كىچىكىمدە ئورمانلىقتا ئويناۋېتىپ چوڭ بىر تاشپاقىنى تۇتۇۋالدىم ، ئۇنى ئەرمەك ئورنىدا بېقىش ئويى بىلەن بوۋامنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدىم ھەمدە بوۋامغا تاشپاقىنى كۆرسىتىپ : بۇ مېنىڭ ئەرمىكىم ، دېدىم . بوۋاي يانچۇقىدىن قېرىنداشنى چىقىرىپ ، تاشپاقىنىڭ قېپىغا سانجىۋىدى ، تاشپاقا شۇ ھامان بېشىنى چىقىرىپ قېرىنداشنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتتى . بۇ چاغدا بوۋام مەندىن مۇنداق بىر ئۇنتۇلغۇسىز سوئالنى سورىدى : ئەگەر سەن بارمىقىڭنى چىقارغان ۋاقتىڭدا تاشپاقا بارمىقىڭنى چىشلەپ ئۈزىۋەتسە ، بۇ سېنىڭ خاتالىقىڭمۇ ياكى ئۇنىڭمۇ ؟
ئەلۋەتتە بۇ سوئال ماڭا نىسبەتەن تەسمۇ ئەمەس ئىدى . ئەگەر بارمىقىمنى تاتاشپاقا چىشلەپ ئۈزىۋەتسە ، بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ خاتالىقىم ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم .
ھازىر بىر قىسىم چوڭلار تاشپاقىنىڭ ساۋىقىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ ، تاشپاقىغا بارماقلىرىنى چىشلىتىپ قويۇۋاتىدۇ . مەغلۇبىيەت ھەرگىزمۇ قانداق قىلىشنى بىلمەسلىك ئەمەس ، بەلكى بىلىپ تۇرۇپ خاتالىق ئۆتكۈزۈشتۇر . ئەگەر سىز بارمىقىڭىزنى دائىم تاشپاقىنىڭ ئېغىزىغا ئۇزاتسىڭىز ، بارماقلىرىڭىزدىن بىر - بىرلەپ ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن . تەقدىرىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز ، چوقۇم ياخشى تەدبىر قوللىنىشىڭىز لازىم .
مۇخپۇللا مۇھەممەت تەرجىمىسى