ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
بۇزۇق بولسام نىمە بوپتۇ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
بۇزۇق بولسام نىمە بوپتۇ
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:86  

 



ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار
                    - قۇرئاندىن.

- كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ.
- 600 كوي بېرەلەمسىز؟
- كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇپ، مېھمانخانىنىڭ تېلغۇنىدا خوجايىنغا تېلغۇن قىلدى.
- 600 پۇتۇشتۇق، چىقىپ پۇلىنى ئېلىۋېلىڭ.
... ئەمدىلەتىن بەدەندىكى غالجىرلىقلىرى تۇگىگەن ئېرشاتنى خىيال باستى : ‹‿شۇنچە كاساپەتلەر بىلەن بىرگە تالاي كېچىلەر ئۆتۇپ كەتتى، ماۋۇ بىر ئوتقۇ، توۋا ! بىر جالاپقۇ، ئاناڭنى نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىمەن. ›‿
- نىمە بولدى جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ؟ - قىز قولىدىكى تىزگىنەكنى قويۇپ، قولىنى ئېرشاتنىڭ مۇرىسىگە ئاتتى.
- سىزنى خىيال قىلىۋاتىمەن.
- مېنى؟ بىر بەخىتسىزنىڭ خىيال قىلغىدەك نىمىسى بار؟ - قىز ئاستا ئۇھ تارتىپ، ئاسمانغا كۆز تىكتى، قانچىلىغان كىشىنىڭ ئاستىدىن چىقمىدى، باشلىق، شوپۇر، ئوغىرى ... ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى بەرىبىر ئىدى.
- قېنى شۇ بەختسىزلىكلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرمەمسىز؟
- سۆزلەپ نىمە قىلاي، بىر كۇن ئۆتسە بىر كۇنگە ھېساب.
- بەرىبىر تېخى بالدۇر، باشقا ئىشلارمۇ بولمىغاندىن كىيىن ھېكايىڭىزنى ئاڭلاپ باقمايمۇ؟
- سىز نىمىشقا ھەر قېتىم كەلسىڭىز مېنىلا چاقىرىسز؟
- ....
-ماقۇل، ئاڭلاشنى خالىسىڭىز سۆزلەپ بېرەي.




1. رەھىمسىز دۇنياغا نىمە دەپمۇ تۇغۇلغاندىمەن.


نى نى كۇنلەر كېلىدۇ،
ئادەم بالىسى بېشىغا.
سايدا تۇگمەن چۇگىلەر،
كۆزدىن ئاققان يېشىغا.

                  - ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن

تۇغۇلغان ھەر بىر كىشى چۇقۇم ياشىشى كېرەك، دۇنيادا قانداق ياشاش، نەدە ياشاش، قانداق ئائىلىدە تۇغۇلۇش ... بۇلارنى كىممۇ ئۆزىنىڭ مەيلىچە تاللىيالىسۇن دەيسز، ئىشقىلىپ قانداقلا بولسۇن چۇقۇم بىر ئاماللار بىلەن ياشاش كېرەكتە، ئۆلۇم - بەلكىم شۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر ئامالى بولىشى مۇمكىن، لېكىن كىممۇ ھاياتىدا نىشانسز كېتىشنى خالىسۇن؟
... ئۇ تۇغۇلغان جاي تەكلىماكان بويلىرىنىڭ ئاۋات شەھەرلىرىدىن ئەمەس، يېزىسىمۇ باشقىلار كىتابلاردا يازغان، سۇلىرى ئېرىقلاردا ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە يەرلىرىدە باغلار، باغلاردا مېۋىلەر مەي باغلاپ تۇرىدىغان يېزىلاردىنمۇ ئەمەس. بۇ يېزا نامىراتلىق باسقان، ھەر بىرقانچە ئېغىز ئۆيلەرنىڭ ئارىسىدىن بىرسىنى ياغاچ بىلەن يۆلەپ قويغان، ھەممە ئۆيلەركېسەكلەردىن سېلىنغان، يوللىرىدىن شور ئۆرلەپ تۇرىدىغان، ئارىلاپ كېلىپ قالىدىغان سۇلارنى دەپ بىر بىرىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ، باش - كۆزلىرى يېرىلغانلارنىڭ پاراڭلىرى، كپچا دۇخمۇشىدىكى قېرى جىگدىنىڭ تۇۋىدە پاراڭلارنىڭ تېمىسىغا ئايلانغان چەت يېزىلارنىڭ بىرسى بولۇپ، ئايگۇل مۇشۇ مەھەللىدىكى ھەممە بالىلارغا ئوخشاش نامراتلىق ئۇستىگە تۇغۇلدى، قىز تۇغۇلغانلىقى سەۋەبمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمىكىن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، ئانىسى دائىم دادىسىدىن تاياق يەيتتى، تاياقلارنىڭ سەۋەبىمۇ غەلەتلا بولۇپ، ئىشقىلىپ ھەر كۇنى تاياق ئانىسىنىڭ ئۇستىدىن كەتمەيدىغانلىقىلا ئۇنىڭ غۇۋا يادىدا.
ئۇ ئەمدىلەتىن تەمتىلەپ ماڭىدىغان بولغان ئىدى، شۇنچىلىك غۇۋا يادىدا دادىسى شۇ كۇنى ئۇستى باشلىرى قان، سېسىق پۇراق بىلەنلا ئىشكتىن كىردى، قورقۇپ كەتكىنىدىن كۆزلىرى ئەلەڭ زەلەڭ بولۇپ كەتكەن ئانا ئەمدىلەتىن ئۇنى يىتىلەي دېيىشىگە، توساتتىن تەككەن شاپىلاق ئايگۇلنىڭ ئۇستىگىلا يېقىلىشقا مەجبۈر قىلدى. مانا مۇشۇنداق سەۋەبسىزلا تاياقلار ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىنىڭ بىردىنبىر ئەسلىمىسى ئىدى.
- نىمە ئۈچۈن ئانىڭىزنى ئۇردىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟
- خۇدا ئۆزى بىلەر.
... ئەمدىلەتىن ئايگۇل بالىلىق چاغلىرىدىن ئۆسمۇرلۇك دەۋرىگە قەدەم قويغان، نەچچە يېرىگە يارماق سېلىنغان قىز خېلىلا بىرنەرسىلەرنى بىلىپ قالغان ئىدى، دادىسى دائىم قىمار سۇرۇنلىرىدا يۇردىغان، تاپقان تەرگەنلىرىنى شۇ تاۋكاغا ئاتىغان، مەھەللىدە نامى بار قىمارۋاز، ھاراقكەشلەردىن ئىدى.
شۇ كۇنى  ئانىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزنىڭ بېشىدا ئۇزاق ئۇزاق ئولتۇردى، ئاندىن سۇ ئىسستىپ، قىزنىڭ ئۇستى باشلىرىنى تاراپ، چاچلىرىنى ئۇششاق ئۆرۇپ قويدى، ئاندىن قۇلىقىدىكى قىزلىق مېھىر ھەققىگە بەرگەن ھالقىسىنى قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى، پۇتۇن مىھرى بىلەن پىشانىسىگە سۆيدى.
بۇ ئۆيدە شۇنىسى ئېنىقكى، ئاتا كېچىسى قايىتمىغان كۇنى، قايەردىندۇر تاپقان بىر قانچە تەڭگىسىنى كىملەرنىڭ ئۆيىدە قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ، ئاندىن كىيىن شۇ يەردىلا كېچىچە تاڭ ئاتقۇزىدىغانلىقىنى، ئەتتىگەندە ئىشىغان قاپاقلىرىنى، ئېغىر ئىچكەنلىكتىن يولمۇ ئېغىر كىلىدىغان پۇتلىرىنى سۆرىگىنىچە ئىشكنى قاتتىق ئۇرىدىغانلىقىنى، ئاندىن تاياق - توقماق ... ئىشقىلىپ بۇ ئىشلار بۇ ئۆيدىكى ئادەتتىكى ئىشلار ئىدى.
- خۇتۇن،خۇتۇن .. ئاچ ئىشىكنى !
-قىزىم، چاققان ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىڭ، مەن ئىشىكنى ئاچساملا يۇگىرەپ چىقىپ ئويناپ كېلىڭ.
ئانا ئالدىرىماي بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئايگۇل چاققانلىق بىلەن يۇگىرەپ چىقىپ كەتتى، ئۇ ئېتىزلار ئارىسىدىن ئۇيەر بۇيەرلەردىن تېرىپ سەۋزىلەردىن بىرقانچە، چامغۇردىن بىرقانچە قىلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى، ‹‿ئاپام، بىچارە بىرقانچە كۇن يەنە قوپالمايدىغان بولدىدە ... ›‿شۇ ئويلار بىلەن يۇگىرەپ يۇرۇپ قايتىپ كەلدى.
- قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟
- ئانا ... - ئۇنى يىغا باستى، ئانا يۇز كۆزلىرى يېرىلغان، ئۆينىڭ ھەممە يېرى ئۇرۇپ چېقىلغان.
- ھېچقىسى يوق قىزىم.
ئۇلار قىزنىڭ قولىدىكى سەۋزىنى چامغۇر بىلەن ئاقلىدى، ئانا ئەزەلدىن شۇنچىلىك ئەزىزلەپ قارايدىغان تۇخۇسىنىڭ پۇتلىرىنى باغلاپ نىمىلەرنىدۇر ئۇقىغاندىن كىيىن پىچاق بىلەن قېنىنى ئەڭ ئاخىرىقى تامچىسىغىچە ئېقىتتى. قىزغا شۇنىسى ئېنىقكى ئاتا بۇگۇنمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ، يېقىندىلا ئەترەتتىن بېرىلگەن تېلۋۇزۇرنىڭ يوقلىقى بۇنىڭ دەلىلى، لېكىن ئانىسى نىمىشقا بۇ بىردىنبىر مال مۇلۇكنى ئۆلتۇرىدىغاندۇ؟ ئىشقىلىپ قىز بۇگۇن ئانىسىنىڭ غەلىتە بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئانىسىنىڭ دېگىنىدەك قازانغا سۇ قۇيدى، قولىدىكى سەۋزە چامغۇرلارنى سالدى، ئانىسى تۇخۇنىڭ گۆشىنىمۇ سالغاندىن كىيىن، بىر نېمىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلغاندەك قىلىپ نەدىندۇر پىياز تېپىپ كەلدى، ئاقلاپ قويدى....
- ھەر كۇنى مۇشۇنداق تاماق بولغان بولسا -ھە، ئاپا.
- .... - ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۇلدى، ئايگۇل ئۇنىڭ پۇتىغا بېشىنى قويغانچە ئۇيقۇغا كەتتى، ئەتتىگەندە ئويغانغاندا ئىشىكنىڭ ئۈچۈق ئىكەنلىكىنى كۆردى ئانا يوق ئىدى، ھىم، خوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ كەتتىمىكىنە؟ ئۇ ئويغانغاندىن كىيىن ئانىسىڭ بۇرۇنقى تاپىلاشلىرىنى يادىغا ئالدى، ئەگەر ئۇ بالدۇر تۇرۇپ ئورۇن كۆرپىسىنى يىغمىغانلىقىنى كۆرسە ئانىسىنىڭ ئاچچىقلاپ كېتىدىغانلىقى كۆز ئالدىغا كەلدى. ئۇرۇن كۆرپىلىرىنى يىغقاندىن كىيىن، ھويلا ئاراملارنى تازلىدى،‹‿غەلىتە ئىشقۇ؟ ئاپام ئەزەلدىن ئۆيدە بولاتتىغۇ؟ ھەجەپ كەلمەيدىغۇ؟ ... ›‿شۇ خىياللار بىلەن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن.
- ساراڭ جالاپ، چىقە بۇياققا، نەچچە قېتىم ئېيىتتىم - ئاتا قايتىپ كەلگەن ئىدى، ئارانلا يۆتكەيدىغان پۇتلىرىنى يۆتكەپ - مەن يوق چاغدا ئىشىك چۇقۇم ئىچىدىن ئىلىك تۇرسۇن دەپ، شۇ ئىشىكنى ئاچقان قولۇڭنى سۇندۇرۇپلاۋەتمەيدىغان بولسام تۇرسۇن قاۋان دەيدىغان ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن.- شۇ گەپلەرنى ۋارقىراپ جارقىراپلا ئىشىكتىن ئېتىلىپ كېردى، ئايگۇل قورققىنىدىن بۇلۇڭغا تۇگۇلۇپ كەتتى، تۇرسۇن قاۋان ئۆينىڭ ئىچىگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن :
- ئېيتە ھاراملىق، ئاپاڭ قېنى؟
-... - كۆزلىرىدىن ياشتىن باشقا نەرسە چىقمايتتى - ھۇ ھاراملىق، گەپ قىلمامسەن - شۇ گەپلەرنى قىلغاچ، قولى بىلەن قىزنىڭ تۇگۇلگەن قوللىرىدىن تارتىپ ئالدىغا ئەكەلدى، ئاندىن كىيىن مۇشىتلاپ كەتتى.
- ھىم، كىلىپ باقە جالاپ قانداق قىلمەنكىن - ئاتىسى ئاستا - ئاستا ئۇيقىغا كەتتى، قىز ئاغرىغان بەدەنلىرىنى سۆرىگەچ سىرىتقا چىقتى، بەدەنلىرى سىرقىراپ ئاغرىماقتا ئىدى، نەگىمۇ بارسۇن؟ شۇ خىيال بىلەن تۇرغاندا ئىشىكتىن بىرمۇنچە جامائەت كىرىپ كەلدى، خوشنىلاردىن بىرسى، ھويلىدىلا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان قىزنى ئاستا قولىغا ئالدى،ئاندىن ئۇنى ئاچىقىپ كەتتى، بىر ھارۋىدا ئۇزۇن چاچلىق بىرسىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى.
- شۇنداق قىلىپ ئانام ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋالغان ئىكەن، بارلىق كەلگۇلۇكلەرنىڭ ھەممىسىنى تارتىپ بولغان ئانامنى خوشنىلار يەنە، ئۆزىنى ئلتۇرۋېلىش ئېغىر گۇناھ، دوزاخقا كىرىدۇ دېيىشۋاتقان ئىدى، مەنلا ئانا تىنىچ ياتقىن، شۇ دوزاخنى مۇشۇ دۇنيادا كۇرۇپ بولدۇڭ، ئۇ دۇنيادىكى دوزاختا ياشىساڭمۇ بۇنىڭدىن بەخىتلىك ياشارسەن دەپ ئويلاۋاتقان ئىدىم.
- ئاتىڭىزچۇ؟
- ھىم، ئۇ ھايۋاننى ئاتام دەپ باقمىغان، مەڭگۇ دېمەيمەن.
- كىيىن قانداق بولدى؟




2. ھايۋاننىڭ قىلمىشلىرى


ئالادۇريا ئالادۇر
جاننى خۇدا ئالدۇر
خۇدا ئالمىغان جاننى،
بەندە قانداق ئالادۇر

                  -ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن

توۋا، زىمىن! شۇنچە خورلۇقلارنىڭ شاھىتى،شۇنچە پەشكەشلىكنى كۆرۇپ تۇرغۇچى، بەزىلەرنىڭ ھۇقۇق ئۈچۈن ئاياللىرنى كىملەرگىدۇر سولاپ بەرگەنلىكىگە، كىملەرنىڭدۇر بىر ۋاقىتلىق ئىشرەت ئۈچۈن، ئاغىنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن قىلىشقان بۇزۇقچىلىقلىرىغا، كىملەرنىڭدۇر دۇنيالىق مەنپەت ئۈچۈن ئەل يۇرۇتنى سېتىشغا، غۇرۇرلىرىنى نەچچە پۇلغا تىگىشىلىشىگە ... شۇنچىلىك سېسىق ناچار قىلمىشلارغا گۇۋاھ بولۇپمۇ يېرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىڭغا، شۇنچە سېسىقچىلىقنىڭ سېنىڭدىن ياسالغان ئىنسانلارنىڭ قىلغانلىقى سەۋەبلىك شۇلارنى يۇتۇپ كەتمەيدىغانلىقىڭغا ھەيران بولسا، سەندىكى سەۋىر تاقەتكە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن. بەلكىم شۇ ئىنسانلارنى ياراتقۇچى ياراتقاندا پەرىشتلەرنىڭ دېگەن : ‹‿ئۇلار دۇنيادا بۇزۇقچىلىق قىلىشىدۇر، سەۋەبسىز قان تۆكىدۇ ... ›‿دېگەنلىرىنى يادىڭغا ئالىدىغانسەن. شۇنچە خورلۇقلارغا گۇۋاھسەن.
ئەنە، شۇنچە يىللار ئارزۇلاپ باققان ئانىسىغا تاماق ئورنىغا تاياق، سۇ ئورنىغا زەھەر ئىچتۇرۋاتقانلارنىمۇ كۆرۇپ تۇرىۋاتىسەن. ئەنە بىر كىشىلىك تاماققا ئېرىشىش ئۈچۈن، قىزلىق ئىپپىتىنى مەجبۇرلانغان سودا تۇپەيلىدىن كۆزلىرىدىن قان ئېقىۋاتقان قىزلارغا گۇۋاھ بولىۋاتىسەن، ئەنە نەچچە تەڭگە پۇل ئۈچۈن ئىچكىرلەردە باشقا مىللەتلەرنىڭ يانچۇقىغا مەجبۇرى قول ئۇزۇتۇشقا مەجبۇر بولغان نارسىدىلەرنىڭ بەدەنلىرىدىكى يېقىلغان تاماكىلارنىڭ جاراھەتلىرىگە، قەلبىدىكى ئۆچمەس ئۆچمەنلىكلەرگە گۇۋاھسەن. بەلكىم شۇنچە گۇناھلارنى قىلغان بىزلەرنىڭ دوزاققىلا سەپەر قىلماي يەنە ياشاپ تۇرۋېتىشىمىزمۇ سېنىڭ بىزنى قوينىڭغا قىيامەتكىچە ئېلىشنى خالىماي تۇرىۋاتقانلىقىڭدىن بولسا كېرەك.
... ئانا شۇنچە خورلۇقلارنى تارىتقاندىن كىيىن تىنىچقىنە شۇ ئانا يەر قوينىغا سەپەر قىلدى، توۋا، ئەگەر خۇدا ئېلىشنى خالىمىسا ئادەم دىگەننىڭ جېنى چىڭ نىمە ئىكەن، تاياق توقماقلارنىڭ زەربىسىدىن كۆكىرىپ كەتكەن بەدەنلىرى بىلەنمۇ ئايگۇل ئانىسىدىن قېلىپ ياشاۋەردى، شۇنداق تەكرار ئۆتكەن كۇنلەردىن كىيىن قىزمۇ 15لەردىن ئاشتى، ئۇنىڭ قىلىدىغان بىردىن بىر ئىشى شۇ نەچچە مو يەرگە تېرلغان كېۋەزلەر بىلەن ھەپىلىشىش ئىدى، شۇنداق ئۇ ئېتىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىكار ۋاقىتلىرى شۇ ئېتىز ئىشلىرى بىلەن ئۆتىدۇ، ئاتىسى تاپقانلىرىنى قىمار بىلەن ئۇتتۇرۇپ تۇگىتىۋەتسىمۇ مەيلى، قورسىقىغا ئايىخان ئانىنىڭ ياكى مەھەللىدىكى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىشىپ تاپىدۇ، قىشلىقلىرى كۆمۇر بولمىسا، كالا تېززىكىنى تېرىش بىلەن، قورسىقى ئاچسا قىلىدىغان باشقا ئىش بولمىسا باشقىلارنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇشۇپ بېرىش بىلەن، ئىشقىلىپ بىر ئاماللار بىلەن كۇنلىرىنى ئۆتكۇزىدۇ. ئانىسىمۇ شۇنداق يوللار بىلەن نەچچىلىگەن يىللارنى ئۆتكۇزمىگەن، بەلكىم تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ، ئانىنىڭ تارتقۇلۇقلىرى قىزىغا مىراس قالىدىغان ئوخشايدۇ.
مەھەللىدە شۇنداق ياشاپ كەلگەن بەلكىم ئۇ بىرلا بالا ئەمەستۇر، بۇنداقلار ھەممە يەردە بارمىكىن، ئايىخان ئانا دەۋاتمامدۇ نۇرغۇن بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۇپ كېتىشىپتىكەن، مانا ئۇنىڭ ھېچ بولمىغاندا كىيىدىغىنى كونا بولسىمۇ بار، يەي دېسە ئىشقىلىپ كۇيۇك بولسىمۇ بار، شۇنداق خىياللار بىلەن ئۆزىنى بەزلەيدۇ. ئېتىز يېرىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىدىغان ئاۋۇت ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇتىدىغان يەنە بىر ئىش، ئىشقىلىپ سەت بولسا، تاز بولسا نىمە بوپتۇ، يامان ئەمەس بالىغۇ، ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىنى قىلالمايدۇ، لېكىن ئۇ ئىش قىلغاندا قىلالمىسىمۇ يېنىدا تۇرۇپ قىززىق گەپلەرنى قىلىپ بېرىدۇ، تېخى بەزىدە گۆشلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.
- ‹‿توۋا، ماۋۇ ئاۋۇت يوقاپلا كەتتا؟ نەچچە كۇنلەردىن كۆرۇنمەيدىغۇ؟ نەگە كەتكەندۇ؟ ئەجەبا باشقا بېرەر قىزلارنىڭ قېشىغا كەتكەنمىدۇ ؟ ... ›‿
خىياللار بىلەن تۇرغاندا ئىشىك ئۇرۇلدى، ئورنىدىن شۇنچىلىك چاققانلىق بىلەن تۇرغان ئايگۇل بېرىپ ئىشكنى ئاچتى، ئاتا يەنە بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە مەسىت بولىۋالغان، كىيىملىرىنى قېقشتۇرۇپ ئۆيگە كىردى:
- كىرە بۇزۇق. - ئاغزىدىن ئەزەلدىن چىرايلىق بېرەر قېتىم ياخشى گەپ چىقىپ باقمىغان ئاتا قان ئارىلاش كۆزلىرىدىن چىققان شەھۋەت ئوتلىرى بىلەن قىزنىڭ يېتىلگەن بويلىرىغا تىكىلدى. ئاندىن چاققانلىق بىلەن قىزنى قوچاقلاپ ئالدى، نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى ئېلىنمىغان ساقاللىرى قىزنىڭ يۇز كۆزلىرىگە سانجىلدى، قىز تىركەشمەكتە ئىدى.
- ۋۇ بۇزۇق، ئاناڭ ئۆلىۋېلىپ دوزاققا سەپەر قىلدى، تېخى ئەھلى مەھەللە ئالدىدا يۇزۇمنى پوق قىلدى، سەن جالاپ ئەمدى باشلاپ ئاناڭنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى قىلىسەن.
قىز شۇنچە تىرىشپمۇ، بۇ ۋىجدانىنى ئىت غاجاپ كەتكەن، تۇڭگۇز تەلەت، ھايۋان دېسىمۇ ھايۋانغا ئۇۋال بولىدىغان ئىتتىن پەس، چوشقىدىن ناچار تۇڭگۇزنىڭ ئاستىدىن چىقالمىدى.
شۇ كۇنى قىز شەھۋانىيتى قانغان ھايۋاننىڭ ئاستىدىن چىققاندىن كىيىن، ئۆيدىن ئاستا مېڭىپ چىقتى، ئۇمۇ ئانىسى تاللىغان يولنى تاللاپ، شۇ قوينى كەڭ دەريا بويىغا قاراپ يول ئالدى.... دەريا تىنچ ئاقماقتا، قىز ئاستا پۇتۇن خورلۇقلىرىنى ئېلىپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلماقچى. ئۆزىنى تاشلىماقچى بولدى.
زىمىن دەرياغا :
توۋا، قىز ئەڭ بىخەتەر يەر نەدە دېسە، ئاتىنىڭ باغرى دەپتىمەن، ئەسلىي ئەڭ بىخەتەر يەر يەنىلا سەن بىلەن بىزنىڭ قوينىمىز ئىكەن جۇمۇ؟
- راسىت دەيسەن، بۇنچىلىك پەسلىكلەرنى ئىنساندىن باشقا ھېچقانداق نەرسە قىلمايدۇ. تۇڭگۇز چېغىدا بالىسىنى قوغدايدۇ، يولۋاسمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىنى يېمەيدۇ، بۇركۇتمۇ بىر بىرنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ، چوشقا چېغىدا بالىسىنى قانداق بېقىشنى بىلىدۇ، ئىتمۇ تاپقىنىنى بالدۇر بالىسىغا يېگۇزىدۇ.
- دۇنيادا تەبىئىتى شۇنچىلىك پەسلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقىدىن بۇ تەبىقىنىڭ كۆرىۋاتقان كۇنى مۇشۇ، بۇنداق قەۋىم ھەر كۇنى مەسچىتلەردە دۇئا قىلسىمۇ، دۇئالىرى ئىجابەت بولمايدۇ. مۇشۇنداق پەسلەر پۇتۇن مىللەتنى بۇزۇپ يۇرۇتنىڭ بەركىتىنى كۆتىرىۋېتىدۇ.
- راسىت دەيسەن ئەنە دەرەخمۇ ئىچىدىن چىققان قۇرۇتتىن ئۆرۇلىدۇ، ئىچىدىن سېسىغان مېۋە بالدۇر تۇگىشىدۇ.
- مۇشۇنداق ھايۋانلار دوزاخقا بالدۇراق كىرسە بولاتتى.
- ئاللاھنىڭ تارازىسى ئادىل.
شۇنداق قىلىپ، بۇلۇتلار ئارىسىدىن چىققان ئاي بىلەن يۇلغۇنلار بىلەن تولغان دەريا قىيىنلىرى دەريانىڭ قىزنىڭ ئاتىسىغا بولغان غەزەپلىرىدىن ئۇرۇلغان سۇلارنىڭ زەربىسىدىن تۆكەن توپىلىرى بىلەن بۇگۇنكى پاجىئەگە گۇۋاھلىق بەرمەكتە ئىدى، ئارقا ئارقىدىن چىققان ئىككى ئاۋازلا بۇگۇنكى قاراڭغۇ كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزغان ئىدى...



3.يېڭى قىسمەتلەرنىڭ باشلىنىشى

بىر ياخشىغا بىر يامان ھەر جايدا بار.
                                           -ئۇيغۇر خەلق قۇشىقىدىن

ئەگەر بىلىشى قىيىن دېيىلسە ئۇيغۇرنى بىلىش ھەممىدىن قىيىنمىكىن دەيمەن، نىمىشقا دېسىڭىز مەھمۇت قەشقىرى يۇسۇپ خاس ھاجىپدەك تۇنۇلغان ئالىملار مەشھۇر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۇرگەن بولسا شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاكىسى بىلەن ئۇكىسى ئوتتۇرسىدىكى دەتالاشنىڭ ئاخىرىدا ھۇقۇق ئۈچۈن بىربىرسىنى ئۆلترىلگەن ھاياتنىڭ شاھىدى بولۇپ قالغان، ناۋائىيدەك مەشھۇر شائىر پەيلاسوپ، جامائەت ئەربابلىرىنى ھۇسەيىن بايقاراغا ئوخشاش ئۆزنىڭ ساۋاقدىشىغا چېقىپ ئارىسىنى بۇزالايدىغانلار پەقەت بىزدىن چىقامدىكىن دەيمەن؟
شائىر مەشرەپ، زەلىلى، ھىرقىتىلارغا ئوخشاشلارنىڭ ھاياتى ئەنە شۇ خائىنلارنىڭ رەزىللىكلەرنىڭ پەسكەشلىكلەرنىڭ زەھەرلىشى بىلەن ئۆتمىدىمۇ؟ ياقۇببەككە ئوخشاش بەدۆلەت ئاتالغانمۇ نىياز ھېكىمبەگنىڭ قولىدا يېڭىلمىدىمۇ؟ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىمۇ روزى موللا تەرىپىدىن سېتىلغان بولسا، يەنە بىر مەشھۇر زات ئابدۇقادىر داموللا بىر مەسچىتنىڭ ئىماملىقى ئۈچۈن ئەھمەت مەزىن تەرپىدىن بىۋاقىت ئارىمىزدىن ئايرىلمىدىمۇ ؟ل. مۇتەللىپمۇ ھېكىم نۇرى تەرىپىدىن سېتىلمىدىمۇ؟ مۇھەممەتئېلى تەۋپىقچۇ؟رۆمۇر خەلىپىچۇ؟ خوجىنىياز ھاجىمچۇ؟ ئۇيغۇردىن مۇناپىق چىقىدۇ دېسە، ھەرگىز ئاچچىقلانمايمەن، ئەتراپىمدىمۇ نۇرغۇن يۇرمەمدۇ، بىر ئۆمۇرلىك ئادىشىم دەپ ئىشەنگەنلەرنىڭمۇ بىرقانچە پۇلغا سېتىلغانلىقى يۇرۇگۇمگە چىڭ ئورناپ كەتكەن.
... سۇبھىنىڭ قىزىللىقى بىلەن ئەتراپ ئەمدىلەتىن سۇزۇلۇپ، خورازلارنىڭ نەلەردىندۇر قىچقىرىشى بىلەن چۇۋۇلغان چاچلار ئارىسىدىن قىز بېشىنى كۆتىرىپ ھەيران قالدى، ئۆزىنى تاشلىغان دەريا نەدە قالدى؟ بۇ قايەر؟ ئۆمرىدە بۇنداق يۇمشاق كارىۋاتتا يېتىشمۇ ئۇنىڭغا نىسىپ بولىدىكەندە؟ ياق ... توختا بۇ ئانىسى دەپ بەرگەن جەننەت بولىشى مۇمكىن، ھىم! ھەيرانلىق باسقان كۆزلەر بىلەن ئاستا ئورنىدىن تۇردى، ئاندىن ئۇستىدىكى كىيىملەرنى تۇزەشتۇردى. ئىشىك ئېچىلدى.
- ئويغاندىڭىزمۇ؟
- ئاۋۇت! - قىز ۋارقىرىۋەتتى - .. بۇ قەيەر.
- بۇ تاغامنىڭ ئۆيى.
-قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم ؟
- ئۆيىڭىزگە بېرىۋىدىم، بەلگە بەرسەم چىقمىدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن قايتاي دادىسى بار بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ماڭسام، غەلەت قىلىپلا باغنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ كەتتىڭىز، شۇنچە تىز مېڭىپسىزكى قوغلاپمۇ يېتەلمەي، ئاندىن ...
- ...
ئارىنى جىمجىتلىق باستى، بىرىسنىڭ قەلبى داۋالغۇش بىلەن، بىرسىنىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىدۇكى، ئىنسان مانا مۇشۇنداق خىياللار دۇنياسىدىلا ياشىغان بولسا بەلكىم نۇرغۇن گۇزەل خاتىرىلەرنى يارىتامدىكىن تاڭ.
كۆزلەر بىر بىرىسگە تىكىلدى، ئاستا ئاستا گەۋدىلەر بىر بىرىسىگە يېقىنلاشتى، قىز ئارانلا چىقىدىغان نەپسى تۇيۇقسىز تىزلەشتى، ئىككى گەۋدە ئارىسىدا ئەمدى ھېچنىمە يوق ئىدى، كىيىملەرمۇ ئىككى يۇرەكنىڭ سۇقۇشىدىن يوقتەكلا، تىنىقلار يېقىنلاشتى ... ئىشىك قايتىدىن ئېچىلدى.
- ھە، ھىم -قانچىلىك تەبئىي يېقىنلاشقان بولسا، شۇنچىلىك تەبئىي يىراقلاشقان ئىككى گەۋدىدىن بىرسىنىڭ يۇزى قىزىل، بىرسىنى تىتىرەك باسقان ئىدى.
- شۇنداق قىلىپ بۇ قىز سەن دېگەن ئايگۇل بولدى دېگىن.
-شۇنداق ھاجىم تاغا.
- ھە، ياخشى بۇ پۇللارغا بېرىپ قىزغا يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ كىيىملەر ئەمدى بەك ئاۋارە ئىكەن.شۇ باھانىدە قىزمۇ ئارام ئېلىۋالسۇن.
ئاۋۇت چىقىپ كەتتى، قىز جايىدىن ھاجىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىنى بىرنى چۆرگىلەپ، ئاندىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىنلا مىدىراپ، يۇمشاق كارىۋاتقا چىقتى، ئەمدى ئۇنىڭ قەلبى قۇپقۇرۇق ئىدى. كۆزلىرى دېرىزىدىن يىراقلارغا تىكىلگەن ئىدى. ئىشىك يەنە بىر ئېچىلغاندا قىز ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئاۋۇت ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ئويغاتتى، يۇزىگە يېنىك بىرنى سۆيۇپ:
- ماۋۇنى يەڭگۇشلىۋېلىڭ، ئىگىنلىرىڭىزنى يەڭگۇشلىۋالغۇچە مەن ھاجى تاغامنىڭ يېنىدا سىزنى ساقلاپ تۇرىمەن.
قىز خالتىلارنىڭ ئىچىدىنكىيىملەرنى ئېلىپ كىيىشكە باشلىدى،ماۋۇ ئىشتان بىلەن ئۇستىدىكى ماسلاشقان گاڭسارنى كەيگەندىن كىيىن ئۆزىگە قايتىدىن نەزەر سالدى، مۇشۇ بەدىنى بىلەن كىممۇ ئۇنى ئون بەش ياشلىق قىز دېسۇن.
- ھىم، ۋۇي ئاۋۇت كۆزۇڭ باركەن جۇمۇ. ئوغلۇم بىر پەرىكەنغۇ بۇ.
-ھى ھى ھى
- قىزىم قېنى ئولتۇرغىن.- قىز ئاستا سافانىڭ مۇنۇ بېشىغا كىلىپ ئولتۇردى، ساقاللىق ھاجى - بېشىڭغا كەلگەن كۇلپەتلەرنى ئاڭلىدىم، شۇنداق قىلىپ دەريا ئۆزۇڭنى تاشلىغىنىڭ بولماپتۇ قىزىم، ھايات يەنە قىممەتتە، مانا ياشاش پەرىزغۇ مۇسۇلمانغا، نە كۇلپەتلەر كەلسە ئاۋۇتقا ئېيىتساڭ بولاتتى ئەمەسمۇ، بوپتۇ قىزىم، ئەمدى بۇنىڭ بۇياققا مۇشۇ ئاۋۇت بىلەن تاز دېمىسەڭ بىرگە ياشايسەن، قۇشۇلامسەن؟
قىز پۇتى بىلەن يەرنى سىزغاندىن كىيىن، باشلىرىنى ئاستا لىڭشىتتى. بىر قانچە كۇن ئاۋۇت بىلەن شەھەردە ئۇيان بۇيانلارنى ئارلىدى، يېڭى كىيىملەرنى كەيدى، ئاخشاملىرى ئاۋۇت ئۇنى دېسكوخانىلارغا ئاپىرىپ شەھەردىكى قىزلارنىڭ ھاياتىنى تۇنۇتقانمۇ بولدى، رەڭگارەڭ چىراقلار ئۇنىڭ كۆزلىرىنى يېڭىئەلەڭ - زەلەڭ قىلىۋەتتى.
... - ئاۋۇت ئاستا ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتتى، قىز ئەمدى ھەممىنى ئۇنىتقان ئىدى ... ئىشىك ئېچىلدى، ھاجى تاغا ئاۋۇتنى ئاچىقىپ نىمىلەرنىدۇر دېدى، ئاۋۇت قىزنى ئاچىقتى، ئاندىن قىز بىلەن تاغىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى، ھاجى :
- قىزىم بۇ ياقلاردا كىيىنچە بىرگە تۇردىغان بولدۇڭلار، مەن بىلەن ئالدىدا مېڭىپ تۇرىسىز، ئاۋۇت ئارقىمىزدىن بارىدۇ. ئەتە گۇڭجۇ دېگەن چوڭ شەھەرگە ئۇچىدىغان بولدۇق، قانداق باشقا پىكرىڭىز بارمۇ؟
‹‹ئاۋۇؿنىمىشقا بىز بىلەن ماڭمايدۇ؟ ›‿ياكى ‹‿مەن ئاۋۇت بىلەن ماڭسام بولامدۇ؟ ›‿دېمەكچىغۇ بولدى لېكىن خىجىللىق باسقانلىقتىن ئېغىز ئاچمىدى، پەقەت بېشىنى يىنىك لىڭشىتتى.
- ھىم ياخشى، ئەمىسە كىيىملىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ.
قىز ئاستا كىرىپ كەتتى، ئىشىكنىڭ يۇرىقىدىن ئاۋۇتقا يەنە بىر قېتىم قارىماقچى بولدى، قەلبى نىمىلەرگىدۇر تەلپۇنەتتى، ئۇنىڭ قەلىب يارىسىنىڭ ئورنىنى ئەمدى باشقا بىر نەرسە مۇھەببەت ئىگىلىمەكتە ئىدى، ئاۋۇتنىڭ قوللىرى، ئۇنىڭ بەزى قوپاللىقلىرى، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسى ئۇنىڭغا يېقىملىق تۇيىلاتتى. ئىشكتىن قارىغاندا ھاجى تاغا ئاۋۇتقا بىرمۇنچە پۇل بەردى، ئاۋۇت سانىغاندىن كىيىن چىقىپ كەتتى. ‹‿ھىم، ھاجى ئاۋۇتقا بەرەر سودىنى تاپشۇرغان بولسا كېرەك ... ›‿دەپ ئويلىدى قىز.ئاندىن يوتقاننى قايرىپ يىغىشتۇرۇلغان نەرسىلىرىگە قاراپ ئويلارغا پاتتى:‹‿ ئاۋۇت بار، نىمىدىن قورقاتتىم، يېڭى شەھەرلەر بولسا يېڭى نەرسىلەرنى كۆرىدىغان گەپ، ھاجى تاغىسى دادىسىدىن ياخشى، ئەزەلدىن ئۇنى ئۇرمايدۇ، ئاۋۇتنى ئۇرغىنىنىمۇ كۆرۇپ باقمىدى، قاراشلىرىدىن باشقا ھەممە نەرسە شۇقەدەر ياخشى ...

شۇنداق مۇھەببەت شۇقەدەر ئۇلۇغ، پەقەت شۇ مۇھەببەتلا بولسا قانچلىك قىيىن كۇنلەر، قانچىلىك كۇلپەتلەرنى تارىتقان قەلىب بولسۇن، قايتىدىن ياشىرىدۇ، مۇھەببەت ياشاشقا يېڭى مەزمۇن قۇشۇدۇ....

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603