ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
يىگىتىم مېنى تاشلىۋەتتى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
يىگىتىم مېنى تاشلىۋەتتى
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:42  

 
يىگىتىم مېنى تاشلىۋەتتى

ئاكام بۈگۈن سودا ئىشى بىلەن خوشنا دۆلەتكە ماڭدى ، ئۇف،ئەمدى مەن بىر يىل يۈگەنسىز ،خاتىرجەم ھالدا خالىغان ،ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىيىملەرنى كىيەلەيدىغان بولدۇم.شۇ زامات دوستۇمغا تېلفۇن ئۇرۇپ، بازار ئارىلاشنى كېلىشىپ قويدۇم.
پاھ، بەك چىرايلىق، مودا كىيىملەر چىقىپتۇ ئەمەسمۇ.ئاشۇ ئاكامنىڭ قايچىسىدىن قورقۇپ تۈزۈكرەكمۇ كىيىم كىيەلمىدىم دىسە. ئۇ كەلگىچە تازا بىر كىيىنىپ يۈرىۋالمىسام.ئەمما ،كىيىمنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن پۇل ئېلىش ئۈچۈن پورتمالغا سۇنۇلغان قولۇم توختاپ قالدى.خۇددى ئاكام سومكا ئىچىدە يوغان قايچا كۆتۈرۈپ تۇرغاندەك، قوللىرىمنى كېسىپ -كېسىپ،ئۆزى دىگەندەك ھويلىمىزدىكى قارا بويناققا تاشلاپ بېرىدىغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.خەپ ئاكا ، ماڭا ھەجەپ قاتتىق قول ھە -سەن.كېيىن توي قىلساڭ ئايالىڭ ، پەرزەنتلىرىڭنىمۇ مۇشۇنداق باشقۇراسەنمۇ ؟ياكى ،< بەشتە ياخشى نەمۇنىلىك ئەر بولارسەنمۇ > ؟،شۇ چاغدا كۆرىمەنغۇ ، ناۋادا ،كېيىنكىدەك بولۇپ قالساڭ < ھە،ئاكىجان نىمە بوللا >دىمىسەم. 
دوستۇمنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۇزىۋەتتى:
-دىلبەر ، ھەي نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسەن، كىيىمنى ئالمامسەن؟
-بولدىلا ئالماي.
-نىمىشكە؟بەك ياراشقان ئىدى، قارا كىيىۋالغىنىنىڭغا،سېنىڭدەك خىزمىتىم بولغان بولسا تازا مودا يۈرەتتىم.سەن پەقەتلا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ.كىيىنىشلىرىڭ چوڭ سۈپەت،بۇنداق يۈرسەڭ خۇددى سەن سەن ئەمەستەك بولۇپ قالىدىكەنسەن. .
شۇ ئەمەسمۇ ، دوستۇمنىڭ دىگىنى توغرا، چەكتىن ئاشۇرۋەتمەي زامانغا لايىق ياسىنىپ يۈرگەننىڭ نىمە زىيىنى ،بۇنداق < مەتۇ > يۈرىۋەرسەم يىگىتىم تاشلىۋەتمىسۇن يەنە، مودا،چىرايلىق قىزلارنىڭ جىقلىقىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالماي.< بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق>. ھازىرقى زاماننىڭ يىگىتلىرى قىز دوستلىرىنىڭ ياسىنىشىغا چەك قويغان بىلەن يولدىن ئۆتكەن < مودىكەشلەرگە > قاراپ ھىچ بولمىغاندا كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ، مەن ئۇ دەرتنى كۆتىرەلمەيمەن .
بازار ئايلىنىپ بولۇپ ، پەردازخانىغا كىرىپ چېچىمنى ياسىتىپ ، ئانچە -مۇنچە رەڭ بېرىپ بوياتتىم.
-ئاداش، باشقىچە ئېچىلىپ كەتتىڭ، <ئادەم سەتى سەت ئەمەس، كىيىم سەتى سەت> دىگەن گەپ توغرىكەن جۇمۇ.يىگىتىڭ كۆرسە سەندىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدىغان بولدى -دە.
-ھەيتاڭ، ئۇ ئاكامدىن ئۆتە مۇتەسسىپ.چېچىمنى بوياتقىنىمنى كۆرسە چېچىمنى چۈشۈرۈپ <راھىپ> قىلىپ قويامدۇ تېخى كىم بىلىدۇ.
ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ دىيىشكىنىمىز بويىچە يىگىتىم بىلەن كۆرۈشتۈم.مېنى كۆرۈشى بىلەن كۆزىدىكى يېقىملىق نۇر يوقاپلا كەتتى.دىگىنىمدەك بولدى مانا.ھەممىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىلمەسكە سېلىپ سورىدىم: ,
