ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە ھېكايە - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە ھېكايە
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:30  

ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە مۇددەرىسلىك قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدا بىر مەھەللىدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. تام قوشنىسى ئاتىسىدىن مىراس قالغان مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چېچىپ يوقىتىشقا تۇرغان ئاۋارىكەش بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بىكار تەلەپ ئاغىنە-چۆپقەتلىرى كۆپ ئىكەن. ئىچىدىغان، چېكىدىغان ۋە قىممار ئوينايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلىپ ھەر ئاخشىمى ئۇنىڭ ئۆيىنى بىر بازارغا ئايلاندۇرۋېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىدا داموللام پەقەت ئارام ئالالماپتۇ. دەرس تەييارلاشقىمۇ زور تەسىر يېتىپتۇ، لېكىن بۇ داموللامنىڭ دائىرىسىدىكى ئىش بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا ھېچنىمە دىيەلمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قوشنىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىپتۇ. داموللام باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قوشنىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ تۇتۇپ يامۇلغا ئىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپتۇ. بۇنى ئۇققان داموللام دەرھال سەللە، تونلىرىنى كىيىپ بەگنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. بەگنىڭ داموللامغا ناھايىتى ئىخلاسى بار كىشى بولغاچقا، داموللام ئۆيگە كېلىش بىلەنلا ھەيران قېلىپ ئولتۇرغۇزغىلى يەر تاپالماي قاپتۇ. داستىخان ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، قوشنىسىنىڭ يامۇلدا بولۇپ قالغانلىقى، ئۆزىنىڭ بىخەۋەر بولۇپ قېلىپ ۋاقتىدا كېلەلمەي قالغانلىقىنى ئېيتىپ كىلىپ:
   - مەن قوشنامنىڭ قانچىلىك يامان ئىشلار بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى دېمەيمەن، پەقەت قوشنىدارچىلىق قەرزىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قوشنامنى تۈرمىدىن چىقىرىۋېتىشكە ياردەمدە بولۇشلىرىنى سوراپ كەلدىم-دەپتۇ. بەگ:
   - ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن ئۆزلىرىنى قاتتىق سىقىلدى، دەپ ئاڭلىدىم. ئۇنى تۈرمىگە ئالدۇرغانلىقىمىزغا ئۆزلىرىنى خۇش بولدىمىكىن، دەپتىمەن. ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرى ئۇنداق بولسا، ھازىر بېرىپ ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىۋېتىش قولۇمدىن كېلىدۇ- دەپ چىقىپ كىتىپتۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى جازالانغان قوشنا ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئۆيىگە كىرمەستىن ئۇدۇل داموللامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۆزىنى باسالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ. چۈنكى تۈرمىدە خېلى قاتتىق- يىرىك مۇئامىلىلەرگە ھەتتا قىيناش، كۆتەككە بېسىش قاتارلىق ئېغىر ئازابلارغا ئۇچرىغان قوشنا داموللامنىڭ بۇ ھىممىتىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنىكەن. داموللام ئۇنىڭغا:
   -قوشنام، مەن بۇ ئىشنى بالدۇرراق ئۇقماپتىمەن، ئۇققان بولسا شۇ كۈنىلا سىزنى قۇتقۇزغان بولاتتىم، قوشنىغا پېشكەلچىلىك كەلسە ياردەم بەرمەي قاراپ تۇرۇش توغرا ئەمەس ئىدى، بىراق مەن قوشنىدارچىلىقىمنى ۋاقتىدا ئادا قىلماپتىمەن، ئەپۇ قىلىڭ-دەپتۇ.
قوشنىسى يىغلاپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىپ:
   - ئادەم بىلمەسلىكتىن ھەرقاندا يامان قىلىشتىن نۇمۇس قىلمايدىكەن، قوشنىدارچىلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، دەپ توۋا قىپتۇ. داموللامنىڭ بۇ قوشنىسى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بارلىق ئەسكى ئادەتلىرىنى تاشلاپ، توغرا كەسىپكە كىرىپ كېتىپتۇ.

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603