گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 111|ئىنكاس: 1

ۋاز كېچىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 16:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                       ۋاز كېچىش

  
تۈنجى ياققان قار ئەتىراپنى ئاپئاق كىمخاپ بىلەن كىيىندۈرگەن ئىدى، يالغۇز كوچا ئايلىنىپ كېتىۋا تىمەن. ھەممە ئادەملەر شۇنداق ئالدىراش يۈرۈشمەكتە ئىدى.
قەدەملىرىم ئېزىقتىمۇ قانداق ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا بىز تۇنۇشقا جايغا كىلىپ قاپتىمەن. 3 يىل ئاۋۋالقى شرىن ھەم ئازابلىق يەنە نادانلىق قىلغان ئاشۇ كۈن يادىمغا چۈشۈپ مېنى ئازابلاشقا باشلىدى...
2007 - يىلى1 - ئاي
- سىز قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىز؟
سېنىڭ ئاشۇ سوئالىڭغا قىزىقچىلىق بىلەن مەن جەمئىيەت داشۆسىدە ئوقۇيمەن، دەپ جاۋاپ بەرگىنىمدە سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى. لېكىن سەن سۆزۈمدىن ھەيرانلىق ھېس قىلدىڭمۇ ياكى رەنجىدىڭمۇ، ئىشقىلىپ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىڭ.
دېمىسىمۇ مەن ھېچ يەردە ئوقۇمايتتىم. ئوقۇي دېسەممۇ ماڭا بونداق پۇرسەت نېسىپ بولمىغان ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىم بىلەن كۇرسقا قاتناشقان ئىدىم...
سەن تېخىچە ھەيكەلدەك تۇراتتىڭ. مەن دەرھاللا ئۆزۈمنىڭ ھېچيەردە ئوقۇمايدىغانلىقىمنى، باشلانغۇچتىنلا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى چېكىنگەنلىكىمنى ۋە ئۆزۈمگە دائىر بەزى بىر ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. سەنمۇ ئۆزۈڭنى بىر قۇر تونۇشتۇردۇڭ، شۇنداقلا ھەممەيلەن ئۈزىمىزنى تونۇشتۇردۇق...
مانا ئوقۇش باشلىنىپ بىر يەرگە باردى...
باشتا ساڭا تۇتقان پوزىسسىيەممۇ بارا - بارا ئۆزگىرىشكە باشلىغان ئىدى...
راست گەپ قىلسام باشتا سېنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن ئىدىم. سېنى قوپال، ئەدەب - قائىدە دېگەننى بىلمەيدىكەن، دەپ باشقا ساۋاقداشلىرىمغا دەپمۇ يۈردۈم.
لېكىن شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتىمكى < ياراتمىغان چۇماق قاڭشارنى يارار > دېگەن سۆزگە ئەمدى راستىنلا ئىشەنگەن ئىدىم، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، سەن بارغانسىرى كۆزۈمگە باشقىچە كۆرۈنىدىغان بولدۇڭ، بەزىدە  تۇيۇقسىز قىلغان گەپلىرىڭ، تاتلىق كۆلۈشلىرىڭ، ئوماققىنە قىلىقلىرىڭ، كۆزئالدىمدا پەيدا بولىدۇ ئۈزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كۆلۈپ كېتىمەن...
بەزىدە تېخى ساڭا قاراپ تۇرۇپ كېتىمەن، سېنى كۆرۈشكە ئالدىرايدىغان، سېنى بالدۇرراق كۆرسەم، بىر دەم بولسىمۇ پاراڭلىشىۋالسام، كۆپرەك بىرگە بولۇشنى ئويلايدىغان بولدۇم. ھەر كۈنىدىكى 3 سائەت دەرس گويا 3 مىنۇتتەك تېز ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىنەتتى. نېمىشقىدۇر ھەر كۈنى دەرسكە 1 سائەت ياكى يىرىم سائەت بالدۇر كىلىدىغان بۇلدۇم. سېنى بالدۇرراق كەلسە بۇرۇنراق كۆرسەم، بىر دەم بولسىمۇ مۇڭدىشىۋالسام، دېگەنلەرنى ئويلايدىغان بولدۇم...
سەن كىلىسەن، گويا باھار كەلگەندەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن.
ھېلىمۇ ئېسىمدە. بىزنىڭ ئەڭ كىچىك ساۋاقدىشىمىز ئەقلىمەنىڭ ئابدۇكېرىم ئابلىزنى دوراپ قىلغان قىلىقلىرىنى، گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆلۈشۈپ كىتەتتۇق. سەن شۇنداق ئوماق، تاتلىق كۈلەتتىڭ. كۆزلىرىڭدىن كۈلكە يىغىپ تۇراتتى، ساڭا قارىغانسىرى قارىغۇم كىلەتتى. بەزىدە ساڭا قاراپ ئولتۇرۇپ شۇنداق تاتلىق خىياللارغا غەرق بولاتتىم. شۇنداق چاغلاردا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالاتتىم.
3 سائەت ۋاقىت بىردەمدىلا توشاتتى، ھەممىلەر كىتىشكە ئالدىرايتتى ، لىكىن مەن بولسام ۋاقىتنىڭ تىز تۇشقانلىقىدىن ئاغرىنىپ ئۇلتۇرۇپ قالاتتم.
سەن ئىشېكتىن چىقىشقا تەڭشەلگەندە بولسا ساڭا ئەتە كۆرۈشەيلى دىيېشنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم ،بەزىدە دىيلەيتتىم سەنمۇ ھەم دەيتتىڭ شۇنداق خۇشال بۇلاتتىم، لىكىن بەزىدە بولسا كۆزلىرىم كەينىمدە قالاتتى.
سائەت كۈنلەرنى قۇغلاپ كۈن ئايلارنى قۇغلاپ شۇنداق تىز ئۆتمەكتە ئىدى.
ساڭا بۇلغان تەلپۇنۇش، سىغېنىش كۈندىن كۇنگە ئاشماقتا ۋە يەنە مىنى قىينىماقتا ئىدى.
سەن بولساڭ شۇنداق خۇشال بىخىرامان يۈرەتتىڭ، بىلەمسەن سۇمبول مەن سىنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىمەن، لىكىن سەن...سەن... تىخىچە ھىچنىمىنى بىلمەيتتىڭ.
شۇنداق دىگۇم كىلىدۇ ئادەم نۈرغۇن ئىشلارغا يەنى ئاغرىققا، ئاپەتكە، ئاكى يىقىنلىرىدىن ئايرىلىشقا چىدايالايدىكەنۇ لىكىن مۇھەببەتنىڭ ئۇتىغا چىداپ تۇرالمايدىكەن...
ئەنە سىنىڭ ماڭا تۈتا شقان ئوتۇڭ مىنى قىينىماقتا، ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىشقا زۇرلىماقتا ئىدى.
مەن ساڭا كۆڭلۈمنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەيتنى تاللىماقچى بولدۇم... راس يەنە ئىككى كۈندىن كىيىن ھەممەيلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكچى بولىشقان ئىدۇق،
مانا تەلەيدىگەن شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتىم، لىكىن يەنە قاملاشمىغان ئىدى.
چۈنكى سىنى كۆرسەملە  جىددىيلىشىپ قىلىدىغان گەپلىرىمنى ئونتۈپ قالاتتىم ھەمدە خىجىللىقتا كىرىپ كەتكىلى يەر تاپالماي قالاتتىم...
لىكىن رەسىم خانىدىكى ھىلىقى ئىش مىنى بەك خۇشال قىلغان ئىدى.
رەسىمگە تارتىدىغان ھىلىقى ھەدەش ھەممىمىزنى تېزىپ ئاايگۈل بىلەن سەن قالغان ئىدىڭ، شۇ چاغدا ھەم مىنىڭ يىنىم بىلەن ئەكبەرنىڭ يىنىدا دەپ قۇيغاندەك ئىككى بوش ئارلىق قاغان ئىدى، بىلەمسەن مەن شۇ چاغدا ئايگۈلنى مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ قالمىسىكەن دەپ شۇنداق ئەنسىر گەن ئىدىم،  ئەكبەرنىڭ يىنىغا بىر ئۇرۇندۇق قۇيۈلدى ئايگۈل تارتىنماستىنلا بېرىپ ئولتۇردى،مىنىڭ يىنىمغىمۇ ئورۇندۇق قۇيۇلدى، لىكىن سەن قانداق ئولتۇرۇشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىڭ ، ئاخىرى رەسىمچى ھەدىمىزنىڭ گىپى بىلەن سول قۇلۇمنىڭ ئۈستىگە ئوڭ قۇلۇڭنى قۇيدۇڭ.....
رەسىم بىر نەچچە كۈندىن كىيىن چىقتى ھەر بىرىمىزگە بىر پارچىدىن چىقارغان ئىدۇق، رەسىمگە شۇنداق كىلىشىپ چۈشۈپتۇق بالىلارمۇ شۇنداق ماختاپ كەتتى ،
ئەكبەرنىڭ سىلەر ئاشىق مەشۇقلارغىلا ئۇخشايدىكەن سىلەر دىگەن گىپى مىنى بەك خۇشال قىلغان ئىدى، لىكىن سىنىڭ رەسىمنى ئۇيدىكىلەرگە قانداق كۆرسىتەرمەن دىگەن گىپىڭ مىنى ئازاپلىغان ئىدى، <ئەلۋەتتە بىر نۈمۇسچان قىز ئۈچۈن بۇ تەستە>
ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى  ئىزھار قىلىشنى يەنى قانداق قىلىشنى ئويلاپ بېشىم قاتقان ئىدى، يۈز تۇرانە دەيمۇ يا ياق...ياق... مەن دىيەلمەيدىكەنمەن چۈنكى ئۇنى كۆرسەملا قىلىدىغان گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئۈنتۇپ قالىدىكەنمەن،ھەي قانداق قىلسام بولار...؟ خەت يازايمۇ يا..؟بونداق قىلسام ياخشى بولماسمىكىن...؟ قانداق قىلسام بولار...؟
ھە ئامال تاپتىم يەنە 4 كۈندىن كىيىن ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىغۇ راس.
ھى ... ياخشى بولدى شۇكۈنى كۆرىشىدىغانغا كىلىشىپ شۇكۈنى دەي ...
ھەي ئۇ كۈن ئۈنتۇلماس بىر كۈن بۇلىدىغان بۇلدىدە يەنە كىلىپ ئاشىق مەشۇقلار كۈنىدە...
ئۈزۈمچە شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتىم.
(لكىن بۇ خۇشاللىقىمنىڭ مەڭگۈلۈك ئازاپ ئېلىپ كىلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز)
بۈگۈن شۇنداق خۇشال ئىدىم، ئۆيدىن چىقىپ مەكتەپكە قاراپ يۈرۈپ كىتىۋاتىمەن...
ئاخشام ياققان تۈنجى قاردا  ھەممە جاي ئاپئاق تون كىيكەنگەن ئىدى.
مەن قارنى بەك ياىشى ككرەتتىم بۇلۇپمۇ قارغا دەسسىگەندىكى ئاۋازنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ئۈزۈمچە قارنى قاتتىق قاتتىق دەسسەپ كىتىۋاتىمەن...
ئەنە بىردەمدە يېتىپ كەپقالدىم، نىمشقىكىن بۈگۈن ھەممەيلەن شۇنداق خۇشال كۆرۇنەتتى،سۇمبولمۇ شۇنىڭ ئېچىدە ئىدى...
بىرىجى سائەتلىك دەرىس باشلاندى بۇ سائەتلىك دەرىس شۇنداق كۆڭللۈك ئۆتتى.
15 مۇنۇت تەنەپپۇس ۋاقتىدا ھەر كۈنى تىكتاك توپ ئوينايتتۇق ، بۈگۈنمۇ ھەم شۇنى ئويناۋاتاتتۇق...
قاياقتىندۇر مەن دىمەتلىك ئىككى ناتۇنۈش يىگىت پەيدا بولدى، شۇنداق خۇشال ئويناۋاتقان سۇمبول تۈيۇقسىز قاپىقى تۇرۇلگەن ھادا سېنىپقا كىرىپ كەتتى ، تىكتاك توپ ئالمىشىپ يەنە سۇمبولغا كەلگەن ئىدى مەن ئۇنى چاقىرايدەپ سىېنىوقا كىرىشىمگە ئۇ سىرتقا قاراپ چىقتى ، شۇ ھامان يەنە ئەقلىمە ماڭا ئىسىلىپ مىنى چۇرگىلىتىپ قۇي دەپ مىنى تۇتىۋالدى، سۇمبول چىقىپ كەتتى مەن ئەقلىمەنى چۇرگىلىتىپ بولۇپ سىرتقا چاپتىم چۈنكى مىنىڭمۇ نۈۋىتىم سۇمبولنىڭ كەينىدىنلا كىلەتتى، لىكىن ئىىشېك ئالدىغا چىقىپلا تۇرۇپلا قالدىم ، چۈنكى سۇمبول ھىلىقى ئىككى ناتۇنۇش يىگىتنىڭ بىرسى بىلەن  پاراڭلىشىپ تۇراتتى ...
مەن ھەر خىل ئويلاردا بولدۇم ئۇزادى كىمدۇ ؟
سۇمبولنىڭ نىمىسى دۇر مۇھەببىتىمىدۇر ياق ... ياق... ئۇ ماڭا مۇھەببىتىم يوق دىگەن ئىدى، ھە راس ئاكىسىمۇ يا ؟ ھە شۇنداق بىلىشى مومكىن، مەن شۇنداق ئويلار بىلەن تۇراتتىم زىل چېلىندى، دەرىس باشلاندى سۇمبول تىخىغۇچە كىر مىگەن ئىدى، مەن سۇمبونىڭ يىقىن دۇستىدىن ئاستا غىنە سۈرىدىم سۇمبولچۈ..؟
_ھە ! ئۇ مۇھببىتى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدى ،
_نىمە...؟
_نىمە ...؟ بىرە ئىش بولدىما ؟
سۇرىدى سۇمبولنىڭ دۇستى مەن
_ياق..ياق...
ئاران ئاۋازىم چىقتى،
مانا ھەممە ئايدىڭلاشتى  ئەسلىدە ئۇ يىگىت سۇمبولغا تەلەپ كۇيۇپ تىكەن لىكىن سۇمبول قۇشۇل ماپتىكەن ،لىكىن تۈنۈگۇن ماقۇل بوپتۇ،
بۇلارنى ماڭا ھەممىمىزدىن چوڭ گۈلنۇر ھەدىمىز يەنە بىر تەنەپ پۇس ۋاقتىدا دەپ بەرگەن ئىدى.
بىشىمدىن بۇس چىكەتتى، پۇت قۇلۇمدا جان دەيدىغان نەرسە قالمىدى ئۇر نۇمدا ئۇلتۇرۇپلا قاپتىمەن،3 سائەتلىك دەرىس باشلاندى لىكىن بۇ دەرىس ماڭا پەقەت ياقماي ۋاتاتتى ، خىيالغا چۈكۈپ كىتىپتىمەن...
مەن نىمىشقا بالدۇرراق ئىغىز ئاچمىغاندىمەن، ئۈزۈمدىن ئاغرىندىم، ئۈزۈمنى تىللىغۇم ئۇرغۇم كەلدى ،يەنە تىخى سۇمبولدىنمۇ ئاغرىندىم چۈنكى ئۇمىنىڭ ئۈزۈنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئازراق بۇلسىمۇ بىلمەمدىغاندىۋىلا دەپ.
