ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
چاچ چۈشۈرۈش دورىسى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
چاچ چۈشۈرۈش دورىسى
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:21  

ئىشخانىغا ئەمدىلا كىرىپ خالىتىمنى كىيەي دەپ تۇرىشىمغائىشىك چىكىلدى.بىر مىنۇتمۇ ئاراملىق يوق ماڭا دەپ ئويلىدىم-دە،-ھە ،كىرىڭ!-دىدىم زەردە بىلەن.ئىشىك ئىچىلىپ 25.26 ياشلار چاممىسىدىكى بىر يىگت
كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر نەرسىگە بولغان تەققازالىق،جىددىلىق چىقىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن،ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلۋىتىپ،نىمە ئىش بىلەن كىرگەنتىڭىز دىگەن
نەزەر بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم.ئۇ مەخسىتىمنى چۈشەندى بولغاي شۇ زاماتلا سۆز باشلىدى.
ئۆمۈدۈم سىزدىلا قالدى دوختۇر ماڭا ياردەم قىلىڭ-دىدى ئۇ ئۆتۇنۇش تەلەپپۇزىدا.
بولىدۇ قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن بىرەرەسى ئاغرىپ قالغانمىتى؟
ياق،ياق ماڭا چاچ چۈشۈرۈش دورىسى يىزىپ بەرگەن بولسىڭىز.
نىمە!چاچ چۈشۈرۇش دورىسى ،نەدىمۇ ئۇنداق دورا بولسۇن،ئۇنى قانداق قىلىسىز دىدىم مەن ھەيران بولۇپ.
-چىچىمنى چۈشۈرىمەن.
نىمە!دىدىم مەن تىخىمۇ قاتتىق ھەيران بولۇپ،قارىغاندا ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىم پولتىيىپ چىققان بولسا كىرەك،
ئۇمۇ ماڭا قاراپ ھەيران بولدى-دە،-راست چىچىمنى چۈشۈرىمەن-دىدى،چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي.
-ئۇكام ،سىز چاقچاق قىلىۋاتامسىز نىمە؟چىچى يوقلار چاچ ئۆستۈرەلمەي،ھەر خىل ئاماللارنى ئىزلەپ ئاۋارە بولىۋاتسا،سىز چاچا چۈشۈرىمەن دەيسىزغۇ،بىزنىڭ دوختۇرخانىدا چاچ چۈشۈرۈش دورىسى يوق قايسى ئەخماق بۇ دورىنى ئىجات قىلىدۇ دەيسىز.ئەڭ ياخشىسى بۇ ئەخمىقانە خىيالىڭىزدىن يىنىپ قايتىپ كىتىڭ.
-دوختۇر سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي-دىدى،ئۇ بىچارە قىياپەتتە.-نۇرغۇن دوختۇرخانا،ساتىراچخانا،ھۆسۈن تۈزۈش ئورۇنلىرىغا باردىم.ئۇلارمۇ يوق يوق دەيدۇ،ساتىراچخانىدىكىلەر تىخى چاقچاق قىلىپ،ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق قىلماقچى بولسىڭىز كۈندە كىلىڭ چىچىڭىزنى كۈندە چۈشۈرۈپ قويايلى دەيدۇ.لىكىن،چۈشۈرگەن باشقا يەنە چاچ چىقىدۇ ئەمەسمۇ،مىنىڭ مەخسىتىم چاچنى يىلتىزىدىن يوقىتىش،دوختۇر ئۆتۈنۈپ قالاي مۇشىنىڭغا بىر ئامال قىلىڭ.
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ چاقچاق قىلمىغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم -دە،مەنمۇ قاتتىلىك بىلەن ئۇكام بىزدە راستىنلا ئۇنداق دورا يوق-دىدىم گەپنى كىسىپلا.
ئۇ يەنە يىلىنىپ:-ئاكا سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،ھەممەيلەن سىزنى ناھيىمىز تەۋەسىدىكى ئەڭ ئۇستا دوختۇر،
شۇنداقلا تىبابەت ئىلمىدىنمۇ خەۋىرى بار دىگەنتى،ئۇكىڭىز ئۇرنىدا يىلىناي ماڭا بىر ئامال تىپىپ بىرىڭا.
مەن ئالدىمغا كىلىپ يىلىنغان،ماڭا تەلمۈرگەن نۇرغۇن كۆزلەرنى كۆرگەن،لىكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىغىر
بىمارلار،بىر قىسمى ياش ۋاختىمدا ماڭ ئاشىق بولغان دىلدارلار ئىدى.بىراق،بۇنداق بىچارە كۆزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.ئۇنىڭغا قاراپ سەل ئىچىم ئاغرىپ قالدى،ھەم ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق خىيالغا كىلىپ قالغانلىقىغا قىزىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن،-نىمە بولۇپ مۇشۇنداق خىيالغا كىلىپ قالدىڭىز- دەپ، سورىدىم.
