بۇ قىز ساقىيامدۇ ؟
ـــــــ يولدىن چىققان قىزلارغا كىنايە
بۇ قىزنىڭ غەزىلى سېسىق ، بۇسنى يەپ
كۈتكۈچى ، دۇتار قارنى نىچۈن يېرىلماس؟
بىر مەست دېسە«بۇلبۇل»،بىر مەست دەر«قۇشقاچ»
بىرسى دەر «ئۇنىڭدەك جانان تېپىلماس»
سۇنۇلغان بىر قەدەھ - بىر رەزىل ئۈمۈد ،
پۇل چاچقان تەلەپلەر قىزنى قىلدى قۇل ...
ئەي ، ئانا ! يۈرىكىڭ ئۆرتىنەر يەنە ،
شۇ قىزنىڭ تەقدىرى ــ خارۇزار بىر تۇل ...
ئەي ، كۆرگەن، ئاڭلىغان تەۋرەنمەس ئادەم !
سۈكۈتنىڭ ئاغزىغا ئەمدى سەن قان قۇس .
بىل شائىر ! قورقىدۇ رەزىل - روھ سەندىن ،
چۈنكى ئوق قەلەمدىن تامغان ئار - نۇمۇس .
مەنبە ــــــــــــــ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى