ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئۆتمۈشتىكى كۈلپەتلىك كەچۈرمىشلىرىم - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئۆتمۈشتىكى كۈلپەتلىك كەچۈرمىشلىرىم
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:32  

مەن ھازىر 89 ياشقا كىردىم، ئۆمرۈمنىڭ ئازكەم يېرىمى ئېغىر زۇلۇم-كۈلپەت، چىدىغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتتى، پەقەت كومپارتىيە زامانىدىلا ھۆرلۈككە، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتىم.

1

     دادام سەئىدى ھاجىم 1926- يىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج-تاۋاب قىلىش ئۈچۈن بېرىپ، قازا قىلىپ كەتتى. بىز ئاكا-ئۇكا ئىككىلا بىر تۇغقان ئىدۇق، مەن دادامدىن يەتتە ياشتا، ئاكام ئالىمجان ئون ياشتا قالدۇق، ئاپام ئايشىخان دادامدىن كېيىن بىر ئۆمۈر تۇرمۇشقا چىقماي، بىزنى مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلدى.
بىزنىڭ يۇرتىمىز خوتەن ناھىيە بازىرىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تەۋەككۈل يېزا كېرىيە ئۆستەڭ بويى (ھازىرقى قوشنو كەنتى) دېگەن يەردە ئىدى. بىز ئۇ چاغدا مەھەللىدىكى دېھقانلار ئىچىدە خېلى ھاللىق ھېسابلىناتتۇق، 12 مو تېرىلغۇ يېرىمىز، 10 مو بوز يېرىمىز بار ئىدى. 1925~1926- يىللىرى بولسا كېرەك، يۇڭقاش دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ، كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق50~40 ئائىلىنىڭ يەر-زېمىن، ئۆيۋاقلىرىنى ئېقىتىپ كەتتى، ھەش-پەش دېگۈچە چىرايلىق بىر كەنت تۈپتۈز بولۇپ كەتتى. ھەممە ئادەم ئۆز جېنى، مال-مۈلكىنى قۇتقۇزۇش بىلەن ئىدى، بىزگە كىممۇ ياردەم قىلسۇن؟ ئاپام بىچارە كۈچى يەتكەن نەرسىلەرنى ئالالىدى، ھەممىدىن ئايرىلدۇق، پەقەت جېنىمىزلا ئامان قالدى. باشقا قوشنىلار ياقا-يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتتى. بىز نەگىمۇ بارالايتتۇق، بىر تۇل ئايالنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسۇن؟ ئاق يەرگە بورا كەپە تىكلەپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.
تومۇز كۈنلەر ئۆتۈپ جاھان سوۋۇشقا باشلىدى، بىز يەنىلا بورا كەپىدە ئولتۇراتتۇق، ئاپامنىڭ تاغىسىنىڭ رەھمى كەلدى بولغاي، بىر ئېغىز ئۆيىنى بوشىتىپ بەردى، ئۈچ جان شۇ ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدۇق. تۇرمۇشتىكى يوقسۇللۇق، مۇھتاجلىق، ئاچلىق ئۈچ جاننى قىينايتتى، ئاپام بىچارىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايتتى. يەر-زېمىندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خەقنىڭ يېرىنى ئورتاققا تېرىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىر يىلى قوشنا كەنتلىك ئەخمەت توختى ئەنجان دېگەن پومېشچىكنىڭ ئۈچ مو يېرىنى ئورتاققا تېرىدۇق، «بىتەلەي تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالا ئۆستەڭگە تېزەكلەپتۇ» دېگەندەك ئىش بولدى. شۇ يىلى دەرياغا سۇ كەلمەي قۇرغاقچىلىق بولدى، كەلگەن سۇ بەگ، بوجاڭ، مىرابلاردىن ئاشمىدى. تېرىغان بۇغداي سۇ يۈزى كۆرمەي قۇرۇپ كەتتى، بىر جىڭمۇ ئاشلىق ئالالمىدۇق. ئۈچىمىزنىڭ جان بېقىشى تېخىمۇ قىيىنلاشتى. ئاپام باشقىلارنىڭ يىپىنى ئىگىرىپ بېرىپ، بىرەر ۋاقلىق ئاشلىق تېپىپ كېلەتتى. ئاكا-ئۇكا ئىككىمىز باشقىلارغا كۈنلۈك ئىشلەش، ماللىرىنى بېقىپ بېرىش بەدىلىگە ئانچە-مۇنچە ئوزۇق-تۈلۈك تېپىپ بىر يىلنى ئۆتكۈزدۇق. كېيىن جازانىخوردىن خامان ۋاقتىدا بىر چارەك بۇغداي بېرىش شەرتى بىلەن بىر چارەك قوناق قەرز ئېلىپ يەپ، كۆپ قەرزگە بوغۇلدۇق. قەرز ئىگىلىرى كۈندە قەرز سۈيلەپ كېلىپ بار نەرسىلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىپ، ئارام بەرمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ ئالۋان-سېلىقلىرى جاننى قىينايتتى. قىسقىسى، بىزدە بۇ دۇنيادا ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىدى. مۇشۇنداق جاپا-مۇشەققەتلىك قىيىن تۇرمۇش ئىچىدە 7-8 يىلنى ئۆتكۈزدۇق.

2

      بىركۈنى تەۋەككۈلنىڭ دۈشەنبە كۈنى قىزىيدىغان بازىرىدا بېشىغا چوڭ سەللە ئورىغان، بىر قولىدا ھاسا تۇتقان، سېرىق چىراي، ئاق ساقال، ئىگىز بوي، 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان روزى شەيخ ئىسلام دېگەن كىشى بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىزگە چىقىپ تۇرۇپ: «مۇسۇلمان قېرىنداشلار، قۇلاق سېلىڭلار، خوتەندە مەمتىمىن ھەزرىتىم ئىسلام ئاچتى. ھەممە ئىش شەرىئەت-«قۇرئان كەرىم» بويىچە بولىدۇ، دىنىي شەرىئەت ئىسلام ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلگەنلەر شېھىت بولىدۇ، ئۆلمەي قالغانلار غازى بولىدۇ، ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكىمىزدىن ئىسلامغا ئەسكەر بولايلى، ئۇرۇشقا بارالمايدىغانلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلايلى» دەپ تەشۋىق قىلغىلى تۇردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىسلامغا ئەسكەر بولۇش نىيىتىگە كەلدىم، ئۇرۇشتا ئۆلسەم بۇ جاپالىق تۇرمۇشتىن بىراقلا قۇتۇلارمەن، ئۆلمەي قالسام پىشانەمگە پۈتۈلگەننى كۆرەرمەن دەپ ئويلىدىم. ئاپام بىلەن ئاكامغا ئۇقتۇرماي، مەھەللىمىزدىكى يۈسۈپ ئاخۇن دەكچى، تۇرسۇن توختاخۇن چىلگە قاتارلىقلار بىلەن بىر كېچىدىلا خوتەنگە قاراپ يول ئالدۇق. يولدا بىر كېچە قونۇپ، ئەتىسى پىشىم ۋاقتى بىلەن خوتەن ئىلچى شەھىرىگە چىقىپ، ئىسلام ئەسكەرلىرىگە قوشۇلدۇق. (ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ 1933- يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرى، 5- ئاينىڭ باشلىرى بولۇشى مۇمكىن). بۇ ۋاقىتتا تەرەپ-تەرەپ، يۇرت-يۇرتلاردىن ئادەملەر كېلىپ، ئەسكەر بولۇۋاتقانىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 40-50 ياشلىق كىشىلەرمۇ، 15-16 ياشلىق بالىلارمۇ بار ئىدى، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىنى ئاساس قىلىپ، بەن، پەي، ليەنلەرگە ئايرىپ، مەشق قىلدۇرۇۋاتقانىكەن. شەھەر سېپىلى ئىچىدە ئىككى-ئۈچ ئاي تەلىم-تەربىيە ئالدۇق. بەزى كۈنلىرى توقماق-كالتەكلەرنى ئېلىپ، شەھەر تەرتىىنى قوغداشقا چىقاتتۇق. تەشكىلىي تۈزۈم، ئىنتىزام شەرىئەت بويىچە باشقۇرۇلاتتى، ھەر بىر ليەندە بەش ۋاق نامازغا بشچىلىق قىلىدىغان ئىمام-مەزىنلەر بار ئىدى. ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولىنى كېسىش، زىنا قىلغانلارنى كالتەكلەپ ئورۇش، كوشۇككا سولاپ ئېسىپ قويۇپ سازايى قىلىش، ھەتتا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش، دارغا ئېسىشقا ئوخشاش ۋەھشىيانە جازالاش ئۇسۇللىرى يولغا قويۇلغانىدى.
      بىركۈنى تەۋەككۈل كەنتىنىڭ ھوڭ دېگەن يېرىدىن ئانايەت ئاخۇن شامال دېگەن 30 ياشلاردىكى بىر كىشى «ئوغرى» دەپ خوتە شەھىرىگە باغلاپ ئېلىپ كېلىندى. قازىلار شەرىئەت بويىچە ئۇنىڭ سول قولىنى بەمىلىدىن كېسىشكە ھۆكۈم قىلدى. ئىجراچىلار ئانايەت ئاخۇن شامالنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ، تېڭىپ، سول قولىنىڭ بەمەل ئۈستىدىن زەي شوينا بىلەن بوغدى ۋە ئۇنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ پۇت-قولىنى تۆت ئادەم بېسىپ تۇردى، ئۇستا قاسساپتىن بىرى ھەش-پەش دېگۈچە قوينىڭ پاچىقىنى چىقارغاندەك ئۇنىڭ سول قولىنىڭ بەمىلىنى كېسىپ تاشلىدى. ئانايەت ئاخۇن شامال نالە-زار ئىچىدە ھۇشىدىن كەتتى، قان بۇلدۇقلاپ ئاقتى. ئۇنىڭ كېسىلگەن قولى قايناپ تۇرغان ياغقا تىقىلدى. مەن شۇ مەيداندا تەرتىپ ساقلاشقا چىققانىدىم، بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ، يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى. ئانايەت ئاخۇنغا قاتتىق ھېسداشلىقىم قوزغالدى، بىچارە بىر قولىدىن ئايرىلىپ قانداقمۇ تۇرمۇش كەچۈرەر... دېگەنلەرنى ئويلاپ كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش كەتتى.
      ئىجراچىلار ئانايەت ئاخۇننىڭ پۇت-قولىنى بوشىتىپ، ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، كېسىۋالغان قولىنى يامۇلنىڭ دەرۋازىسىغا مىقلاپ قويۇشتى. كېيىن بىلدىمكى، ئانايەت ئۈچۈن شامالنىڭ ئىلگىرى ئانچە-مۇنچە، پارچە-پۇرات ئوغرىلىق ئىشلىرى بار ئىكەن، لېكىن بۇ نۆۋەت نەق زاڭ بىلەن تۇتۇلغان ئەمەس ئىكەن. ئۇ سايىت ھاجى دېگەن بىر مۆتىۋەر كىشى بىلەن يەر قوشنىسى بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان يەر پاسىلى جېدىلى بار ئىكەن. سايىت ھاجى ئۆچمەنلىك يۈزىسىدىن ئىسلام شەرىئەت قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، قولىنى كەستۈرگەنىكەن.
يەنە بىر كۈنى مەتنىياز ئاخۇن دېگەن بىر كىشى «زىنا قىلدى» دەپ بىر ئايال بىلەن قازىخانىغا ئېلىپ كېلىندى. ئەرگە 41 دەررە ئۇرۇش، ئايالنى كوشۇككا سولاپ كوچىنىڭ دوقمۇشىغا ئېسىپ سازايى قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى. ئىجراچى ئەرنىڭ دۈمچىسىگە دەررە بىلەن 41 نى ئۇردى. دۈمچىنىڭ گۆشلىرى تىتىلىپ، پۈتۈن بەدەن قانغا بويالدى. ئايال كوشۇككا سولاپ سازايى قىلىندى. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئىدىيەمدە جىددىي ئۆزگىرىش بولدى. ئادەمنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشى بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەق-ناھەق ئېنىق ئايرىلمايدىغان، خەلققە رەھىم قىلمايدىغان بۇنداق ھۆكۈمەتتە ئىشلىسەم بولمايدىكەن دېگەن ئويغا كەلدىم-دە، بىر كېچىدە ئەسكەرلىكتىن قېچىپ ئۆيگە كەلدىم. ئاپام بىلەن ئاكام مېنىڭ ئىسلامغا ئەسكەر بولۇپ كەتكەنلىكىمنى ئوقۇپ، يىغلىشىپ كۆزى يولدا ئىكەن، مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ كېتىشتى، بۇ خۇشاللىق كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى.

