گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 275 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 108|ئىنكاس: 0

ئۈزۈمزاردىكى قىز تۇلۇنئاينىڭ نەسرلىرىدىن توپلانما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
43
تېما
137
قىزغىنلىق
694
تىللا
979
تۆھپە
329
توردا
102 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 02:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بــــەخــــــــــــت تىـــــــــــــــلەش

سەن بەلكىم ئۆيدە يىگانە ئولتۇرۇپ خىيال قىلۋاتقانسەن؟
مەنمۇ ئۆيدە پىنھان ئولتۇرۇپ دىرىزەمدىن تۇنجۇققان سەھرايىمنىڭ كۈز پەسلىنىڭ قۇينىدىكى ئاقۇش ئاسمىنىغا قاراپ مۇڭلىنۋاتىمەن. ھۇيلامدىكى ئىگىز گىرەسىمان تارتىلغان توك ئىلىكتىر سىمتاناپلىرىغا قۇنۇۋالغان بىر جۈپ كۈلرەڭ پەيلىك پاختەكلەرگە قاراپ ئاجايىپ ھاياجانلاندىم. ساڭا يازغان خەتلىرىمنى ئۇنىڭدىن يوللاشنى ئۇيلاپ ھىسياتلىرىمدا قەلەم تۇتۇپ قەلبىمدىكى ئاپئاق قەغەزگە جىجىدىم.

سالام قەلبىمدە نۇر چىراغ بولغان،
پاك سۆيگۈ باغلادا بۇلبۇلۇم بولغان
تاڭلاردا چۇلپان چاراقلاپ تۇرغان،
ياخشىمۇ؟ بەخىتلىك يۇلتۇزۇم بولغان.

پاختەكتىن يوللىسام يۈرەك سۆزۈمنى،
شامالدىن كۆرەرمۇ روھسىز ئۆزۈمنى.
سېزەرمۇ يىغلاڭغۇ تەشۋېشلەردىكى،
مۇنچاق تامچە ياشلىق كۆزۈمنى.

بولدى بەس جەڭگىۋار خۇشال يۈرۈشۈم،
نىگارغا كۈلكىدىن چايلار سۈرۈشۈم.
دۇسلۇق قەسرىدە سوۋغات سۇنۇشۇم،
كىرەكقۇ ھەقىقىي ئاشىق بۇلۇشۇم.

بولمىسا يارىمغا ئىرىشىش نىسىپ،
ئۆتىمەن سۆكۈتتە تەبەسسۇم قىسىپ.
ئۇ خۇشتار چىرايلىق ئۆزگە گۈلىنى،
چاققان ئۆزۈپ بېرەي قەدەملەر بېسىپ.

ئاپتۇرى:ئۈزۈمزاردىكى قىز تۇلۇنئاي(تۇرپان)
***********************************************************************************************

مىسكىن خىياللار

مەن نىمە ئۈچۈن مۇھەببەت تۇغرىلىق ئۇيلايمەن؟!مۇھەببەت توغرىلىق سۆزلەيمەن؟!بەلكىم مەن قىسمىتىمنى سۆزلەپ بېرىشنى خالىمايمەن.بىراق،ۋىناسنىڭ قانلىرى قېپقىزىل چوغلۇق ئەتتىرگۈلنى قېنىپ-قېنىپ پۇراشتىن باش تارتمايمەن.قەلبىمنىڭ ئالەم پاتمىغۇدەك غايەت چوڭ سىغىمدىكى رەڭلىك ئېكرانلىرىدا سېنىڭ گەۋدىلىك سىماھىڭنى قىياس قىلىمەن.
مۇھەببەت-مۇھەببەتنى ئۇيۇن دەپ قارايدىغان نادان تەلۋە كىشلەر ئۈچۈن زايە.
مۇھەببەت-جەڭگىۋار سۆيۈملۈك سۆيگۈنى بىباھا بىلىپ قەدىرلەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئاجايىپ ئۇلۇغۋار غايە.
كۈز ئايلىرىنىڭ مىسكىن نۇرلۇق تاڭ سەھىرىنىڭ قوينىدا،قۇياش ناھايتتى ھۇرۇن،ئىرىنچەكلىك بىلەن قىزغۇچ شەپەق ئۇپۇقىنى يېرىپ ئوت كەبى سارغۇچ يۇرۇقلۇق يېپىنچىلىرىنى ئالەمگە يايدى.دېرىزەم ئارقىسىدىكى گۈللەر ئالىقاچان قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.ياق،،،ياق،،،لەيلىگۈل بىلەن نامازشام گۈللىرى يەنىلا پورەكلەپ ئېچىلماقتا ئىكەن.ئۇلار سەلقىن سوغوق كۈز شاماللىرىدا سەل-پەل ئۈششۈپ شۈمشۈيۈشكە باشلىغان بولسىمۇ،يەنىلا ئاجايىپ گۈزەللىك تۇيغۇلىرىغا باشلايتتى.
ھويلامدىكى پاكار-پاكار قورو تاملىرىدىن مەھەللە ئوتتۇرسىغا جايلاشقان چىغىر يول بويىدىكى ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ يېڭىلا سارغىيىپ غازاڭ ئەيلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
مەن كۆردۈم.
بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شېخىغا قونۋالغان بىر جۈپ قۇشقاچنىڭ ۋىچىرلىشۋاتقانلىقىنى...
ئۇلار ماڭا سېنىڭ ئوتلۇق سالاملىرىڭنى ئېلىپ كەلدىمىكىن؟!
قوي-قوزىلار بوش-بوش سوزۇپ مەرىشۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ قۇرسىقى ئاچتى.ئوت-چۆپ تاشلاش كېرەك.
راست،ئىنسانلارنىڭمۇ قۇرسىقى ئېچىپ ناشتا قىلىدىغان ۋاقتى بولدى.<<سېنىڭمۇ قۇرسىقىڭ ئاچتىمىكىن؟!سەن سۆيگەن ئاشۇ گۈل ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بەردىمىكىن؟!>>.
دىدارىڭنى سېغىندىم.سېنى چۈشەپ قاپتىمەن...ھەي،چۈشۈمنى ساڭا ئۆرۈپ بەرگۈم يوق.ئەمما،سېنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن!سەن بەخىتلىك بول،سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭ بەختىم.

تاڭ سەھەر قوينىدا دېرىزەم تامام،
سۆزلىدىم خىيالەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
سۆيۈملىك ھەي يارىم سۆيمىسەڭ مەيلى،
نەپرەتلەر قەلبىمگە قۇرالماس توساق.

خوشاقماس كۈز پەسلى شاماللىرى ئاھ!
ئۈششۈگەن لەيلىگۈل،نامازشام گۈلى.
سەن كۆيسەڭ بىرىگە،كۆيەر باشقىغا،
شۇنداقكەن بەزىدە مۇھەببەت يولى.

سەيياھلار سارغايغان چىملىقلار ئارا،
تەنھالىق ئىلكىدە يۈرىمەن مەغرۇر.
ئازاپلار دېڭىزى ساھىللىرىدا،
رۇمانتىك ياسالغان ئەڭ ئېسىل پوزۇر.

قۇشقاچلار ساز چېلىپ ۋىچىلاشقاندا،
ئەسلىدىم ئۇستاتلىق تەسەۋۋۇرۇمدا.
بىر شېرىن سېغىنىش قىيناشلىرىدا،
راسلىدىم بەخىتلەر قەدەھلىرىدە.

ئاپتورى:ئۈزۈمزاردىكى قىز تۇلۇنئاي (تۇرپان)

***********************************************************************************************



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-21 12:54 , Processed in 0.104329 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش