ئېھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ «مەلىكە ھۇننا» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى
ئەرەپچە نۇسخىسىدىن ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن تەرجىمىسى
تۇنجى خىىزمەت ھاياتىمنى «چولپانلار» ژورنىلىدا مۇخبىرلىق قىلىشتىن باشلىدىم.
نىمە ئۈچۈن بۇ ژورنالدا ئىشلىگىنىمنى، قانداقلارچە مۇخبىر بولۇپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
سودا كەسپىنى پۈتتۇرگەندىن كىيىن دادام ھەر قايسى شىركەتلەرگە قاتراپ ماڭا خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدى.
بۇ ئاردا كۈنلىرىم، «ھىلال» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى دوستۇم ئابدۇ جەۋۋاد بىلەن بېرىش-كىلىش، سۆھبەت قۇرۇشلار بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى.
بىر كۈنى جەۋۋاد مىنى مەلۇم بىر فىلىم ئىشلەش شىركىتىگە ئېلىپ باردى، مەن ئۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئايال كىنو چولپىنى فاتىن ھەمامىنى كۆردم. ئۇنىڭ قاملاشقان تەق-تۇرىقىنى يېقىندىن كۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقىنىمۇ بىلىپ ئۈلگۈردۈم. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىكراندا كۆرۈنگىنىدەك غەمكىم، مۇڭ چىراي ئەمەس ئىدى.
مىنى ئۆزىگە ئەڭ تارتقىنى فىلىم ئىشلەش، سۈرەتكە ئېلىش، رولغا چىقىش، رولچىلارنىڭ دىئالۇگلىرى ۋە رىژىسسورلۇق بولدى.
شىركەتتىن چىقىپ ھاياجانلانغانلىقىمدىن ئېغىزىمنى يۇمالمايلا قالدىم، جەۋۋادقا ئۇ يەرنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن كىيىنكى ھېسسىياتىم ۋە قاراشلىرىمنى ھەدەپ سۆزلەپ بەرگىلى تۇردۇم. بەزى قاراشلىرىم ئۇنىڭغا ياققان چېغى مىنى ئۇستازلارچە ماختىغان ئاھاڭدا:
- سەن ئوبزورچى بۇلۇشقا لايىقسەن، دېدى.
بۇ سۆز ماڭا: « سىناپ باق، سىنىڭ قابىلىيتىڭ بار» دەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.
ئۇ، بايىقى قاراشلىرىڭنى سىڭدۈرۈپ بىر پارچە ماقالە يېزىپ ئەكەل دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدى ئىككىنچى كۈنىلا «چولپان قىز فاتىن ھەمامىنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە»دېگەن ماۋزۇدا چوڭ ھەجىملىك ماقالە يېزىپ ئەكەلدىم.
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن سۈرەتلىك ژورنالدا بۇ ماقالىنىڭ چىقانلىقىنى كۈرۈپ قىزىقىش ئىچىدە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم. ماقالىدىكى بىرەر سۆزمۇ ئۆزگەرتىلمەستىن شۇ پېتى بېسىلغان، پەقەت يازغۇچى ئىسمىلا «جەۋۋاد» قا ئۆزگەرتىلگەنىدى.
غەزىپىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئالدىراپلا جەۋۋادنىڭ يېنىغا باردىم دە، مەنىلىك كۈلدۈم. ئۇ:
- ئىككىمىزنىڭ يازمىسى ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى كۆرگەنسەن.. بۇ ئىشلارنى ئاستا-ئاستا ئۆگۈنىسەن، بەزى ئىشلارنى كىيىنچە بىلىپ قالىسەن تېخى دېدى.
مەن كۈلكەمنى يۇشۇرماستىن:
- راستىنلا پەرىق بەك چوڭ ئىكەن، سىلى دېگەن سىلى تۇرسىلا. دېدىم.
جەۋۋاد ھەر قېتىم سەنئەت پائالىيەتلىرىگە چىققىنىدا مىنىمۇ ئەگەشتۇرۋالىدىغان بولدى. شۇ بانىدا مەن بارلىق كىنو-فىلىم ئىشلەش ئۇرۇنلىرى، ئەر-ئايال چولپانلار ۋە رىژىسسورلار بىلەن تۇنۇشىۋالدىم، ئۇ، مەن يازغان ماقالىلارنى دائىم ئۆز نامىدىلا ئېلان قىلىۋالىدىغان بولدى.
