ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
«ئىشەكنىڭ كۆتىگە كەشتە» تىكىۋاتىمەن (ھېكايە) - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
«ئىشەكنىڭ كۆتىگە كەشتە» تىكىۋاتىمەن (ھېكايە)
 يوللىغۇچى:佚名  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:21  

ھېكايە)

 



 

    48ئائىلىلىك بار بولغان بۇ يىگانە بىنادا ، ئىدارىنىڭ ئائىلىلىكلەر قوروسى بۇلۇپ، خوجىلىقى يوق ئىدى. بىنا سېلىنغاندىن تارتىپ قورونىڭ تازىلىق، دەرەخلەرنى سۇغۇرۇش، قىش كۈنلىرى قار تازىلاش قاتارلىق ئىشلار قادىر ياۋاشنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمىغا ئايلانغاندى.
بىنادا ئولتۇرىدىغانلارنىڭ 95%دىن كۆپرەكى زىيالى بولۇشىغا قارىماي ، قورو تازىلىقى بىلەن كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ كارى بولمىغاچقا . قادىر ياۋاش ھەركۈنى سەھەردىلا تۇرۇپ قورونى بىر قېتىم تازىلىغاندىن كېيىن خىزمىتىگە ماڭاتتى. شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنى قورونىڭ تازلىق خادىمىدەپ ئاتىشىپمۇ قوياتتى . لېكىن ئۇ بۇلارغا پەرۋا قىلىپمۇ قويمايتى. گاھىدا ئۇلارغا مەن بولمىغان بولسام ئەخلەتكە كۆمۈلۈپ قالاتتىڭلار دېگەندەك چاقچاقلارنىمۇ قىلىپ قوياتتى.



 

يانۋار ئايلىرىنىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ياغقان قار سەھەردە توختىدى. قادىر ياۋاش كۈندىلىك ئادىتى بويىچە گۈرجەك، سۈپۈرگىلىرىنى كۆتۈرگەن پېتى 10ياشقا كىرىپ قالغان ئوغلى بىلەن قار تازىلاشقا باشلىدى. قورو چوڭ بولغاچقا ئۇلار بىرەر سائەتتىن ئارتۇق تازىلىغان بولسىمۇ قار يەنىلا تۈگەي دىمەيتتى. سوغۇق نەشتىرىنى ئۇلارغا رەھىمسىزلارچە سانجىماقتا، توڭلاپ كۆكۈرۈپ كەتكەن ئوغلى ئۇنۇڭدىن -دادا نىمىشقا دائىم سەنلا تازىلىق قىلىسەن؟باشقلار قىلمايدىكەنغۇ؟دەپ سورىدى.



 

-باشقىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تازىلىمىسام بولمايدۇ دىدى جاۋابەن ئوغلىغا، بۈگۈن دىگەن يەكشەنبە تۇرسا ئۇلارمۇ دەم ئالدىغۇ؟ بىر ھەپتە خىزمەت قىلغاچقا ئۇلار ھېرىپ قالغان چېغى. -سەنمۇ بىر ھەپتە خىزمەت قىلدىڭغۇ؟ مەن دىگەن ياش ھارمايمەن، -قوشنىلارنىڭ تولىسى سەندىن ياشقۇ؟ئوغلىنىڭ قايتا-قيتا سورىغان سۇئالى قادىر ياۋاشنى قىيناپ قويدى بولغاي ئۇ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تازىلىق قىلىش ساۋابلىق ئىش شۇڭلاشقا مەن ساۋاب تېپىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىمەن ئوغلۇم، ئەمىسە باشقىلار نىمە ئۈچۈن ساۋاب تېپىشنى خالىمايدۇ؟ -ئۇنىسى ماڭا ئايان ئەمەس لېكىن ئۇلار بۇنداق ئېغىر ئىشنى قىلىپ بولالمايدۇ.  -ئىش قىلسا سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ قالىدىغۇ دىدى ئوغلى. بالىنىڭ يامغۇردەك سۇئالى ئۇنى يەنە قىيناپ قويدى ، ئۇ سەل ئاچچىقلانغان ھالدا توڭلاپ كەتكەن بولساڭ ئۆيگە كىرىپ ئىسسىنىۋالغاچ ئارامىڭنى ئېلىپ چىققىن دىدى ئوغلىغا. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ سۇئاللىرىمۇ ئاخىرلاشتى، دادا-بالا ئىككىيلەن قار تازىلىماقتا، بىر-بىرىدىن سالاپەتلىك سېمىز قۇرساق، ھالىنى ئالتە ئاتلىق ھارۋۇمۇ تارتالمىغۇدەك قوشنىلار بىر-بىرلەپ ئۇلارغا پەرۋامۇ قىلىپ قويۇشماي يوللىرىغا راۋان بولۇشماقتا ئىدى. قادىر ئۆز كۆڭلىدە توۋا ماۋۇ كىشىلەرنى خۇددى ھايۋاننىڭ ئۆزىكەن، ئەگەر مەن بولمىغان بولسام قانداق قىلاركىن تاڭ . تېخى ئالدىنقى كۈننى ئا كېجاڭ قورادا يېقىلىپ چۈشۈپ پۇتىنىمۇ سۇندۇرۇۋاپتۇ، تازىلىمىساق ئۆگۈنلۈككە يەنە بىرى شۇنداق قىسمەتكە دۇچ كەلمەمدۇ؟دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى. مانا ئۇ شۇ خىياللار بىلەن قىززىق قار تازىلاۋاتقىنىدا بىر قىسىم قوشنىلار خۇددى چالا بوغۇزلانغان خورازغا ئوخشاش باشلىرىنى لېڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشسە يەنە بىر قىسىملىرى خۇددى ئۆردەكتەك ئىغاڭلىشىپ پەرۋاسىز ئۆتۈشمەكتە. بۇ ھال ئۇنۇڭغا سەل ھار كەلدى بولغاي سەل تېرىكىپ قالدى . دەل شۇ پەيتتە 4-قەۋەتتىكى قوشنىسى راخمان مۇدېر دېرىزىنى ئېچىپ ئۇنۇڭغا بىر قۇر سەپ سالغاندىن كېيىن . -ھەي قادېر نىمە قىلىۋاتىسىز؟دىدى گويا ئۇنى زاڭلىق قىلغاندەك. بۇ گەپنى ئاڭلىغان قادېرنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلىدى-دە، بېشىنى ئاسمانغا قىلغىنىچە ئۇنۇڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.  -نىمە قىلىۋاتاتتىم<<ئىشەكنىڭ كۆتىگە كەشتە>> تىكىۋاتىمەن بۇرادەر دىدى جاۋابەن.


 

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603