ياق مەن ئۇنۇڭدىن ئاغىرىنىشقا ھەقلىق ئەمەسمەن چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئۈزۈنى ياىشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئەسلا بىلمەيدىغان تۇرسا، ئاغرىنسام مەن ئۈزۈمدىن ئاغرىنسام بولىدۇ، ئۈزۈمنىڭ جۇرئەتسىزلىكىمدىن، بىتەلەيسىز لىكىمدىن ئاغرىنسام بولىدۇ...
مۈئەللىمنىڭ سۈئال سۈرىغىنىنىمۇ ئاڭلىماپتىمەن،يېنىمدىكى ساۋاقدىشىمنىڭ نوقۇشى بىلەن ىۇشۇمغا كەلدىم، ۋە مۈئەللىمنىڭ نىمە خىيالغا چۈكۈپ كەتتىڭ دىگەن سۈزىگە ھېچ ...ھېچ.. نىمىگە دەپ ئاران جاۋاپ بەردىم...
دەرىستىن چۈشتۇق  ئۈزۈمنى سەزمىگەن ھالدا ئىشېكتىن چىقتىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ خەيرى خۇش دىگەن سۈزىگىمۇ قۇلاق سالماستىن كىتىپ قاپتىمەن...
مانا ئەمدى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قار كۆزۈمگە شۇنداق سەت كۆرىنىۋاتاتتى،
مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان قارغا دەسسىگەندە چىقىدىغان ھىلىقى ئاۋاز مۇئەمدىلىكتە بولسا مىنى مەسخىر قىلغاندەك ئاڭلىنى ۋاتاتتى...
ئۆيگە قانداق بولۇپ كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن بىر كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتتى،
شۇنداق ئويلاندىم مەن قانداق قىلىشىم كىرەك ھەقىيقى ئەھۋالنى دەيمۇ ياكى ۋاز كىچەيمۇ...؟
شۇنداق دىلغۇل بولدۇم، ئاخىرى سۇمبولغا ئېچىمدە بەخىت تىلىدىم  بۇمۇ مىنىڭ بىر خۇشاللىقىم بۇلدى چۈنىكى ئۈزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ خۇشاللىقى  ياىشى كۆرگۇچى ئۈچۈن بىر خۇشاللىق بۇلىدىكەن...
ئەتىسىلام سىنېپتىكىلەر بىلەن خۇشلاشتىم ، چۈنكى مەن ئەمدى ئۇيەردە تۇرال مايتتىم،
كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بۇلغانلىقىنى تىل بىلەن ئېپادىلەپ بىرەل مەيمەن...
چۈنكى تۈنجى قاردا تۈنجى مۇھەببەتنى تۈنجى خۇشاللىقىمنى تاپقان ئىدىم ، لىكىن ئاشۇ تۈنجى قارئېرىپ كەتكەندەك مىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىم ھەم تۈنجى مۇھەببىتىم يوقالغان ئىدى.
مانا ئەمدىلىكتە مەن شۇنۇڭغا پوشايمان قىلىمكى ۋازكىچىش ئەڭ نادانلىقكەن.
3 يىل ھەي 3 يىل 3 يىل بولدى مەن تىخىغۇچە سۇمبولنى ئۇنتالمىدىم ھەم مەڭگۇ ئۇنتال ماسلىقىم مۈمكىن...
بىلەمسەن جىنىم تۈلۈن ئايغا قاراش ماڭا ئادەت بولۇپ قالدى چۈنكى ھەر قىتىم تۈلۈن ئايغا قارىقىنىمدا سىنىڭ كۆلكە يېغىپ تۇرىدىغان كۆزۈڭ ھەم تاتلىق كۆلۇشلۇرۇڭ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ،
لىكىن سەن بونى بىلمەيسەن ياق...! سەن ھېچ ...ھېچ.... نىمىنى بىلمەيسەن بىلمەيسەن....!


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 3Rank: 3

تېما
34
قىزغىنلىق
597
تىللا
728
تۆھپە
374
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 05:04:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىكەن....مەنچە ۋازكىچىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت...ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ بەخىتلىك بولغىنى كۆرىسىز ئەمەسمۇ..


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 18:03 , Processed in 0.102534 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش