مىھمان كىلىەر كىتىدۇ ھامان ،
تۇرماس ئۇزاق بۇ تەرەپ تامان،
زىمىن ئۈچۈن بەندە خار مىھمان،
ئىلگىرى كىيىن كىتەرمىز ھامان.
دوستۇم شۇنداق مېھمان ئىدىڭ سەن:
قارا قاش قوي كۆزلەر سەندە مۇجەسسەم.
بىر جۈپ زىناق ، ئىگىز بوي سەندە باردۇر ھەم،
ھەقىقىي ئۇيغۇردەك يىگىت ئىدىڭ سەن.
خۇشلاشتىڭ بۈگۈن سەن دوستلىرىڭ بىلەن ،
ئاتا -ئانا ، ئۇرۇق -تۇققان قېرىنداش بىلەن،
سىنى سۆيگەن ۋاپادار شۇ گۈزەل بىلەن،
قالدۇق بىز بۇ دۇنيادا ھەسلەتلەر بىلەن .
يۈز كۆرۈشمەي خوشلاشتۇق دوستۇم سەن بىلەن،
نىمە بولسۇن خۇشلىشاي ئەمدى سەن بىلەن ،
ئويلۇدۇم : خۇشلىشاي قويكۆزۈڭ بىلەن ،
ئەپسۇس كۆزۈڭ ئىچىلمىدى كەتتى سەن بىلەن .
قالاتتۇق بىز بەزىدە ئۇرۇپ تىللىشىپ،
غۇم ساقلايتۇق بەزىدە خاتا چۈشۈنۈپ ،
رازى بول كەتكىن مىنى كەچۈرۈپ،
بارالمىدۇق كەينىڭدىن ئامالسىز قېلىپ.
ئەلۋىدا! دىلمۇرات دوستتۇق سەن بىلەن ،
كەتتىڭ تاشلاپ دوستلارنى سەن ھەسرەت بىلەن ،
ئامالسىز بىز ئېلىشالمايمىز شۇم ئەجەل بىلەن،
ھەمراھ بولسۇن ساڭا گۈل ، پەرىشتە بىلەن.