ئاشۇ كۈنلەردىن تارتىپ مەندە ئۆز كەسپىمگە ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇشقا، بىرەر شىركەتتە خىزمەتچى بولۇش ئۇيۇم تۆۋەنلەپ مۇخبىر-بولۇپمۇ سەنئەت ساھەسىدە- بولۇش ئىستىگىم كۈچىيىشكە باشلىدى.
ھەر كۈنى دېگۈدەك «ھىلال» ژورنىلىغا بېرىپ دوستۇمنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئۇ يەردە نۇرغۇن ياخشى دوستلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشىپ قالدىم. شىپىگىراف قەغەزلىردىكى قاڭسىق سىياھ ھىدلىرى ئاستا-ئاستا خۇشپىراققا ئايلىنىپ ۋۇجۇدۇمغا سىڭىشكە باشلىغانىدى.
بارا-بارا جۈرئەتكە كىلىپ كىنوچىلىق شىركەتلىرىگە ئۆزەم يالغۇز بارىدىغان، چولپانلارنى تېلىفۇندا زىيارت قىلىدىغان ، ماقالىلىرىمنى جەۋۋادقا ئەمەس «چولپانلار» ژورنىلىنىڭ باش مەسئۇلىغىلا بىرىدىغان بولدۇم.
ماقالىلىرىم مىنىڭمۇ، جەۋۋادنىڭمۇ نامىدا ئەمەس، نامسىزلا ئېلان قىلىندىغان بولدى.
بۇنى بىرغەلبە دەپ ھېساپلىدىم. چۈنكى، مەن جەۋۋادتىن قۇتۇلغان ئىدىم.
ئەمدىكى ئىش ژورنال مەسئۇلىدىن قۇتۇلۇش ئىدى. بۇ ئانچە قىيىنغا توختىمىدى، باش مۇھەررىر بىلەن تۇنۇشتۇم، باش مۇھەررىر ژورنال باشلىغىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي مىنىڭ چۈشۈمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بەردى.
مانا ئەمدى ماقالىلىرىم ئۆز نامىمدا ئېلان قىلىندىغان بولدى. دېمەك مەن مۇخبىر بولۇپ بولدۇم. بىر مەزگىلدىن كىيىن چولپانلار ژورنىلىغا رەسمى قۇبۇل قىلىندىم، يەنە مۇئاشىممۇ چىقتى. مەلۇم بىر شىركەتتىكى دادام ناھايىتى تەستە تېپىپ بەرگەن ئىشنىمۇ تاشلىدىم.
يانچۇقۇمدىكى كىچىككىنە دەپتەردە ھەممە داڭدار چولپانلارنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرلىرى ساقلانغان. ھەر كۈنى كەچلىك تاماقلارغا، ياكى بىرەر سەنئەتچىنىڭ ئۆيىگە چاقىرلىپ تۇرىدىغان، ھېچ تارتىنماستىنلا ھەممىسىنىڭ ئۆز ئىسمىنى-مەريەم ، ھەلىم، نادىيە...دەپلا ئاتايدىغان بولدۇم. ھەممىسى دوستلىرىمغا ئايلاندى. كۈندە دېگۈدەك ئۇلاردىن تېلىفۇن قۇبۇل قىلىپ تۇردىغان بولدۇم.
ئاشۇرۋەتكىنىم ئەمەس، ئەرەپ ئاخبارات سېپىدىكى ئەڭ مەشھۇر گۈزەل-سەنئەت مۇخبىرىغا ئايلىنىپ جىلىل بەندارى بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرالايدىغان بولدۇم، ئەمەلىيەتتە ئاخباراتچىلىقتا ئۇ مىنىڭدىن خام. لىكىن ئۇنىڭ تىلى بەك ئۇزۇن.
بۇ خىزمىتىمدىن، سەنئەت ساھەسىدىكى شۆھرىتىمدىن، ھەممە كىشىنىڭ ئۈزۈلمەس خۇش-بېقىش، خۇشامەتلىرىدىن ھەتتا ئاخبارات بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ بىر قىسىم فىلىملەر توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپلىرىمگە قۇشۇلماي خاپا قىلىشلىرىدىنمۇ ئۆزەمنى بەخىتلىك ھېس قىلىدىغان بولدۇم.