-نىمە بولدى ،قاپاقلىرىڭىز ساڭگىلاپ كېتىپتۇغۇ؟
-يەنە نىمە بولدى دەيسەنغۇ؟قارا تۇرقىڭغا، بىر ئوبدان ئۇزۇن چېچىڭنى كېسپ بۈدرە قىلىپسەن،چېچىڭ ئالا-پاساق ، كىيىۋالغىنىڭ بۇ ،ماڭە ، نېرۋام ئۆرلەپ كاچىتىڭغا سالغىچە كېتىۋال ، چاچنى تۈزەپ ، ئۇچاڭدىكىنى يوقاتمىغىچە مەن بىلەن كۆرۈشمە.
داڭ قېتىپ قالدىم ، ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇنداق قوپاللىق قىلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم .ياشلىرىم كۆزچانىقىمدىم ئېتىلىپ چىقتى،كەتسەم كەتتىم ، ئىزلەپ كەلسەڭمۇ كۆرۈشمەسمىنا، تېپىلماسنىڭ خورمىسىمىدىڭ.
ئۇنىڭدىن رەنجىگەن بولسىمۇ يەنىلا خېلى كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ چېچىمنىڭ بويىقى ۋە بۈدۈرىنى يۇغۇزۇپ چىقىرۋەتتىم.شۇنداق قىلىپ 150يۈەن خەجلەپ بۈدۈر قىلغان ۋە بوياتقان چېچىم بېشىمدا ئاران بىر سوتكا تۇرۇشقا قادىر بولالىدى.يىگىتىم بىلەن كۆرۈشمەيمەن دىسەممۇ يەنىلا يۈرەك چىدىمىدى . شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ يۈرۈش تۇرۇشتا ئارتۇقچە چەكتىن ئاشماي يۈردۈم، مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئىلگىركىدەك شىرىن-تاتلىق داۋام قىلىۋەردى ، ئەمما ، قىز بالا گۈزەللىك دىگەنگە بەزىدە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپمۇ < ئىنتىلىپ > قالىدىكەن دىسە. بۇ قېتىم بالانىڭ چوڭىنى تېرىدىم.
بىر كۈنى قارىسام خىزمەتدىشىم بەكلا چىرايلىق ئېچىلىپ كەتكەندەك كۆرۈندى. سىنجىلاپ قارىسام قېشىنى چەكتۈرپتىكەن ئەمەسمۇ، قېشى يوق بۇ چوكاننىڭ ئىسكەتىگە خېلىلا ئىسكەت كىرىپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنجىلاپ قارىمىسا ئاسان بىلگىلى بولمايتتى،بۇ ماڭا ئوخشاش قېشىنىڭ تايىنى يوقلار ئۈچۈن ياخشى ئۇسۇل ئىكەن. يىگىتىم ھەر قانچە بولسىمۇ قېشىمغا زەڭ سېلىپ قارىماس.مەنمۇ بېرىپ چەكتۈردۈم .لېكىن ئۇ يەنىلا بىلىپ قالدى.لېكىن ئۇ بۇ قېتىم ئۆتكەن قېتىمقىدەك تېرىكىپ تىللاپمۇ كەتمىىدى ، يا كاچىتىمغىمۇ سالمىدى. پەقەت بىردەم ئۈن-تۈنسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن،ئىشىنىڭ بارلىقىنى ، شۇڭا كېتىدىغالىقىنى ، كەچتە خەت ساندۇقىمغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپلا خوشمۇ دىمەي كەتتى
كەچتە خەت ساندۇقىمنى ئاچسام ئۇ راستلا بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن ئىدى:
دىلبەر، مەن سېنى ساپ ، مەسۇم ، نۇقسانسىز دىلبىرىم دەپ بىلەتتىم،سېنىڭ تەبىئى چىرايىڭغا،سەمىمىي كۆڭلۈڭگە ئاشىق ئىدىم . ئەمما سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا ئۆزىمىزدىن ھالقىغان قاراشلىرىڭنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن، گەرچە سەن ئەخلاق مىزانىدىن ئاشۇرۋەتمىگەن بولساڭمۇ دىنىمىز نۇقتىسىدىن زور خاتالىق ئۆتكۈزدۈڭ، قاش-قاپاق چەكتۈرۈشنىڭ دىنىمىزدا قانچىلىك چەكلىنىدىغانلىقى بىلەمسەن، بىلمىسەڭ تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇ،ئېتىقادىڭنى مۇستەھكەملە، شۇ چاغدىلا مېنىڭ دىلبىرىم بولالايسەن.

ئۆزىنى زىننەتلەشتە اللاھنىڭ ياراتقىنىنى بۇزۇۋېتىش ۋە ئاشۇرۋېتىش
ئىسلام دىنى قۇرئان كەرىمدە كۆرسەتكەندەك، زىننەتلەشتە اللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ چېكىىدىن ئاشۇرۋېتىشنى رەت قىلغان.قۇرئان كەرىم بۇنى شەيتانغا ئەگەشكەنلىك دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى شەيتان مۇنداق دىگەن:( ئۇلارنى چوقۇم اللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرىيمەن) نىسا سۈرىسى119-ئايەت.
بەدەنگە گۈل ۋە سۈرەت چەكتۈرۈش،چىش ئىنچىكىلىتىش ھارام ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈل چەكتۈرگەنگە ۋە چەككۈچىگە،چىش ئىنچىكىلەشتۈرگىچىگە ۋە ئىنچىكە قىلغۇچىگە لەنەت ئوقۇغان.
قاشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ۋە تۈزلەش ئۈچۈن يۇلۇشمۇ ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ئارتۇقچە ياسىنىشتۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاش تەرگەنلەرگە ۋە تەردۈرگەنلەرگە لەنەت ئوقۇغان .
چاچ ئۇلاش ،چاچ كېسىش
چېچىنى ھەقىقى ياكى سۈنئى چاچ بىلەن ئۇلاش ،كەيمە چاچ كىيىش ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن.چۈنكى ئىمام بۇخارى ۋە ھەزرىتى ئائىشە،ئەسما،ئىبنى مەسئۇد،ئىبنى ئۆمەر قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا بىر چاچنى ئۆزىنىڭ چېچىغا ئۇلاتقان ۋە ئۇلاپ قويغان لەنەت ئوقۇغان).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تۈرلۈك ئۆزگەرتىشلەرگە كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.ھەتتاكى يېڭى توي قىلىدغان قىز بولسىمۇ ياكى ئاغرىق سەۋەبىدىن چېچى چۈشۈپ كەتكەن ئايال بولسىمۇ چاچ ئۇلىشى ، يالغان چاچ كىيىشنى جائىز كۆرمىگەن.
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇنداق دىگەن:(ئەنسارلاردىن بىر قىز توي قىلماقچى بولدى. بۇ قىزنىڭ چېچى كېسەل سەۋەبىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىدى.ئۇلار چاچ سالماقچى بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىغاندا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :(اللاھ چاچ ئۇلىغان ۋە ئۇلاتقانغا، لەنەت قىلغان ) دىدى.
بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى ، ياشلىرىم توختىمىدى...نىمىگە يىغلىغىنىم ، نىمىگە ياش تۆككىنىم بىر ماڭا ، بىر اللاھقا ئايان ئىدى.

 

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603