بولۇپ كۈلۈپ كېتىدىغان غۇلجىلىقلار . شەرەت بىلەن ئىش پۇتتۇرىدىغان غۇلجىلىقلار . چاققاق بىلەن ئىش پۇتتۇرىدىغان غۇلجىلىقلار . نان ياقىدىغان تونۇرى بار ، ئۆستەڭ چاپىدىغان كەتمىنى بار ، بۆشۈكى بار ، دۇتتارى بار ، ئوسمىسى بار غۇلجىلىقلار . ھەي ئىلىلىق ، نەگە ماڭدىڭ دەپ شاڭخۇ قىلىپ توۋلىسا كۈلۈپ تۇرۇپ سالام بېرىدىغان غۇلجىلىقلار . مۇڭ ئىچىدە ، بۇلبۇل ناۋاسى ئىچىدە ياشايدىغان غۇلجىلىقلار .....
مەنبە:ئىلى ئۇنۋىرسال توربىكىتى

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603