ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
مۇرات ناسىروۋ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
مۇرات ناسىروۋ
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:19  

روسسىيىنىڭ پايتەختى دۇنياغا داڭلىق موسكۋادىن ئىبارەت بىر چوڭ شەھەردە سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى -- مۇرات ئىسمائىل ئوغلى ناسىروۋ 1969- يىلى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى (بۇرۇنقى پايتەختى) ئالمۇتا شەھىرىدە بىر سەنئەتكار ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە دادىسىنىڭ تەسىرى زور بولغان. دادىسى ئىسمائىل ناسىروۋ ئەسلى كەسپىي سەنئەتكار ئىدى. ئىسمائىل ئاكا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن، 1940-يىللاردىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەنئەت گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىگەن. 1945- يىلى 8-ئايلاردا پودپولكوۋنىك سوپاخون باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئىسمائىل ئاكا مىللىي ئارمىيىگە پىدائىي بولۇپ كىردى. 1945-يىلى 10- ئايدا مىللىي ئارمىيە بىلەن غۇلجىغا قايتىپ، ئارمىيىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەپ، سەنئىتىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، "ئۈچ ۋىلايەت" ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن "خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس" دېگەن پەخىرلىك ناملارنى قازانغان!... ئىسمائىل ناسىروۋ 1958- يىلى ئائىلىسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئالمۇتا شەھىرىگە ماكانلاشقان. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

    مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىمۇ مانا مۇشۇ ئائىلىدىكى سەنئەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، يەسلى ۋە مەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 18 يېشىدا ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، بۇ جايدىمۇ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەنئەت كۇرۇژۇكى قۇدى. ھەربىي مەجبۇرىيىتى ئاياغلاشقاندا موسكۋالىق سەبداشلىرى مۇراتنىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ ئۇنى موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مۇرات تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆيىگە قايتماستىن ئۇدۇل موسكۋاغا بېرىپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن گنېسوۋ نامىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن. موسكۋادىكى ئوقۇش ھاياتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنى ئىقتىسادىي مەنبە قىلىشنى نومۇس دەپ بىلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر-يېنىك جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش راسخودىنى ئۆزى ھەل قىلغان. ئۇ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، تىرىشىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تالانتى تېزدىنلا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنىڭدەك ئۇستازلىرىنى قايىل قىلغان. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروۋ 1991- يىلى يالتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولغان ھەمدە پوپ ناخشا تۈرلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يالتىدا قولغا كەلگەن مەزكۇر زور نەتىجىدە مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ موسكۋا سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا توئۇنۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا يول ئاچقان. مۇرات بىر ياقتىن ئوقۇپ يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ "يېڭى پورت" ناملىق ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنى (توپىنى) قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە كونسېرتلار ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان شۇنىڭدەك يەنە بەزى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئاتاقلىق چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئىدى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
موسكۋادەك ياتلارنىڭ شەھىرىدە ئوزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن رۇس تىلىدا ناخشا ئېيتىپ تونۇلۇش زۆرۈر بولغانلىقتىن، ئۇ تىنىمسىز ئىزدەندى. ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى 1997-يىلىدىن كېيىن بىردىنلا ئەمەلگە ئاشتى. ئۇنىڭ نامى بىردىنلا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلدى. ئۇ، <> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، داڭ چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدىكى ياشلارنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ناخشىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن كۈندىكىدەك نەچچە قېتىملاپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭ ئوبرازى ۋە ناخشىلىرى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىراتلار قالدۇردى. مۇرات ناسىروپ ئارقىدىنلا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىسى ئاپىنا بىلەن بىرگە <> ناملىق ناخشىسىنى ۋە << men dimek sendur>> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قېتىم زىل-زىلىگە سالدى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى مەخسۇس كۆرۈنۈشلەر بىلەن كىرۈشتۈرىلىپ، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلدى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروۋ ئۆزىگە شان - شەۋكەت ئېلىپ كەلگەن مەزكۇر ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن، سۆز تەكىستىنى ئۆزى يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق كوپ تەرەپلىمىلىك تالانتى بىلەن رۇسىيە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەربابلارنى قايىل قىلدى. مۇرات ناسىروپ ھازىرغىچە رۇسچە <>، << oyghatqin méni>>، << kimdur biri epu qilidu>>، << bularning hemmisi men bilen bolmighan >> ۋە ئۇيغۇرچە << qaldim yalghuz>> قاتارلىق بەش پلاستىنكىسىمۇ ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپتى. مۇرات ناسىروۋ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان. قانداقتۇر، باشقىلار ئىجاد قىلىپ بەرگەن ئاھاڭ بىلەن باشقىلار يېزىپ بەرگەن تېكىستقا ناخشا ئېيتىشتىن ساقلانغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانتلىق چولپانلار رۇسلار ئىچىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە كەم ئۇچرايدۇ. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سەنئىتىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمىدى. ئاتا-ئانىدىن، ئەجدادتىن قالغان ئەسلى قان بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي روھ زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇغان قەھرىمان مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىسى، بىر قولىدا راۋاب، بىر قولىدا مىلتىقىنى كۆتۈرۈپ، ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان، جەڭ تىنجىغاندا بولسا، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسىرلىرىگە روھ بېغىشلايدىغان، ئۇلارنى ئازادلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ئۈندەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، مىللىي ئىنقىلابقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ئىسمائىل ئاكىنىڭ مىللىي روھىي دۇنياسى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بەش بالىسىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان مۇراتنىڭ تومۇرلىرىدا ھامان خۇددى ئىلى دولقۇنلىرى كەبى مەۋج ئۇرۇشقا نېسىپ بولدى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات بارغانسېرى رۇس ناخشىچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ناخشىچىسى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. مانا بۇ مەرھۇم ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئارزۇسى ئىدى، دېمىسىمۇ، ئۇ ماناس دەرياسىدا مىلتىقى بىلەن راۋابىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۆت يىل ياتقان كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە خۇددى باشقا سەپداشلىرىغا ئوخشاشلا ئازابلىناتتى، ئۆكىنەتتى، " دائىم ھەي - ئىسىت ئاشۇ چاغلار !" دەيتتى. مۇرات موسكۋاغا ماڭغاندا، ئىسمائىل ئاكا " قېنى بارغىن ، يىگىت بولغاندىكىن ئۆز يولۇڭنى تاپ ! لېكىن ئۇيغۇرلۇقۇڭنى ھەرگىز ئۇنتۇما ! مۇمكىن بولسا ئاشۇ كۆك-كۆزلەرنى ياڭراق ناخشىلىرىڭ بىلەن بويسۇندۇر " دەپ جىكىلىگەن ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئىسمائىل ئاكا ھايات ۋاقتىدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىگە سۆزلەپ بەرگەنىكەن ئۇلار ئۇچراشقاندا. مۇرات ئاخىرى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ <> ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبومىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھىرىدە نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا تارقالدى. مانا ئەمدى، ئورۇسلار ئۇيغۇرچە ناخشا پلاستىنكىسى سېتىۋېلىپ ئاڭلايدىغان مەنزىرە شەكىللەندى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما تېخى ئۇيغۇرلۇققا تولۇق قايتمىغان مۇرات بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا يەردە " مەن ئۇيغۇر !" دەيدىغان، مەيلى چەتئ ئەللەردە بولسۇن ۋە ياكى رۇسىيە ھەم باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە بولسۇن چوقۇم ئۇيغۇرچە بىر ئىككى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتماي قالمايدىغان شۇنىڭدەك ئاشۇ ئۇيغۇرنى ئاڭلاپ باقمىغان تاماشىبىنلارغا " مەن ئۇيغۇر " دەپ ئۆزىنى ۋە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان مۇراتقا ئايلانغان ئىدى. رۇسىيە گېزىتلىرىنىڭ مۇرات ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەممە ماقالىلىرىدە، ئۇنىڭ "مەن ئۇيغۇر "، "دادام ئىسمائىل سوپى قەشقەردىن" دەپ تونۇشتۇرىدىغان جۈملىلەر ئورۇن ئالغان.مۇرات بىر ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىگە مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
"مەن ئۇيغۇر، دادام رەھمەتلىك ئىسمائىل سوپى ناسىروۋ قەشقەردە تۇغۇلغان، ئانام خاتىرە غۇلجىدا تۇغۇلغان، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن موسكۋا ۋە ئالمۇتىلاردا ياشايمەن، باشقا ئەنئەنىلەرنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز ئەنئەنەمنى سۆيۈش بىلەن ياشايمەن." duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مانا بۇ مۇراتنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆزلەردۇر.
duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروۋنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ لاتىش مىللىتىدىن بولغان ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئايالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتكەن. ئۇلار دائىم سەھنىلەردە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى جور بولۇپ ئېيتىدىكەن. مۇرات ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تاماقلارنىمۇ تەييارلاشنى ئۆگىتىپ قويغان. مۇرات ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىى مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. 2005- يىلى ئالمۇتىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىھلام مۇكاپاتى"بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىھلام مۇكاپاتى" بەردى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات، قەشقەر پەيزىۋات ۋە مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 
duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 
duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
  مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپنىڭ ئىجادىي ھاياتى  duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپ ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىن-بىر پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا تونۇلغان ناخشىچى ئىدى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ مەشھۇر ناخشا چولپىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەھىرىدىكى 5-قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپ ئەمدىلا تېخى 37 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مېيىتى 22-يانۋار كۈنى موسكۋادىن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن زارىئاۋاستوكا مەھەللىسىدىكى زاراتكارلىققا دادىسىنىڭ
يېنىغا دەپنە قىلىنغان. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇراتنىڭ ناسىروپ رۇسىيە ھازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى يالغۇز رۇسىيىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تونۇلغان. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپ 1991-يىلى يالتادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن تونۇلۇشقا باشلاپ، 97--يىلى "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" دېگەن ناخشىسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدا شۆھرەت قازىنىپ، ياشلارنىڭ چوقۇنىدىغان چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپنىڭ " مەن دېمەك سەن، سەن دېمەك مەن"، " ئايدىڭ كېچە"، " مېنىڭ تارىخىم"قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشىلىرى كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن. مۇرات ناسىروپ ھازىرغىچە "مېنىڭ تارىخىم"، " ئويغاتقىن مېنى"، " كىمدۇر بىرى ئەپۇ قىلىدۇ"، "بۇ ئىشلار مەن بىلەن بولمىغان "، "قالدىم يالغۇز" قاتارلىق بەش ئالبومىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپقان. 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئەڭ داڭ چىقارغان دەۋرى بولۇپ، بىر قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە 50 مىڭ ئادەم قاتنىشىشتەك رېكورت يارىتىلغان ئىكەن. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 
كومپوزىتور ۋە شائىر "قالدىم يالغۇز" ناملىق ئالبۇمىنىڭ تېشى مۇرات ناسىروپ ئۆزىنىڭ بەش ئالبۇمىدىكى ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆزى يازغان، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن. ئۇ، باشقىلارنىڭ يېزىپ بەرگەن مۇزىكىسى بىلەن سۆزىگە ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرمىغان. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ رۇسىيە ناخشا پادىشاھى ئاللا پۇگاچېۋا، فىللىپ كىركىروپ قاتارلىق كۆپلىگەن چولپانلارغا مۇزىكا ۋە سۆز تېكىستى يېزىپ بەرگەن. قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپتەك مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خۇدا بەرگەن تەبىئىي ئاۋازى بار ھەقىقىي تالانتلىق ناخشىچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇرات رۇسىيە سەھنىلىرىدە دائىم ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتقان duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپ ئۈچ- تۆت يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىش ۋە ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىشقا باشلىغان. مۇراتنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجادىيىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغان.
duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇ، دادىسىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئالمۇتا ۋە يەركەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ھاياتىنى ۋە ئاھاڭلىرىنى ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا يەركەت شەھىرىدىكى "يەركەت بۇلبۇللىر" ناملىق گۇرۇپپىنىڭ چالغۇچىسى پولات مۇرات ئۈچۈن كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتتى. ئۇ، مۇراتقا ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىنى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى توپلاشقا ياردەملەشتى. ئاخىرى، مۇرات ناسىروپ 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ "قالدىم يالغۇز" ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبومىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھىرىدە نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە بازارلىرىغا ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ تارقالدى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپنىڭ قەشقەردىن راۋاب ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكى ھەتتا قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئىجادىيىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇشنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇرات ناسىروپنىڭ ئىجادىيىتىگە دادىسى تەسىر كۆرسەتكەن duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپ 1969-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئىسمائىل ئاكا 50-يىللاردا قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئىسمائىل ئاكا سەنئەتكار بولۇپ، مۇراتنىڭ ناخشىچى بولۇپ يېتىلىشىدە ئۇنىڭ رولى ۋە تەسىرى چوڭ بولغان. مۇرات ھەربىي ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن موسكۋاغا بېرىپ، مۇزىكا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان ھەم ئەلا نەتىجىدە بىلەن پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىق موسكۋادا ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز كۈچى ۋە تالانتىغا تايىنپ، ئاخىرىدا تەخمىنەن ئۈچ يۈز مىليون نوپۇسلۇق مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوسلۇقىغا تونۇلۇش سەۋىيىسىگە يەتكەن ئارتىستقا ئايلانغان.
duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ھەممىلا يەردە ئۇيغۇرنى تەشۋىق قىلغان. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە تاماقلىرىنى ھەم تارىخىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ۋە مارالبېشى نايىھىلىرىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىمۇ مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. ئۆتكەن يىلى ئالمۇتىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىلھام مۇكاپاتى" بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك
"ئىلھام مۇكاپاتى" بەردى. duBئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋە بېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋە تالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى

دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ :  

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603