3

ما خۇسەن ئەسكەرلىرى كېلىپ، ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ خوتەننى ئىگىلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالا-قازا، زۇلۇملار تېخىمۇ كۆپەيدى. ما خۇسەن ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يۇرت-يۇرتلارغا بەگ، دورغىلارنى قويۇپ، ئالۋان-سېلىقلارنى كۆپەيتتى، ئەرلەرنى ئەسكەرلىككە تۇتتى. يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇغا بارىدىغان كارۋان يولى بار ئىدى، بۇ يولدىن شېڭ شىسەي، خوجانىياز ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، تەۋەككۈل، ئىسلامئاۋاتتا ئەسكەر تۇرغۇزدى. يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئايىقىدىكى قوشلاش، بوغاز دېگەن ئىككى جايدا ئاتلىق ئەسكەرلەر پونكىتى قۇرۇپ، ئىككى پەي ئەسكەر تۇرغۇزدى. 1935- يىل 9-، 10- ئاي مەزگىلىدە، تەۋەككۈلگە 120، ئىسلامئاۋاتقا 100 ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپىسى كەلدى دەپ، ياشلارنى ئەسكەرلىككە تۇتقىلى تۇردى. تەۋەككۈلگە تارى بەگ، ئىسلامئاۋاتقا قاسىم بەگلەر بەگ ئىدى. ئۇلار دورغىلارنى ئىشقا سېلىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى كېچە-كۈندۈز ئاختۇرۇپ، بالا-چاقىلىرىنى تۇتۇپ باغلاپ، تارى بەگنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ سولايتتى. بىر قىسىم ياشلار يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ يىراق يەرلەرگە قېچىپ كەتتى، بىر قىسىملىرى ئېتىز بېشى، جاڭگاللارغا يوشۇرۇنۇپ يۈردى. مەن ئاكام بىلەن ئېتىز بېشىغا بېرىپ، قوناقلىققا يوشۇرۇنۇۋالدۇق. كېچىدە ئۆيگە كېلىپ، كۈندۈزى قوناقلىققا چىقىپ بىرقانچە كۈننى ئۆتكۈزدۇق. تارى بەگنىڭ ماخمۇت خوجۇن، روزى مالىماتاڭ دېگەن ئىككى دورغىسى كۈندە كېلىپ، ئاپامنى بالاڭنى تاپ دەپ قىينايتتى. بىر كۈنى ئىككى دورغا كېلىپ: «ئاخىرقى مۆھلەت، بالىلىرىڭ ئۆزى كەلسە بىرنى ئېلىپ كېتىمىز، كەلمىسە ئىككىلا بالاڭنى تۇتۇپ كېتىمىز» دەپ دارۋاڭ سېلىپ، ئېغىلدىن بىر قوينى تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. بىچارە ئاپام دورغىلارنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ، بىزنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ساندۇق ئاستىغا ئورا كولاپ شۇ يەرگە يوشۇرۇپ قويدى. بىرەر شەپە ئاڭلىساق خۇددى چاشقاندەك ئورىغا كىرىۋالاتتۇق. بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دورغىلار يەنە كەلدى. ئاپامنى باغلاپ ھويلىدىكى ئۈجمىگە ئاستى، ئاپام بىچارىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ: «بالىلىرىم ھازىر يوق، پەيدا بولسا ئەتە تارى بەگ قېشىغا ئۆزەم ئاچىقىپ ھازىر قىلاي» دەپ يالۋۇرۇشىغا قارىماي، باش-كۆزىگە ئۇرۇپ كەتتى. ئاپامنىڭ يىغا-زارى، نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ خۇددى يلان چېقىۋالغاندەك پۇچۇلىنىپ چىدىيالماي قالدۇق. بىزنى مىڭبىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان بىچارە ئاپامنىڭ ئازاب چېكىشىگە قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمىز؟ نېمە كۆرسەك كۆرەيلى دېدۇق-دە، ئورىدىن چىقتۇق. ئاكام يۈرەكلىك جىگىرى بار ئوغۇل بالا ئىدى. دورغىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «قېنى مېنى نەگە ئاپارساڭ ئاپارمامسەن، ئاپامنى قويۇۋەت» دەپ ئىككى قولىنى دورغا ماخمۇت خوجۇنغا تۇتۇپ بەردى. ئاڭغىچە ئاپامنى باغلاقتىن بوشاتتىم. دورغا ئاكامنىڭ قولىنى ئارقىسىغا قايرىپ باغلىدى ۋە ئىككىمىزنى ئېلىپ ماڭدى. جاپاكەش، بىچارە ئاپام «ۋاي بالىلىرىم، ئاھ خۇدا»... دەپ يىغلاپ ھۇشىدىن كەتتى. قۇلۇم-قوشنىلار ئاپامنى يۆلەپ تەسەللىي بەرگەچ بىزگە ئاق يول تىلەپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى. بىز پىشانىمىزگە پۈتۈلگەننى كۆرەرمىز دەپ ئىككى دورغىنىڭ ئالدىغا كىرىپ ماڭدۇق. يېرىم سائەتتەك يول يۈرگەندىن كېيىن، كەنتنىڭ ئايىقىدىكى بىر كونا تۈگمەن بېشىغا كەلدۇق، تۈگمەن ئىچىدە ئادەملەرنىڭ گەپلەشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ھېلىقى ئىككى دورغا بۇ يەردە قېچىپ شوشۇرۇنغان ئادەم بار ئىكەن دەپ تۈگمەن ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئاكام: «قولۇمنى يېشىۋەت» دېدى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاكامنىڭ قولىنى يېشىۋەتتىم. ئاكام ئېشەك باغلىغان بىر تال قوزۇقنى يەردىن سۇغۇرۇۋېلىپ، تۈگمەن ئىچىگە ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كىرىپ كەتتى، ھەش-پەش دېگۈچە ھېلىقى ئىككى دورغىنى ئۇرۇپ، باش-كۆزلىرىنى ئېتىلدۇرۇپ يىقىىتپ قويۇپتۇ. تۈگمەن ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئادەملەرمۇ تىكىۋەتتى. ئىش چاتاق بولدى، ئاكا-ئۇكا ئىككىمىز بىر نان، بىر پۇلسىز يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇ تەرەپكە قاراپ قاچتۇق. ما خۇسەن ئەسكەرلىرى، دورغا، بەگلەرنىڭ قوغلاپ كېلىشىدىن قورقۇپ، ئادەمزات ماڭمايدىغان قۇملۇق، چاتقاللىق ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ يۈردۇق. جىلەكدۆڭ، سالجىلىق، قومۇش توقاي، ئاچچىق جىلغا، باشتوغراق قاتارلىق توقايلارنى بېسىپ، 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوتتۇرا توغرا دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدۇق. ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن ھېرىپ ماغدۇرىمىزدىن كەتتۇق. كەڭ كەتكەن بۇ چاتقاللىق بىز ئۈچۈن گويا بىر قەپەز، تەڭسىز زىندان بولدى. بۆكلۈك بىر جىغان ئارىسىدا ياتتۇق، نەدىمۇ كۆزگە ئۇيقا كەلسۇن، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بىرەر شەپىسى ئاڭلانسا، بىزنى تۇتقىلى كەلگەنلەر ئوخشايدۇ دەپ يۈرىكىمىز گۈپۈلدەپ سېلىپ كېتەتتى. بىزگە ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق بولۇپ تاڭنى قانداق ئاتقۇزغانلىمىزنىمۇ بىلمىدۇق. ئەتتىگەندە ئىگىز بىر تۈپ توغراق ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قارىسام ئادەمزات كۆرۈنمىدى. توغراقتىن چۈشۈپ ئاكامغا: «ئەمدى قاياققا ماڭىمىز» دېدىم. ئاكام بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ: «بىز ئاپامنى يالغۇز تاشلاپ كەتسەك بولمايدۇ، ئۇ جان-جىگەر ئىككى پارىسىدىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك دورغىلار كۈندە كېلىپ بالاڭنى تاپ دەپ قىيناپ ئارام بەرمەيدۇ، سەن قايتىپ چىقىپ، ئاپامنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالغىن، مەن بىر ئامال قىلىپ ئاقسۇ تەرەپكە كېىتپ، بىر مەزگىل شۇ يەردە جان ئېتىپ، جاھان ئوڭشالغاندىن كېيىن قايتىپ چىقىمەن» دېدى. مەن: «ئاكا، سەندىن ئايرىلمايمەن، قايەرگە بارساڭ بىللە بارىمەن، نېمە كۆرسەك تەڭ كۆرەيلى» دېدىم، يىغلاپ تۇرۇپ. ئاكام: «ياق ئۇكام گەپ ئاڭلا، بىز دادامدىن كىچىك قالغاندىن كېيىن بىچارە ئاپام نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-خورلۇقلارنى تارتىپ بىزنى چوڭ قىلدى، ئىككى يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلسا بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بىرىمىز بولساقمۇ ئاپامنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالايلى» دېدى. ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ ئايرىلدۇق. ئاكامنىڭ قارىسى كۆرۈنگىچە ئارقىسىدىن قاراپ تۇردۇم. ئۇ قاتمۇقات قۇم بارخانلىرى ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. بۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ يەنە ئۆلۈم يولىغا مېڭىش ئىدى. ئاكام مېنىڭ ھەم ئاكام، ھەم دادام، شەپقەتچىم ئىدى، ماڭا بەكمۇ كۆيۈنەتتى، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويمايتتى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىش مەن ئۈچۈن ئۆلگەن بىلەن باراۋەر ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشقا زادى كۆزۈم قىيمايتتى. بۇلارنى ئويلىغانسىرى يۈرەك-باغرىمنى قېرىنداشلىق، مېھرىبانلىق ئوتى كۆيدۈرەتتى، ئىچ-ئىچىمدىن يىغا تۇتۇپ كۆزۈمدىن ياش بۇلدۇقلاپ ئاقاتتى. نېمە ئامال ئاخىرى ئارقامغا قايتىپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم. ئاكامنىڭ شۇ كەتكەنچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىدى.

4

      ما خۇسەن خوتەنگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ پۇقرالارغا بىردەممۇ ئارامچىلىق بەرمىدى، پۇقرالارغا سالىدىغانلىكى زۇلۇمنىڭ ھەممىسىنى سالدى، پۇرت-يۇرتلارغا ۋزىپە چۈشۈرۈپ ئەرلەرنى ئەسكەرلىككە تۇتتى، پۇقرالارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئالۋان-سېلىقلارنى كۆپەيتتى. دەن ئاشلىقى (بىر دەن 10 چارەك)، ئات، ئېشەك، قوي، كالا، توخۇ، ئۆردەك، تۇخۇم، ئوتۇن-سامان، پىچان، كىگىز-كېچەك، يوتقان-كۆرپە، خام (ماتا)، ئىگەر-يۈگەن، كۆن-خۇرۇم قاتارلىق ئالۋان-سېلىق 18 خىلدىن ئاشتى. زالىم تارى بەگ قانخور لۈكچەكلەردىن 30-40 دورغا تەشكىللەپ، شۇ دورغىلار ئارقىلىق ئالۋان-سېلىقلارنى يىغدۇراتتى. دورغىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەسكىسى، مۇناپىقى ماخمۇت خوجۇن بولۇپ، تەلپىكىنى ئەكەل دېسە بېشىنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى. ئالۋان-سېلىقنىڭ ھەتبىر تۈرىگە ئىككىدىن دورغا مەسئۇل بولۇپ، ئىشىك بېشىدىن كەتمەيتتى. تارى بەگنىڭ ئۆيى قاقشال كەنتىنىڭ قۇم بويىدا بولۇپ، 20-25 ئېغىز ئۆيى، ئېغىل-قوتانلىرى بار ئىدى، يىغىلغان ئالۋان-سېلىقلارنى شۇ ئۆيلەرگە جۇغلاپ، ما خۇسەن ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ بېرەتتى. تارى بەگ ما خۇسەننىڭ زۇلۇم قامچىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئىتايىن قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ پۇقرالارنىڭ قان-يىلىكىنى شورىدى، ئالۋان-سېلىقنى تۆلىيەلمىگەن دېھقانلارنى تۇتۇپ كېلىپ باغلاپ، ئۇرۇپ قىيناپ سولاپ قوياتتى، ھەتتا بەزىلىرىنى باغلاپ دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ ئاپتاپقا قاقلاپ، سۇ، نان بەرمەي ئۆلۈك جان قىلىپ قويۇپ، ئاندىن مۇددەت بەلگىلەپ كېچىللىككە قويۇپ بېرەتتى. بۇنداق ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان ئالۋان-سېلىقنى كىممۇ تۆلەپ تۈگىتەلىسۇن؟
تەۋەككۈلگە ئىككى قېتىمدا 120 نەچچە ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپىسى كەلدى. تارى بەگ 15 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتتى. پۇلى بار بايلاردىن پارا يەپ بالىلىرىنى قويۇپ بېرىپ، ئورنىغا كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرىنى تۇتۇپ بەردى. ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان دېھقان بالىلىرىنىڭ تولىسى ما خۇسەننىڭ قولىدا ئۆلدى، ئۆلمەي قالغانلىرىمۇ مېيىپ بولۇپ قايتىپ كەلدى. تارى بەگ ما خۇسەننىڭ يۈرگۈزگەن قانلىق سىياسىتى ئاستىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور نەپ ئالدى.
      ماخۇسەننىڭ ئەسكەرلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇزلاردىن ئىدى، ئۇلار پۇلى بارلارنىڭ مال-دۇنيالىرىنى بۇلايتتى، خوتۇن-قىزلارنى ھەيدەپ كېتىپ ئاياغ ئاستى قىلاتتى، قارشىلق قىلغانلارنى ئۇرۇپ ئۆلۈك جان قىلىپ قوياتتى. تەۋەككۈل، ئىسلامئاۋات زېمىنىنى قارڭغۇ زۇلمەت قاپلاپ كەتتى، خەلقنىڭ تىرىكچىلىك، ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىدى.
       1936- يىل 7- ئاي مەزگىلىدە تەۋەككۈل خەلقى زۇلۇمغا چىداپ تۇرالماي ئەخمەت سەيدارى، شاكىر كۆك، ئابدۇراخمان جىگدەك قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ماخۇسەننىڭ ئازنا بازار، ئىسلامئاۋات چارشەنبە بازار شۆتاڭلىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى يوقىتىپ، خەلقنى بىر كۈن ئازاد قىلدى، بىراق قوزغىلاڭ تېزلا مەغلۇب بولدى، ما خۇسەن ئەسكەرلىرى باستۇرۇپ كەلدى. دەسلەپتە كەنتنىڭ بېشى ھوڭدىكى ئىمىن ھاجىمنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، ئېغىلدىكى قويلىرىنى ھەيدەپ چىقىپ ئۆلتۈرۈپ يىدى. ئىمىن ھاجى: «سىلەرنىڭمۇ چوڭاڭلار باردۇر» دېگەندە، نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىدى. بۇ خەۋەر يۇرتقا تارقالغاندىن كېيىن، دېھقانلار خۇددى قوشتىن ئۈركىگەن قۇشتەك تەرەپ-تەرەپلەرگە قېچىپ، ئەتراپتىكى جاڭگال، چۆل-جەزىرىلەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. قوزغىلاڭچىلار يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ، ئاقسۇ، كۇچا، شايار تەرەپلەرگە كەتتى. قوزغىلاڭغا قاتناشمىغان دېھقانلار بىزدە گۇناھ بولمىغاندىكىن دەپ يوشۇرۇنغان جايدىن چىقسا، تارى بەگ ھەممىسىن تۇتۇپ، ئازنا بازارىدىكى شۆتاڭغا سولىدى. ئۇ ئادەملەر توپىدىن كىمنى كۆرسەتسە، ما خۇسەن ئەسكەرلىرى شۇنى چاپاتتى. تارى بەگ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆچ-ئاداۋىتى بار كىشىلەرنى زىيۋازى (ئوغرى) دەپ ئايرىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كىشىلەر توپىدىن 36 ئادەمنى ئايرىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەردى. قوشنىسى يۈسۈپ دىۋانەم 70 ياشلاردا بولۇپ، ئۆلتۈرگىلى ئېلىپ ماڭغاندا تارى بەگكە: «بېگىم مەن كىم ئۈچۈن ئۆلۈمەن، سەۋەبىنى ئۇقۇپ ئۆلسەم كۆزۈم يۇمۇلىدۇ» دېگەندە، تارى بەگ: «ئوغلۇڭ ھاشىم دىۋانەم ئۈچۈن ئۆلۈسەن» دېدى. يۈسۈپ دىۋانەم: «رەھمەت سىلىگە، بۇنداق ئۆلۈمنى ئۆمرۈمدە تاپماق تەس» دەپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 36 بىگۇناھ پۇقرا ئازنا بازارنىڭ شەرقىدىكى شولاقتا چېىپىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇندىن باشقا ما خۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلاردىن قوغلاپ يۈرۈپ ئېتىۋەتكەنلىرىمۇ ئاز ئەمەس. بۇ 7- ئاي بۇغداي پىشقان ۋاقىت بولۇپ، ئېتىز-ئارەك ئىشلىرى بىلەن ھىچكىمنڭى كارى بولمىدى، كەنتتە ئۇششاق بالىلار، قېرى، ئاجىز ئاياللارلا قالدى. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ جان قايغۇسى بىلەن ئىدى. شۇ يىلى ئېتىزدىكى بۇغدايلار تولۇق يىغىۋېلىنمىدى، ئورنىغا قوناق تېرىلمىدى، شۇنىڭ بىەلن ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم يۇرتتىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
       مەن ئاچ قورساق ئىككى كېچە-كۈندۈز چۆلدە يۈرۈپ، كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. كەلسەم ئۆيدە ئاپام يوق. قوشنىلاردىن ئۇقسام، تارى بەگنىڭ دورغىلىرى ئاپام بىلەن يەڭگەمنى تۇتۇپ كېتىپتۇ. بېشىم قاتتى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئەتىسى قوشنىلاردىن يۈسۈپ ئاخۇن دەكچى ئاپامغا كېچىل بولۇپ ئەكىرىشكە چىقىپ كەتتى. تارى بەگ: «بالاڭنىڭ يۈرىكى نېمە دېگەن چوڭ، دورغىلىرىمىزنى ئۇرۇشقا پېتىنىپتۇ، قايەردىن بولمىسۇن تاپىسەن، بولمىسا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن» دەپ ئاپامغا تەھدىت ساپتۇ. قوشنىمىز يۈسۈپ ئاخۇن دەكچى ئارىغا چۈشۈپ: «مەن كېپىل بولاي، بالىسىنى چوقۇم تاپسۇن، ھازىر بۇ ئايالنى قويۇپ بەرسىلە» دېگەندىن كېيىن، «ئوغلۇڭنى تېپىپ بەرسەڭ ھېچ گەپ يوق، بولمىسا 150 دادەن ئاشلىق تاپشۇرىسەن» دەپ، ھەپتىلىك مۆھلەت بىلەن ئاپامنى قويۇپ بېرىپ، يەڭگەم ئايىمخاننى ما خۇسەننىڭ ئەسكەرلىرىنى كۈتۈشكە ئېلىپ قاپتۇ.
       ئاپام مېنى كۆرۈپ: «ئاكاڭدىن ئايرىلدۇق، ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ قالساق بولمايدۇ، دورغىلار كۈندە ئىزلەپ كېلىۋاتىدۇ، كۈندۈزى تالا-تۈزگە چىقماي، ساندۇق ئاستىدىكى ئورىدا ياتقىن» دەپ جېكىلىدى. بىر ھەپتىلىك مۆھلەت توشتى، دورغىلار يەنە كېلىپ: «بالاڭنى تاپ، بولمىسا ئاشنى تاپشۇر» دەپ ئاپامنى قىستىغىلى تۇردى. ئاپام بەزى كۈنلىرى ئىشىكنى قۇلۇپلاپ سىرتقا چىقىپ كېتىپ ئۆيگە كەلمىدى. بۇنداق كۈنلەردە دورغىلار ئىشىك تۈۋىدىن كەتمەي، كۈن بويى ساقلاپ ئولتۇراتتى. دورغىلار ئۆينى بىرقانچە قېتىم ئاختۇرۇپمۇ مېنى تاپالمىدى. مەن ساندۇقنىڭ ئاستىدىكى قاراڭغۇ، زەي ئورىدا بىر ئايغا يېقىن ياتتىم، كۈندۈزى ئورىدىن چىقمىدىم، كېچىدە ئانچە-مۇنچە سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلدىم. بىرەر شەپىنى ئاڭلىغان ھامان ئورىغا كىرىۋالاتتىم. قىش كېلىپ سوغۇق باشلاندى، زەي ئورىدا يېتىۋېرىپ كۈندىن كۈنگە زەئىپلىشىپ، سالامەتلىكىم ناچارلىشىپ كەتتى. بۇ تىرىك تۇرۇپ گۆرگە كىرگەن بىلەن باراۋەر ئىدى.
ئاپام تارى بەگنىڭ قېشىغا چىقىپ: «بېگىم، بۇ كىچىك گۈدەك قىزغا ئىچىلىرى ئاغرىسۇن، قىزىمنىڭ قورسىقىدا بار، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلارغا تۇرۇپ بەرسىلە ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىپ قالىدۇ» دەپ، تارى بەگنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ يىغلاپتۇ. رەھىمسىز زالىم تارى بەگ: «بالاڭنى تېپىپ ئەپچىقىپ بەر، بولمىسا 150 دادەن ئاشنى تاپشۇر، شۇ چاغدا قىزىڭنى قويۇپ بېرىمەن، بولمىسا قىزىڭنى ئىزدەپ چىققۇچى بولما» دەپ قوغلىۋېتىپتۇ. ئاپام ئىنتايىن تەڭلىكتە قالدى. مېنى تاپشۇرۇپ بېرەي دېسە، ئاكامدىن ئايرىلدى، ئەمدى مەندىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىمايتتى. ئاش تاپشۇرايلى دېسەك، قورساققا تويغۇدەك يېگىلى نان يوق ئەھۋالدا 150 دەن ئاشلىقنى نەدىنمۇ تاپقۇلۇق. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق، ئەت يۇمشاق، تاياق قاتتىق، نېمە ئامال؟ بىچارە ئاپام «ئى، ياراتقان تەڭرىم، بەندەڭنى بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەردىن بىراقلا قۇتۇلدۇرۇپ، جېنىمنى ئالساڭچۇ، ئاھ خۇدا...» دەپ نالە قىلغىلى تۇردى. ئاپامنىڭ يىغا-نالىسىگە چىداپ تۇرالمىدىم-دە، ئورىدىن چىقىپ، ئاپامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزەمنى ئاتتىم، ئانا-بالا ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ بىر ھازا يىغلاشتۇق. «ئاپا، مېنى ئەپچىقىپ تارى بەگكە تاپشۇرۇپ بېرىڭ، ئەسكەرلىككە سالامدۇ ياكى باشقا ئىشقا سالامدۇ، ئۆلۈپ قالمىسام قايتىپ كېلەرمەن، پىشانەمگە پۈتۈلگەننى كۆرەرمەن. يەڭگەمنى قايتۇرۇپ ئەكىلەيلى، ئۇنىڭ بوي بېشىدا بار، ئاكامدىن ئايرىلدۇق، ئەمدى ئۇنىڭ ئايالى بىلەن دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالساق بولمايدۇ» دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالدىم. ئاپام بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، مەن تارى بەگنىڭ قېشىغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ باقاي دەپ، ئۆيدە تۆت چارەك ئاش پاتقۇدەك بىر مىس چۆگۈن بار ئىدى، شۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. تارى بەگ چۆگۈننى ئېلىپ: «بالاڭ ئەسكەر بولمايدۇ، قوشلاشتىكى ئەسكەرلەرگە ئالتە ئاي چاي قاينىتىپ بەرسۇن، ئالتە ئايدىن كېيىن ئورنىغا ئادەم ئالماشتۇرۇپ بالاڭنى قويۇپ بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ۋەزىپىنى ئۇرۇندىغان بولسەن، بۇنىڭدىن كېيىن دورغىلار ئىزدەپ بارمايدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئاپام مېنى تارى بەگكە تاپشۇرۇپ بېرىپ، يەڭگەمنى ما خۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.
        تارى بەگنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ 5-6 كۈن ئات باقتىم. بىر كۈنى تارى بەگ مېنى قوشلاشتىكى ئەسكەرلەرگە نان توشۇيدىغان ئېشەكچىلەرگە قوشۇپ قوشلاشقا ماڭغۇزدى. مەن بارغان كۈندىن باشلاپ ئالتە چۆگۈندە چاي قاينىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ئالتە چۆگۈندە قايناقسۇ قاينىتىپ قويدۇم. كىم بىلسۇن، لى فۇگۇەن ئەتتىگەندە يۈزىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئوقۇشماستىن قاينىتىپ قويغان سۇنى قولىغا قويۇپ سالدى، قولى قايناقسۇدا كۆيۈپ قالدى. «ۋۇ خۇندەن» دەپ قۇلىقىمنى سوزۇپ، كاللا-باشلىرىمغا ئۇرۇپ كەتتى، ياتقۇزۇپ ئىككى-ئۈچنى قاتتىق دەسسىۋەتتى، بىر قوۋۇرغام ئىگىلىپ، نەپەس ئالالماي، پۇچۇلىنىپ تۈگۈلۈپ كەتتىم، ئورنۇمدىنمۇ تۇرالمىدىم. ئات باقار تۇرەك ئاخۇن بەڭگى لى فۇگۇەننى تۇتۇۋېلىپ: «خاپا بولماڭ، بالا كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ، يېڭى كەلدى» دەپ تىلىۋالدى. ئۇ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئىككى قولۇمنى بوينىغا گىرە قىلىپ سېلىپ، قولىنى ئۇششاق قوۋۇرغا تەرەپتىن قوۋرۇغا ئاستىغا تىقىپ، ئىگىلگەن قوۋۇرغىنى رۇسلاپ قويدى. نەپەس ئېلىپ ئازابتىن بىر ئاز يېنىكلىگەندەك بولدۇم، لېكىن روھىي ئازاب تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، «مېنىڭ كۆرگۈلۈكۈم تېخى ئالدىمدا ئوخشايدۇ، بۇ زالىملارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېىتىدىغان ئوخشايمەن» دەپ يىغلاپ كەتتىم. تۇرەك ئاخۇن بەڭگى ماڭا تەسەللىي بېرىپ: «بىز دېھقانلارنىڭ نېمە ئامالىمىز بولسۇن، پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر. ئالتە چۆگۈندىن ئۈچ چۆگۈندە توختىماي چاي قاينىتىڭ، ئەسكەرلەر چاينى كۆپ ئىچىدۇ، ئۈچ چۆگۈندە يۈ زيۇيۇش ئۈچۈن ئىسسىق سۇ تەييارلاپ قويۇڭ» دەپ ئۆگىتىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن شۇ بويىچە ئىشلىدىم. بۇ ليەندە ناسىر ئاخۇن دەيدىغان تۇرپانلىق بىر فۇگۇەن بار ئىكەن، ئۇ خەنزۇچە گەپ بىلىدىكەن، تۇڭگانلارنىڭ گېپىنى ماڭا ئۆرۈپ بەردى، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنداق ئۇقۇشماسلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمىدى.
ھەركۈنى ئىككى ئاتلىق ئەسكەر خىراۋان، پاختەك، مۆمۈن، ئاقباش، مارجان، مازارتاغلارغىچە بېرىپ چارلىغاندىن باشقا، قالغان ئەسكەرلەر قىمار ئويناش، ئەپيۇن چېكىش بىلەن بولاتتى، ئاندا-ساندا دەرياغا چۈشۈپ ئاتلىق مەشىق ئېلىپ باراتتى.
