ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر ئەدەبى ئەسەر باش بىتى  
ئۇلۇغ ئالىم ، ھېكىم ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
دىلىم يىغلايدۇ
سېغىنىشتىن ئىڭراپ سالىمەن
ئۆزۇڭنى ئاقلىما دوستۇم !
ئاخىرقى ناخشا
سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
خوشلىشىش
تۈگۈمەس ناخشام
يارىتايلى ۋىسالغا ئىمكان
ئاڭلىغاننى سۆزلەش بىھاجەت، كۆرگىنىمد...
دوستلۇق
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.
بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
يىگىتلەرگە ياپتا گەپ
قانداق ئۆي جەننەت ؟
سۆيمىسەڭمۇ سۆيمىگىن جېنىم
تۇنجى يارنى كەتمىگىن تاشلاپ
بەختى كۈلگەن بىر جۇپ قىز يىگىت
ئانا تىلىم
بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>  
 
ئۇلۇغ ئالىم ، ھېكىم ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:20  

ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ ئاتىسى ئابدۇللا بەلخنىڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن بولۇپ ، سامانىيلار سۇلالىسىدىن نۇھ بىننى مەنسۇرنىڭ سەلتەنەت دەۋرىدە بۇخاراغا كەلگەن ۋە « ئۇممەھات قۇدا » ( يۇرت ئانىسى ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا ئولتۇراقلاشقان ئىدى . ئۇ شۇ يېزىدىكى سىتارە ( يۇلتۇز ) ئىسملىك بىر قىزغا ئۆيلەندى .
    ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ھىجرىيە 373 ( مىلادىيە 983 ) _ يىلى سەرتان ۋە مۇشتەر ( ئىككى بەخت يۇلتۇزى ) بىر دائىرىدە ئۇچراشقان چاغدا ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا ئوخشايدىغان سىتارەدىن تۇغۇلدى . بۇ چاغدا پلانېتلاردىن زۆھرە ، قۇياش ۋە ئاي شەرەپ دەرىجىسىدىن ئىدى ( بەخت دەرىجىسى ) .
    ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا بەش ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاتىسى ئابدۇللا بۇخارا شەھىرىگە كۆچۈپ كەتتى ۋە ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى ئوقۇشقا بەردى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا 10 ياشقا كىرگەندە ئەرەب ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىپ بولدى . ئىبن سىنانىڭ ئاتىسى ئابدۇللا ئوردا ئىشلىرىدىن بوشىسىلا ، ئىبن سىناغا « ئىخۋانۇس _ سەفا » ( ساپ قەلبلىك قېرىنداشلار ) ناملىق كىتابنى ئوقۇتاتتى . ئابدۇللا ئۆزىمۇ شۇ كىتابنى ئوقۇشقا ئامراق ئىدى . بۇ خارادا مەھمۇد ئىسملىك بىر گېئومېتىرىيە ، ماتېماتىكا ئالىمى بار بولۇپ ، ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ئاتىسى ئابدۇللانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بۇ ئالىمنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ھېساب پەنلىرىنى ئۆگىنىشىكە باشلىدى .
    ئۇنىڭدىن كېيىن ھېكىم ئابدۇللا ( بۇ ئالىمنىڭ نامى ھۆكۈمرانلار تارىخىدا بايان قىلىنغان ) بۇ خاراغا كەلدى . ئەبۇ  ئەلى ئىبن سىنانىڭ ئاتىسى ھېكىم ئابدۇللانى ئىززەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ، زور زىياپەت _ تەييارلاپ ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا « مەنتىق » ( لوگىكا ) ، ئىلمىي ھېكمەت مەسىلىلىرى ھەققىدە بۇ ھېكىمدىن تەلىم ئالدى ۋە يۇنان ئالىملىرىدىن ئىقلىسىنىڭ « مۇھىت » دېگەن كىتابىنى ئوقۇدى . ئۇنىڭدىن كېيىن تەبىئەت ( بىئولوگىيە ، زوئولوگىيە ) ، ۋە « ئىلاھىيەت » ( ئىلىمى ھېكىمەتنىڭ بىر قىسمى ) بىلەن مەشغۇل بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئىلىم _ ھېكىمەت ئىشىكلىرى يوللىرى ) ئىبن سىناغا ئېچىلدى . بۇ ئىلىملارنى تەھسىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن تېببي پەنگە يۈزلەندى . ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە شۇنداق مەرتىۋىگە يەتتىكى ، ھېچقانداق كىشى بۇ پەندە ئىبن سىناغا تەڭ بولالمىدى . ئەڭ ماھىر دانىشمەن ( ئالىم ) لارمۇ تېببىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىبن سىنانىڭ دەرسىگە ھازىر بولۇشاتتى . شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىبن سىنا ئۆزى ئىسمائىل زاھىد ئىسىملىك ئالىمنىڭ دەرسخانىسىغا بېرىپ دىن ئىلىملىرىنى ۋە دىن نەزەرىيىلىرىنى ئۆگىنەتتى . شۇ چاغلاردا ھېچقاچان كىتاب مۇتالىئە قىلىشتىن بۇشۇمايتتى ، كېچىلىرى ئاز ئۇخلايتتى . ئىلىم _ پەن ئىگىلەشنىڭ قائىدە _ شەرتلىرىگە رىئايە قىلاتتى .
    ئەگەر بىرەر مەسىلىدە ئىككىلەنسە تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە باراتتى ۋە ئىككى رەكەت ناماز ئۆتەپ دۇئاغا مەشغۇل بولاتتى . گۇمانلىق مەسىلە ھەل بولغان ھامان دەرھال ئۆز ئورنىغا كېلىپ چىراغ ياندۇرۇپ ، كىتاب مۇتالىئە قىلىشقا ۋە يېزىشقا كىرىشەتتى . ئەگەر ئۇيقۇ تۇتسا ، مىجەزىدە ئازراق بوشلۇق ھېس قىلسا ، بىر قەدەھ شاراب ئىچەتتى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنادىن بۇرۇن ئۆتكەن ھېكىملەرنىڭ ھېچقايسىسى شاراب ئىچمىگەن . بەلكى ئىسلام دىنى دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنقى ئەپلاتۇن ۋە ئەرەستۇ ۋە باشقا ھېكىملەرمۇ شاراب ئىچمىگەن ئىدى .
     ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا 18 ياشقا كىرگەندە پۈتۈن ئىلىملەرنى ئىگىلەپ بولدى .
    رىۋايەتلەرچە ئىبن سىنا پەلسەپە ، گېئومېتىرىيە ، بىئولوگىيە ، زوئولوگىيە پەنلىرىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن باشقا ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى ۋە شۇ ساھەگە تېگىشلىك كىتابلارنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتتى . ئۇ تەبىئەت ئىلمىغا ئائىت بىر كىتابنى كۆپ قېتىم ئوقۇغان بولسىمۇ ، ماھىيىتىنى بىلەلمىدى ۋە ئىلىمنى ئىگىلەشكە تەپەككۇر كۈچىنى ھەرقانچە ئىشلەتسىمۇ ھەل قىلالمىدى .
     ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا بۇ پەندىن تامامەن مەيۈسلەندى ۋە ئۆز _ ئۆزىگە « مەن ئۈچۈن بۇ پەننىڭ يولى توسۇلغانىكەن » دەيتتى . بۇ كۈنى كىتاب بازىرىدا تەبىئەت ئىلمىغا ئائىت بىر نۇسخا كىتابقا كۆزى چۈشتى . كىتابپۇرۇش ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى ئۇ كىتابنى سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى . لېكىن ، شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ئۇ ئىلىمدىن مەيۈسلەنگەنلىكتىن كىتابنى سېتىۋېلىشنى خالىمىدى . كىتابپۇرۇش ئىبن سىناغا « بۇ كىتابنى ئېلىڭ ، چۈنكى ئىگىسى مۇھتاج يوقسۇل كىشى ئىدى » ئىدى دېدى . ئاخىر شەيخ مەزكۇر كىتابنى ئۈچ دەرھەمگە سېتىۋالدى . بۇ كىتاب ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىدى . شەيخ قايتىپ بېرىپ ، بۇ كىتابنى مۇتەلىئە قىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن تەبىئەت ئىلمىدىكى  بارلىق گۇمانلىق نەرسىلەر ئېچىلدى ، بۇنىڭدىن شەيخ ئىنتايىن خۇشال بولدى .
    رىۋايەتلەرچە ، شۇ كۈنلەردە ئەمىر نۇھ بىننى مەنسۇر ئېغىر بىر كېسەلگە دۇچار بولدى . تېۋىپلار ئىلاجىدىن ئاجىز كەلدى ۋە بۇ ھەقتە ئىبن سىناغا مۇراجىئەت قىلدى . ئىبن سىنانىڭ داۋاسى بىلەن نۇھ بىننى مەنسۇر سىھھەت تاپتى . شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ شەيخنى ئوردا ئالىملىرى قاتارىغا تەكلىپ قىلدى . ھېكىم ( ئالىم ) لاردىن ئەڭ ئاۋۋال پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قۇبۇل قىلغان كىشى شەيخ ئىبن سىنا بولدى . ئىبن سىنا پادىشاھنىڭ خاس كۇتۇبخانىدا ئېھتىيات قىلىشنى قايتا _ قايتا تاپىلىدى . بۇ كۇتۇبخانىدىكى قەدىمكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنى شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا بىلمەيتتى .
    شۇنداقلا ئەبۇ  نەسىر فارابى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسنى مۇتالىئە قىلدى ۋە ناھايىتى كۆپ مەنپەئەت ئالدى .
    لېكىن ، تاسادىپىي ھالدا كۇتۇبخانىغا ئوت كېتىپ ، پۈتۈن كىتابلار كۆيۈپ كەتتى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ دۈشمەنلىرى « ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا كۇتۇبخانىغا قەستەن ئوت قويۇپ بەردى ، چۈنكى بەزى مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ كەشپىياتى قىلماقچى » دېيىشتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا كىتاب تەسنىف قىلىشقا ( ئەسەر يېزىشقا ) كىرىشتى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا 22 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئاتىسى تەڭرى رەھمىتىگە ئېرىشتى ( ۋاپات بولدى ) . شۇ زاماندا سامانىيلار دۆلىتىنىڭ شان _ شەۋكىتىگە ئاجىزلىق يەتتى ۋە دۆلەت مۇنقەرز بولدى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا بۇخارادىن چىقىپ خارەزمگە يۈزلەندى . شۇ چاغدا ئەبۇ سۇھەيل مەسىھى ، ئەبۇ رەيھان بىرۇنى ۋە ئەبۇلخەير ھەممار قاتارلىق نۇرغۇن پازىل ( پەزىلەتلىك ) ھۆكۈمالار ( ئىلىم _ ھېكىمەت ئالىملىرى ) خارەزم شاھى ئەلى بىننى مەھمۇد ئىبنى مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بېرىپ ھايات كەچۈرۈشتى .
    ئەبۇ ئەلى سىنا خارەزمگە بارغاندىن كېيىن خارەزم پادىشاھى قائىدە بويىچە ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى . ئۇنىڭ تۇرمۇشى ، مەئىشتىنى ئورۇنلاشتۇردى . شۇنداق ھالەتتە سۇلتان مەھمۇد سەبۇكتېگىن سامانىيلار دۆلىتىنى ئىشغال قىلدى . سۇلتان مەھمۇد سەبۇكتېگىننىڭ ئالدىدا بەزىلەر ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى ھاقارەتلەپ ، ئۇ « ئەھلى سۈننەت ۋە جامائەت مەزھىپىگە قارشى » دېيىشتى . سۇلتان مەھمۇد سەبۇكتېگىن دىندا غايەت مۇستەھكەم ئىدى . ئۇ شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى قولغا چۈشۈرمەكچى بولدى . ئاخىر سۇخەندان ( ناتىق ) ۋە ئۆز ۋۇجۇدىنى تۈزەتكەن بىر ئەلچىنى خارەزم پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى ۋە مۇنۇ سۆزلەرنى خارەزم شاھىغا يەتكۈزدى : « ئىلىم _ ھېكمەت ئەھلىگە ئىختىيارىمىز بار . ئاڭلىشىمىزچە بىر تۈركۈم ئىلىم _ ھېكمەت ئەھلى بولغان دانىشمەنلەر جانابىڭىزنىڭ ھوزۇرىغا كېتىپ قاپتۇ . مەزكۇر جانابىي ئالىملارنى بۇ تەرەپكە ئەۋەتسىڭىز ، بىزمۇ ئالىملارنىڭ مەجلىس _ ھوزۇرىدىن مەنپەئەت ئېلىپ پايدىلانساق » . سۇلتان مەھمۇدنىڭ ۋەزىرى يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن خارەزم شاھى ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن ، ئالىم _ ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە « ھەربىرىڭلارغا دېمەكچىمەنكى ، قايسى بىرىڭلار سۇلتان مەھمۇدنىڭ يېنىغا بېرىشقا مەيل قىلسىڭىزلار بارغايسىزلەر ۋە كىمنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىش ئىختىيارى بولمىسا ، تېزلىك بىلەن بۇ جايدىن كۆچۈپ كەتسۇن ، ئۇنىڭ ئەلچىسى يېقىن كېلىپ قالدى » دېدى .

    ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ۋە ئەبۇ سۇھەيل مەسىھى سۇلتان مەھمۇدنىڭ سىياسىتىدىن بۇرۇنلا ئېھتىيات قىلاتتى . بۇلار خارەزمدىن چىقىپ چۆل _ باياۋان يولىغا كىرىپ كەتتى . بۇلار ئەلچىلىك رەسمىيىتى بىلەن خەۋەر يەتكۈزدى . خارەزم شاھ ئەلچىگە : « ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ۋە ئەبۇ سۇھەيل بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خۇراسانغا يۈرۈپ كەتكەن . ئەمما ، ئەبۇ رەيھان بىرۇنى ۋە ئەبۇلخەيرلەرھوزۇرىمىزدا بار . بىز ئۈچۈن ئۇلارنى ئەۋەتىش ھېچ قىيىن ئەمەس » دېدى . ئەلچى بۇ ئىككى ئالىمنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئەھۋالنى بايان قىلدى . سۇلتان مەھمۇد ئەلچىنىڭ « سېنى ئەۋەتىشتىكى مەقسەت ئەبۇ ئەلىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىدى » دېدى . ئۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ رەسساملارغا پەرمان چۈشۈرۈپ ، ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ رەسمىنى يىپەك رەختلەرگە سىزدۇرۇپ ، تەۋەسىدىكى ھۆكۈمدارلارغا « بۇ سۈرەتلىك كىشىنى تەپتىش قىلىڭلار ، تاپساڭلار ئالىي پايتەختكە يەتكۈزۈپ بېرىڭلار » دەپ پەرمان چۈشۈردى . ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا بىلەن ئەبۇ سۇھەيل  خارازم بىلەن يادەر ئوتتۇرىسىدىكى چۆل _ باياۋان يولى بىلەن يۈرۈپ يولدىن ئېزىپ كەتتى .  چۆلدە يۈرۈپ ئەبۇ سۇھەيل بۇخۇنخور چۆل _ باياۋاندا ئۇسسۇزلۇقتىن ۋاپات بولدى .
    شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا مىڭ مۇشەققەت بىلەن جېنىنى قۇتقۇزۇپ ياردەرگە يېتىۋالدى .
    سۇلتان مەھمۇدنىڭ پەرمانى بىلەن ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ رەسىمى ياردەرگە يېتىپ كەلدى .
    شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولۇپ ، يادەردىن جۇرجان تەرەپكە يۈزلەندى .
    بۇ چاغدا شەمسۇد  دەۋلە ئەبۇلمەئالى قابۇس ئىبن ۋەشىمگىرجۇرىغانغا پادىشاھ ئىدى . شەمسۇد دەۋلە ئەبۇلمەئالى قابۇس ئىبن ۋەشمىگىر ئىلىم ۋە پەزىلەت بىلەن بېزەلگەن  ئالىم كىشى ئىدى . ئىلىم _ پەن ، پەزىلەت ۋە ھۆسىنخەتتە شۇ دەۋردىكى پادىشاھلارنىڭ ئالدى ئىدى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا جۇرجانغا يېتىپ كېلىپ ، بىر كارۋان سارىيىغا چۈشتى ۋە كېسەللەرنى داۋالاشقا باشلىدى . بۇ چاغدا جۇرجان مەملىكىتىدە كېسەل تاراپ كەتكەن ئىدى . ھەرقانداق كېسەل ئىبن سىنانىڭ داۋالىشى بىلەن سىھھەت تاپتى . بۇ سەۋەنلىك ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا خەلق ئىچىدە  مەشھۇر بولدى .
   جۇرجان پادىشاھى قابۇسنىڭ ئاچىسىنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ ، ئۇزۇندىن بېرى كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭغا تېۋىپلار ھەرقانچە ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ، ساقىيالمىغان ئىدى . پادىشاھ قابۇس ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ تېببىي ماھارىتىنى ئاڭلاپ ، مەزكۇر بىمار يىگىتنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىشكە ئىبن سىنانى ئەكەلدۈردى . شەيخ ئەلى ئىبن سىنا كېسەلنىڭ تومۇر ۋە ئەزالىرىنى ھەرقانچە ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ كۆرۈپمۇ بىرەر كېسەل ئالامىتىنىڭ بارلىقىنى تاپالمىدى . ئىبن سىنا ئويلاپ كۆرگەندىن كېيىن « بۇ يېگىتنىڭ كېسىلى ئاشىقلىق كېسىلى ئىكەن . بۇ ھالىنى ھايا قىلغانلىقتىن يوشۇرسا كېرەك » دەپ ئويلىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا شەھەرنىڭ كوچا _ مەھەللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ، ھەربىر كوچا _ مەھەللىنىڭ تىزملىكنى بىر _ بىرلەپ ئوقۇتتى ۋە ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ئۆزى بىمارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تۇردى . تىزىملىك ئوقۇلۇپ يېگىتنىڭ مەشۇقىنىڭ سارىيىنىڭ ئىسمىغا كەلگەندە ئاشىقنىڭ تومۇرىدا ئۆزگىرىش بولدى . شەيخ ئىبىن سىنا ساراي _ ھويلىلارنىڭ ئىسمىنى تىزمغا ئالدۇرۇپ ،ئۇلارنى بىر _ بىرلەپ ئوقۇتتى . مەھمۇبىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇغاندا ئاشىقنىڭ تومۇرى ناھايىتى جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا قامۇسنىڭ مۇھىم كىشىلىرىگە : « بۇ ئاغرىق يېگىت ھازىر بايان قىلىنغان سارايدىكى پالانى قىزغا ئاشىق ، بۇ ئاغرىقنىڭ داۋاسى مەزكۇر قىزنىڭ ۋىسالىدىن باشقا ئەمەس » دېدى . تەكشۈرۈپ كۆرۈلگەندىن كېيىن ئەھۋال ئىبن سىنانىڭ ئېيتقانلىرىدەك بولۇپ چىقتى . بۇ خەۋەر قامۇسقا ئاڭلاندى . پادىشاھ قامۇس ئەجەبلىنىپ ، ئىبن سىنانى ئۆزىنىڭ قەسىرگە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدى .
قامۇسنىڭ كۆزى ئىبن سىناغا چۈشۈشى بىلەن سۇلتان مەھمۇد سەبۇكتېگىن ئەۋەتكەن رەسىمىدىكى شۇ كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇدى .  قامۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىناغا ئېھتىرام بىلدۈردى . قامۇسنىڭ ئىبن سىناغا ھۆرمىتى ئېشىپ بىرىۋاتقان چاغدا دۆلەت ئەربابلىرى قامۇسىنىڭ ئىتائەت _ پەرمانىدىن باش تارتىپ ، قامۇسىنى قولغا ئېلىپ ، ئۇنىڭ ئوغلى فەلىكى مەئالى مەنۇچىھرەنى پادىشاھ قىلىپ كۆتۈردى . بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇستاز دېگەن كىشى ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى ئۆز _ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تۈرلۈك زىياپەتلەرنى بېرىپ  ،ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى .
    ئالىمنىڭ ۋۇجۇدى گوياكى گەۋھەر ،
    قەيەرگە چۈشسىمۇ قەدرى بىلىنەر .
    ئەبۇ مۇھەممەد شىرازى ئۆزىنىڭ « مۇھىت » ( ئوكيان ) ناملىق كىتابىنى ئىبن سىناغا ئوقۇپ بەردى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنامۇ مەنتىق ( پەلسەپە ) توغرىسىدىكى « ئەۋسىتى جۇرجانى » دېگەن كىتابىنى ئەبۇ مۇھەممەد شىرازى ئۈچۈن تەھرىر قىلدى ( يازدى ) . بۇنىڭدىن باشقا تېببىي پەن ، پەلسەپە ، ماتېماتىكا ، بىئولوگىيە ، ئىلاھىيەت ، گېئومېتىرىيە ، ئاسترونومىيە پەنلىرىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازدى . ( ئىبن سىنانىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى بىر _ بىرلەپ بايان قىلساق سۆزىمىز ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ ) بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ئىبن سنا دېھىستاندىن رەيگە كەتتى . بۇ چاغدا فەخرۇددەۋلە دەيلەمى ۋاپات بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوغلى مەجدىدەۋلە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغان ئىدى . مەملىكەت ئىشلىرىنى ئۇنىڭ ئانىسى سەيىدە خاتۇن باشقۇراتتى . ئۇلار ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا رەيگە يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ شۆھرىتىنى ئىشىتىكەن ئىدى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا رەيگە يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلاپ ، غايەت زور دەرىجىدە ئىززەت _ ھۆرمىتىنى قىلدى . شۇنداق بىر ھالەتتە پادىشاھ مەجدىدەۋلە « مالىخۇلىيا » ( مېڭىنىڭ بۇزۇلۇشى ، نېرۋا ئاغرىقى) بىلەن ئاغرىدى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا تېببىي تەدبىرلەر بىلەن داۋالاپ مەجدىددەۋلەنى ساقايتتى .
    مەجدىددەۋلە بىلال بىننى بەدرىددىن ( ئىراق پادىشاھلىرىدىن بىر ) بىلەن ئۇرۇشۇپ ، باغداد قوشۇنىنى مەغلۇب قىلدى . ئەبۇ ئەلى ئىن سىنا رەيدىن چىقىپ قەزۋىنگە كەتتى .
    ئۇ يەردىن ھەمەدانغا ېېرىپ شەمسۇددەۋلە بىلەن ئۇچراشتى . شەمسۇددەۋلە قۇلۇنج ( ئاشقازان كېسىلى ) بىلەن ئاغرىغان ئىدى ، ئىبن سىنا ئۇنى داۋالاپ ساقايتتى . شەمسۇددەۋلە ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى قىممەت باھا تون _ سەرۇپاي ۋە زور قىممەتلىك ھەدىيلەر بىلەن تارتۇقلاپ ۋەزىرلىك ئورنىغا بەلگىلىدى . تۇيۇقسىز ھەربىي قوشۇن باشلىقلىرى ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلىشتى ، ئىبن سىنا بۇ يەردىن قاچتى . ئۇنىڭ تۈرلۈك كىتاب ، نەق پۇل _ ۋە مال _ مۈلۈك ، ئەشيالىرى تالان _ تاراجغا كەتتى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا قىرىق كۈن يوشۇرۇنۇپ يۈردى . بۇ جەرياندا شەمسۇددەۋلەنىڭ قۇلۇنج ئاغرىقى يەنە قوزغالدى . دۆلەت ئەربابلىرى ئىبن سىنانى ئىزدىدى . ئىبن سىنا ھەققىدە ھۆرمەتسىزلىك ۋە بىئەدەپلىك قىلغان ئەربابلار پۇشايمان قىلىشتى ۋە تۆۋا قىلىپ ، ئۆزرە ئېيتىپ ، ئەپۇ تەلەپ قىلىشتى .
    ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا شەمسۇددەۋلەنى ئىككىنچى قېتىم داۋالاپ ساقايتتى ۋە يەنە ئۇنىڭغا ۋەزىرلىك مەنسىپى تاپشۇرۇلدى . ئەبۇ ئىبن سىنا كۈندۈزلىرى مەملىكەت مەشغۇلىيەتلىرى بىلەن دەرس بېرىشكە ۋاقىت يەتمىسە ، كېچىلىرى دەرس بېرىشكە مەشغۇل بولاتتى . دەرس بېرىش ، كىتاب مۇتالىئە قىلىشتىن بوش ۋاقىت تاپسا ، دىلكەش ۋە خۇش مۇغەننى ( سازەندە ) نىڭ نەغمە ۋە ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتى ۋە ئازراق مەي ئىچەتتى . بۇ ۋەقەدىن كېيىن شەمسۇددەۋلە ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى باھائىددەۋلەگە قارشى باغداد ( ئىراق ) قا يۈرۈش قىلدى . يېمەك _ ئىچمەك ، تۇرمۇشتا ئېھتىياتسىزلىق ۋە خاتا تەدبىر قىلغانلىقتىن ، قۇلونج ئاغرىقى قايتا تەكرارلاندى . دۆلەت ئەربابلىرى . ھەربىي قوشۇن ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن خەۋپلىنىپ ، دەرھال ھەمەدان تەرەپكە قايتتى . شەمسۇددەۋلەنىڭ ئوغلى تاجۇددەۋلەنى پادىشاھلىققا كۆتۈرۈشتى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا قوبۇل قىلمىدى . مۇشۇ ئەھۋالدا مەجدىددەۋلە ئانىسىنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلائىددەۋلەنى ئىسپاھاندىن شەيخ ئەبۇ ئەلى سىنا تەكلىپ قىلىپ ئەۋەتتى . لېكىن ، شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىدىن تەبىئى پەن ، ئىلاھىيەت ، مېدېتسىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ۋە پەلسەپە ئىلىمدىن « كىتابى شىپا » قاتارلىق بۈيۈك ئەسەرلىرىنىڭ نۇسخىلىرىنى ئەنە شۇ يوشۇرۇن ھالەتتە يېزىپ تاماملىدى .
    تاجۇددەۋلەنىڭ ئوغلى شەمسۇددەۋلە ئىبن سىنانى « ئەلائىددەۋلەنگە خەت يازدى » دەپ تۆھمەت قىلىپ تۇتۇپ ، بىر قەلئە ( قورغان ) غا قاماپ قويدى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ئەشۇ قەلئەدە « كىتابى ھەييى ئىبن يەقزان » ( ئۇيغاقلار ھاياتى ) ۋە « رىسالەئى تەير » ( قوشلار رىسالىسى )  ، « كىتابى ئەدىيە فەلسەفە » ( پەلسە داۋالاش پەلسەپىسى داۋالىرى ) ۋە باشقا ئەسەرلەرنى يازدى . ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا قەلئەدە تۆت ئاي مەھبۇسلۇقتا قالدى . تۆت ئايدىن كېيىن ئەلائىددەۋلە ئىسپاھاندىن ھەمەدانغا قوشۇن تارتىپ كېلىپ ، تاجۇددەۋلەنىڭ مەملىكىتىنى بېسىۋالدى . ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسپاھانغا قايتىشتا تاجۇددەۋلە قاماپ قويغان قەلئەدىن شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى ئازاد قىلىپ ، ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئېلىپ كەتتى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا خەلقنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئەلائىددەۋلەنىڭ قېرىندىشى مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە ھەمەداندىن چىقىپ ئىسپانغا يۈزلەندى ، ئەلائىددەۋلەگە شەيخنىڭ يېتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى ئاڭلىنىشى ھامان ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئادەملىرىنى تەنتەنە ، داغدۇغا بىلەن شەيخنىڭ ئالدىغا چىقاردى ۋە شەيخنى مۇكەممەل  ئىززەت _ ئېھتىرام بىلەن شەھەرگە ئېلىپ كېلىپ ، مۇۋاپىق ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇردى .
شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ھەر جۈمە كېچىسى ئەلائىددەۋلەنىڭ مەجلىسىگە ھازىر بولاتتى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا سۆز باشلىغاندا مەجلىسىكە قاتناشقانلار ئەدەپ ھۆرمەت بىلەن شەيخنىڭ ئالدىغا كېلىپ سۆزىنى ئىشىتەتتى . بىر كۈنى ئەلائىددەۋلەنىڭ مەجلىسىدە قەدىمىي رەسەتخانىلارنىڭ ۋە تەقۋىم ( كالىندار) لارنىڭ بۇزۇلغانلىقى توغرىسىدا سۆز ئوتتۇرىغا چۈشتى . پادىشاھ ئەلائىددەۋلە شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنادىن يېڭى بىر رەسەتخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ ، بۇ قۇرۇلۇشقا ئېھتىياجلىق بارلىق خىراجەت ، ئەشيالارنى دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىشنى بۇيرۇدى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا رەسەتخانا قۇرۇلۇشىغا مەشغۇل بولدى . ئەمما ، سەپەر ۋە ئورۇن يۆتكىلىشلەرنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى سەۋەبى بىلەن رەسەتخانا قۇرۇلۇشى تاماملاندى .
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسپاھان ئۆلىمالىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىدىن بولغان ئەبۇلمەنسۇر ئەلائىددۋەلەنىڭ مەجلىسىگە قاتنىشىپ ، لۇغەت ( تىل ئىلمىي ) ھەققىدە سۆزلىدى . بۇ ھەقتە ئىبن سىنامۇ بىر ئاز سۆزلىدى . ئەبۇلمەنسۇر : « ئەي شەيخ ، ئۆزلىرى ھېكىم ( ئىلىم _ ھېكىمەت ئالىمى ) ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم _ دانىشلىرى توغرىسىدا ھېچ شۈبھە يوق . ئەمما ، لۇغەت سىيما ( ئىشتىش _ تۇيغۇ ) غا تەئەللۇق . ئۆزلىرى لۇغەت ئىلمىنى تەتقىق قىلمىغان » دېدى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا بۇ سۆزنى رەت قىلدى . شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ لۇغەت ئىلىمدىن دەرس ئېيتىشقا ۋە لۇغەت ئىلمىنى مۇتالىئە قىلىشقا كىرىشتى . ئازغىنا ۋاقىتتا لۇغەت ئىلمىغا ئائىت 3 قەسىدە ( شېئىرىي ئەسەر ) ۋە ئۈچ نەسىرىي ئەسەر يازدى . بۇ ئەسەرلىرىگە ئالىملار ئاڭلىمىغان سۆزلۈكلەرنى كىرگۈزدى . بۇ ئەسەرلىرىنى كونا قاغەزگە كۆچۈرۈپ بىر توم كونا كىتاب تەييارلىدى . ۋە پادىشاھ ئەلائىددەۋلەگە شۇنداق دېدى : « ئەبۇلمەنسۇر قاتناشقان مەجلىستە مېنىڭ ئالدىمدا < بۇ كونا كىتابنى بىر تۆشۈكتىن تاپتۇق ، بۇنىڭ مەزمۇنىنى بىزگە بايان قىلسىڭىز ، بۇنىڭدىكى سۆزلەردىن خەۋەردار بولساق دېسىڭىز » دېدى . پادىشاھ ئەلائىددەۋلە شەيخنىڭ سۆزى بويىچە مەزكۇر كونا كىتابنى ئەبۇلمەنسۇرغا بەردى . ئالىم ئەبۇلمەنسۇر بۇ كىتابتىكى شەيخ تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنى كۆرۈپ ھەيران بولدى . ئەبۇلمەنسۇر چۈشەنمىگەن سۆزلەرنى شەيخ بايان قىلىپ ، بۇ لوغەت ( سۆز ) پالانى كىتابتا بايان قىلىنغان ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق ،دەپ شەرھلەپ بەردى .
ئەبۇلمەنسۇر ئەقىل تەپەككۇرى بىلەن بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى ( ئاپتۇرى ) شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ئىكەنلىكىنى بىلدى . شەيخنىڭ ئالدىدا ئامالسىز ئۆزرە سوراپ ، توۋا قىلدى ۋە ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ پۈتۈن ئىلىملەردە ئۇستاز ( ئالىم ) ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى .
    بايان قىلىنىشچە ، شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ مەنتىقى ( لوگىكا ) پەندە يازغان بىر ئەسىرى شىرزات ( ئىران پايتەختى ) غا ئېلىپ بېرىلدى . شىزار ئالىملىرى ئۇ كىتابنى كۆرۈپ بىر قانچە جايدا گۇمانلاندى ( چۈشىنەلمىدى ) . ئاخىر ئۇلار چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرنى بىر كىتاپچە قىلىپ ، كەرەمانلىق ئەبۇلقاسىمدىن ئەبۇ ئەلى ئىبن سىناغا ئەۋەتتى . ئەبۇلقاسىم تومۇز پەسلىدە كۈن پاتار ۋاقىتتا ئىسپاھانغا يېتىپ كېلىپ ، شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا بىلەن كۆرۈشۈپ ، شىراز ئۆلىمالىرى ئەۋەتكەن كىتابنى تاپشۇردى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ناماز خۇپتەننى ئۆتەپ بولۇپ ، شۇ كېسىلا شىراز ئۆلىمالىرى چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب يېزىشقا كىرىشتى . بەش بۆلۈم قىلىپ ئون ۋاراققا يېزىپ تاماملاپ ئۇخلاپ قالدى . ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ناماز بامداتنى ئۆتەپ بولۇپ ، يېزىپ قويغان جاۋابنى ئەبۇلقاسىمغا بەردى ۋە « جاۋابقا ئالدىرىدىڭىز » دېدى . ئۇبۇلقاسىم ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئەجەبلەندى ، ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئىدى .
يەنە ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ ئاغرىقلارنى داۋالاشتىكى ئاجايىپ _ غارايىب ماھارەتلىرى رىۋايەت قىلىنغانكى ، بۇ مەسىلىلەرنى بىر _ بىرلەپ بايان قىلساق بۇ كىتابىمىزغا سىغمايدۇ .
    تارىخلاردا بايان قىلىنشچە ، سۇلتان مەھمۇد سەبۇكتېگىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان مەسئۇد ھىجىرىيە 420 ( مىلادىيە 1029 ) _ يىلى ئىراق ئەجەپ ( ئىراقنىڭ پارس قىسمى ) گە كەلدى . بۇ مەملىكەتنىڭ بەزى قىسمىنى ئىشغالىيىتىگە كىرگۈزدى . سۇلتان مەھمۇد سەبۇكتېگىن ئوغلى مەسىھانى رەيدە قالدۇرۇپ ئۆزى غەزنىگە كەتتى . سۇلتان مەھمۇد سەبۇكتېگىن ئىسپاھان پادىشاھى ئەلائىددەۋلەگە قارشى ئىسپاھانغا قوشۇن تارتىپ كەلدى .
    ئەلائىددەۋلەنىڭ ئاچىسى ساڭا لايىق بولسا نىكاھىڭغا ئال ، ئەلائىددەۋلە سۇلتان مەسئۇدقا قارشى ئۇرۇش تەييالىقى قىلدى . سۇلتان مەسئۇد ئەلائىددەۋلەنىڭ سۇلتان مەسئۇدقا قارشى ئۇرۇش تەييارلىقى قىلدى . سۇلتان مەسئۇد ئەلائىددەۋلە نىڭ ئالدىغا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ :« دۈشمەنلىك قىلىشنى تاشلا ، ئەگەر دۈشمەنلىكىنى تاشلىمىساڭ ، ئاچاڭنى  قايتۇرۇپ ئەۋەتىۋېتىمەن » دېگەنلەرنى بىلدۈردى . ئەلائىددەۋلە شەيخ ئەبۇئەلى ئىبن سىنادىن « بۇ ئىشنىڭ چارىسى نېمە ؟ ئەگەر مۇۋاپىق جاۋابىڭىزبولسا يازسىڭىز ! » دەپ ئىلتىماس قىلدى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا سۇلتان مەسئۇدقا مۇنۇ سۆزلەرنى يازدى :
    « بۇ خوتۇن گەرچە ئەلائىددەۋلەنىڭ ئاچىسى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ سېنىڭ خوتۇنۇڭ . ئەگەر ئۇنى تالاق قىلساڭ ، سەن تالاق قىلىپ قويۇق بەرگەن خوتۇن بولىدۇ ۋە سېنىڭ ۋەدەڭگە كۆز تۇتۇپ تۇرىدۇ . ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئەرگە (ساڭا )  ئائىتتۇر ، خوتۇننىڭ قېرىندىشىغا ئائىت ئەمەس » .
    سۇلتان مەسئۇد بۇ خەتنى ئوقۇپ ئاگاھلاندى . ئەلائىدەدەۋلەنىڭ ئاچىسىنى مۇكەممەل ئىززەت_ ھۆرمەت بىلەن ئەلائىددەۋلەنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى . سۇلتان مەسئۇد ئىراقتىن خۇراسانغا يۈزلەندى . ئەبۇ سەھىل ھەمەدانىنى ئۆز ئورنىدا ۋەكىل قىلىپ قويدى . ئەبۇ سەھىل بىلەن ئەلائىددەۋلە ئوتتۇرىسدا ئۇرۇش بولۇپ ، ئەبۇ سەھىل غالىبىيەتكە ئېرىشىپ ، ئىسپاھاننى ئىشغال قىلدى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ مال _ مۈلكى، كىتابلىرى بۇ ھادىسىدە تالان _ تاراجغا كەتتى .