شۇنداق قىلىپ خەيرىيە دېگەن بىر ئارتىس قىز بىلەن تۇنۇشتۇم. تۇنجى قېتىم ئۇنى مەلۇم كىنۇچىلىق شىركىتىدە ئۇچىراتتىم، نېمىشقىكىن بىر خىل كۈچ مىنى ئۇنىڭغا باغلاپ تۇرغاندەك ھېسسىياتقا كىلىپ قالدىم، ئۇ مەريەمدەك چىرايلىق، سۇئاتتەك كېلىشكەن، فاتىندەك زېرەك، نادىيەدەك تەمكىن، ھىندىدەك ئاتكاچى يەنە كىلىپ باشقا ئارتىسلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىق يىرى بولمىسىمۇ ئۇنى تۇنجى كۈرۈپلا كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نېسبەتەن باشقىچە بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولماقتا ئىدى. ئاستا يېنىغا باردىم ئۇ ماڭا ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدى، ئۇ مېنىڭدەك بىر مەشھۇر ئاخباراتچىنىڭ، چولپانلار ژورنىلى باش مۇھەررىرىنىڭ ئاددى بىر ئارتىس قىز بىلەن كۆرۈشكىنىدىن تەئەججۇپلەنگەن ئىدى. شۇ كۈنى ئۇنى كەچلىك تاماققا چاقىردىم، بۇ ھاياتىمدىكى بىربىنۇرماللىق بولدى چۈنكى مەن تا ھازىرغىچە باشقىلارنىڭ مېھمىنى بولۇپ كىلىۋاتاتتىم بۈگۈن بولسا ئورنۇم ئالمىشىپ ساھىبخان بولدۇم.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ تۇرىدىغان، سەنئەت توغرىسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سۆھبەتلەر قۇرىدىغان بولدۇم، ئاستا-ئاستا سەنئەتنى يىڭىۋاشتىن چۈشۈنۈشكە باشلىدىم، سەنئەت دېگەن پەقەت ئارتىسلار، ياكى پالان-پۇكۇن چولپانلارلا ئەمەس ئىكەن، ئۇ كەڭ، چەكسىز بىر ساھە ئىكەن. گۈزەك-سەنئەت ئاخباراتچىسى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن ۋەزىپەمنىڭ پەقەتلا سەنئەت ھادىسىلىرىنى خاتىرلەش، ئۇقۇرمەنلەرگە چولپانلارنى تۇنۇشتۇرۇشلا ئەمەسلىكىنى بەلكى بۇنىڭدىنمۇ يۇقرى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم، ۋەزىپەم سەنئەتتە يىڭىلىق يارىتىش ئىكەن... مەن ياراتقۇچى بۇلۇشۇم كىرەك! ئاخىرى ياراتقۇچى يەنى خەيرىييەنى تەربىيلەپ ئۇستا بىر چولپان قىلىپ يىتىشتۇرگۈچى بولۇشنى قارار قىلدىم.
ئۇنى تەربىيلەشكە كىرىشىپ كەتتىم...ئۇنىڭغا قانداق سۆزلەش، قانداق كۈلۈش، قانداق يىغلاش، قانداق ياسىنىش ۋە يەنە قانداق مېڭىشلارغىچىلىك ھەممىنى ئۈگۈتۈشكە باشلىدىم. زېھنىمدە بار بولغان بارلىق بىلىملىرىمنى، تەجرىبەمنى ئۇنىڭغا سەرپ قىلدىم. قەلەملىرىم ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئۇقۇرمەنلەر ئالدىدا سۈرەتلەپ بىرىشكە تىرىشتىم.
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا مۇناسىپ بىر رول تاپتىم، ئۇ ئاساسلىق رولچى ئىدى شۇڭا ئۇنى كىچە-كۈندۈز مەشىق قىلدۇردۇم، ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ رولنى قانداق ئېلىشنى ئۆگەتتىم، ياخشى چىقىرالمىغان چاغلىرىدا ئۇرۇپمۇ قويدۇم، دېگەن يىرىمدىن چىققاندا بولسا قۇچاقلاپ سۈيۈپ كەتتىم.
ئۇ ئاخىرى غەلبە قىلدى...
مەن بۇ غەلبىدىن كىيىن سەنئەتنىڭ پەقەت گۈزەل چىرايلا ئەمەس ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق، ئەمگىكىڭگە يارىشا نەتىجىسى چىقىدىغان تىرىشچانلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم. ھەر قانداق بىر قىز ئەگەر ياخشى يېتەكلەيدىغان مەندەك بىرسىگە ئۇچرىسا چۈقۈم ئۇستا چولپان بۇلالايدۇ...
مەن خەيرىييەنىڭ بۇ غەلبىسى بىلەنلە توختاپ قالمىدىم. يەنىمۇ چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرشۈم كىرەك... دېگىنىمدەك تىرىشچانلىقىمغا يارىشا نۇرغۇن غەلبىلەرگە ئىرىشتىم.
