تاشقىڭدىن بارچە نۇر سۇمباتلىق جىسمىڭ،
گۈلزارلىق باغلاردا ئۇيغۇر پەرىسى.
ھىلالئاي قاشلىرىڭ ،بوستان چاچلىرىڭ،
زۆھرە قىز سەن گۇيا گۈللەر سەركىسى.
جىلمىيىپ قارايسەن خۇما كۆزۈڭدە،
ئالەمگە ئۇياتچان تۆكۈپ غەمخانە.
پاكلانغان سۆيگۈڭدىن يۈرەكلىرىڭدە،
ئەقىدەڭ چىراقتا بۇلار پەرۋانە.
سەيياھلار تۇرمۇشنىڭ قىسمەتلىرىدە،
شۈكرىدىن يىڭىسەن مىڭ بىر مۇشەققەت.
زۆھرە قىز پەرىشتە مۇھەببەتلىك قىز،
ۋەيرانە بولسىمۇ كۈلىدۇ پەقەتئ
قەلبىڭدە بالقىيدۇ سۈپسۈزۈك ئاسمان،
كەچمىشتە تەسىرلىك چۆچەك بىر ئالغان.
سۆيىمەن جان زۆھرە تاھىرىڭ بۇلاي،
خالامسەن ؟
ۋۇجۇدۇدۇم يالقۇندىن گۈرۈلدەر گۈلخان.