       بىركۈنى ناسىر فۇگۇەن: «مېنىڭ ئەسلى يۇرتۇم تۇرپان، ما خۇسەن شىنجاڭغا چىققاندا بىر قىسىم تۇرپان ياشلىرىنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتتى، ئاتا-ئانام مېنىڭ ئكلۈك-تىرىكلىكىمنى، قايەردىلىكىمنى ئۇقمايدۇ، تۇرپاندىن بۇ يەرگە كەلگىچە نۇرغۇن ئۇرۇشقا قاتناشتىم، مېنىڭ جېنىم ئامان قالدى، مەن بىلەن بىللە چىققانلاردىن بىر قىسىمنىڭ جەسىتى چۆل-جەزىرىلەردە قېلىپ، قارغا-قوزغۇنلارغا يەم بولدى. بىزنىڭمۇ جەسىتىمىز ھامان چۆلدە قالىدۇ، مەن ما خۇسەننىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىشنى كېچە-كۈندۈز ئويلاپ كەلدىم، پۇرسەت چىقماي قاچالمىدىم، ئەمدى پۇرسەت كەلدى، بىللە قېچىپ تۇرپانغا كېتەيلى» دېدى. «قاندغاق قاچىمىز، تۇتۇلۇپ قالساق بىزنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ» دېدىم. ئۇ: «ھەركۈنى ئىككى ئاتلىق ئەسكەر يول چارلاپ مازارتاغقا بارىدۇ، ماڭا چارلاش نۆۋىتى كەلگەندە سەن لى فۇگۇەنگە مەنمۇ بىللە باراي دېگىن، قالغان ئىشنى ئۆزەم توغرىلايمەن، مازار تاغقا بارغاندا ھەمراھ ئەسكەرنى ئۆلتۈرۋېتىپ قاچىمىز، 2-3 كۈندە ئاقسۇ تەۋەلىكىگە كىرىپ كېتىمىز، ئۇ يەردە شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بار» دېدى. مەن قوشۇلدۇم، تەييارلىق پۈتۈپ پۇرسەت كەلگەندە قاچماقچى بولدۇق، لېكىن شۇ كېچىسى كۆزۈمگە ئۇيغۇ كەلمىدى. كۆپ ئويلاندىم، ئىلگىرى بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزدۈم، بولۇپمۇ تارى بەگنىڭ «ئاكاڭ قاچقانىدى سەن تۇتۇلدۇڭ، سەن قاچساڭ ئاپاڭ بىلەن يەڭگەڭنى تۇتىمىز، ھەرگىز قاچقۇچى بولما» دېگەن گېپى ئېسىمگە كەلدى. مەن قېچىپ جېنىمنى جان ئەتسەم ئاپام بىلەن يەڭگەم قانداق كۈنگە قالار دەپ ئويلىدىم، ئۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتكە تۇتۇپ بېرىشكە ۋىجدانىم چىدىمايتتى، قاچماي دېگەن ئويغا كەلدىم. ئەتىسى ئەتتىگەندە ناسىر فۇگۇەنگە: «مەن قاچماي، مەن كەتسەم ئاپام بىلەن يەڭگەم مۇشۇلارنىڭ قولىدا قالىدۇ، سىز كېتىڭ، مەن قېچىشىڭىزغا ياردەملىشىمەن» دېدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ گەپنى بىر كىشى ئۇقمىسۇن، بولمىسا قېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆلىمىمىزنى كۆرىمىز» دېدى. مەن: «خاتىرجەم بولۇڭ، ھېچ كىشىگە تىنمايمەن، بىرىمىز بولساقمۇ بۇ زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتۇلغىنىمىز ياخشى» دېدىم. ئۇ يەنە: «پۇرسەت تېپىپ بىر سومكىغا نان، كۆكەيگە سۇ قاچىلاپ گازارمىدىن 200 مىتىر يىراقلىقتىكى بىر توغراقنىڭ تۈۋىگە قويۇپ قوي، شۇ يەردىن تېپىۋالاي» دېدى. مەن دېگەندەك قىلدىم، ئۇ بىر ئەتتىگىنى يول چارلاشقا كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. ئۆز يۇرتىغا يېتىپ بارالىدىمۇ ياكى جەسىتى چۆل-جەزىرىلەردە قالدىمۇ-بۇنى ئۇقمايمەن.
 ناسىر قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ليەندىكى ئەسكەرلەر ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى. ليەندە ئەسكەرلەرنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بەلگىلىنىپ، قاتتىق ئىنتىزام تۇرغۇزۇلدى.
      ليەننىڭ تەمىناتى ئۈچۈن پۇقرالاردىن بۇلاپ ئېلىنغان ئاشلىق، گۆش، ياغ، تۇخۇم، سەي، ئوت-سامان، بوغۇز قاتارلىقلار ئېشەك بىلەن ئىككى كۈندە بىر قېتىم يەتكۈزۈپ تۇرۇلاتتى، مەخسۇس بىر ئادەم خەت-ئالاقە توشۇيتتى. 
      بىر كۈنى ئەسكەرلەر زاپاس قوراللىرىنى گازارمىدا قويۇپ، ئاتلىرىنى مىنىپ دەرياغا مەشىق قىلىشقا كىرىپ كەتكەنىدى. تۇرسۇن قاقشال كەنتتىن ئالاقە ئېلىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئالاقىنى تاپشۇرۇۋالىدىغان لى فۇگۇەن يوق ئىدى. تۇرسۇن قاقشال گازارمىدىكى قورال ئىچىدىن بەش ئاتار مىلتىقنى ئېلىپ: «ھەي مۇشۇ نەرسە بولسا ماخۇسەننىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئاسان بولاتتى» دەپ، مىلتىقنى شاتۇق-شۇتۇق قىلغانىدى، پاڭ قىلىپ بىر پاي ئوق چىقىپ كەتتى. تۇرسۇن قاقشال قورققىنىدىن غال-غال تىترەپ، مىلتىقنى تاشلاپ جاڭغالغا قاچتى. ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەر مەشىق مەيدانىدىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، تۇرسۇن قاقشالنى تۇتۇپ كەلدى. ئۇنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشىغا قارىماي، ئاستىغا كۆتەك قويۇپ، ئىككى پۇتىنى تىزىنىڭ ئاستىدىن كاكلتەك بىلەن ئۇرۇپ چۇل-چۇل قىلىپ چېقىۋەتتى. پاچاقنىڭ سۆڭەك پارچىلىرى گۆشنى تېشىپ چىقىپ ئۇچۇپ كەتتى، پاچاقتىن قان ئېقىپ تۇرسۇن قاقشال ھۇشىدىن كەتتى. لى فۇگۇەن: «ئاپىرىپ توغراق تۈۋىگە تىرىك كۆمۈۋېتىڭلار» دېدى. شۇ يەردە بار بىرقانچە ئۇيغۇرلار لى فۇگۇەنگە يالۋۇرۇپ تىلىۋالدۇق، كەنتتىن ئوت-پاسار ئەكەلگەن ئېشەكچىلەرگە تۇتقۇزۇپ، ئېشەككە ئارتىپ بەردۇق. ئۇ ئىككى پۇتى يىرىڭداپ سېسىپ ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ كەتتى.
    6- ئاينىڭ ئاخىرى دەرياغا كەلكۈن كېلىشتىن بۇرۇن، 2- ليەنگە قايتىش ھەققىدە بۇيرۇق كەلدى. بۇيرۇققا بىنائەن يولغا چىقتۇق. لى فۇگۇەن ئەپيۇن چېكەتتى، چېكىدىغان ئەپيۇنى تۈگەپ قالغانمۇ قانداق، خۇمارى تۇتۇپ ئاتتا ئولتۇالماي قالدى. ئۇنىڭدا ئۈچ ئات، بىر تاپانچا، بىر تال بەش ئاتار مىلتىق بار ئىدى. بەش ئاتارنىڭ ئوقىنى چىقىرىۋېلىپ ماڭا كۆتۈرتىپ قويدى. مىلتىقنى يۈدۈپ، لى فۇگۇەننىڭ ئېتىنى يېتىلەپ كېتىپ باراتتىم، تار توقاي دېگەن يەرگە كەلگەندە يۇلغۇن تۈۋرىدىن تۇيۇقسىز بىر توشقان يۈگۈرۈپ چىقتى، ئات ئۈركۈپ، لى فۇگۇەن يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ يەردە يېتىپ تۇرۇپ ئاتنى ئېتىۋەتتى. «ئاتنى نېمىشقا چىڭ تۇتمايسەن» دەپ قولۇمدىكى بەش ئاتارنى تارتىۋېلىپ، پاينىكى بىلەن بېشىمغا تۆتنى سالدى، بېشىم يېرىلىپ، باش كۆزۈم قانغا بويالدى. ئاغرىق ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ يەنە بىر ئاتنى تەييار قىلىپ، لى فۇگۇەننى ئاتقا مىندۈردۈم. شۇ كۈنى كەچتە ئىسلامئاۋاتقا چىقىپ، قاسىم بەگنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق، قاسىم بەگ كاتتا زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋالدى. ئەسكەرلەر بىر كېچە-كۈندۈز دەم ئېلىپ ئويناشقا قويۇۋېتىلدى، بۇ ھايۋان تەبىئەت ئەسكەرلەر تەرەپ-تەرەپكە تاراپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، خوتۇن-قىزلىرىنى قېرى ياش دېمەي ئاياق ئاستى قىلدى، قارشىلىق قىلغانلارنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى. ئەتىسى تەۋەككۈلگە ئۆتۈپ تارى بەگنىڭ ئۆيىدە قوندۇق، ئۇ يەردىمۇ قاسىم بەگنىڭ ئۆيىدە قونغاندا يۈز بەرگەن ئىشلار تەكرارلاندى. ئۇنىڭ ئەتىسى تۇڭگان ئەسكەرلەر خوتەنگە چىقىپ كەتتى، مەن ئايرىلىپ قالدىم. تارى بەگ مېنى قويۇۋەتتى، ئۆيگە كېلىپ ئاپام ۋە يەڭگەم بىلەن جەم بولدۇم.

5

     يۇرۇڭقاش دەرياسى پەسىللىك دەريا بولۇپ، ھەر يىلى 7-، 8-، 9- ئايلاردا دەرياغا كەلكۈن كېلىپ ئىسلامئاۋات بىلەن تەۋەككۈل ئوتتۇرىسىدا دەريادىن ئادەم ئۆتەلمەيتتى. بۇ ۋاقىتتا دەرياغا كېمە سېلىپ كېمە بىلەن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. يىراقراق تۇغقىنىمىز مەتقۇربان ئاخۇن كۆيەك دېگەن كىشى دەريادا كېمە ھەيدەيتتى. ئاپام مېنى ئۇنىڭغا شاگىرتلىققا بەردى. بىر كۈنى كېچىدە كېمىنى ساقلاپ ياتسام، يۇقىرى تەرەپتىن دەريانى بويلاپ ئاتلىق ۋە پىيادىلىك نۇرغۇن ئادەم كېلىپ: «كېمىنى ئۇ قاتقا ھەيدە» دېدى. نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقالماي گاڭگىراپ قالدىم. ئۇلار: «بىز ماخۇسەننىڭ ئازنا بازار شۆتاڭدىكى ئەسكەرلىرىنى يوقاتتۇق، ئەمدى ئىسلامئاۋاتتىكى ئەسكەرلەرنى يوقىتپ، خەلقنى ئازادلىققا چىقىرىمىز» دېدى. مەن دەرھال كېمىنى تارتىپ كېچىككە سېلىپ، قوزغىلاڭچىلارنى دەريادىن ئۆتكۈزدۈم ە كېمە پالىقىنى سۇندۇرۇپ كالتەك قىلىپ قولۇمغا ئالدىم-دە، قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدىم. قارىسام قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا بىرقانچە ئادەم يۈزىگە نىقاب تارتىۋاپتۇ. تاڭ سەھەر ناماز بامداتتا ئىسلامئاۋات چارشەنبە بازارغا باردۇق. چوڭ خانىقانىڭ ئالدىغا كەلسەك، ما خوسەننىڭ بىر ئەسكىرى مەسچىتكە كىرىپ كەتتى، بىز ئارقىسىدىن بېسىپ كىردۇق. ئىسلامئاۋات قاچچىئېرىقتىن قۇربان ئاخۇن تۇخى ئارقىسىدىن كېلىپ قۇچاقلىۋالدى، ئاڭغىچە مەنمۇ بېىرپ تۇتۇۋالدىم. مەسچىتنىڭ ئىمامى ھېكىم ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشى كېلىپ: «بۇ خۇدانىڭ ئۆيى، بۇ يەردە جېدەل چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە، قان تۆكۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ» دەپ قويدۇرۇۋەتتى. بۇ ئەسكەر قېچىپ چىقىپ بىزگە قارىتىپ ئوق ئاتتى، تەۋەككۈل تۈگمەنئېرىقتىن جالالىك ئاخۇن تاغ دېگەن كىشىگە ئوق تېگىپ شۇ مەيداندا ئۆلدى. ئىسلامئاۋات ئۇزۇن كۆلدىن تاۋاردىن ئاخۇن توكا دېگەن كىشىگە ئوق تېگىپ يىقىلدى (كېيىن ئۆلدى)، تەۋەككۈل قاچچى كەنتىدىن قادىر ئاخۇن چاۋا دېگەننىڭ پاتتىڭىغا ئوق تەگدى (ئۇ كېيىن ساقايدى). ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ باشقا ئەسكەرلەر تۇيۇپ قېلىپ، بىزگە قارىتىپ ئوق چىقاردى. بىز تەرەپمۇ ئولجا ئالغان مىلتىق ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋالغان پاۋان مىلتىقلاردىن ما خۇسەن ئەسكەرلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقاردۇق. ئىككى تەرەپ بىر ئاز تىركەشكەندىن كېيىن، ما خۇسەن ئەسكەرلىرى ئوق ئېتىپ تۇرۇپ قاراقاش دەرياسى تەرەپكە يەنى ئىسلامئاۋاتنىڭ غەربىگە قاچتى. قوزغىلاڭچىلار توپى قالايمىقانىدى. ھەممە كىشى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىپ، كالتەك، پالتا، ئارا قاتارلىق قوراللار بىلەن قاچقان ئەسكەرلەرنى خېلى بىر يەرگىچە قوغلاپ باردۇق. بىز پىيادە، ئۇلار ئاتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئارقىسىدىن يېتەلمەي قايتىپ كەلدۇق. چارشەنبە بازارغا كەلسەك، ۋاڭ دۇيجاڭ دېگەن ئەسكەر قاچقاندا جىگدىگە سوقۇلۇپ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ياتقانىكەن. ئىسلامئاۋات قۇمئېغىلدىن تۇردى ئاخۇن كاسكى: «قوي ئەكەلسەم ئۇرۇق دەيسىز، پىچان ئەكەلسەم ياراتمايسىز، قوناق ئەكەلسەم ئاز دەيسىز، مانا ئەمدى تويۇڭا» دەپ كالتەك بىلەن بېشىغا ئىككىنى سالغانىدى، غىڭ قىلماي ئۆلدى. ئىسلامئاۋاتتا ئىككى ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى، ئالتە ئەسكەر قېچىپ كەتتى. قوزغىلاڭچىلار ئىسلامئاۋاتتىكى قاسىم غىجەكنىڭ ھويلىسىغا توپلاندى. بۇ خەۋەر كەنتكە تارالغاندىن كېيىن، ئاڭلىغان ئادەملەر تەرەپ-تەرەپتىن كەلگىلى تۇردى. بازار ئىچى ئەر-ئايال، قېرى-ياش ئادەملەر بىلەن توشۇپ كەتتى، ئادەم ئادەمنى تونۇغىلى بولمايتتى. قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئامما ئارىلىشىپ كەتتى، ھەممىسى ھويلا ئىچىگە تەلپۈنۈپ: «بىزنى ئازاد قىلغان پادىشاھنى كۆرسەك» دەيتتى. قوزغىلاڭچىلار ئىچىدە ئۈچ كىشى يۈزىگە نىقاب تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى ئىمىن ھەزرەت، يەنە بىرىنى شاھ مەنسۇر دېيىشكەنىدى، ئۇزۇندىن بۇيان ئازاب-ئوقۇبەت ئاستىدا ئىڭراپ ياتقان دېھقانلار تەلپەكلىرىنى ئاسمانغا ئېتىپ، چاۋاك چېلىپ: «بىزنى ما خۇسەننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغان پادىشاھ ياشىسۇن» دەپ شۇئار توۋلاپ، «پادىشاھ بىزنى قوبۇل قىلسۇن، ئۆزىنى كۆرسەتسۇن» دەپ چۇقان سېلىپ تۇرۇۋالدى. بۇ خەۋەر قوزغىلاڭ باشلىقلىرىغا يەتكۈزۈلدى. بىردەمدىن كېيىن، «ئون نەپەر ئامما ۋەكىلى كىرسۇن، پادىشاھ قوبۇل قىلىدىغان بولدى» دېگەن خەۋەر چىقتى. ئىسلامئاۋاتتىكى يۇرت كاتتىلىرىدىن قاسىم بەگ، رەخمەت مىراب، ھېكىم ئەلەم، نىياز مىراب قاتارلىق ئون ۋەكىل كىرىپ كەتتى. ئۇلار قايتىپ: «ئىش چاتاق، ئىش چاتاق ئىكەن» دېگىنىچە توختىماي قايتىپ كەتتى. توپلانغان ئاممىمۇ خامانغا چۈشكەن قۇشقاچتەك گۈررىدە تاراپ كەتتى. ئىشنىڭ سىرىنى ئۇقالمىغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن تەۋەككۈلدىن كىرگەن قوزغىلاڭچىلارلا قالدۇق.
      ئىش ئەسلى مۇنداق ئىكەن، نىقاب تارتىۋالغانلار نىقابلىرىنى ئېلىپ ئۆزلىرىنى كۆرسەتكەن، ئىمىن ھەزرەت دېگەن كىشى قاراقاشلىق ئەخمەت سەيدارى، شاھ مەنسۇر دېيىلگەن كىشى تەۋەككۈل ئاتبېشىدىن شاكىر كۆك ئىكەن، شۇڭا ئۇلارنى كۆرۈپ جامائەت ئىش چاتاق دەپ قاراپ كەتكەنىكەن. ئەخمەت سەيدارى دېگەن كىشى مەيدانغا چىقىپ: «جامائەت، بىزگە ئىشىنىڭلار، ماخۇسەننى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتى بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى، خوتەن بىلەن تەۋەككۈلنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، بىر كۈن بۇرۇن قوغغالدۇق، سېپىل ئىچىدىكى ئەسكەرلەر بىزگە ماسلىشىدۇ، بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز، بىز بىلەن خوتەنگە چىقىپ ئىنقىلاب قىلىدىغانلار مېڭىڭلار» دېدى-دە، ئاتلىنىپ دەريا تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئارقىدىن بىزمۇ ماڭدۇق. دەريا لېۋىگە كەلسەك، تەۋەككۈلدىن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىپ تۇرغانىكەن، بىزنىڭ ما خۇسەن ئەسكەرلىرىنى يوقىتىپ غەلىبە قىلغىنىمىزنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنى بىزگە قوشۇلۇپ خوتەنگە قاراپ ماڭدى. كەنت بېشىدىكى چىميۇلغۇن دېگەن يەرگە چىققاندا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مىڭدىن ئۇشۇق دېھقان ئەگىشىپ چىقتى. ئاپام ئارقامدىن چىقىپ مېنى قايتۇرۇپ كەلدى. قوزغىلاڭچىلار خوتەنگە قاراپ چىقىپ كەتتى. بىزنىڭ ئۆي دەرياغا يېقىن ئىدى، دەرياغا بېرىپ كېمىدە ياتتىم، ئىنقىلابچىلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمدىن قاتتىق ئىچىم پۇشۇپ كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم. يېرىم كېچە بولغاندا 3-4 ئادەم پەيدا بولدى. ئۇنىڭ بىرى ئابدۇراخمان جىگدەك ئىكەن، ئۇ :«بىز باشلەڭگەرگە چىققانىدۇق، ما خۇسەننىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى بېسىپ كېلىپ بىزگە ئوت ئاچتى، زامانىۋى قورال بىلەن قوراللانغان مۇنتىزىم قوشۇنغا كالتەك-چوماق بىلەن تەڭ كېلەلمەي ھەممىمىز قىرىلىپ تۈگىشەتتۇق. شۇڭا قوزغىلاڭچىلارغا چېكىنىپ ئۆز جېنىنى ساقلاشقا بۇيرۇق بېرىپ، بىز دەرياغا چۈشۈپ سۇ بىلەن قېچىپ كەلدۇق، قالغانلار جېنىنى ئېلىپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كەتتى» دېدى-دە، دەريانى بويلاپ ئاقسۇ تەرەپكە قاراپ كەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆيگە چىقىپ، بىر ئاز ئۇزۇق ئالدىم-دە، يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ ئۇتتۇر مازارغۇجامغا باردىم. دېھقانلار كالا-قوي، ئېشەكلىرىنى ھەيدەپ قېچىۋېتىپتۇ، ھەممىسى ئاقسۇ تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتى. چىلەكدۆڭ دېگەن يەرگە كەلگەندە تاڭ يۇرۇپ كۈ چىقتى. كەنت تەرەپتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلانغىلى تۇردى. بىز يولدىن چىقىپ شەرق تەرەپكە-تەكلىماكان قوملۇقىنىڭ ئىچىگە قاراپ قاچتۇق. ئون نەچچە ئادەم تارقىلىپ قوم بارخانلىرى ئىچىدە نىشانسىز يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتۇق، ئارقىمىزدىن بىر گۈرنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغىلى تۇردى. قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ دېگەندەك، قاچقانسىرى ئاۋاز تېخىمۇ يېقىنلاشتى، كەينىمىزدىن تۇتقىلى كەلگەنلەر ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تېخىمۇ تېز قاچتۇق. 2-3 كىلومېتىردەك يەرگە بارغاندا قەدەم ئالغۇدەك ماغدۇر قالماي، بىر چوڭ دۆڭنىڭ ئاستىدا توختاپ دەم ئالدىم، باشقىلارمۇ بىردىن ئىككىدىن كېلىپ جەم بولدۇق. كەينىمىزدە ئاڭلانغان گۈر-گۈر ئاۋازمۇ يوقاپ كەتتى. خۇداغا شۈكرى، ئەمدى قۇتۇلغان ئوخشايمىز دەپ چۈشكە قەدەر دەم ئېلىپ ياتتۇق، لېكىن ھىچقايسىمىزدا سۇ يوق ئىدى، ئۇسسۇزلۇق قىيناشقا باشلىدى. چۈشتىن كېيىن كەينىمىزگە قايتتۇق، ئازراق ماڭغانىدۇق، يەنە گۈر-گۈرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىساق، مەمتىمىن ئۇرۇق دېگەن ئادەم ئۆشنىسىگە بىر قۇرۇق قاپاقنى يۈدۈۋالغانىكەن، شامالدا قاپاقنىڭ ئاغزى گۈر-گۈر قىلغانىكەن، ئۆزىمىزنىڭ سايىسىدىن ئۆزىمىز ئۈركۈپ قاچقانىكەنمىز. دەريا لۋېىگە چىقىپ قانغۇدەك سۇ ئىچىۋېلىپ يەنە قويۇق ئورمانلىق ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ ياتتۇق. كېچىدە كەنتكە ئادەم چىقارتىپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىپ كەلدۇق. شۇنداق قىلىپ جاڭگال ئىچىدە ئون نەچچە كۈن ياتتۇق. ما خۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ قايتىپ كېتىپ جاھان تىنچلانغانلىقىنى ئاڭلاپ ئاندىن كەنتكە قايتىپ چىقتۇق.
      2-3 ئايدىن كېيىن، ماخۇسەن ئەسكەرلىرى ئىسلامئاۋاتتا يەنە پەيدا بولۇپتۇ دېگەن خەەر تارقالدى. 9- ئاي مەزگىلىدە مەن، مەتقۇۋان كۈرەك، مەمتىمىن قورۇق قاتارلىق 7-8 دەك ئادەم ماخۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن ئىسلامئاۋاتقا كىردۇق. چارشەنبە بازارغا بارساق، 70-80 دەك ئاتلىق ئەسكەر ئاقسۇ تەرەپتىن دەريانى بويلاپ چىققانىكەن، ئۇلار قاسىم غىجەكنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپ قازان-قازاندا گۆش پىشۇرۇۋاتقانىكەن. ئاقسۇ تەرەپتىن دەريانى بويلاپ بىر ئايرۇپىلان چىقتى، بىز قورۇقۇپ مەسچىت ئىچىگە كىرىۋالدۇق. ئايرۇپىلان پەسلەپ كېلىپ ئىككى، ئۈچ بومبا تاشلىدى. پارتلاش ئاۋازى جاھاننى بىر ئېلىپ، بۇخۇناق ئۆرلەپ كەنتنى تىترىتىۋەتتى. ئايرۇپلان كەلگەن يولى بىلەن دەريانى بويلاپ يەنە ئاقسۇ تەرەپكە كەتتى. چىقىپ قارىساق بىرمۇ ئەسكەر قالماپتۇ، 2-3 ئات ئۆلۈپتۇ، ئەسكەرلەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىدۇق. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە، خوتەن تەرەپتىن يەنە بىر ئايرۇپىلان كەلدى، ئۇ ئىسلامئاۋاتنى ئايلىنىپ تەۋەككۈل تەرەپكە كەتتى. قاقشال كەنتىدىن روزى ئاخۇن كاسا، شاۋۇر كەنتىدىن ئەخمەت زوڭ دېگەن ئىككى دېھقان «ئايرۇپلاننى قارشى ئالساق بىزگە پۇل تاشلاپ بېرىدۇ» دەپ، ئۆينىڭ ئالدىدىكى دۆڭگە بىر پارچە قىزىل كىگىز سېلىپ، ئوتتۇرىسىغا بىر تاۋۇزنى قويۇپ قويغانىكەن، ئايرۇپلان پەسلەپ بىر ئايلىنىپ ھويلىدا بىر ئاتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يەردە ماخۇسەن ئەسكەرلىرى بار ئىكەن دەپ، بىر بومبا تاشلاپتۇ، بومبا پارتلاپ روزى ئاخۇن كاسىنىڭ ئوغلى سايىت ئاخۇنغا بومبا پارچىسى تېگىپ ئېغىر زەخمىلىنىپتۇ. بۇ ئادەم ھازىر ھايات، ئىسلامئاۋات يېزىسىنىڭ ئۇزۇنكۆل كەنتىدە ئولتۇرىدۇ.

