ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئىسلام تارىخىدىن تاش بىلەن تۇخۇم(باش قىسىمى) - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
ئىسلام تارىخىدىن تاش بىلەن تۇخۇم(باش قىسىمى)
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:46  

شەمس نەۋىد ئوسمانى


 

كامىلجان تەرجىمىسى


 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان رىم ئىمپېرىيە قوشۇنىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن تەبۇك غازاتىغا جىددىي تەييارلىق قىلىش لازىملىقىنى جاكارلىغان چاغدا، دۇنيادىكى بۇ ئەڭ كۈچلۈك قوشۇنغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەيبتىن ياردەم بېرىشىگە بولغان ئشەنچىدىن باشقا ھېچقانداق قورال كۈچى يوق، مەدىنىدىكى ئاشۇ ئازغىنا مۇسۇلمانلارنىڭ جۈرئەت، شىجائىتى، ئۇرۇش قىزغىنلىقى ۋە پىداكارلىق روھلىرى ئۇ قەدەر مەۋج ئۇرۇپ شىددەتلىك ئاشىقانە كەلكۈنگە ئايلىنىپ كېتەر، دەپ ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بولسا كېرەك.


 

يالقۇنلۇق چۆللۈكنىڭ چوغدەك يېنىپ تۇرغان قۇم، زەررىلىرى ئاياقلارنى تەشمەكتە ئىدى. داتلاشقان سۇنۇق قىلىچلارنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە دۆۋىسى مۇسۇلمانلارنىڭ نامراتلىقىنى مازاق قىلىۋاتاتتى. كۈن - كۈنلەپ داۋاملىشىۋاتقان ئاچلىق ئۇلارنىڭ قان، تومۇرلىرىنى چېرىتمەكتە ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ تەۋرەنمەس ئىمانى گوياكى دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ روھىمسىز تەستەكلىرىگە پەرۋاسىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تاغ چوقىلىرىغا ئوخشايتتى. بەلكى تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، قىلىچى ئۆتكۈر، ئەسكىرى خىل، سانى چەكسىز ئاشۇ مەشھۇر ئىمپېرىيە قوشۇنلىرىنى ئۈستىدىن بېسىپ چۈشۈپ يەنچىپ تاشلاش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرلا ئىشارىتىگە ئىنتىزار كۆكتە لەيلەپ تۇرغان ھەرىكەتلىك تاغقا ئوخشايتتى. پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخى شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىكى، ئاسمان، زېمىننىڭ بىردىن - بىر يادروسى بولغان تەۋھىد ئەقىدىسى (قۇدرەتلىك ئاللاھنى "تەنھا ئىلاھ" دەپ تونۇش) ئىنسانلارنىڭ قەلب، ئىددىيەلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، بۇ تاش، تۇپراق دۇنياسىغا قەدەم قويغاندا، ئىددىلوگىيە جەھەتتىكى مۇقىملىق ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى تەڭداشسىز ئىشەنچ ئىزىلگۈچىلەرگە شۇ قەدەر لاتافەت ۋە شۇ قەدەر كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدىكى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىستىبداتلىق ۋە مۇشتۇمزورلۇقنىڭ بارچە كۈچلىرى قورقۇنچتىن تىترەشكە، ئەيمىنىشتىن يەرگە قاراشقا باشلىدى.


 

بىر تەرەپتە ئالتۇن، كۈمۈش، پۇلات، ساۋۇتلار بىلەن قۇراللانغان رىملىقلارنىڭ مەغرۇر كۈچلىرى زېمىننى نەپرەتلەرگە تولدۇرۇپ، بەئەينى يىرىتقۇچ ھايۋانلاردەك ھۆكۈرەشكەن ھالدا تاجاۋۇز قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلار شام يوللىرىنى بويلاپ، قىقاس، چۇقان سىلىشقىنىچە ماددى جەھەتتىكى نامراتلىقى تۇپەيلى مادارسىز ياتقان مەدىنە شەھىرىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاشماقچى ئىدى. رىملىقلار مەدىنىدىكى ئاشۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنسانلارنىڭ قانلىرىغا قىلىچىنى چىلاپ، (ماددى قۇۋۋەت، ۋە ئىستىبداتلىقتىن ئىبارەت نەق، ئەمەلى خۇدالىق بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن تېخىچە كۆزىمۇ كۆرمىگەن غايىپ ئىلاھقا تايانماقچى بولۇۋاتقانلار چوقۇم مۇشتۇمزورلار تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرىلىدۇ) دېگەن شۇئارلىرىنى دۇنيا تارىخىغا خاتىرە قالىپ يېزىشماقچى بولۇشىۋاتاتتى. ئەمما ئىككىنچى تەرەپتە ئۇلارغا پىسەنتمۇ قىلماستىن "وچدھ لا شريك..."، "فىّال لما يريد..."، "ىلۈ كلّۈ شيء قدير..." (ئۇ ھىچ قانداق شېرىكى يوق ئاللاھتۇر...)، (ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ...)، (ھەممىگە قۇدرىتى يېتىدۇ...) دېگەن ئىلاھىي تەسەۋۋۇر بىلەن قەلب، ۋىجدانلىرىنى بېزىگەن، قوللىرىدا قىلىچ، نەيزە ئورنىغا ئىمان ۋە ئشەنچنى مەھكەم تۇتقان ئاجىز ئىنسانلار توپى دۈشمەنگە قارشى قىزغىن ئۇرۇش تەييارلىقى قىلماقتا ئىدى.


 

بۈگۈنكى ماددىزم دۇنياسى بەلكىم بۇ ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سىلىشتۇرمىسىغا قاراپ "تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق"، "ئەخمىقانە خام - خىيال" دېيىشتىن باشقا باھا بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بۇندىن 1400 يىل ئىلگىرى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولغان بىر كارامەتلىك ئىنسان ئەنە شۇنداق خام خىيالنى رىئاللىققا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇنى بىر تارىخى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ، چۆللۈكنىڭ ئاشۇ ئازغىنا خۇدا سۆيەر زەررىلىرىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە قوشۇنلىرىنى مەيدان تاشلاپ قىچىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلالايدىغانلىقىنى كەلگۈسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىبرەتلىك ساۋاق ئورنىدا خاتىرە قالدۇرۇشقا ھەمدە شۇ ئارقىلىق بارلىق ئىنسانلارنى كۈچلۈك بىلەن ئاجىزلىقنىڭ ئۆلچىمىنى يېڭىلاشقا چاقىرماقتا ئىدى.


 

ــ نېمىدېگەن ياخشى، جەزىبدار چاقىرىق بۇ! نېمىدېگەن ياخشى پۇرسەت ھە؟! بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇش چاقىرىغىغا ئىپادە بىلدۇرىۋاتقان تۇنچى ئاۋاز ئىدى.


 

ــ نېمىدېگەن خەتەرلىك ئېلان بۇ! نېمىدېگەن ئۆتۈش قېيىن داۋان بۇ؟! ئىككىنچى ئاۋاز قورقۇنۇشتا تىترەۋرەك چىقىۋاتاتتى.


 

ـ شۇنداق، بىز جىھادنىڭ خەتەرلىك مەيدانلىرىدا پانى ھاياتىمىزنىڭ قانلىرىنى ئېقىتىش ئارقىلىق ئىنسان بىلەن تاشلارنىلا ئۆزىگە يېقىلغۇ قىلىدىغان مەڭگۈلۈك دوزاخ ئوتىنى پەسەيتمەكچى. بىرىنچى ئاۋاز تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن جوشقۇن ياڭرىماقتا ئىدى.


 

ــ لېكىن... سىلەر تېخى كۆرۈپ باقمىغان ئوتتىن قورقۇپ، كۆز ئالدىڭلاردىكى ئەتراپىڭلارنى قورشاپ تۇرغان ئەمەلى ئوتنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتىسىلەر. قارىمامسىلەر؟ بۇ يالقۇنلۇق چۆللۈككە، ئاپتاپ تەپتىدە ئۇنىڭ ھەر بىر زەررىسى قىزىل چوغلارغا ئايلىنىپ، چۆلنى گويا بىر ئۆچمەس دوزاققا ئوخشىتىپ قويغىنىنى. مانا پۈتۈن ئەتراپتا يالقۇن، ئۆچمەس يالقۇنلار....


 

ــ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.


 

بىرىنچى ئاۋازنىڭ ئىمانىي غۇرۇرى جۇش ئۇرماقتا ئىدى.


 

ــ كۆزلىرىمىز بىر ئوتنى كۆرىۋاتقىنى بىلەن قەلىبلىرىمىز ئىككىنچى بىر ئوتقا تىكىلگەن. شۇ تاپتا ئۇنى پەقەتكىنە تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن ئىنساننىڭ روھى پۇچىلىنىشقا باشلايدىغان، كۆزگە كۆرۈنمىگەن ئەھۋالدا قۇتۇلغىلى بولغان بىلەن ئەمما كۆزگە بىر چېلىقىپ قالغان ھامانلا مەڭگۈ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئىككىنچى بىر ئوتنىڭ تەپتىنى ھىس قىلماقتىمىز.


 

ــ ۋاي ئېسىت!


 

ئىككىنچى ئاۋاز خۇددى يىلان چاققاندەك تولغۇنۇپ نەپرەت ھەم بېزارلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى.


 

ــ سىلەر نادانلار مۇنداق ئاسان چۇشەنمەيدىغاندەك قىلىسىلەر، ئەجىبا ئاشقازانلارنى كۆيدۈرۈپ، پۈتكۈل يېزا، شەھەرلەرنى نابۇت قىلىپ تاشلايدىغان، خۇددى دوزاخ ئوتىغا ئوخشاشلا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئاچلىق ئوتىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتامسىلەر؟ جىھادقا مېڭىشىڭلار بىلەن تەڭلا پۈتكۈل مەدىنە ئاھلىسىنىڭ قەھەتچىلىككە مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى نېمە ئۈچۈن ئويلىمايسىلەر؟ بۇ دېگەن خورمىلار پىشىش ئالدىدا تۇرغان مەزگىل. مەدىنە ئاھالىسىنىڭ بىردىن ‿بىؿتېرىكچىلىٿئاساسؿبولغان خورمىلارنى پاجىئەلەرگە يەم قىلىپ بېرىپ، شەھەر ئاھالىسىنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئۆلۈمگە ئىتتىرمەكچىمۇ؟ بۇ گويا جىھاد مەيدانىدا ئۆلمەي تېرىك قالغانلار مەدىنە دەرۋازىسى ئالدىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۈگىسۇن، دېگەنلىك بولمامدۇ؟!


 

ــ شۇنداق، شۇنداق، توغرا دەيسىلەر.


 

بىرىنچى ئاۋاز تەنە ئارىلاش غەزەپلىك سۆزلىمەكتە ئىدى.


 

ــ شۇنداق ئاچلىق دېگەن نېمە؟ قەھەتچىلىك دېگەن نېمە؟ ھەممىنى ئوبدان بىلىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ ئاخىرلىشىدىغان ئازابلار. ئەمما بىز شۇتاپتا ئۆلۈم بىلەن تەڭلا باشلىنىدىغان مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ تەسەۋۋۇرىدا پۇچىلانماقتىمىز. سىلەر ئۆلۈم بىلەن تەڭ ئاخىرلىشىدىغان دۇنيالىق ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئاقىلانىلىك ھېسابلايسىلەر، ئەمما ئۆلۈممۇ ھىچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان ئاشۇ ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ئازابلىق ھاياتقا نېمە دەيسىلەر؟!


 

(داۋامى بار..)

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603