ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئەسلىمىز ۋە ئۆزىمىزگە قايتايلى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
ئەسلىمىز ۋە ئۆزىمىزگە قايتايلى
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:23  

* بىزدىكى ھەقىقى كىرزىس مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقىدۇر.


 

* بىزدە مەدەنىيەت مۇستەقىللىق قارىشى، ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش ئىدىيىسى يوق.


 

* ئىشلەپچىقارغۇچى جەمئىيەت ئۆزىگە تايىنىپ تەپەككۈر قىلىدۇ.


 

* ھايات پرىنسىپى بولغان دىنىمزنىڭ ساپ ھەقىقىتىگە قايتايلى، قەلبىمىزدىكى خۇنۇك ۋە ئۆلۈك ئسىلامنى تاشلايلى.


 

غەرب ئەللىرىنىڭ تەجرىبىسىنى يۆتكەپ كەلمەكچى بولغىنىمىزدا، ئۇلار:"دىننى چىركاۋغا چەكلەپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن تەرەققى قىلدى"دەپ خاتا چۈشىنىپ، بىزمۇ دىننى مەسجىدكە چەكلەپ قويدۇق.ئۇلار دىندىن يىراق ئىلمانى ھۆكۈمەت تۇرغۇزغانلىقىنى كۆرۈپ بىزمۇ دىننى جەمىيەتتىن يىراقلاشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئسىلام ئەللىرىنى بۇلاپ، تاران تاراج قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى چۈشەنمىدۇق. يات ئەللەردە بىلىم ئېلىپ قايتقان- غەرب ياكى يىراق شەرقنىڭ سانائىتى(نەتىجسى)- زىيالىلار بۇ پرىنسىپلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بىزگە تەتبىقلاشقا باشلىدى، نەتىجە- خۇددى ئسىلام مۇتەپەككۈرى مۇھەممەد ئەبدۇ ئېيتقاندەك-تىراگىدىيەلىك بىر ئىشقا ئايلاندى، ئۇ مۇنداق ئىپادىلىگەن ئىدى:" ياۋرۇپا دىننى تاشلىغانلىقى ئۈچۈن تەرەققى قىلدى، بىز دىننى تاشلاپ ئارقىدا قالدۇق!".


 

بىز ئىگە بولالايدىغان ۋە مەۋجۇتلىقىمىزنى مۇداپىئە قىلالايدىغان بىردىن بىر قورال دىندىن ئىبارەت. چۈنكى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ نەزرىدە دىن ۋە دۇنيا بىر پۈتۈن نەرسە، ئۇ بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ يوقتىلغانلىقى يەنە بىرسىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەپسۇسكى، يات ئەللەرنىڭ نەتىجىسى بولغان زىيالىلار دىننى مۇتىئەسسىپلىك، مۇتىئەسسىپلىك دېگەن ئارقىدا قالغانلىق دەپ قارايدۇ.دېمەك، دىننى يوقۇتىپتۇق دۇنيا بىرگە يوقالدى، چۈنكى بىز ئېيتىۋاتقان سۆزىمىزنىڭ جۇغراپىيىسىگە دىققەت قىلمىدۇق. ئويلانماستىن ۋە چوڭقۇر ئىزدەنمەستىن يات ئەلنىڭ كۆز قارشىنى كۆتۈرۈپ چىقتۇق.


 

بىز ئۆزىمىزگە ۋە ئەسلىمىزگە قايتايلى، كاللىمىزدا خۇنۇكلىشىپ كەتكەن ئىسلامنى يېڭىلاپ، ئىسلامنىڭ ئەسلى مەدەنىيىتى، ئىدىيىسى، ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قايتايلى.مەدەنىيەتسىز ۋە سەھرالىقلارنى بىر قانچە يىل ئىچىدە تارىخ سەھنىسىگە كۆتۈرۈپ ئۆز دەۋرىدىكى بۈيۈك رىم ۋە ئىران ئىمپىرىيىسىنى يوقۇتۇپ، يېڭى مەدەنىيەت تىكلىيەلىگەن ئسىلامغا قايتايلى.جۇندۇب ئىبنى جەنادىغا ئوخشاش ئۆزى ئىبادەت قىلىدىغان ئىلاھىنى يىۋىتىدىغان بۇلاڭچىنى-كىيىمىنى ئالماشتۇرماستىن ياكى ئۇلىغىنى ئۆزگەرتمەستىن-بۈيۈك ئىنقىلابچى ۋە ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرغا ئايلاندۇرغان ئىسلامنىڭ ئۆزىگە قايتايلى.


 

***


 

ئىمان ۋە ئاڭغا ئىگە كىشلەر ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئىدىيە تۇرغۇزالايدۇ، ئۇ كىشلەر ئۆز ئېڭى بىلەن تەپەككۈر قىلىشنى، چۈشۈنۈشنى، تاللاشنى، مەجبۇرلانماسلىقنى ئىرادە قىلىدۇ. ئىمان ۋە ئاڭ -ئەگەر ئۇ كىشلەر- توغرا يولدا ماڭسا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئۈزمەي قىلسا مەھرۇم قالغان قىممەت قاراشلىرىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا ئۇلار ياشىيالايدۇ، ھاياتىنى ئىدىيە ئاساسىغا تىكلىيەلەيدۇ، ئىمان ئاساسىدا نەپەس ئالالايدۇ،ئىمان ئاساسىدا قوربان بولىدۇ.


 

غەرب ئەللىرى 18-ئەسىردىن تارتىپ جەمئىيەتشۇناس، تارىخچى، يازغۇچىلارنىڭ يارىدىمى بىلەن ئالەمگە (ھەزارەت بىر):"مەدەنىيەتلەشمەكچى بولغانلار بىز ئىشلەپچىقارغان ھەزارەتنى ئىستىمال قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار غەرب ھەزارىتىنى رەت قىلىدىكەن ئۇ چاغدا مەدەنىيەتسىز ھالىتىدە قېلىپ قالىدۇ". (مەدەنىيەتمۇ بىر)، ئۇ غەرب مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت:"20-ئەسىردە مەدەنىيەتلەشمەكچى بولغان كىشى ئىستىمال بويۇمى سېتىۋالغاندەك مەدەنىيەتنى غەربتىن سېتىۋىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۇ ئىبتىدائى بىر ئىنسانلار ھالىتىدە تۇرىۋىرىدۇ" دېگەن نەزىريەنى سىڭدۈرمەكچى بولىدۇ. غەرب ئەللىرى باشقا ئەللەرنىڭ غەربكە قارىتا بۇ ئىمانىنى يارىتىش ۋە ئۆز ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئاخىرقى ئىككى ئەسىردە پۈتۈن كۈچىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلدى.


 

غەرب ئەللىرى ئۆزىنىڭ ھەزارىتىنى تېڭىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھەزارىتىنى يوقتىۋەتمەكچى بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەملىكە ئاستىغا ئېلىۋالغان ئەللەرنىڭ ھەممىسىگە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىنى شىددەت بىلەن ئېلىپ بارغان.


 

غەربكە نىسبەتەن زىرائەت بىرلىكىمۇ(يەنى بىر خىل زىرائەت تېرىش)گۈللەندۈرۈش ۋە ئېچىش (مۇستەملىكە قىلىشنىڭ) بىر بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى گۈللەندۈرۈش(مۇستەملىكە قىلىش)ئۆزىنى دۇنيانىڭ خوجايىنى، باشقىلارنى تېرىلغۇ زىرائەتكارلىقى دەپ قارايدۇ.مىسال ئالساق:بىر شەھەردە پاختا ئوخشايدىغان بولسا، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ پاختىدىن باشقا نەرسە تېرىشى قانۇنغا خىلاپ، يەنە بىر شەھەردە ئۈزۈم ئوخشايدىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئۈزۈمدىن باشقا نەرسە تېرىشى قانۇغا خىلاپ، ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچ قالسا ئاشلىقىنى باشقا شەھەرلەردىن يۆتكەپ كەلسۇن...


 

 


 

(Culture) دېگەن سۆز فىرانسۇسچە سۆز بولۇپ (زىرائەتكارلىق ۋە مەدەنىيەت) دېگەن قوش مەنانى ئىپادىلەيدىغانلىقى قىززىق بىر ئىش.زىرائەت ۋە مەھسۇلاتنى بىرلەشتۈرۈش، شۇنداقلا دۇنيادا ھەزارەت، مەدەنىيەت ۋە تارىخنى بىرلەشتۈرۈشمۇ مۇستەملىكىنىڭ قىلىقى...


