گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 275 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 2

دۇنياغا داڭلىق ئىزدەش ماتورى گۇگېل 13ياشقا كىردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوقلىما
2
تېما
1
قىزغىنلىق
16
تىللا
60
تۆھپە
12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 15:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

9-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇگېل شىركىتى گۇگېلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.گۇگېلنىڭ قۇرۇلغان كۈنىگە قارىتا كىشىلەرنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ ،Google.comتور نامى 1997-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تىزىملىتىلغان،بىراق 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى گۇگېل شىركىتى ئاندىن قۇرۇلغان.گۇگېل ئىلگىرى كۆپ قېتىم 9-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەن،يەنە 9-ئاينىڭ 27-كۈنىمۇ كۆپ قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن.بىراق يېقىنقى ئىككى يىل(2009-،2010)دا گۇگېل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇگېل تۇغۇلغان كۈن doodle(خاتىرىلەش رەسىمى )نى چىقارغان.بۇ يىل ئوخشاش بولۇپ ،قارىغاندا گۇگېل شىركەت تەرەپ 9-ئاينىڭ 27-كۈنىنى تۇغۇلغان كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئوخشايدۇ.
1996-يىلى 1-ئايدا سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن لارى پەيىج بىلەن سېرگىي بىرىن مەكتەپتە بىر تۈرلۈك ئىزدەش ماتورى تەتقىقاتىنى باشلىغان.ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئىزدەش ماتورى بىلەن ئوخشىمايدىغان پەرقى :ئەنئەنىۋى ئىزدەشتە بولسا ئىزدىگەن سۆزنىڭ بەتتىكى كۆرۈنۈش قېتىم سانىغا ئاساسەن ئىزدەش نەتىجىسى رەتكە تىزىلاتتى،بۇ ئىككىيلەن بېكەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ئانالىز قىلىدىغان ئىزدەش ماتورىنى يېزىپ چىققان بولۇپ ،PageRankناملىق ئىزدەش ماتورى تور بەتلەردىكى ئەكس يۆنىلىشلىك ئۇلانمىلارنىڭ مۇھىملىقىنى باھالاپ  چىقىدۇ،بۇ ئىزدە ماتورىنىڭ ئىزدەش توغرىلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسلىق ئىزدەش تېخنىكىسىدىن ھالقىپ كەتكەن.
دەسلىپىدە پەيىج بىلەن بىرىن بۇ ئىزدەش ماتورىغا BackRubدەپ ئىسىم قويغان ،كېيىن Googleغا ئۆزگەرتكەن.بۇ يېڭى سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ماتېماتىكىدىكى googol(بىرنىڭ ئارقىسىغا 100دانە 0قويۇلغان سان)دېگەن ساننىڭ خاتا يېزىلىشى  بولۇپ ،كىشىلەرگە ھېسابسىز ياخشى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشكە سىمۋول قىلىنىدۇ.گۇگېل ئىزدەش ماتورى دەسلىپىدە  سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە google.stanford.eduتور نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان.1997-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى  بۇ ئىككىيلەن Googleتور نامىنى تىزىملاتقان.بىر يىلدىن كېيىن ،1998-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بىرىن بىلەن پەيىج كالىفورنىيىدە بىر دوستىنىڭ ئۆيىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا Googleشىركىتىنى قۇرغان ۋە كرايىگنى تۇنجى شىركەت خادىملىقىغا قوبۇل قىلغان.


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 15:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتس يوللاپسىز تېخىمۇ تىرشىڭ


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
563
تىللا
2150
تۆھپە
77
توردا
872 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە رەخمەت، ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-21 16:05 , Processed in 0.989078 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش