قەلبىمدە بىر ناخشا ئۈزىدۇ مۇڭلۇق،
ئاڭلىدىم ئاڭلايمەن تاكى ئۆلگىچە.
سۈيۈملىك تۇيۇلار ھەر بىر ئاڭلىسام،
جىنىمنىڭ ھۇزۇرى شۇنداق ئۆزگىچە.
قانمايمەن تەكرارلاپ ئاڭلىسام تالاي،
بەھرىدىن ۋۇجۇدۇم كىلەر لەرزىگە.
تۇيغۇمغا تىنمسىز باشلايدۇ ئارمان،
چۆككەندە زوقلۇنۇپ كۈينىڭ بەھرىگە.
ئۇ ناخشا مۇقەددەس سۆيگۈ ناخشسى،
پۈتۈلگەن ئۇنۇڭغا شادلىق ھەسرىتىم.
بار يەنە ئۇنۇڭدا تاتلىق ئازاپلار ،
زارلىنىش،ھەم يەنە ئۈمۈد لەززىتم.
ئۆتىدۇ بۇ ئۆمۈرۈم شۇ ناخشا بىلەن،
ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يادىكار بۇلۇپ.
ئۆچمەيدۇ ساداسى ئەسىر - ئەسىرلەپ،
ساداقەت يار دىلدىن ياڭرار جۇش ئۇرۇپ.