خەيرىييەنى باشتا كۈرۈش بىلەنلا بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم، ئۇنى بۇ قەدەر ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانكەنمەن..ئۇمۇ ھەم مىنى شۇنداق ياخشى كۆردى.. ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى كۆزلىرىدىن، لەۋلىرىدىن، كۈيۈنۈشلىرىدىن، ئاچچىقىم كەلگەندە بولسا چىداپ ئۆتكۈزۈۋىتىشلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى. ئۇمۇ مىنى ھەقىقەت ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ئىدى.
لىكىن كىم دەيدۇ ئۇمۇ مېنى ھەقىيقى ياخشى كۆرىدۇ دەپ؟ بەلكىم ئۇمۇ باشقا چولپانلاردەك مەندىن يۈز ئۆرىشى مۇمكىنغۇ. ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ تۇنۇشقان چاغلاردا بۇنداق گۇمانلاردا بولمىغان ئىدىم، لىكىن ئۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ نۇرغۇن غەلبىلەرگە ئېرىشىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە ئۇنىڭدىن شەكلىنىشكە باشلىدىم. كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
ئەنە ئۇ جەلىل بەندارىغا خۇددى مىنىڭ ئالدىمدا كۈلگەندەك ئۇماق كۈلۈۋاتىدۇ.. باش مۇھەررىرگە ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندەك تارتىنماي، يېقىملىق سۆلەۋاتىدۇ... سالاھ يۈسۈپ بىلەن ئۇزۇن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتىدۇ... ئەززىددىنغا بولسا شەھلا كۆزلىرىنى ئېتىپ ئەركىلەپ قاراۋاتىدۇ...... تىلىفۇنى بىكار ئەمەس.. ھەمىشە سۆزلىشىۋاتقان... ئاخىرى ئۇنىڭغا ۋارقىراپ تاشلىدىم:
- نىمە دېگەن كۆپ ئالاقىلار بۇ؟ ئەجەپمۇ تويدۇم.
- نەدىكىنى ھەممىسى خىزمەت ئىشىغۇ.
- ئەززىددىن بىلەن بوشراق ئارلاشساڭ بۇلا.. مەن ئۇنى ئۇبدان بىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشقانلىكى قىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ:
- نىمىشقا ماڭا ئىشەنمەيسىز. ئادەتتىكىچە مۇناسىۋەت تۇرسا!! دەيتتى.
مەن بولسام ۋارقىرايتتىم... قاخشايتتىم... قاخشاپمۇ ھاردىم. ئۇنىڭدىن ئۈمۈدسىزلىنىشكە باشلىدىم، ھازىر ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ئاخباراتچى، ئەدىبلەر بار. ئۇنىڭغا مەن بەرگەننى ئۇلارمۇ بىرەلەيدۇ دە.. ئەستەغپۇرۇللاھھھھ، ئازاپلىرىمنى ئىچىمگە يۇتتۇمدە ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىم، ساق بىر كۈن تىلفۇن قىلمىدىم، تىلفۇنىنى ئالمىدىم.
ئىككى كۈن، ئۈچ كۈن شۇنداق ئوتتى، ئۇ ھەر يەردە مىنىڭ دېرىگىمنى قىلىۋاتاتتى. كىمگە يۇلۇقسا مىنىڭ گىپىمنى قىلىپ يىغلاپ، ماڭا بولغان مۇھەببىتىنى ئاشكارلاپ تاشلاۋاتاتتى.
ساق بەش كۈندىن كىيىن ئۇنى ئىزدىدىم، كۆز ياشلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى.. يۈزلىرى جۇدالىقتىن جۈدىگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ يەنە ئەسلىمىزگە قايتتۇق... يەنە ئۇزۇنغا بارمىدى..بۇ قېتىممۇ مەن پارتلىدىم:
- سەن مىنى سۆيمەيسەن... مەن ئاخباراتچى بولغانلىقىم، سەن توغرىسىدا بىر نەرسىلەر يازدىغانلىقىم ئۈچۈنلا، ماڭا ئېھتىياجىڭ بولغاچقىلا مەن بىلەن ئارلىشىۋاتىسەن. مىنى ئىھسان ئابدۇقۇدۇس، مۇستاپا ئەمىن، يۈسۈپ سەبائىلارغا ھاجىتىڭ چۈشۈپ ياخشى كۆرگەندەكلا ياخشى كۆرىسەن.. ئالدىڭدا تۇرۇۋاتقان مىنى ئەمەس، چولپانلار روژنىلىدا ئىشلەيدىغان مۇخبىرنى ياخشى كۆرىسەن.