بۇ سوزنى ئاڭلاپ،بىردىنلا ئۇنىڭ چىرايىغا ئۆمۇت نۇرى يۈگۈردى-دە،روھلىنىپ سۆزلەپلا كەتتى.
-ھەي، ئاكا ،سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا،ئەگەر سىز ئەشۇ دورىنى يىزىپ بىرىدىغانلا بولسىڭىز،نەچچە كۈن دىسىڭىزمۇ سۆزلەپ بىرىمەن.بۇلارنىڭ ھەممىسى دوپپىنىڭ ئىشى دەڭا.
نىمە دوپپا بىلەن چاچ چۈشۈرۈشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپ.
-ھازىرلا چۇشۇشنىپ قالىسىز.مەن كىچىگىمدىن باشلاپ دوپپا كىيىپ چوڭ بولغان،مەكتەپتە ئوقىغاندىمۇ،ئالى مەكتەپكە بارغاندىمۇ دوپپىنى بىشىمدىن چۈشۈرمىدىم.ئۇ مىنىڭ سادىق ھەمرىيىمدەك ئۇنى كەيمىسەم بىر نەرسەم كامدەك كۆڭلۈم يىرىم بولاتتى.ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بۇ ناھيىدىكى بىر يىزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەخسىم قىلىندىم.دەسلەپ يول ئازاۋىدىن قاخشاپ يۈردۇم.لىكىن،تىزلا بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلار بىلەن كۆنۈكىپلا كەتتىم.مەكتەپ مۇدىرى بىلەنمۇ چىقىشىپلا قالدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزەممۇ ئوقۇتقۇچىلىقنى ياقتۇرىدىغان بولغاچقا بارلىقىمنى بۇ خىزمەتكە ئاتىۋەتتىم.
نەتىجەممۇ ياخشى چىقىپ،سىنىپىممۇ يىزا بويىچە ئىلغار سىنىپ بولۇپ باھالاندى.ئۆزۇم ناھيە بويىچە ئىلغار سىنىپ مۇدىرى بولۇپمۇ باھالاندىم.بىراق،ئۆمۇر دىگەننىڭ توققىزى ياز بولسا،ئوتتۇزى قىش دىگەندەك بىر باھالاشنىڭ كاساپىتى بىلەن پايتىمام تەتۈر يۆگىلىپ،ئىشىم ئارقا ئارقىدىن تەتۈر كىلىۋەردى.قىلغان خىزمىتىم يوققا چىقىپ،مانا ھازىر مەكتەپتە تۇرالماس ھالغا چۈشۈپ قالدىم.ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىشنىڭ ئاققىۋىتىگە قىزىقىپ قالدىم-دە،ئالدىراقسانلىق بىلەن:-زادى نىمە بولدى؟قانداق بولۇپ بۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالدىڭىز دەپ سورىدىم.
شۇ قىتىمقى باھالاشنىڭ خۇلاسە يىغىنىدا،ۋىلايەتتىن كەلگەن جاڭ دەيدىغان بىر باشلىق كۆپچىلىككە مەن توغۇرلۇق سۆزلەپ-تاز بولمىغاندىكىن دوپپا دىگەننى ھىيىت بايرام،توي-تۈكۈنلەدە كەيسۇن دىگەنمىش،بۇ قىتىمقى باھالاشنىڭ نەتىجىسىمۇ مۇشۇ ئىشنىڭ سەۋەبىدىن تۆۋەن چىققانمىش، يىزىدىكى ئادەملەرگە ۋىلايەتتىن كەلگەن بىر رەھپەرنىڭ سۆزى دىگەن پادىشاھنىڭ سۆزىدەك بولۇپ كەتتى دەڭا ،شۇ كۈنىلا يىزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى مۇشۇ مەسىلىگە قارتا جىددى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.ھەمدە مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن جىددى ئۆزەمنى تەكشۈرىدىغان،ئۈچ ئايلىق مائاشىم تۇتۇپ قىلىنىدىغان،بۇ يىل مىنەۋەر باھالانمايدىغان بولدۇم.پۇل جازا دىگەنلەرغۇ بىر نۆرى لىكىن،دوپپا كىيىشىمگە تەسىر يىتەرمىكىن دەپ بەكلا ئەنسىردىم.موزاي قۇيرىقىنى كۆتۇرسە تىزەكلىمەي قالمايدۇ دىگەندەك ئەنسىرگەن ئىش ھامىنى يۈز بەردى.شۇ كۈنى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن مۇدىرىمىزنىڭ قاپىقى زادىلا ئىچىلمىدى.مەكتەپتىكى يىغىندا مۇدىرىمىز دوپپا كەيمەڭ دەپ ئوچوق بىر نەرسە دىمىگەن بولسىمۇ،لىكىن،ۋىلايەتتىن كەلگەن باشلىقنىڭ سوزىنى تەكرارلاپ ،-تاز بولمىغاندىكىن زۇرۇر كىيىدىغان ئىش بولسا كىيىپ بولمىسا،كەيمىسەڭلىمۇ بولا دىدى.بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يۈرۈكىمنى بىرسى سۇغىرىپ ئالغاندەك ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى.بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئىشلارمۇ ئۇنتىلىپ كىتەر دەپ دوپپدمنى كىيىۋەردىم.مۇدىرىمىز يەنە بىر ئىككى قىتىم تەكىتلىدى.بىراق،مىنىڭ زادىلا دوپپىدىن ئايرىلغىم يوق ئىدى،شۇڭا ماقۇل دەپ قويۇپلا كىيىۋەردىم.شۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرىمىز مىنىڭ سۆزۇمنى ئاڭلىمىدى دەپ ئويلىدى بولغاي ماڭا باشقىچە قاراپ يۈردى.ئوغۇل بالىدىن ئامەت قاچسا بىر نىمىنىڭ ئىچىدىكى ھىلىقى بىر نىمىنى ھەرە چىقىپتۇ دىگەندەك،بۇ ئىشتىن قۇتۇلالماي تۇرسام سىنىپىمدىكى بىر شۇم ھىيتتا دادىسى بىلەن ھىيىت نامىزىغا كىرىپتۇ،بولمىسىغۇ مەن بۇ توغۇرلۇق ئون ئاغزىم بىلەن تەربىيە قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش مەكتەپ مۇدىرىغا بولۇپ بەردى.ئۇ بۇ ئىش توغۇرلۇق يىزىغا ۋە ناھيىگە دوكىلات يوللاپتۇ.دوكىلاتىدا ئۇ تىخى مىنىڭ دائىم دوپپا كىيىپ يۈرۈدىغانلىقىم،دوپپىنى ئىلىۋىتىش توغۇرلۇق بىر نەچچە قىتىم تەربىيە قىلسىمۇ ئاڭلىمىغانلىقىم،ئىدىيىۋى قارىشىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغۇرلۇق ئەسكەرتىپ ئۆتۈپتۈ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يوغىناپ ناھيىدىن نەچچە قىتىم تەكشۈرۈشكە چىقتى.ماڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلدى،سىنىپنىمۇ ئىلىۋالدى.ئىدىيەم تۈزۈلۈپ بولغىچەدەرىس ئۆتمەي ئۆزەمنى تەكشۈرىدىغان بولدۇم،چاتاق يىرى شۇنىڭدىن كىيىن دوپپىنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم.ئىشلىمەي دىسەم مەكتەپتىكى بىر كاساپەتكە كۆيۈپ قالغانتىم دەڭا،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشكە قىيالمىدىم.دوپپىدىن ئايرىلىپتىم،نەچچە كۈندىن بۇيان سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك تۈگۈشىىپلا كەتتىم.چىچىم چۈشۈپ كەتسە ئاندىن دوپپا كىيىۋالسام ئۇلارمۇ گەپ قىلماس دەپ ئويلاپ شۇڭا چاچ چۇشۇرۇش دورىسى ئىزلەپ بارمىغان يىرىم قالمىدى،ئاخىرى سىزنىڭ يىنىڭىزغا كىلىشىم.
بۇلارنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ئۇ بالىغا ئىچ ئاغرىتسام ،يەنە بىر تەرەپتىن كىملەرگىدۇر ئاچچىق كۈلدۈم.
-بولىدۇ بىزدە ئۇنداق دورا يوق،لىكىن،سىزنىڭ بۇندىن كىيىن مەكتەپتە قىينىلىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن،ھىچ بولمىغاندا ئىسىل ئەنئەنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ،چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ئۇسۇلىنى دەپ بىرەي،ئالتە ئايدىلا چىچىڭىزنىڭ يىرىمىدىن كۆپى چۈشۈدۇ -دوپ،ئۇنىڭغا چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ۋە كىتەرلىك يەرلىك دورىلارنى دەپ بەردىم.ئۇ خۇددى ئالتۇن تىپىۋالغان ئادەمدەك خۇشال بولۇپ يانچۇقىدىن يۈز سوملۇق پۇلدىن بىر نەچچىنى چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى.مەن بۇ مىنىڭ سىزگە قىلغان خالىسانە ياردىمىم بولۇپ قالسۇن دەپ،پۇلنى زادىلا ئالغىلى ئۇنىمىدىم.ئۇ ماڭا قايتا -قايتا رەخمەت ئىيتىپ چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ خۈشاللىقىنى كۆرۈپ،ئىغىر بىر كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلىپ قۇتقىزىپ قالغان ئادەمدەك خوشاللىقتا يىنىك بىر تىن ئالدىم.

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603