زوزۇڭتاڭ ( 1812 - 1885 ) خۇنەن قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى، ئۇلۇغ تەيپىڭ تەينگو ئىنقىلابىنىڭ ھەمدە سەندۇڭ، خېنەن، خېبىيدىكى نەينداڭ تەشكىلاتىنىڭ قوزغىلىڭىنى، غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇ خەلقنىڭ قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغان مىلىتارىست، ئەجنەبىي پەرەستىلەرنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى. ئۇ 1875 - يىلى شىنجاڭغا 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىگە زەربە بەرگەن ھەمدە 1878 - يىلى شىنجاڭنى مەمۇرىي ئۆلكە قىلىپ قۇرۇشقا ئاساس سالغان.
ليۇجىڭتاڭ
ليۇجىڭتاڭ ( 1812 - 1844 ) زوزۇڭتاڭنىڭ گېنىراللىرىدىن بىرى. « يەتتە شەھەر خانلىقى » نىڭ ئەمىرى ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بەگقۇلى بەگ قاتارلىقلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى يوقاتقان. داۋانچىڭ، توخسۇن، كۇچا، باي، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلغۇچى. ئۇ 1884 - يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلىنغاندا، تۇنجى قېتىم شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سەييارە سىالۋچىسى بولغان.
جاڭ جىجۇڭ
جاڭ جىجۇڭ ( 1890 - 1969 )، يەنە بىر ئىسمى ۋىن سەي، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنىرالى، دىپلومات، سىياسىئون. ئۇ 1945 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋەقەسىنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قامالغان كوممۇنىستلارنى قۇتۇلدۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. 1946 - يىلى شىنجاڭدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ئۆلكە رەئىسى بولدى.
1949 - يىلى 9 - ئايدا، بېيجىڭدىن گېنېرال تاۋسىيۆ ۋە رەئىس بۇرھان شەھىدىلەرگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىتى دائىمى ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۇەنجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
بۇرھان شەھىدى
بۇرھان شەھىدى 1894 -يىلى روسىيىدە تۇغۇلغان، 1912 - يىلى شىنجاڭغا كەلگەن. ئۇ، ئۈرۈمچىدە پىركازچىكلىق قىلغان، تامۇژنا ئىدارىسىدا باج تەكشۈرگۈچى، ئۈرۈمچى تۇنجى ماشىنا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 30 - يىللاردا شىنجاڭ ئۆلكىلىك تەمىرات ھەيئىتى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى زەيساندا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. 1945 - يىلدىن 1949 - يىلىغىچە خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1949 - يىلى 9 - ئايدا گېنېرال تاۋسىيۇ بىلەن بىرلىكتە تېلېگرامما يوللاپ ھەقىقەتكە ئۆتكەن. ھەقىقەتكە ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇغان ۋە ئۆلكىلىك خەلق فايۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ شۆبە بيوروۇسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، غەربىي شىمال ھەربىي مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ ھەيئىتى، 1953 - يىلدىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2 -، 3 -، 5 -، 6 - يىغىنى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، پەخرى مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
ئۇ، 1929 - يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا چىققان مەزگىلىدە، ماركسىزم - لېنىنىزم نەزىرىيىسىنى ئۆگەنگەن ۋە ئوقۇش مەزگىلىدە كۆپ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە بولغان. 1933 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي تەشكىلاتقا قاتناشقان ۋە شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇ 1989 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 95 يېشىدا ئالەمدىن ئالەمدىن ئۆتتى.