شۇنچىلىك ئىنتىلدىم سۆيۈشكە سىنى ،
لەۋلىرىڭ يۇلغۇنۇپ تۇرسىمۇ شۇدەم .
بىلىمەن سىنىڭمۇ سۆيگۈڭ بار مىنى ،
قەلبىڭدە مىڭ لەززەت ،كىرپىكىڭدە نەم .
بوينۇمغا گىرەلەر سالىسەن ئەمما ،
داجىيسەن بىر تاتلىق سۆيۈشلىرىمدىن .
ئوتۇڭدا كۈل قىلىپ ،قالدۇرۇپ تەنھا ،
يا لەززەت ئالامتىڭ كۆيۈشلىرىمدىن .
قانداقمۇ ئۇنتاي ئاھ ، ئوماق پەرىشتەم ،
ئىھ، سىنىڭ ئاتەشلىك بىقىشلىرىڭنى .
ياپراقتەك دىلدەرەپ،قۇچاقلاپ مەھكەم ،
مەڭزىمگە مەڭزىمنى بىقىشلىرىڭنى .
ھىلىمەم مەڭگۈلۈك گۈلۈم دەپ بىلىپ ،
قىسىمەن چىكەمگە ئاۋايلاپ سىنى .
قاچانمۇ لىۋىڭگە سۆيەرمەن قىنىپ ،
ۋەسلىڭگە يەتكۈزگىن قىينىماي مىنى .