ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
توي قىلغانغا ھەرگىز تويماڭ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ئەدەبى - ئەسەر >>  
 
توي قىلغانغا ھەرگىز تويماڭ
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:62  

توي قىلغانغا ھەرگىز تويماڭ


روزى مۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ


    مەلۇم بىر ئىش بىلەن ئالدىراپ كېتىۋاتسام، يېقىندا توي قىلغان بىر ئاغىنەم ئۇچراپ قالدى. سولغۇن چىرايىدىن ئۇ يېڭىلا توي قىلغان يىگىتكە ئوخشىمايلا قالغانىدى.

    — يېڭى توي قىلغان ئادەم روھلۇق بولىدىغان، نېمانداق روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىڭ– دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ.
    — ھەي ئاداش، نېمە دەي، تۇرمۇش دېگەن ئېغىر يۈككەن، تويدىن كېيىن ھېچ ئىش خۇشياقمايدىغان بولۇپ قالدى، – دېدى ئۇ مەيۈسانە...
    ئاغىنەمدىكى غەلىتىلىكلەردىن جەمئىيەتتىكى قىسمەن ياشلارغا نەزەر سالدىم. توي ئىككى ياشنىڭ مۇستەھكەم ئەھدى – ۋاپاسى، چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتىدىن ۋۇجۇدقا چىقىپ، ساداقەت ۋە ۋاپادا گۈللەپ ياشنايدىغان ئائىلىۋى باغ. بۇ باغنىڭ ئاۋاتلىقى توي قىلغان ھەر قانداق ياشنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، خىزمەت، تەربىيە ۋە تەربىيەلىنىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرىدىن قول ئۈزۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. بەلكى، ئۇنىڭ گۈللىنىشى، مۇستەھكەملىنىشى ھەركىمنىڭ ئارزۇ، نىشانىنى مەركەز قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. پەۋقۇلئاددە شارائىتتا ئانچە – مۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدىغان بىر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇمۇ ماڭا تويىدىن كېيىن (ئائىلىنىڭ ئانچىكى ئىش – كۇشلىرى سەۋەبلىك ھېچ ئىشقا كىرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، ماقالە – ئەسەر يېزىشقا رايى بارمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەكتەپ مۇدىرىمىزمۇ مەكتىپىمىزدىكى توي قىلغان ياشلارنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى قىزغىنلىقى ۋە جان كۈيەرلىكىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى پات – پات ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرىدىغان. ھالبۇكى، ئەتراپىمىزدا ئائىلە ئىشلىرىنىمۇ، خىزمەتنىمۇ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇتۇق دەرۋازىسىنى چېكىۋاتقانلارمۇ بارغۇ؟
    ئەمەلىيەتتە، ھايات بەيگىسىدىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىمىز تويدىن كېيىن باشلىنىدۇ. چۈنكى، ئەقىللىق ھەر بىر كىشى تويدىن كېيىن زىممىسىگە ئائىلە، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلىدۇ. بەرھەق، بۇلار يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم باسقان ھەربىر ياشقا ئاز – تولا بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، ھاياتلىق يولىدىكى بۇ مۇقەررەر بېسىمنى دەپلا چۈشكۈنلىشىپ، ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق، قانداق بولغىنى؟ تۇرمۇش بىزدىن ئۈمىدۋارلىقنى، جۇشقۇنلۇقنى، ئىشلارنى كەسكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتسەك، ئائىلە، خىزمەت بېسىمىمىز تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئائىلە تۇرمۇشى قىز – يىگىتنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلىرىدىكىدەك رومانتىك بولمايدۇ، بەلكى، ئەمەلىي بولىدۇ. بۇ رېئاللىققا دادىل يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن مېۋە ئېلىش شىجائىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك. ئېنىقكى، ئوخشاشمىغان ئىككى ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئىككى ياش بىر ئۆيدە ئورتاق تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندا ئۇنداق ياكى مۇنداق گەپ – سۆز، سۈركىلىشلەر پات – پات بولۇپ تۇرىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئېغىر – يېنىك سىناقلىرىدىن ئۆتمىگەن ياش ئەر – خوتۇنلارغا بۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار، كىچىككىنە بېسىملارمۇ ئېغىر تويۇلۇشى تۇرغانلا گەپ. يېڭى تۇرمۇشقا كۆنۈش باسقۇچىدىكى بۇنداق ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى روھىمىزنى چۈشۈرۈۋالساق، ياشاشتىكى ئەڭگۈشتەرىمىز بولغان ئارزۇ – ھەۋەسلىرىمىز يوققا چىقىدۇ. تويدىن كېيىنكى بىزگە بېسىم تۇيۇلغان ۋاقىتلىق ئۇششاق ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئارزۇ – ھەۋەسلىرىمىزدىن ۋاز كېچىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بەلكىم بىزگە بېسىم ئېلىپ كەلگەن شۇ ئىشلارنىڭ بىر قىسمى ئارزۇ – ھەۋىسىمىزنى جانلاندۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئازراقلا بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئارزۇ، قىزىقىشلىرىمىزدىن ۋاز كېچىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. دېمەك، گەپ تۇرمۇشتا ئۇچرىغان بېسىملارنى يېڭىش ئىقتىدارىمىزنىڭ قانچىلىكلىكىدە. شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېڭى تۇرمۇش باسقۇچىدىكى ياش ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىگە مېھرىبان، ئەپۇچان بولۇپ، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئائىلىدىكى قوۋناق تۇرمۇشتىن ئىلھاملىنىشنى بىلسىلا، ئىلگىرىكى ئارزۇ – قىزىقىشلىرىنى تېخىمۇ شاخلىتالايدۇ، ھايات ئالبومىنى يەنىمۇ رەڭدار مەزمۇنلار بىلەن بېيىتالايدۇ. 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
.


دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ :  

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603