يېقىندا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا باردىم، لېفىتتا ئادەم كۆپ ئىدى. شۇ ئەسنادا ئىككى ئايالنىڭ سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
- سىلى قەيەردىن؟
- پوسكامدىن.
- ئەرلىرىنى نىمىشقا كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا دوختۇرخانىغا ئەكەلدىلە؟
- ئۇنىڭغا ئىلگىرىلا ئېيتقان، بىراق ساقىيىپ قالىمەن، دەپ ئۇنىمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىمىز قىسقا كېلىپ قالدى...
- چۈشەندىم، دوختۇرخانىدا داۋالانماي، ئۈجمە سايىسىدە چىۋىن قورۇپ، ئەزرائىلنى كۈتۈپ ياتقۇسى بار ئىكەندە -دە، ئەرلىرىنىڭ! - دېدى ئەھۋال سورىغان ئايال قاقاقلاپ كۈلۈپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ لىفىتتىكىلەر ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قاراشتى. ئېرىنى داۋالاتقىلى كەلگەن ئايالنىڭ چىرايى ئۆڭدى، بىراق لام-جىم دېمىدى، كۆڭلۈم غەشلىككە تولدى.
ئەسلىدە ھەر ئىككى ئايال كېسەلگە قارىغۇچى بولۇپ، ئوخشاشلا تەسەللىي ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئىدى. ھېلىقى ئايال: «كۆڭۈللىرىنى توق تۇتسىلا، ئەرلىرىنىڭ كېسىلى شىپا تېپىپ قالار» دېيىشنىڭ ئورنىغا كۈلگىنى نېمىسى؟ شۇنداق دەپ قويسا، كۆڭلى پەرىشان ئايال تەسەللى تاپماسمىدى؟ بەلكىم ئۇ ئايالنىڭ راستىنلا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچاردۇ ياكى باشقا سەۋەبى باردۇ، بىزدە: «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى» دېگەن ماقال بار، شۇڭا ئېسىل ئەخلاقىمىزنى نۇرلاندۇرايلى، باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى، ياردەم قىلالمىساقمۇ، كۆپرەك تەسەللى بېرەيلى، ئۇلارنىڭ زىدە كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى!
ـــــ شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتى