ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئابدۇرېھىم مۇھىتى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئابدۇرېھىم مۇھىتى
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:16  

ئابدۇرېھىم مۇھىتىSYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
   ئابدۇرېھىم مۇھىتى موسۇل مۇھىتىنىڭ ئۇچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1912 - يىلى تۇرپان ئاستاندە تۇغۇلغان. 1918 - يىلىدىن 1924 - يىلىغىچە ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. 1932 - يىلى مەخسۇت مۇھىتى، مۇھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىقىدا قوزغالغان تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن بىللە قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، مەھمۇت شىقاڭ ۋە جوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىللە قەشقەر شەھىرىگە بارغان، 1934 - يىلى مەھمۇت شىجاڭنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بىر تۈرمۈ ياشلار قاتارىدا ئۆزبېكىتان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىگە بېرىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق فكۇلتېتىدا ئىككى يىل ئوقۇپ، 1936 - يىلى7 - ئايدا ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، چۆچەك ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. ئۈرۈمچىگە كەلگەندە شېڭ شىسەي ئۇنى ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئابدۇرېھىم مۇھىتى ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە خىزمەت ئىشلىگەن مەزگىلدە ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، ۋەتەنپەرۋەر كۈلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى زورايتىش، ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان.SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
   1939 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە قامالغان. تۈرمىدە غېنى باتۇر بىلەن بىر مەزگىل بىر كامېردا ياتقان. 1944 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئانا يۇرتى تۇرپان ئاستانىگە قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغان.SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
   1947 - يىلى ئاكىسى ئابدۇراخمان مۇھىتى باشچىلىقىدا تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، سىڭگىم ئېغىزىدا ئېلىپ بېلىغان كەسكىن جەڭگە قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پارتىزانلار بىلەن بىرلىكتە يول بويى قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ، 1947 - يىلى8 - ئايدا شۇ چاغدىكى شىنجاڭ مىللىي ئىنقىلابىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە يېتىپ بېرىپ، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى بولغان.SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
   ئابدۇرېھىم مۇھىتى 1949 - يىلى ئاستانىگە قايتىپ كېلىپ، سودا قىلىش ۋە لەنجۇ شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۇغقىنى ئابدۇخالىقنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ لەنجۇغا بارغان. بۇ دەل جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغۇچى قىسىملىرى لەنجۇغا يېتىپ كەلگەن چاغ بولۇپ، بۇنىڭدىن خوشال بولغان ئابدۇرېھىم مۇھىتى ئىككى ماشىنا (تەخمىنەن يەتتە توننا) قۇرۇق ئۈزۈمنى ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ھال سوراپ تەقدىم قىلغان. 1951 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە لەنجۇ شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
    1952 - يىلى ئەتىيازدا تۇرپان ئاستانىگە قايتىپ كەلگەن بۇ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش، سىنىپى تەركىب ئايرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چاغ بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى ئابدۇرېھىم مۇھىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئۇنى «ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي»دەپ بېكىتكەن.SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
   ئابدۇرېھىم مۇھىتى 1952 - يىلىدىن1956 - يىلىغىچە ئاتىسى مۇسۇلباي سىڭگىم ئېغىزىدا قۇرغان پاختا ئايرىش زاۋاۇتىنى باشقۇرغان. 1956 - يىلى سەيپىدىن ئەزىزى ۋە ئابدۇراخمان مۇھىتىلار تۇرپانغا خىزمەتكە كەلگەندە سىڭگىم ئېغىزىدىكى مۇسۇلباي پاختا زاۋۇتىغا بېرىپ ئابدۇرېھىم مۇھىتىنى ئالاھىدە يوقلاپ ھال سورىغان. بۇ دەل سودا - سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان چاغ ئىدى. ئابدۇراخمان مۇھىتى ئابدۇرېھىم مۇھىتىغا پاختا زاۋۇتىنى شۇ چاغدىكى ئۇمۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە ئاۋاز قوشۇپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىگە پاي قىلىپ قوشۇش تەكلىپىنى بەرگەن. ئابدۇرېھىم مۇھىتى بۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. شۇ چاغدىكى ئاستانە، قاراغوجا يېزىلىرى بويىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان بۇ پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى 5000 پاي باھالىنىپ تۇرپان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئابدۇرېھىم مۇھىتى شىركەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1958 - يىلى سول لۇشيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ شىركەتتىن بوشىتىلغان.SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
   1958 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئابدۇرېھىم مۇھىتى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. ئابدۇرېھىم مۇھىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئىشسىز قالغانلىقىنى ئۇققان سەيپىدىن ئەزىزى ئۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شىركىتىنىڭ مال سېتىش ماگىزىنىغا پرىكازچىكلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. ئۇ بۇ خىزمەتنى كىچىك كۆرمەي، بىجانىدىل ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
   1962 - يىلىدىكى ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاش، كادىرلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش دولقۇنىدا ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ، ئانا يۇرتى تۇرپان ئاستانىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئاستانىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە ئاتىسى موسۇلباي ۋاقتىدا بەرپا قىلىنغان «چوڭ باغ»دەپ ئاتىلىدىغان باغقا كۆچۈپ بېرىپ، باغنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېڭى مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1972 - يىلى 7 - ئايدا رېماتىزم كېسىلى بىلەن  تۇرپان ئاستانىدە ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ جەسىتى ئاۋات قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

SYbئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

- ئەنۋەر ئابدۇگۈل، يالقۇن روزىلار يازغان ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «مۇھىتىلار جەمەتى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603