كۆز ياشلىرىم ئاقار مارقاندەك،
ئازاپلاردىن دىلىم يىغلايدۇ.
ئەلەملەردىن ئۆرتەندى يۈرەك،
دەرتلىرىمنى بىراۋ بىلمەيدۇ.
شاتلىق كۈنۈم كەتتى يىراقلاپ،
ئولتۇرىمەن ئاسمانغا قاراپ.
يىگانەمەن كەڭرى ئالەمدە،
بىچارىمەن ھالىم بەك خاراپ.
كىممۇ باردۇ يۆلەك بولغىدەك،
ئۈرۈلسە تاغ تىرەك بولغىدەك.
ئېغىر كۈنلەر چۈشتى بېشىمغا،
جانغا جان بۇپ كېرەك بولغىدەك.
قايدا باردۇر دەرمان بولغىدەك،
ئارزۇ ئۈمۈت ماڭا بەرگۈدەك.
ئارام بەخش ئۇخلىسام بىر كۈن،
ئىللىق ماكان پۇتۇم پاتقىدەك.
بارمۇ ئەلدە ياشلىرىم دەريا،
كېمە سېلىپ كېلەرگە دوستۇم.
ئەلەملەردىن يېرىلسا يۈرەك،
سەۋرە ئېيتىپ سۆزلەرگە دوستۇم.