ـــــــــ ھورۇن خوتۇنلارغا بىشارەت
ئاش ئەتسەڭ تۇزىنى ئوندان تېتىتىپ ،
ئۆيۈڭدە قالمىسا بىر نانمۇ قېتىپ
ئىش قىلسا گۈل تۇتساڭ مەڭزىڭنى يېقىپ ،
ئەر كۆڭلى يايرايدۇ سەن ئايغا بېقىپ .
ئۇ قانسا، سەن قانساڭ مۇھەببەتكىمۇ ،
چىقمايدۇ يۈرەككە نەس تەمرەتكىمۇ .
قالمىسا ، قالمىساڭ ھېچ نەپرەتكىمۇ ،
ئۆيۈڭدە ئورۇن يوق بىر ئىبرەتكىمۇ .
بار تۇرۇپ بىجىللىق خورلۇق ئەلۋەتتە ،
يوقنى بار قىلىش پەم ، مېھنەت ، جۈرئەتتە .
كۆلەيدۇ ئەر - خوتۇن ئىشەنچ ، ھۆرمەتتە ،
شۇ چاغدا ئۆي - جەننەت ، ياشا جەننەتتە !
مەنبە ــــــــــــــ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى