ئىيولنىڭ ئاخىرلىرى بۇ شەھەر گويا تونۇردەكلا ئىسسىشقا باشلىدى .جاھاننىڭ ھەممە يېرى تىنجىق بىر كۈن جاپالىق خىزمەت قىلغان مەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۆيدە خۇددى تونۇرغا كىرىۋالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم ،شۇنۇڭ بىلەن سىرتقا چىقىپ بىردەم -يېرىمدەم ئايلىنىپ كىرىش مەقسىدىدە خىزمەتدېشىم بىلەن كوچا ئايلىنىشقا باشلىدۇق. كوچىدا ئادەملەر مىغ-مىغ بولۇپ گويا بارچە كوچىغا چىقىۋالغاندەك بىلىندى. شۇنداق قىلىپ بىز جاھاننىڭ پاراڭلىرى بىلەن كەچلىك بازارنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدۇق.كەچلىك بازارنىڭ ئۇدۇلىدا «يەتتە رەڭ»ناملىق بىر تانسىخانا بولۇپ ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان مۇزىكا ئاۋازى كىشىنىڭ قۇلاق-مىڭىسىنى يەيتى. بۇ ئەتراپتا بىرنەچچە ئالىي مەكتەپ بولۇپ بۇ جاينىڭ خېرىدارلىرى ئەنە شۇ قاپاق سۆلەت ئوقۇغۇچىلارنى ئاسا قىلاتتى يولنىڭ ھەممە يېرىدە مەست-ئەلەس بولۇشۇپ قەي قىلىشىۋاتقان قىز -ئوغۇللار،ئۆزئارامۇھەببەت تالىشىپ جېدەل قىلىشىۋاتقان ھەتتا مۇشتلىشىۋاتقانلار كۆزىڭىزگە چېلىقىپ تۇراتتى.ئۇدۇل كەلگەنلا يەردە ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن گەۋدىلەر سىزگە خۇددى غەرىپ ئەللىرىدىكى پاھىشەخانىلارنى ئەسلىتەتتى.بىز توۋا د ەپ ياقىلىرىمىزنى تۇتۇقان ھالدا بۇ جايدىن تېزراق ئۆتۈپ كېتىكە ئالدىرايتۇق مانا بىز يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئادەم يوق جايغا ئۆتۈپ مېڭىشىمىزغا ئىككى ئوتتۇرا بوي سايە قارشى تەرەپتىن نېمىلەرنىدۇر پىچىرلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆزىمىزگە چېلىقتى خىزمەتدېشىم ماڭا :
-ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئوغرىلىدىمۇ نىمە دىدى سۇئال تەلپپۇزىدا سەپ سېلىپ قارىسام بىرىنىڭ ئۆشنىسىدە بىر نەرسە پۇللاڭلاپ تۇغانلىقى كۆزۈمگە چېلىقتى.
-كىم بىلىدۇ بۇلارنى ھەممە ئىش بىزنىڭ مىللەتتىن چىقامدىغاندۇر؟دىدىم مەن ئۇنىڭغا .ئۇلار بىز تەرەپكە يېقىنلاپ كەلدى دە بىر نەرسە كۆتۈرۈۋاغىنى :
-ھەجەپمۇ ھېرىپ كەتتىم بەكمۇ ئېغىر قانجۇقكەن بۇ. سەن بىردەم كۆتۈرە ئەمدى دىدى يېنىدىكىگە ۋە ئۆشنىسىدىكىنى ئاستا يەرگە قويدى.ئۇنىڭ ھەمرايى ئۇنى تەسلىكتە ئۆشنىسىگە ئالدى-دە،دەلدەڭشىپ مېڭىپ بىزگە يېقىنلاشتى دەل موشۇ پەيتتى بىر خەنزۇ موماي ئۇلارنىڭ .ئارقىدىن كېلىپ :
- ئۇنى نەگە ئاپىرىسىلەن؟دەپ سورىدى .
-دوختۇرخانىغا دىگىنىچە پەرۋا قىلماستىن ئالغا ئىلگىرلەشكە باشلىدى ھېلىقى ئىككىيلەن.موماي يۈگۈرگىنىچە كەلدى-دە ،دوختۇرخانا ئاۋۇ يەردە تۇرسا نەگە ئاپىرىسىلەن؟سورىدى قايتىلاپ .ئۇ ئىككىيلەننىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى بولغاي مومايغا :
- سېنىڭ نىمە كارىڭ يوقال بۇ بىزنىڭ ساۋاقدېشىمىز دىگىنىچە مېڭىۋەردى.قىزنىڭ بىر غۇلاچچە چېچى يەرگە ساڭگىلاپ تۇراتتى.موماي نىمىلەرنىدۇر غودۇڭشىغىنىچە بۇ خىلۋەت جايدىن كېتى قالدى. بىزمۇ پەرۋاسىز مېڭىشقا باشلىدۇق شۇنۇڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرى .
-ئاداش ياتاق ئاچقۇدەك پۇلۇڭ بارمۇ ؟يېنىڭدا سورىدى ھەمرىيىدىن .
- نەدىكى پۇل دەيسەن ئەتىدىن بۇ قانجۇقنى مېھمان قىلىمەن دەپ يېنىم قۇرۇغدىلىپ قاپتۇ دىدى جاۋابەن. ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟سورىدى ئۇ
- شۇمۇ گەپمۇ ئاۋۇ ئورمانلىققا ئەكىرىپ قويىمىز
-قانداق بولار قانداق بولماقچىدى ناھايىتى پەيزى بولىدۇ ئاۋال مەن قويىمەن ئاندىن سەن .مەن قويۇپ بولغىچە سەن قاراپ تۇرىسەن خالاس دىدى ھېلىقى.
- خەق كۆرۈپ قالساچۇ؟
- ئەخمەق بۇ قاراڭغۇدا ئورماننىڭ ئىچىنى كىم مارلاپ يۈر ەتتى؟دىگىنىچە ئۆشنىسىدىكى قىزنى ئورمانلىق ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشتى.بىز توۋا خۇدايىم ماۋۇ نا ئەھلىلەرنى ،ھەي پاسكىنا ھاراققا ۋە ھەممە نەرسىگە تويە !دىگىنىمىزچە يولىمىزغا راۋان بولدۇق .