
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ياشلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەڭ جۇشقۇن، شۇنداقلار ئۆمۈرنىڭ كېيىنكى قىسمى ئۈچۈن ئۇل سالىدىغان ھەل قىلغۇچ مەزگىل. شۇڭا ئەلمىساقتىن تارتىپ تەدبىركار ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشلىققا «ئىنسان ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ تەبىر بېرىشكەن. ياشلىق مەزگىلىدە ئادەمنىڭ زېھنى ۋە جىسمانى قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر ياشلىق مەزگىلىدە تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، ئەقىل تاپىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە ئاز ساندىكى ياشلىرىمىزنىڭ ياشلىق باھارىنى قەدىرلىمەي، بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ، ھە دىسىلا ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ تاپقان-تەرگىنىنى خەجلەپ ياكى بولمىسا ئاللىقانداق يوللارغا سەرپ قىلىپ، ئۇلارغا يۈك بولىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز.
يېقىندا بىر يۇرتلۇقۇم بىرەيلەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم، قىسقىغىنە سالام-سائەتتىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى ئېيتتى:
- تۆت يىلدىن بۇيان ئوغلۇق ئەيساجاننىڭ خىزمەت ئىشىغا مېڭىپ ئىككى قېتىم ئالدىنىپ، 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتتىم. ھەر يىلىقى ئۈزۈمنىڭ پۇلىنى ئۇنىڭ خىزمەت ئىشىغا سەرىپ قىلىۋاتىمىز، ئۆزىمىزنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن بانكىدىن قەرىز ئېلىپ، قەرىزدىن بېرى كېلەلمەيۋاتىمىز. بۇ قېتىم يەنە ئۇنىڭ ئىشى ئۈچۈن يول مېڭىشقا چىقتىم، بۇ يىلقى ئۆزۈمنىڭ پۇلى 40 مىڭ يۈەن بوپتىكەن، دېدى، بۇنى ئاڭلاپ ئېغىز ئاچتىم:
-ئاچا، ئۇدا ئىككى قېتىم ئالدىنىپ، ھەر يىلى دىگۈدەك بانىكغا گەدەنگىچە قەرز بولۇپمۇ يەنە شۇ مېڭىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟، -دېدىم. ئۇ : -دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلۇم بولغاندىكىن، ئەمدى شۇ ... يەنە يول مېڭىپ باقايلى دېگەن، -دېدى.
-بوپتۇ ئاچا، -دېدىم ئۇھسىنىپ-، تىرىشىپ كۆرۈڭ، لېكىن سىزگە يەنىلا دىسەم بالڭىز ئۆزى تىرىشسۇن.
يۇرتلۇقۇمنىڭ ئىشلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، توغرا، جاپاكەش، مىھنەتكەش ئاتا-ئانىلرىمىز يۈرەك پارىلىرى ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىدۇ، ئەمما پەرزەتلەر ئۇلارغا زادى نىمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟ ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالىدىقمۇ؟ توغرىسىنى ئېيتقاندا، بىز تىرىك تۇرساقمۇ، خۇددى ئۆلۈكتەك ئۇلارغا يۆلىنىپ كېلىۋاتىمىز، ھە دىسىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، چوقۇم خىزمەتچى بولۇشۇم كېرەك، دەپ ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا بەللىرى مۈكچەيگىدەك تەزىم ئېيتىپ، خۇشامەت قىلىشقا قىستاۋاتىمىز. ئەجەبا ئەيساغا ئوخشاش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارغا باشقا يول يوقمىدۇ؟ ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا قانغۇدەك شەربەت ئالغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، ئالدىغا ئىلگىرلەپ، شىركەت قۇرۇپ مېليونىر بولغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەجەبا ئەيسا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەت تەمسىدە يۈرگەن ياشلار ئاشۇ تىرىشچان ياشلارنى كۆرمىگەنمىدۇ ياكى بولمىسا كەتسە كەلمەيدىغان ياشلىق باھارىنىڭ قەدرىنى بىلمەسمۇ؟ بۇلارنى ئويلىغانسېرى ئەيساغا ئوخشاش نەۋقىران ۋاقىتلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ، ھە دېسىلا ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدىغان ئەخمەق ياشلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنىڭ نەقەدەر قاتماللىقىغا، تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىنىڭ كەمچىللىكىگە ئېچىنماي تۇرالمايمىز. راستىنى دېگەندە، كونىلىرىمىز «يول تاپىنىنىڭ ئاستىدا»، «تەقدىرىڭ تەدبىرىڭدىن» دېگەندەك ھېكىمەتلەرنى بىزگە بىكاردىن قالدۇرمىغان. دېمەكچىمەنكى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ھەر قانداق ياش مەكتەپ پۈتكۈزۈپلا كەسكىن بىر قارارغا كېلىشى كېرەك، ياكى ئىلگىرىلەپ ئوقۇپ ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرشى ياكى بىرەر كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ ئىگىلىك تىكلىشىۋە ياكى دېھقانچىلىق قىلىپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ نەپ بېرىشى لازىم. ھەرگىزمۇ ئارىسالدىلىقتا يۈرۈپ، غەمگۈزار ئاتا-ئانىلىرىنى كىملەرگىدۇ خار قىلماسلىقى، ئالتۇندەك ياشلىقىنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ۋاقىتنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ، ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمەسلىك لازىمدۇر.
شۇڭا مۆھتىرەم ياشلىرىمىزغا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ياشلىقتىكى ئون يىل ئۆمۈرلۈك تەقدىرنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم مەزگىلدۇر. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ھەرگىزمۇ ئېزىپ قالماسلىق، توغرا يول تاللاشنى داۋاملىق ئەستە تۇتۇش، ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، مەردانىلەرچە ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كېرەك. شۇنى ئېسىمىزدە چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، ۋاقىت - ئالتۇندىن قىممەت، بولۇپمۇ ياشلىقتىكى ۋاقىت ھەممىدىن قىممەت ۋە بىباھادۇر.
ـــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى