ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ، تۆھپىكار مائارىپچى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ، تۆھپىكار مائارىپچى
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:9  

پېشقەدەم مائارىپچى ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇراخمان ئابدۇرېىم 1946 - يىلى 10 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1970 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن . 1972 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ، ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1987 - يىلىدىن 1993 - يىلى 6 - ئايغىچە ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇ ھازىر ، ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئوتتۇرا مەكتەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ، جۇڭگو ماتېماتىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق نىشانلىق ئوقۇتۇش كەسپىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ،  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپىنى باھالاش كەسپىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك نىشانلىق ئوقۇتۇش كەسپىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى .
    يولداش ئابدۇراخمان ئابدۇرۇېھىم ئۇزۇن يىللىق مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ، مائارىپ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ ھالال ئەجىر - مېھنىتىنى سىڭدۈردى . مائارىپ ئىسلاھاتىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ ، ئىزدىنىش ، ئۆگىنىش ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ، تەلىم - تەربىيە ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ ، ياخشى ئۈنۈم ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . ئۇ ئوننەچچە يىلدىن بۇيان « شىنجاڭ مائارىپى » قاتارلىق گېزىت - ژورناللاردا « ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېز ھېسابلاش ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرەيلى » ، « نىشانلىق ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي قەدەم باسقۇچلىرى » « ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلايلى » ، « ساپا مائارىپىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يولغا قويۇشتا قانداق ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك » قاتارلىق تېمىلاردا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى . « تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش سۈپىتى نېمىشقا تۆۋەن ، نېمە قىلىش كېرەك » ناملىق تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىش ماقالىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ، 2 - نۆۋەتلىك مائارىپ ئىلمىي مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ئايرىم ماقالىلىرى تاللىنىپ « ئوقۇتقۇچىلار دەستۇرى » غا كىرگۈزۈلدى .
    ئۇ ۋىلايەت تەۋسىدە مائارىپ تەتقىقاتى پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ئاز سانلىق مىللەتي مائارىپچىلىرىنى تەربىيلەش ، مائارىپ ئىسلاھاتى ، ساپا مائارىپى جەھەتتىكى چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، مەكتەپلەردە ساپا مائارىپىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە تەشەببۇسكارلىق ۋە پائالىيەتچانلىق بىلەن ئاكتىپ خىزمەت قىلدى . شۇنداقلا ، ۋىلايىتىمىزدە قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە نەتىجە قازىنىشىدا نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى .
  ئۇ يەنە كەسپىي تەرجىمە ۋە ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . « قەلەندەرلەر پادىشاھلىقىدىكى خەتەرلىك سەرگۈزۈشتە » ، « مۇھەببەت پاجىئەسى » ، « تىرىكتاپ » ، « مۇھەببەت خېتى » قاتارلىق 20 پارچىغا يېقىن پوۋېست ، ھېكايە ، 100 پارچىغا يېقىن ھەر خىل مەزمۇندىكى تەرجىمە ماقالىلىرىنى گېزىت - ژورناللاردا ئېلان قىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە « تىرىكتاپ » ناملىق تەرجىمە ئەسەر 1991 - يىلى « قۇمۇل ئەدەبىياتى » ژورنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 10 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە تۇنجى نۆۋەتلىك « ئالتۇن روجەك » ئەدەبىيات مۇكاپىتىغا ئېرىشتى . 150 مىڭ خەتلىك « سەھىپە سىتاتىستىكىسى » دەرسلىكىنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ ، سەھىيە مەكىتىپىدە 100 سائەتتىن ئارتۇق دەرس ئۆتتى . مۇستەقىل ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ « ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى يېشىشتىكى خاتالىقلىرى ئۈستىدە تەھلىل » ( مۇستەقىل تەرجىمە قىلغان ) ، « كاتىباتلىق يېزىقچىلىقى » ( بىرلىشىپ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن ) ، ( تىراكتۇرلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كاشىلاردىن 400 مىسال ) ( بىرلىشىپ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن ) قاتارلىق ئۈچ پارچە كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ ، نەشىر قىلدۇردى .
    ئۇ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن مەكتەپ ، ئىدارە ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەقدىرلەندى ۋە 1986 - يىلى « قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى » ، 1991 - يىلى « قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى » ، 1997 - يىلى « ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىسى » ، 2000 - يىلى « ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىسى » دېگەن ناملارغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلارندى . نامى ۋە قىسقىچە ئىش - ئىزى « جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى » ، « جۇڭگو مۇتەخەسسىس - ئالىملىرى » قاتارلىق لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلدى .

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603