    تارىخىي ھۆججەتلەردە بايان قىلىنىشچە ، شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قۇلۇنج كېسىلى بىلەن ئاغرىدى . بۇنىڭغا ئۈچەي يارىسى ۋە سەرئى ( ھوشسىزلىنىش ئاغرىقى ) قوشۇلدى ، شەيخ ھەر كۈنى مەئجۇنى سەردىتوس يەيتتى . شەيخنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىرى شەيخنىڭ مال _ مۈلكىگە خيانەت قىلغانلىقتىن _ شەيخنىڭ ساقىيىپ ئۆزىنىڭ ئوغرىلىق _ جىنانىتىدىن ھېساب ئېلىشىدىن قورقۇپ ، شەيخ ئۈچۈن تەييارلىغان دورىنىڭ تەركىبىگە ئەپيۇن قوشۇپ قويدى . شەيخنىڭ ئاغرىقى مەزكۇر خىيانەتچى دۈشمەننىڭ قەستى ۋە ئەلائىددەۋلەگە ھەمراھ بولۇپ بېرىلغان مۇھىم ئېغىر ئىشلار تۈپەيلى ئېغىرلىشىپ كەتتى . شۇنداقتىمۇ ئەلائىددەۋلە شەيخ ئەلى ئىبن سىنانى مەپىگە ئولتۇرغۇزۇپ ، ھەرتەرەپكە ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرەتتى . ئەڭ ئاخىرى ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ۋە ئەلائىددەۋلە ئىسپاھانغا قايتىپ كەلدى . شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا ئەلائىددەۋلەنىڭ يېنىغا بىر قېتىملا كۆرۈشكە كېلەلىدى . شۇنىڭدەك پەرھىز قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلمىدى . خۇلاسە قىلىپ ئېيتىاندا ، شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ ئاغرىقى بىر ئاز يېنىكلەشتى . ئەلائىددەۋلە ھەمەدانغا بېرىشقا تەييارلاندى ۋە شەيخ ھەزرەتلىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئېلىپ يۈردى . يول ئۈستىدە شەيخنىڭ قۇلۇنچ ئاغرىقى يەنە قوزغالدى . ھەمەدانغا يېتىپ كەلگەندە شەيخنىڭ تەبىئىتىدىكى قۇۋۋەت ئازلاپ كەتكەنلىكى ۋە ئاغرىققا تاقابىل تۇرالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقى بىلىندى . ئىلاج ( داۋالاش ) نى توختاتتى . شەيخ بەدىنىنىڭ تەدبىرچىسى ( داۋالىغۇچىسى ) تەدبىردىن ئاجىز كەلدىم ، دېدى .
شېئىر :
    داۋالاش پايدا بەرمەس ، يېتىپ كەلدى ئەجەل ، ئەي يار ،
    داۋام ھەم ھەزرىتى ئىيسا قولىدىن كەلمىگەچ ھېچ كار .
    ھەزرىتى شەيخنىڭ كۆڭلى دۇنيادىن كۆچۈش ( ۋاپات بولۇش ) كە قارار تاپتى . غۇسلى قىلىپ ، بارلىق مەنىئيات (ئىسلام دىنى مەنئى قىلغان خاتا ئىشلار ) دىن تەۋبە ئىستىغپار قىلدى . ئۆزىنىڭ پۈتكۈل مال _ مۈلىكىنى كەمبەغەل ، يوقسۇللارغا ، مۇھتاج كىشىلەرگە سەدىقە قىلىپ تارقىتىپ بەردى . ئاللاھنىڭ كارامىتى ( قۇرئاننى ) ئوقۇپ تاماملىدى . ھىجىرىيە 427 ( مىلادىيە 1035 ) _ يىلى رامزان ئېيىنىڭ 3 _ جۈمە كۈنى ھىيلىگەر  دۇنيادىن خوشاللىق دۇنياسى ( ئاخىرەت ) غا يۈرۈپ كەتتى .   ھەزرىتى شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ ۋاپاتىغا بىغىشلاپ ئۇلۇغ ئالىملار بۇ تارىخىي مەرسىيىنى ئېيتتى :
    ھەق ھۇججىتى ئىبن ئەلى سىنا ،
    تارلىقتا كەلدى ئۇ دۇنيا .
    ھەل قىلدى « شىپا » دا پۈتۈن پەنلەرنى ،
    خۇشلاشتى بۇ ئالەمدىن كەتتى ئۇقباغا .
    ئەبۇ ئەلى ئىبن ھەزرەتلىرى ئۆزىنىڭ « شىپا » دېگەن بۈيۈك ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق ئىيتقانكى : « ئەقلىي دەلىللەر بويىچە ئادەمزات جەسەتلىرنىڭ گۆردىن تىرىلىپ چىقىشنى ۋاجىپ ( لازىم ) دەپ بىلمەيمىز . ئۇنى مەنئى قىلىمىز . ئەمما ، مۇخبىرى سادىق ( چىن خەۋەرچى ) _ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسەلام بارلىق ئادەمزاتنىڭ تىرىلىپ قوپۇش ۋەقەسىنى خەۋەر قىلغان .ئۇنى راست ، چىن دەپ ئېتىقان قىلىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە قالايمىقان تىل تارتىشتىن ساقلىنىش لازىم » دېدى .
    شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن مۆمىنلەرنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قاراش لازىم .

 

تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603