6

       ما خۇسەن يوقىتىلىپ ئورنىغا شېڭ شىسەي كېلىپ ھاكىمىيەت تىكلىدى. ئۇ دەسلەپتە بىر مەزگىل ياخشى ئىشلارنى قىلدى، يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇپ ئاقارتىش ئېلىپ باردى، كۆۋرۈك ياسىدى. خەلق ئۈستىدىكى ئالۋان-سېلىقىنى ئازايتتى. ئۇ شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش، خەلقنىڭ مايىللىقىنى قوغا كەلتۈرۈش ھىيلىسى ئىكەن. ئۇمۇ ئۇزۇنغا بارماي ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلاپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، دېقانغا كۈن بەرمىدى.
      ئۇزۇن ئۆتمەي شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىنى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئالدى. گومىنداڭ يېزا-قىشلاقلارنى بەلگىلىك رايونىغا ئاپرىپ، ئۆزىگە سادىق بەگ، بوجاڭلارنى بېكىتىپ، شۇلار ئارقىلىق خەلققە زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى. ما خۇسەن ۋاقتىدىكى ئالۋان-سېلىق ئۆز ئەينى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. ما خۇسەن «دەن« ئاشلىقى قويغان بولسا، گومىنداڭ «ھەربىي مۇلازىمەت ئاشلىقى» دەپ قويدى، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشى بىلەن كارى بولمىدى. ئاشلىق تاپشۇرالمىغانلارنى باغلاپ ئۇرۇپ قىينىدى. خوتەندىن ئاقسۇغا بارىدىغان كارۋان يولىنىڭ خوتەن تەۋەلىكىدىكى قوشلاش، مازارتاغ، بۆكسەن دېگەن ئۈچ جايدا ھەربىي بېكەت قۇرۇپ، دېھقانلاردىن بۇلاپ يىغىۋالغان ئاشلىق ۋە ئوت-سامانلارنى ئېشەك بىلەن ھەربىي بېكەتلەرگە توشۇدى. بەگ-بوجاڭلار ئۆيمۇ ئۆي ئاختۇرۇپ ئېشەكلەرنى مەجبۇرىي يىغىۋالدى. بىر كۈنى قوشنىمىز توختاخۇن بوقاتاي ئېشىكىنى قاچۇرۇپ كونا ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ، بۇجاڭلار يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئېشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئېشەكنى تېپىۋېلىپ ئېلىپ كەتتى. ئېشەكنىڭ ئارقىسىدىن توختاخۇننىڭ ئايالى ئىرادىخان بىللە باردى. ئۇلار يىغىۋېلىنغان ئېشەكلەرنى دەريا لېۋىگە توپلاپ، ئىسلامئاۋاتقا ئكتكۈزمەكچى ئىدى. ئىرادىخان كېلىپ مەتتوختى بەگكە يېلىنىپ: «بېگىم، بىز بىر كەمبەغەل، بەش جان ئادەم مۇشۇ ئېشەككە تايىنىپ جان باقىمىز، ئېشەكتىن ئايرىلىپ قالساق تۈگىشىمىز» دەپ، ئېشەكنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى. زالىم مەتتوختى بەگ بۇ ئايالغا قىلە رەھىم قىلماي، قامچا بىلەن ئۇرۇپ باش-كۆزىنى قان قىلىۋەتتى، ئۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي دەسسەپ، سۆرەپ دەرياغا تاشلىۋەتتى. مەن چىداپ تۇرالماي يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىرادىخاننى دەريادىن سۈزۈۋېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم. ئۇ ئۇزاق ئۆتمەي تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كەتتى. گومىنداڭ خەلق ئۈستىدىكى ئالۋان-سېلىقنى كۆپەيتىش بىلەن تەڭ، يەنە ياشلارنى ئەسكەرلىككە تۇتتى. 1948- يىللىرى بولسا كېرەك، تەۋەككۈلدەك كىچىك يۇرتقا يۈزدەك ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپىسى قويۇلدى، 200 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇلۇپ، قوشنودىكى توختاتۇن دېگەن ئادەمنىڭ ئۆيىگە سولاندى. مەن تەتۈر پىشانە يەنە ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ قالدىم. پۇلى بارلار بەگلەرگە پۇل بېرىپ بالىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، پۇلى يوق كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرى قالدۇق. پۈتۈن تەۋەككۈل پۇقرالىدى نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «100 ئادەمگە 200 ئادەم تۇتتى، بەگ – بوجاڭلار پارا يەپ بىر قىسىملىرىنى قويۇۋېتىپ ئۆز يېنىنى تولدۇردى» دەپ خوتەنگە چىقىپ يامۇلغا ئەرز قىلدى. يامۇلدىن ئادەم چىقىپ 50 پىرسەنت ئادەم ئەسكەرلىككە ئېلىنىدۇ، 50 پىرسەنت ئادەم قويۇپ بېرىلىدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يامۇلنىڭ ئادىمى ئەسكەرلىككە «ئېلىنىدۇ»، «ئېلىنمايدۇ» دېگەن ئىككى خىل چەك يېزىپ، بوينى كېسىلگەن قاپاققا سېلىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆزىنى تېڭىپ، بىردىن-بىردىن ئېلىپ چىقىپ چەك تارتقۇزدى. «ئېلىنمايدۇ» دېگەن چەك چىققانلار نەق مەيداندا قويۇپ بېرىلدى. مەن، جالالىدىن ئاخۇن قوتاز، مەمتىمىن ئاخۇن چاڭ قاارلىقلارنىڭ پىشانىمىز ئوڭدىن كەلدىمۇ قانداق، «ئېلىنمايدۇ» دېگەن چەك چىقتى، نەق مەيداندا قويۇپ بېرىلدۇق. «ئېلىنىدۇ» دەپ چەك چىققانلار خوتەنگە ئېلىپ كېتىلدى.
      1949- يىل 12- ئايدا خلەق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 15- تۇەنى، مىللىي ئارمىيىنىڭ 39- تۇەنى ئاقسۇدىن يولغا چىقىپ، خوتەن دەرياسىنى بويلاپ ئىسلامئاۋاتقا يېتىپ كەلدى، نەچچە مىڭ خەلق ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدۇق. مىللىي ئارمىيىنىڭ تۇەنجاڭى: «بىز ماۋ جۇشى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، خەلقنىڭ پەرزەنت قوشۇنى، گومىنداڭ، جياڭ جيېشىنى مەغلۇپ قىلىپ، شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلدۇق. سىلەر بۈگۈندىن باشلاپ ئازاد بولدۇڭلار، گومىنداڭنىڭ بەگ-بوجاڭلىرى سىلەرنىڭ مەھەللەڭلەرگە ئەمدى ئالۋان-سېلىق دەپ بارالمايدۇ، ئۇلارنىڭ خەلق ئۈستىدىن زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىشى مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى، خەلق ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ، سىلەر ھەقىقىي ئازادلىققا ئېرىشتىڭلار» دەپ نوتۇق سۆزلىدى. بىز كۆزلىرىمىزگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، تەلپەكلىرىمىزنى ئاسمانغا ئېتىپ، قىزغىن چاۋاك چېلىپ: «جۇڭگو كومپارتىيىسى ياشىسۇن! ماۋ جۇشى ياشىسۇن! خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ياشىسۇن!» دەپ شۇئار ياڭراتتۇق. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى خوتەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. راست دېگەندەك، گومىنداڭنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالۋان-سېلىق دەپ ئۆيىمىزگە كەلمىدى، بۇ چاغدا تېخى يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىغانىدى.
       1950- يىل 1- ئاينىڭ بېشىدا ئېزىلگەن تەۋەككۈل خەلقى تەرەپ-تەرەپتىن قوزغىلىپ، بەگ-بوجاڭ، زومىگەرلەرنىڭ ئۆيلىرىنى قورشاپ، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا باشلىدى. بىر قىسىم بەگ-بوجاڭلار ياۋاش بولۇپ خەلققە باش ئەگدى. ئەمما قان قەرزگە بوغۇلغان، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان زومىگەرلەر خەلققە باش ئېگىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، «سىلەر بەك بالدۇر خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، پىياز تېخى خام، نەچچە ھۆكۈمەت كېلىپ كەتتى، سۇ كەتسە تاش قالىدۇ، بۇ ھۆكۈمەتمۇ كېتىدۇ. يەنە بىز قالىمىز» دەپ ئىغۋا تارقىتىپ، خەلق بىلەن قارشىلاشتى. قاقشال كەنتىدىن قان قەرزگە بوغۇلۇپ جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان زومىگەر قەرزگە بوغۇلۇپ جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان زومىگەر رېخىم ھاجى (1951- يىل 5- ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى) ئۆيىگە ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇق قولچوماقلىرىدىن 30 نەچچە ئادەم توپلاپ، قورال-سايمان تەييارلاپ، ئامما بىلەن ئۇرۇشماقچى بولدى. نەچچە يۈز ئادەم ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ، كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلدۇق. 1- ئايدىكى قاتتىق سوغۇقتا ئەتراپقا ئوت قالاپ، گۈلخان يېقىپ، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياكى قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. بۇ ھەرىكەت بىر ئايدەك داۋاملاشتى. 1950- 2- ئايدا يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلۇپ، تەۋەككۈل يېزىسى خوتەن ناھىيىسىنىڭ 10- رايونى بولدى، لى ياۋمى رايون شۇجىسى، ئەخمەت توىتى رايون باشلىقى بولۇپ كەلدى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، رېخىم ھاجىنى ۋە ئۆيىگە قاپسىلىپ ياتقان قولچوماقلىرىنى تۇتۇپ چىقىپ، بوينىغا پىياز ئېسىپ، سازايى ۋە كۈرەش قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن قۇترىغان گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى ۋە زومىگەرلەر بىر مەھەل پەسكويغا چۈشتى.
       1950- يىل 12- ئايدا ھوڭدىن تالىپ ھاجى، شاۋۇر كەنتىدىن ئەمەت بەگ، رەجەپ جىگدە قاتارلىق زومىگەرلەر ئادەم تەشكىللەپ، كالتەك، چوماق ياساپ، بورزاندىكى ئىت تالاشتۇرۇش سورۇنىدىن پايدىلىنىپ، زومىگەر رېخىم ھاجىنىڭ ئۆيىنى قورشىغان ئاكتىپلاردىن غوجى ئەخمەت بوتۇڭ، ساۋۇر بوۋا، ئىسلامنىياز خارەت، مۇتەللىپ كەس قاتارلىق ئون نەچچە ئادەمنى قاتتىق ئۇرۇپ يېرىم جان قىلىپ قويدى. مەن بۇ سورۇندىن قېچىپ قۇتۇلدۇم.
      كېيىن بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان 63 ئادەم تۇتۇلۇپ، 39- تۇەننىڭ ئارقاچال گازارمىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەيدانىدا توختىتىپ قويۇلۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. رايون بويىچە چوڭ يىغىندا قايمۇقۇپ قاتناشقان ئامما قويۇپ بېرىلدى. ئارقىدا تۇرۇپ پىلانلىغان، قوماندانلىق قىلغان تالىپ ھاجى، ئەمەت بەگ، رەجەپ جىگدە قاتارلىقلار قولغا ئېلىندى. 1951- يىل 5- ئايدا ئەمەت بەگ، تالىپ ھاجىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش، يەر ئىسلاھاتى، ئومۇمىي سايلام خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ھەقىقىي بەختكە ئېرىشتىم.
      خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغاندا تەشكىل ماڭا 72 قوي ئايرىپ بېرىپ، قوي بېقىشقا قويدى. 24 يىل گۇڭشېنىڭ قويىنى باقتىم، قويلارنى خۇددى ئۆزەمنىڭ سەخسىي مۈلكىدەك ئاسراپ ئاۋۇتتۇم. 1984- يىلى گۇڭشې تەۋەككۈل، ئىسلمئاۋات دەپ ئىككى يېزىغا ئايرىلدى، 1692- قوي ئۆتكۈزۈپ بەردىم، ئىككى يېزا تەڭمۇ تەڭ تەقسىم قىلىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن دەم ئېلىشقا چىقتىم. تەشكىل دائىم يوقلاپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. ھازىر تۇرمۇشۇمدا ھىچنەرسە كەم ئەمەس، 50 دىن ئوشۇق قوي، بىر ئېشەك، ئىككى كالا، بىر يۈرۈش ئۆيۋاق، تۇرمۇش سەرەمجانلىرىم بار، ئۆزەم خاتىرجەم، تۇرمۇشۇم باياشات ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۈچ قىزىم، بىر ئوغلۇم بار. ئوغلۇم دۆلەت ئوقۇتقۇچىسى، بىر قىزىم بىلەن ئوغلۇم كومپارتىيە ئەزاسى، بالىلىرىممۇ خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. مېنىڭ بۈگۈنكىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىم ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈم پارتىيىنىڭ شەپقىتىدىن بولدى. مېنى ئازاب-ئوقۇبەت دېڭىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن كومپارتىيىگە مىڭ رەھمەت!
      مەن بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بولساممۇ، ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتتە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن ۋە ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتنىڭ زۇلمەتلىرىنى ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنى كەڭ ياشلارغا سۆزلەپ، ئۇلارنى تەربىيىگە ئىگە قىلىپ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى بەختنى قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.


سۆزلەپ بەرگۈچى: رەجەپ سەئىدى
خاتىرىلەپ رەتلىگۈچى: مۇتەللىپ سادىر
تەھرىرلىگۈچى: سابىر ئەلى


دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ :  

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603