ئۇنى يەنە تاشلىۋەتتىم... چۈنكى «ئۇ مىنى ئىنسان سۈپۈتۈمدە ئەمەس، ئاخباراتچى سۈپىتىدە ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن گۇمان كاللامنى چۇلغىۋالغان ئىدى. بۇ گۇماندىن قانداق قۇتۇلارمەن... بۇ چىگىشلىكنى قانداق ھەل قىلارمەن؟ بىردىنبىر يول، ئىنسانلىق بىلەن ئاخباراتچىلىقنىڭ ئوتتۇرسىنى ئايرىۋىتىشىم كىرەك!!!
ئەتىسى ئەتتىگەن ئىدارىغا بېرىپ باشلىققا ئىستىپانامەمنى تاپشۇردۇم ئۇ مىنى بۇ ئىدارىدىن كىتىپ باشقا بىر ئاخبارات ئورنىدا ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان چېغى:
-بىز سىنى بىكارغا تەربىيلىدىكمۇ... باشقىلار ئۈچۈن تەربىيلىدىكمۇ دەپ چالۋاقاپ سۆزلەپلا كەتتى.. ئۇنىڭ ئاچچىقى خېلى كەلگەن ئىدى. لىكىن مەن ئۇنىڭغا ئاخبارات ساھەسىدىن چىكىنىپ باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۇنى ئاران تەستە ماقۇل كەلتۈردۇم. خىزمەتتىن چىكىنىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن بىر شىركەتتىن بۇغالتىرلىق خىزمەت تاپتىم. ئىشىمغا كىرىشىۋالغاندىن كىيىن يەنە خەيرىييەنىڭ يېنىغا باردىم ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەك جۈدىگەن ئىدى كۆز ياشلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى، بوينۇمغا قۇلنى ئېلىپ كىچىك بالىدەك ئەركىلەشكە باشلىدى، بىلەكلىرىنى بوينۇمدىن ئاستا ئاجرىتىپ قەتئى تەلەپپۇزدا:
- خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم... ئاخباراتچىلىقتىن چىكىندىم.. ئەمدى سەن توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىشىم مۇمكىن ئەمەس دېدىم.
ئۇ ماڭا قارىدى، ئەمدى مەندىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ گاڭگىراپ قاراپ قالغان چېغى دەپ تۇرسام ئارقىدىنلا يۈزلىرىدە ھەيرانلىق ئەكىس ئەتتى-دە، تۇيۇقسىز قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئېتىلىپ كىلىپ قۇچاقلاپ يۈلىرىمگە سۈيۈپ سۆزلەشكە باشلىدى:
- سۈيۈملۈگۈم مىنى بۇ قەدەر ياخشى كۆرە دەپ ئويلىمىغان ئىدىم... مەن....
دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ تىلفۇنى چالدى... يۈرۈكۈم يەنە كونا گۇمانلار بىلەن باشقىچە سۇقۇپ كەتتى...
ئۇ تىلفۇننى ئېلىپ ماڭا ئېلىڭ دېگەندەك ئىشارەت قىلدى، مەن:
- مېنىڭما دېدىم، ئۇ: ھەئە سىزنىڭ دەپ تىلفۇننى بەردى.
مېنى خەيرىييەدىن سۈرۈشتە قىلىدىغان پەقەت باش مۇھەررىرلا بار ئىدى لىكىن بۇ مىسيۇ گىئۇرگى ئىكەن ئۇ:
- ئەپەندىم نەلەردە يۈرۋاتىسىز.. ئۈچ كۈن بولدى سىزنى تاپالمىدىم.. خەيرىييە ساراڭ بولۇپ قالمىغاندۇ.... ئوتتۇرىمىزدا توختام بار تۇرسا، ئۇ كىنوچىلىقتىن چىكىندىم دەۋاتىدۇ... ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەڭ... كاللىسى سەل ئىشلىمەيۋاتىدۇ دېدى مەن باشقا گەپ قىلماي خەيرىييەگە قارىدىم ئۇ:
- مەنمۇ كىنوچىلىقتىن قول ئۇزدۇم دېدى. تىخىمۇ ھەيران قېلىپ كىكەچلەپ:
- ئۇ.. ئۇنداق ئەمەستۇ دىيەلىدىم.
- مىنى ياخشى كۈرسىڭىز شۇنداق.
- تۈگۈشۈپسىز.
- سىزلا بولسىڭىز تۈگەشمەيمەن.
ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم... يۈرەك سۇقۇشىمىزنى تۇيۇۋاتىمىز....
ئاخىرى توي قىلدۇق... شىرىن ئايدىن كىيىن نېمە بولدى بىلەمسىز؟
خەيرىييە سەھنىگە قايتتى... مەنمۇ ئاخباراتچىلىققا قايتتىم..........