ئاشۇ كۈنى كەچقۇرۇنلىقى بىر يىگەىتنىڭ بىر قىزنى ھاپاش قىلىپ ئاسما كۆۋرۈككۈ چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم . ئۇلارنىڭ ئۈستىبىشىدىن قارىغاندا يىزىدىن شەھەرگە كىرگەن ياش ئەر – خوتۇن ئىشلەمچىلەردەك قىلاتتى ، قىز يىگىتنىڭ دۇمبىسىگە چىڭ يىپىشىۋالغان ، يىگىت بولسا چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدى .
مەن تىزدىن بىرىپ يىگىتنى يۆلىدىم ۋە كۆيۈنگەن ھالدا :
- بۇ قىز ئاغرىپ قالغان ئوخشىمامدۇ ؟ سىزگە دوختۇر ماشىنىسى چاقىرىپ بىرەي – دىدىم .
بىزكۆۋرۈك ئۇستىگە چىققاندا ، قىز تۇيۇقسىز يىگىتنىڭ دۈمبىسىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ، كۈلۈپ تىلىقىپ قالدى .
- كەچۈرىڭ ،كەچۈرىڭ – دىدى يىگىت ئالمان – تالمان كەچۈرۈم سوراپ – سىزگە كۆپ رەخمەت بىز ئەسلى ئويۇن ئويناۋاتاتتۇق .
- نىمە ، نىمە ئويۇن ئويناۋاتاتتۇق ؟ - بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم غۇججىدە ئاچچىغىم كەلدى .
- بىر ھازادىن كىين قىز ئاران دىگەندە كۈلكىسىنى باستى ، ئۇ ماڭا بۈگۈن ئۇلارنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى ئىكەنلىكىنى شۇڭا كەچقۇرۇنلىقى رۇخسەت سوراپ چىققانلىقىنى ئىيىتتى .
- ئۇنىڭ پۇلى يوقلىقىنى بىلگىنىم ئۈچۈن ، سوۋغات ئىلىپ بەر دىمىدىم ، - دىدى قىز ، - لىكىن ئۇنىڭ كۈچى بار ، شۇڭا مىنى كۆتۈرۈپ ئاسما كۆۋرۈككە ئىلىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدىم ، ئۇمىنى كۆتۈرۈپ ئۈچ قىتىم بىرىپ – كىلىپلا ھىرىپ ھالىدىن كەتتى ، كەلگۈسىدە توي قىلغىنىمىزغا 30 يىل بولغاندا ، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى 30 رەت كۆتۈرتىمەن ، ئۇ چاغدا ئۇ كۆرگۈلىكىنى كۆرىدۇ . قىز سۆزلەپ بولۇپ يەنە كۈلۈپ كەتتى .
- يىگىت بولسا بىر چەتتە ساددىلارچە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . مىنىڭ نەزىرېىمدە قىز چىرايلىق ئەمەس ئىدى ، ھەتتا سەت دىيىشكە بولاتتى . لىكىن شۇ پەيىتتە بۇ سەت سەھرا قىزى كۆزۈمگە سۆيگۈ لىباسى كىيگەن نازىنىنلاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى .
كىشىلەر ئادەتتە رومانتىكلىقنى گۈل ، شام نۇرى ، قەھۋەخانا ، مۇزىكا دىگەنلەر بىلەن باغلىۋىلىپ دۇنيادا پۇل بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان رومانتىكلىقنىڭمۇ بارلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ .
بىز سۆيگىنىمىزگە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئىلىپ بىرەلمىسەكمۇ ، ھىچ بولمىغاندا ھاپاش قىلىپ ئوينىتىپ كەلسەكمۇ بولىدىغۇ ؟