 

 


 

غەرب ئەللىرى باشقىلارنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچى بولماي ئىشلەتكۈچى ۋە ئىستمالچى بولىشىنى خالايدۇ. غەرب ئېڭى بويىچە ھەزارەت دېگەن غەربنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىستىمال قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، غەربنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەتلەشكەن بولىدۇ! ئۇلارنىڭ(يات ئەللەرنىڭ)غەربنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىستىمال قىلغۇچىلاردىن بولىشى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ۋە سالاھىيىتىنى چۈشۈنۈكسىز بىر ئۇقۇم، بىز بولساق ھەزارەت تىكلىيەلمەيمىز ياكى مەدەنىيەت ئىجات قىلالمايمىز دەپ قارىشى لازىم. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلەشكەنلەردىن بولىشى ئۈچۈن غەربنىڭ سايمانلىرى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە قىممەت قارىشىنى ئايرىماي تولۇق قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك.مانا بۇ غەربنىڭ باشقىلارغا قارىتا مەدەنىيەت كۆز قارىشى.بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدىكى، جەمئىيىتىمىزدە بىر ئىنساننى مەدەنىلەشكەن دەپ سۈپەتلەش ئۈچۈن ئۇ ئادەم كۆپ ئىستمال قىلغۇچى بولىشى لازىم ئىكەن...


 

سارتىر مۇنداق دېگەن:"ھەقىقى مەۋجۇتلۇق:ماھىيىتى، ئىنسانلىق سالاھىيىتى ۋە مەدەنىيەت شەخسىيىتى بىلەن بولىدۇ.مەدەنىيەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان كشىنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل ۋە ئىشلەپچىقارغۇچى ئىنساندۇر.ئىشلەپچىقارغۇچى ئىنسان ھارۋا ۋە ماشىنا ياسىيالىغاندەك ئىدىيە، ئاڭ، ئىمان ۋە ھەرىكەت ياسىيالايدۇ".دېمەك، مىللەت مەنىۋى، ئىدىيىۋى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىگە يەتمىسە، ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيسىگە يېتەلمەيدۇ. ئەگەر-ئېڭى كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپ-ئۇ سەۋىيەگە يېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ باشقىلار تاڭغان شەكىلدە يېتىدۇ.


 

ئىشلەپچىقارغۇچى جەمئىيەت ئۆزىگە تايىنىپ تەپەككۈر قىلىدۇ.ئۆزىگە، زىھنى كۈچىگە، قىممەت قارىشىغا، سەنئەت-پەنلىرىگە، ئېتىقادىغا، ئىمانىغا، دىنى ئېڭىغا، تارىخى ۋە ئىجتىمائى كۆز قاراشلىرىغا تايىنىپ ئىجات قىلىدۇ. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە سىياسى مۇستەقىللىققا يېتەلىگەن مۇنداق جەمئىيەت ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ماددى ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەلەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىساد ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن مەھرۇم قىلىنغان قايسى بىر جەمئىيەت بولسۇن، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىدىيىۋى ۋە زىھنى ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتى دەسلەپتىلا يوقتىلغان بولىدۇ. بىر ئەۋلاتنىڭ يات ئەللەرگە قارىشى مۇستەقىللىققا ئېرشەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇستەقىل شەخسىيىتى ئاتا قىلىدىغان ئىنسانلىق ۋە مەدەنىيەت ئاساسى ۋەيران قىلىۋىتىلگەن بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ شەخسىيىتى تېشى پال-پال ئىچى غال-غال قەبرىگە ئوخشايدۇ.


 

غەرب ئەللىرى ئىسلام ئەللىرىنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن شەرقشۇناسلارنىڭ كۆپىنچىسى بارلىق كۈچىنى بىزدىكى تەسەۋۋۇپ كۆز قارىشى ۋە ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلغان، بىر كىتابنى تەھقىق قىلىش ئۈچۈن ئون نەچچە قېتىم كۈچ چىقارغان.ھالبۇكى ئىلمى، ئىجتىمائى ۋە تارىخى قول يازمىلار چاشقانلارغا يەم بولماقتا...ئۇلار بۇ قىلمىشىلىرى بىلەن (مۇسۇلمانلارنى روھنى تازىلاشتىن باشقىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ھايات ساھەسىدە غەرب مەھسۇلاتىغا تايىنىدىغان كىشلەر) دېگەن خۇلاسىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.


 

بۈگۈن غەرب ئەللىرى بارلىق ئىنسانلارنى يىلتىزى ئەسلىدىن، مەدەنىيىتىدىن، شەخسى تۇغۇلۇش ۋە ئىچكى تەسىرلىنىش ئىقتىدارىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنى قۇل، مۇھتاج ۋە دورىمىچى سۈرتىدە قىلىپ قويدى.ئەمدى نېمە ئىش قىلماق لازىم؟دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى شۇكى، ئەسلىمىزگە ۋە ئۆزىمىزگە قايتايلى!


 

غەرب ئەللىرى سىڭدۈرمەكچى بولغاندەك، بىر ئىرق(مىللەت)كىشلىرى ھەزارەت يارىتىپ باشقىلار ھەزارەت يارتالمايدىغان مۇنداق ئىش يوق. بىزمۇ تېرىشساق ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھەزارەت يارىتالايمىز، بىز ئۇلاردىن تۆۋەن ئورۇندا ئەمەس، بىزدىكى كىرزىس مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقىدۇر. باشقىلار بىزنى مەدەنىيەتسىز مىللەت، مەدەنىيەت يارتالمايدۇ، بىزگە تايانماي ياخشى كۈن كەچۈرەلمەيدۇ دېگەن ئىدىيە زەھەرلىرىنى داۋاملىق چېچىپ كەلمەكتە...بىز ئەسلىمىزگە قايتايلى، تارىخىمىزغا قايتا-قايتىدىن نەزەر تاشلايلى، ئۆزىمىزگە ئىشەنچ تۇرغۇزايلى، ئىمانىمىزنى يېڭلايلى، ئاڭ-سەۋيمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى...


 

بىز ئۆزىمىزدىن قورقۇيمىز،ئەنسىرەيمىز، ئۆزىمىزدىن ۋە ئۆزىمىزگە تەۋە نەرسىدىن ئىچىمىز سىقىلىدۇ، ئۆزىمىزگە تەۋە نەرسىنى سەت ۋە تۆۋەن كۆرىمىز.باشقىلارنىڭ شىلەپىسى، كۆكسى ۋە كىندىكىىنى ئېچىپ قويىدىغان كىيىملىرى، كىنتاكى، ماكدونالىدغا ئوخشاش تاماقلىرى، پۇت ئېيتقان لۆڭگىدە يۈز سۈرتۈش چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغىلى تۇردى... يىراق شەرقنىڭ ياكى غەربنىڭ سانائىتى بولىمىشى بىر قىسىم بىلەرمەن ۋە كوتمەك زىيالىلار ھازىر ئسىلامغا قايتىش ۋە ئسىلامغا دەۋەت قىلىشنىڭ زامانى كەتتى، ئسىلام ئەمدى باش كۆتۈرەلمەيدۇ، ئەگەر بىز چىقىش يولى ئىزدىسەك ئسىلامنى تاشلايلى...بىز شەرق ئېڭىنى پۈتۈن تاشلاپ غەرب كىمىسىگە چىقايلى دېگەن بىنورمال كۆز قاراشلىرىنى تاراتماقچى بولىشىدۇ، بۇ تۈردىكى چالاساۋات زىلايالىلار ئۆزىنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ. باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناشنى ياخشى بىلىدۇ بەس...


 

نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى شۇنچىۋىلا قەبىھ كۆرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن مەدەنىيىتىمىز ياكى ئۆتمۈشىمىزگە ئالاقىدار نەرسىلەر يامان كۆرۈلىدۇ؟ ھەتتا دىنىمىزغا ئەقىدە جەھەتتە نىسبەت بېرىلىدىغان كىشلەرمۇ سەت كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالدى. باشقىلار بىزگە تارىخ سۆزلىسە سىياسى ۋە ئىدىيە جەھەتتە ھەقىقەتتىن بۇرۇلغان ئازغۇن ئاپپاق غوجىنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ باشلانغان قارا تاغلىق ۋە ئاق تاغلىق سوپىلارنىڭ پىتنىسىگە توشۇپ كەتكەن زۇلمەتلىك تارىخىنى سۆزلەپ بېرىش ۋە يېزىپ بىرىشكە ئامراق.ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تارىخلىرىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ئىجتىمائى ھاياتىمىز ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئورنىمىز سۆزلەنمەيدۇ؟!ئۇنى سۆزلەشنىڭ ئۆزى جىنايەت ھېساپلىنىدۇ!


 

بىرسى ئۇلۇغ ساھابە ئەبۇزەرغىفارى ياكى نوزۇگۇم ياكى ئانايۇرت رومانىدىكى(نورمۇھەممەت)...نىڭ شەخسىيىتى توغۇرلۇق سۆزلىگەندە-ئەگەر غەربنىڭ شۇنچىلىك ئادەملىرى بولۇپ قالسا ئۇلارنى تەرەققى پەرۋەر ۋە بۈيۈك ئىنقىلابچى دەپ سۈپەتلەيدۇ- ياشلىرىمىز ئۇلارنى مەنسىتمەيدۇ ۋە ئۆتمۈشكە ئىبادەت قىلغانلىق، ئۆتمۈشتىكى كىچىككىنە ئىشلار بىلەن ئاغزىنى تاتلىق قىلغانلىق دىيشىدۇ. دېمەك، بۇ تۈردىكى ياشلار ئۆز تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز باشقىلار نېمە دەپ بەرسە شۇنىڭغا ئەگىشىپ سۆزلەيدىغان شاتۇتىلارغا ئوخشايدۇ...


 

ئاتا بوۋللىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە لوپا ئەينەك بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات، ئەخلاق، سىياسەت، تۈزۈم، شېئىر...غا ئوخشاش تۈرلۈك پەنلەردە يېتىشكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز،قانداقتۇر غەرب ئەللىرىنىڭ شاگىرتى بولمىش بەزى ئەرەب يازغۇچىلىرىنى دوراپ بەزىلەر گۇڭگا شېئىر يېزىپ قالسا، ئەدەبىيات ۋە شېئىريەتچىلىكنىڭ ئەسلى قانۇنىيىتىنى ئۇنۇتۇپ، كونىغا كۆز يۇمۇپ گۇڭگا شېئىر بىلەن ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلىمىز.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس ۋە مۇناسىپ ئەخلاقلىق ناخشا-ئۇسۇل مەدەنىيىتىمىز تۇرسا توغرا يولدىن چەتنىگەن بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىدىكى چاكىنا بەل تولغاش ئۇسۇللىرىنى مودا قىلىۋالمىز... ئۇيغۇر سەنئىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلىمىز دەپ جىكسوننىڭ شىلەپىسى، دىيەننا ھەددانىڭ كاسىسى ۋە كۆكسىنى كۆرسىتىپ بەل تولغاشلىرى ۋە... بىرسىنىڭ بىر خىل قىلىقلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلماقچى بولىمىز. ھالبۇكى بىزنىڭ سەنئەت مەدەنىيىتىمىز ئۇيغۇر 12 مۇقامى، ئەرلەرنىڭ كانۋاي كۆينىكى ۋە چىمەن تاشكەن دوپپىسى، قىزلارنىڭ ئەتلەس ۋە پىپەك كۆينەكلىرى بىلەن تونۇلسا ئۇيغۇر سەنئىتى تونۇلغان بولاتتى، لېكىن بىز ئۆز مەدەنىيتىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلىك ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوللۇنۇپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئىچىدە تونۇتماقچى بولىمىز...


 

دېمەك، بىزدە مەدەنىيەت مۇستەقىللىق قارىشى، ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش ئىدىيىسى يوق.


 

بىز ئۆزىمىزگە قايتايلى دېگىنىمىزدە؛ ھون،كۆكتۈرۈك،ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى، قاراخانلار، سەئىدىيە خاندانلىق زامانىغا دائىر قەدىمى ئۆزلۈككە ۋە ئەنئەنەۋىلىككە ئىگە تارىخقا قايتايلى دېمەكچى. بىزنىڭ بۇ سالاھىيىتىمىز تارىخ بېتىدە شان-شەرەپ بىلەن خاتىرلەنگەن، ئۇزۇن ئەسىرلەر بىز بىلەن بىر تۇتاش. تارىخچىلار، جەمئىيەتشۇناسلار، ئاسارە-ئەتىقە ئالىملىرى ئۇنى تەكشۈرۈشكە قادىر. لوندۇن، پارىژ ۋە باشقا دۇنياۋى مۇزىيخانىلاردىكى ئاسارە ئەتىقىللىرىمىز بۇنىڭ ئىسپاتلىرى...


 

قەھرىمانلىق مىساللىرى ئېلىنسا ئۇيغۇر قەھرىمان يىگىت-قىزلىرى مىسال ئېلىنماي ياتلارنىڭ ئادەملىرى مىسال ئېلىنىدۇ، ئالىملار مىسال ئېلىنسا جابىر ئىبنى ھەييان، ئىبنى ھەيسەم، فەخرۇررازى، فارابى، غەززالى، جەمئىيەتشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىب ۋە ئىبنى خەلدۇن تىلغا ئېلىنماي ماركىس، ھىيجىل، سارتىر، نىتىزى، سان سىيمون، ئوۋجىست كونت ۋە شىكىسپىر ھەممىدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىنىدۇ.


 

ياشلىرىمىز شەخسىيىتىنى يوقۇتۇپ ئاڭ سەۋىيسىنى ئاشۇرۇش ئورنىغا غەرب مەھسۇلاتىغا بارلىقىنى خەجلەيدۇ،-بىر ياش يىگىتنىڭ ھەج قىلغىلى بېرىپ ئىچىكىرىدە ياسىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىكىسپورت قىلىنغان مانتىجونى قىممەت باھاغا سېتىۋىلىپ ھەرەمنىڭ مانتىجوسى دەپ كۆتۈرۈپ كىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسمۇ!-قىزلار ئەتلەس ۋە يىپەككە ئوخشاش ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ سىماسى بولغان كىيىم- كىچەكلىرىنىڭ ئورنىغا پالاسقا ئوخشاش جىنس ئىشتانلارنى ياخشى كۆرىدىغان...مىساللار ساناقسىز.


 

مەن بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈرك، مەن بۈيۈك ئسىلام مەدەنىيىتىگە تەۋە.مەدەنىيەت، سالاھىيەت، ۋە تۇغۇلۇش تەييارلىقى مەندە تولۇق بىر ئىنسان. بىزنىڭ قەدەم بېسىش مۇساپىمىز ئسىلامدىن باشلىنىدۇ، ئۆزىمىزگە قايتىش شوئارىنى ئىسلامنىڭ ھەقىقتىگە قايتىش قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇ بىزگە يېقىن بىردىن بىر سالاھىيەت.


 

ئىسلام دىنى دېگىنىمىزدە ئاڭ قوزغىيالايدىغان، ئەقىلنى نۇرلاندۇرۇلاپ ۋىجداننى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدىغان، مەدەنىيەت يارىتالايدىغان تەرەققىپەرۋەر ئسىلامنىڭ ئەسلى ھەقىقىتى مەقسەت قىلىنىدۇ.قانداقتۇر كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى خۇنۈك، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ۋە ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىغا يىغىنچاقلىنىپ جەمىيەتتىن ئايرىلىپ قالغان كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆلۈك ئسىلام كۆزدە تۇتۇلمايدۇ...


 

مۆجىزە ئاڭ ۋە ئىمان ئارقىلىق تۇغۇلىدۇ، ئاڭ ۋە ئىمان ئارقىلىق قاتماللىق ئويغۇنۇشقا، نادانلىق ئاڭغا ئالمىشىدۇ. مۇتەپەككۈر كىشى روھ، ئىمان ۋە ھاياتقا ئىگە جەمئىيەت ئارقىلىق خىزمەت قىلىشى ۋە ياشىشى لازىم.مۇتەپەككۈر دىن ئارقىلىق جەمئىيىتىنى ئويغىتالايدۇ ۋە ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ھەزارىتى، مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى سالاھىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلات سۈرتىدە ئىشلەپچىقارغۇچى ئىنسان بولۇپ تۇرالايدۇ.

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603