ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك مەنىۋىي بايلىقى ، ئەجدادلارنىڭ تەۋەرۈكى ۋە ئامانىتى . تىل بىر مىللەتنىڭ روھى ، جېنى ھەم ئورتاق مۈلىكى ،تىل بىلەن تەپەككۈر قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرلۇپ كەتكەن بولىدۇ ، تىل بايلىقى تەپەككۈر بايلىقى دېگەن گەپ . شۇڭا ، تىلنى مىللەتنىڭ جېنى دەپ بىلمەك كېرەك . بىر مىللەتنىڭ بولۇپ تۇرۇشى ، ئۇلار ياراتقان پارلاق مەدەنيەتنىڭ ۋە ئۇلۇغۋار ئەنئەنىنىڭ ئىزچىل داۋاملىششى تىلدىن ئىبارەت قورالغا باغلىق . ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقالسا ، شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىمۇ مەدەنيىتىمۇ يوقىلدۇ ،شۇڭا خەلىقنىڭ تىلىغا قىلىنغان ھاقارەت شۇ خەلىقنىڭ قەلبىگە ۋە مەدەنيىتىگە نىسبەتەن قاتتىق ھاقارەت ھېسابلىندۇ . شۇڭا ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن بولغان كۈرەش ۋەتەنپەۋەرلىك ۋە خەلىقپەرۋەرلىكنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ . ھەرگىز ئانا تىلغا ھاقارەت كەلتۈردىغان ئىش قىلما . ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى ئىلغار ، مەدەنىي تىللاردىن كەينىدە قالدىغان تىل ئەمەس .
ئانا تىل بىلەن سۆزلەشمەي ، باشقا تىللار بىلەن سۆزلىشىشنى مەدەنيەتلىك ھېسابلايدىغان ئادەملەرگە ئۇچىرساڭ ، جۈرئەتلىك نەسىھەت قىل . ئۇلار بىلەن ئارلاشما ، ئۆزىنىڭ تىلىدىن يانغان ،تانغان ئادەم ساڭا ۋاپا قىلمايدۇ . ئۇنداق ئادەمنىڭ ئۆز تىلىنى ئاڭلاشقىمۇ سەۋەبى ۋە سالاھىتى يوق ، ئانا تىلغا ئاسىيلىق قىلغانلىق مىللەتكە ، مىللىي مەدەنيەتكە ئاسىيلىق قىلغانلىق بولىدۇ .
قېرىنداش مىللەتنىڭ تىلىنى ۋە بىرەر چەتئەل تىلىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىۋالغىن . بۇسېنىڭ دۇنيا بىلەن ، دۇنيا مەدەنيىتى بىلەن ئۇچىرششىڭ ، باشقا مىللەتلەر ۋە دۇنيا خەلقى بىلەن قەلىب ئالماشتۇرشۇڭدا ئالتۇن كۆۋرۈك بولدۇ ، قوش تىللىق ئادەم قوش قاناتلىق قۇش ھېسابلىندۇ .
مەن بۇ تەتىلدە ھەربىر ئۇيغۇر خەلىنى ئېچىندۈردىغان ھەم ئويغا سالدىغان مۇنداق بىر ئىشقايولۇقۇپ قالدىم.
ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزى كۈتىۋېلىش سۇپىسىدا تىىل ئۆگىنىش ئۈچۈن تىزىملىتىشقا ئۆچرەت تۇرۋاتاتتىم ، ئالدىمدىكى 16-17 لار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىسى كۈتىۋېلىش خادىمىغا : 姐姐给我帮写一下我的名字。دېدى ، قارىسام ئۇ جەدىۋەل ئۇيغۇرچە ئىكەن ، ئۇ خادىم : خەنزۇچە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ . دېدى . ئاندىن ئۇقسام ئۇ 《ئۇيغۇر بالىسى 》 ئېنگىلىس تىلى ئۆگىنەرمىش !
‹ئەكەل ئۇكام ، مەن ساڭا يېزىپ بېرەي ›دەپ ئسمىنىڭ ئورنىغا ‹نادان › ياكى ‹ساتقىن ›دەپ يېزىپ ‹مانا سېنىڭ ئىسمىڭ › دەي دەپ ، يەنە بۇ يەردە ئۇرۇش چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمگە ھاي بەردىم ، كەينىدى ھەي بىچارە دەپ قالدىم خالاس .
ئوقۇۋېتىپ قارىسام ئۈچ سىنىپقا ئادەم پېتىشماي قاپتۇ ، نېمە ئىشكىن دەپ ئۇقسام ئۇيغۇر تىلى ساۋات چىقىرىش سىنىپى ئىكەن . چەتئەللىك ياكى باشقا مىللەتلەر ئوخشىمامدۇ دەپ قارىسام ، بىر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بالىسى ! تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم ‹ توغرا ، بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس بەلكى ئۆگەنمەسلىك ئەيىپ › ، بەزىللىرىنىڭ يېشى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېشىدىن چوڭ ئىكەن ، شۇ چاغدا ئۇلارغا ئېچىندىم ، بىراق كەچلىكى ياتقاچ ئۇلاردىن مەمنۇن بولدۇم ، خۇرسەن بولدۇم . خوش بولدۇم . ئۇلار ئانا تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى كېچىلىپ بولسىمۇ ھېس قىپتۇ ، ئاپىرىن ! شۈكرى . ‹ھېلىھەم بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار .›
باللىرمىزنى 《قوش تىللىق》يەسلىگە بېرىمىز ، قوش تىللىق مەكتەپتە ئوقۇتىمىز . قوش تىل دېگەن 2تىل دېگەن گەپ ،ھەرگىزمۇ بىر تىل دېگەنلىك ئەمەس . ئۇيغۇر تىلى -خەنزۇ تىلى دېگەن گەپ ، لېكىن بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ نادانلىقى تۈپەيلى بالىلار نادان ، خەلىق نامرات .......
بولسا باللىرىمىز مەكتەپتىن كەلگەندە ئۇيغۇرچە ئۆگىتەيلى ، ئانا تىلنى ئۆگىتەيلى ، گەلگۈسى ئەۋلادلار ئانا تىلنى بىلمىسە ، ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى بىلمىسە ، بىلىمسىز ، نادان بىر تۈركۈم ئەۋلادلار يىتىشىپ چىقىدۇ ، قايسى بىر مۇتەپپەككۈر ‹ تىل يوقالسا مىللەت يوقىلدۇ ، مىللەت ئۆزگەرسە دىن ، ئىمان ئۆزگىردۇ › دەپ ناھايتتى توغرا ئېيتقان .
باشلانغۇچ مەكتەپتە خەت يازالمىسام مۇئەللىم قۇلۇمغا ئۇرغان ئىدى . ئەسلى مېنى ئۇرماپتىكەن ، ئىلىم ھەسىلىنى سۈركەپتىكەن ، ئاھ سۈيۈملۈك مۇئەللىم قۇلۇمغا يەنە بىرنى 《ئۇرسىڭىز 》
ئوقۇتە بالاڭنى ، ئوقۇت !بولسا باشقا مەكتەپتە ئوقۇت !قوش تىللىق بولسۇن ! قوش دىنلىق ، قوش يېمەكلىك بولسۇن .......