مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 - يىل 6 - يىل 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1955 - يىلدىن 1958 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان . 1983 - يىلىدىن كېيىن غۇلجا ناھىيىكىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمىي مۇدىر بولغان . 1989 - يىلدىن ئېتىبارەن كەسپىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 2003 - يىلى 3 - ئايدا ئارامغا چىققان .
شائىرنىڭ « ئىلى دەرياسى » ناملىق تۇنجى شئېرى 1958 - يىلى 10 - ئايدا « ئىلى گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، پوۋېست ، 15 پارچىدىن ئارتۇق ئوبزور ، ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان جۈملىدىن ، « كاككۇك گۈلى » ، « كۈنلەر ئالبومى » ، « ئانا يەر قەسىدىسى » ، « ئۆمۈر ئىلھاملىرى » ، « ھايات دېگەن مانا شۇ » قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ۋە « تېنىگەن كۆڭۈل » ناملىق ھېكايە ، پوۋېست ئەسلىملەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان . شائىرنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .
بۇ يىل « مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ » ، « ياخشىلار تولا » ، « ۋاي ئىست ، ئون بەش چۈجەم » قاتارلىق شېئىر ، ناخشا تېكىستى ۋە ساتىرالار توپلاملىرىنى نەشىرگە تاپشۇردى . نۆۋەتتە ھېكايە ، ماقالە ، شېئىرلاردىن يەنە بىر نەچچە توپلامنى نەشىرگە جىددىي تەييارلماقتا .
2001 - يىلى « جۇڭگو مىللەتلىرى » ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان « دوستلارغا » ناملىق شېئىر 11 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپىتى » غا ئېرىشكەن .
« دوستلارغا » ناملىق شېئىردىكى ئاپتورغا ئەڭ ياقىدىغان كۈپلېتلار :
ئاي چىللىسا ، مەن قالاي ، سەن چىق
ئايدا دوستۇم بار ، دەپ يۈرىمەن .
پەخىرلەنمە ئەللەر مۈلكىدىن ،
مەن دوستلاردىن پەخىرلىنىمەن .
دورىمايمەن « ئاغزى دوست » لارنى ،
ئاغرىپ قالساڭ قەلبىم يىغلايدۇ .
دوستتىن ئاياپ - يىغىپ ، نەقىلاي ؟
مېنىڭ قولۇم دۇنيا يىغلىمايدۇ .