گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 0

ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ31– [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
13
تېما
14
قىزغىنلىق
72
تىللا
189
تۆھپە
38
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 19:57:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ31–يىغىنى ئېچىلدى

مەنبە: تەڭىرتاغ تورى
مېھرىگۈل ناسىر خەۋىرى :
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنى 26 – سېنتەبىر شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا 1 – قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 50 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى؛ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ سۈتچىلىك نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلاردا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى(لايىھەنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى(لايىھە)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)›› قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى(لايىھە)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك نىزامى(لايىھە)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى(لايىھە)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)›› ۋە كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ قاتارلىقلار توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاڭ گولياڭ، ئالپۇسباي راقىم، دۇ چىنرۈي، لى جى، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، ما مىڭچىڭ ۋە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىم قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 07:45 , Processed in 0.095517 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش