ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
خوتۇننىڭ دەردى( ھېكايە) - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
خوتۇننىڭ دەردى( ھېكايە)
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:40  

بۈگۈن ئۇنى ئۇردۇم.بەلكى ئۇنىڭ تاياققا كۆنۈپ قالغان قېلىن يۈزلىرى بارماقلىرىمنى ئاغرىتۋەتكەندۇر ياكى قاتتىق بارماقلىرىمنىڭ ئىزلىرى ئېڭىكىگە يول-يول بولۇپ چىقىپ قالغاندۇ. ئەمما ماڭا بەرىبىر.ئۇ ئۆزىگە ئۆزى قىلىدۇ.گەپ تاكاللاشقاننىڭ،بىرنى دىسە،ئوننى دىگەننىڭ جازاسى شۇ!خوتۇن دىگەن ئەگرى قوۋۇرغىدىن يارتىلغان.تۈزەيمەن دىسەڭ سۇنىدۇ.سىيلىق گەپ قىلساڭ تىزلا ئېرىيدۇ،دەيدىكەن.ئەمما بۇ خوتۇنغا سىيلىق گەپ قىلسام ئۇرىشىدۇ.ئىككى كۈندە بىر قېتىم بىرەر شاپلاق،ھەپتىدە بىر قېتىم بىرەر مۇش ۋەياكى ھەر ئاي توشقاندا كالتەك ئېلىپ ھويلىنى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقمىساڭ ھوشىنى تاپمايدۇ -ئۇ! بۈگۈنمۇ يۇمىغىلى ئۈچ كۈن بولغان قازاننى <يۇماپسەن،ۋاقتىدا يۇيساڭ بولمامدۇ؟>-دىسەم،-خاپا بولماڭ،ئەمدى تۈزىتەي دىمەي:"ھە،نەچچە كۈندىن بېرى ئاشۇ مەينەت قازاننىڭ ئېشىنى موك-موك يەپ ئەمدى نىمە گەپ!"-دەيدۇ. ئاچچىقىمدا قولۇمنىڭ قانداق تېگىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن.توۋا....ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتاي دەپمۇ،ئىچ ئاغرىتقۇم كەلمەيدۇ.بۇرۇن،مېنىڭمۇ ئاچىلىرىم،سىڭىللىرىم بار.خەقنىڭ قىزىغا كىيىنلىك قىلىپ ئازار بەرسەم،زۇلۇم قىلسام يامان بولىدۇ.ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ،ئەدەپ-ئەخلاق ،مەدەنىيلىك ،سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك،دەپ ئويلايىتتىم.ئەمما،سەن مىڭ مەدەنىي،مىڭ ئەخلاقلىق بولغىنىڭ بىلەن،خوتۇن كىشىنىڭ ئەقلى بولمىسا يەنە بىكاركەن.ئەنە....ئەشۇ چاغ،ھېلىمۇ يادىمدىن كەتمەيدۇ.تويىمىز بولۇپ ساق
بىر ھەپتە ئۆتكەندە،كىيىم ئىشكابىنىڭ تارتمىسىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەر لازىم بولۇپ قېلىپ ئاچقۇچتا ئاچقىنىم يادىمدا،ئەمما تارتىپ چىقىرۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.كىيىن ئىشلىرىمنى بىجىرىپ بولۇپ ئۆيگە كىرسەم خوتۇننىڭ چىرايىدا قان قالماپتۇ.-"نىمە بولدىڭىز؟-"دەپ سورىسام،"ئالتۇن بار تارتمىنى ئېچىپ نىمە ئىش قىلماقچى ئىدىڭىز ؟-"دەيدۇ.ھۆججەت ئالدىم دىسەم،"ئەمسە ماۋۇ ئاچقۇچنى نىمىشقا تارتۋاتمىدىڭىز!-دەپ بىر توپ ئاچقۇچنى كاللامغا ئاتمامدۇ،غەزەپتىن ئېڭەككە كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم.شۇ كۈندىن باشلاپ خوتۇنمۇ ئاشۇ مۇبارەك شاپلىقىمنى سېغىندىغان،مەنمۇ ھەم قىچىشقاندا ئانچە ئاياپمۇ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم.توۋا....سۆزلەپ كەلسەم دەردىك تۈگىمەيدۇ مېنىڭ....ھەممىنى قىلغان ئۆيدىكىلەر! -"مەن تېخى كىچىك،ئۆيلەنگۈم يوق.ياخشى كۆردىغىنىم ھەم يوق ،مېنى زورلىماڭلار،-"دىسەممۇ ئۇنىماي -"ۋاي ئانداق ياخشى،ۋاي مانداق بەلەن!قارا ئۇنىڭ دىيانىتىنى داموللىغا بەرگۈچىلىكى بار-"دەپ مەجبۇردىن -مەجبۇر ،قېچىپ كەتسەممۇ ياندۇرۇپ كېلىپ ئېلىپ بەرگەن خوتۇنغۇ شۇ!
تۇرۇپ كۈلۈپ سالىمەن،چۈنكى بۇ خوتۇن بىلەن ماڭا قارىغاندا ئۆيدىكىلەر بەكرەك قاملىشالمايدۇ. دائىما ئۆيدىن ئايرىلغىنىمدا ئانامغا يۈرەك سانجىقىنىڭ دورىسىدىن بىرەر قۇتا ئېلىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ماڭمىسام،كۆڭلۈم ئەمىن تاپمايدۇ.چۈنكى بۇ ساراڭ خوتۇننىڭ سېسىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرەك سانجىقى تۇتۇپ قالغان بىچارە ئانام،دەرھال دورا يىمىسە ناھايتى ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقاتتى.بۇ  خوتۇنمۇ بىزدىن ئۆمۇرۋايەت قۇتۇلالمايتتى.شۇڭلاشقىمۇ مەن ئانام ۋە خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى دېپلۇمات مۇناسىۋىتىگە بەك ئەھمىيەت بېرىمەن. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ،مەن مۇشۇنداق ياشاپ نىمە كۈننى كۆرەرمەن دەپ.قويۇپ بېرەي
دىسەم ئانام ئۇنىمايدۇ."خەق زاڭلىق قىلىدۇ،ئاجراشتى دىگەن ئاتاق ياخشى ئەمەس،سەۋىر قىلايلى ئوڭشۇلۇپ قالار"-دەپلا جاۋاپ بېرىدۇ.ئەمما بىز  ھەر كۈنى ئشلەۋاتقان ئاجايىپ ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆرمەيدۇ. .......
مانا بۈگۈن خوتۇننى يەنە ئۇردۇم.قۇلاقنىڭ تۈۋىگە سېلىۋەتتىممۇ،ئۇ خۇددىنى بىلمەي ياتاتتى .يا ئاللا،خوتۇن كىشى دىگەن ئەجەپ ئېغىر بولدىكەن.ئۇنى سۆرەپ كارۋاتقا ئەپچىقىپ بېشىغا ياستۇق قويۇپ بولغىچە،قارا تەرگە چۆمۈلۈپ ھاسىراپ كېتىپتىمەن.توۋا،ئانامنىمۇ بۇنداق ياتقۇزمىغان ئىدىمغۇ مەن.ئەمما ئۇ ئۆلدىمۇ ياكى ھوشىدىن كەتتىمۇ نامەلۇم ئىدى.قاتتىق قورقتۇم.ئەگەر ئۇ، ئۇ  دۇنياغا كەتسە ،ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىر زور قوشۇن بولۇپ كېلىپ 3-دۇنيا ئۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى.ئالاھەزەل تۆت-بەش سائەت ئۆتۈپ كەتتى.مەن ئوقۇمىغان ئايەت،يادىلمىغان سۆرە،ئىچۈرمىگەن دىمىدە ...قالمىدى.بىر چاغدا تاڭ ئاتاي دىگەندە ئۇنىڭ كۆزى لاپپىدە ئېچىلدى ۋە "نىمە بولدى؟"-دەپ سورىدى.مەن دەرھال-"ھېچنىمە بولمىدى-"دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم.(خۇداغا شۈكرى،ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى) خىيالىدا يوق تاھارەت ئېلىشقا چىقىپ كەتتى.......
بۈگۈن خوتۇننى يەنە ئۇردۇم.چۈنلى ئۇ ئانامنىڭ كېسىلىنى قوزغۇتۇپ ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.ئانامنى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە يۆتكەپ ئاران قۇتۇلدۇردۇق.....
يا..ئاللاھ.ئايال خەق مېھرىبان بولسا ،ئەقىللىق ،ۋاپادار بولسا ،ئۇ -ئۆيۈڭنىڭ زىننىتى ئىكەن.ئەكىسچە،بىشەم ،قارا قورساق،دىن بولغان بىلەن ئەمەل بولمىسا...گوياكى سىرىتتىن قارىساڭ قىپ
قىزىل ،ئەمما يىسەڭ توڭ ئالۇچىغىلا ئوخشايدىكەن.جېدەل -ماجرا بېسىقمىغاندىن كىيىن بەرىكەتمۇ كەلمەيدىكەن. توۋا قىلدىم،دۇنيادا ماڭا ئوخشاش دەردى بارلاردىن بىرەرسى بارمىدۇ-دەپ ئويلاپمۇ كېتىمەن.ھەر قېتىم خوتۇننى ئۇرغان چېغىمدا ھەق ئۇردۇممۇ ياكى ناھەق ئۇردۇممۇ قاتتىق خىيال قىلىمەن.چۈنكى ،كىيىن ھېساپ ئالدىغان بىر زات بېشىڭدىلا قاراپ تۇرىدۇ -ئەمەسمۇ.ئەمما نىمىلا بولسۇن،خوتۇن كىشىگە قول تەككۈزۈشنى ئەسلا خالىمايىتىم.مېنى تونۇيدىغان قانداقلىكى كىشى ھەرگىز يامان دىمەيدۇمېنى.دىيانىتىمگە،ئەمەلىمگە،ئەخلاقىمغا قايىل بولۇپ
بارماق ساناپ ماختايدۇ تېخى! ئەمما ئىچىمدىكى دەردىمنى ئۆزۈم بىلىمەن ،خەقلەر ئالدىدا چاندۇرماي ئۆتىمەن.سىرتلاردىن مىڭ خوشال كىرسەممۇ .خوتۇننى كۆرسەملا تەرىم تۈرىلىپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئاشۇ مۇز چىرايلىرىنى ،چىرايىمنىڭمۇ دورىغۇسى،ئۇنىڭ  سېسىق، جاندىن ئۆتكىدەك زەھەر گەپلىرىنى،بۇ تاتلىق ئېغىزىمنىڭمۇ دورىغۇسى كېلىدىغان ئوخشايدۇ. توۋا....بەزىدە ئۆيدىكىلەرنىڭ بارىنى يىغىپ،مېنىڭ ئارامغا چۈشكەن ھېلىقى تەقۋادار ئايالنىمۇ ئالدىمغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ سۆزلەپ سالىمەن.ئۇنىڭ ئامانەتكە
خىيانەت قىلغانلىقىدىن،دىيانەت بىلەن ماڭمىغىنىدىن،ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئالماي قاتتىق ەنجىتكەنلىكىدىن شىكايەت قىلىپ قويۇپ بېرىشنى...ئېيتىمەن.ئەمما ئۇلار قوشۇلمايدۇ.مېنى....دىن ئارىسىغا يوشۇرنىۋالغان ئاشۇ ئوغرى تىكەن بىلەن،چەكسىز ئازاپ،غەم قايغۇ....ئىچىدە قېرىپ كۈل بولۇپ كېتىشىمنى يلامدىكىن ...ئۇلار!!!  ..............ھەي...ياشلىق....
مانا كۈنلەر ئۆتۈپ ...خوشاللىق كۈنلەرنىمۇ ئاللاھ نىسىپ قىلدى.مەن خوتۇندىن ئاخىرى ئاجىرشىپ قۇتۇلدۇم! ئىچىم بىردىنلا بوشاپ ئازادىلىك ھېس قىلدىم.ھويلىدىن توپا چىققۇدەك...راسا سەكرىۋاتتىم.ئەمما مەن ئۈجمە كۆڭۈل ئەمەس،ئۈجمە كۆڭۈللۈكنى ئاللاھ خالىمىغان يەردە مەن خالايتىممۇ؟ بىراق،تۇرمۇش دىگەن بەك ئۇزاق،ئۇلۇغۋار  نىشان ئىكەن.ئاللاھ ئۆمۈر بەرسە يەنە قىرىق-ئەللىك يىل بىر ئۆيدە ياشايدىغان گەپ ئىكەن.ھازىر ئۆزۈمنى 15ياشلىق بالىدەكلا ھېس قىلدىغان بولۇپ كەتتىم.ئەمدى ئۆيدىكىلەر بىرەر يەرنىڭ گېپىنى تېشىشقا ئالدىمدا جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئەنە ...ئاشۇ بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك..ئۆزۈم تاللاپ،چۈشىنىپ...ئانچە-مۇنچە سىنىشىپ ئاندىن ئالمىسام بولمىغۇدەك بۇ جاھاندا! (ئۇنىڭغا ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن.)ئەجەپ ئىش،خوتۇن دىگەن دۈشمەن بولامدۇ قانداق،خوتۇن بار ۋاقتىدا ئىزدىمىگەن ئاغىنلىرىم ،ئاشۇ شوخ قىزچاقلار ...ئەمدىكتە،خوتۇننى قويۇۋەتكىنىمنى ئاڭلاپلا،يەنە مېنى تېپىۋالدى.تېخى تېلفۇنۇم ئېتىلىپ قالغان چاغلاردا،يوقاپ كەتتى -دەپ ئېچىپ قويشىدۇ ئۇ مەردلەر.    ھا....ھا.......ھا.....  قارىغاندا ئۇلارمۇ مەن قويۇۋەتكەن ئاشۇ بېشەم خوتۇندىن قورقۇدىغان ئوخشايدۇ.......

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603